Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -


سالونىكالىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان ھايات يولى

1 قېرىنداشلار، ئاخىردا بىز يەنە شۇنى دېمەكچىمىزكى، خۇدانى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن قانداق ياشاش كېرەكلىكىنى بىزدىن ئۆگىنىۋالدىڭلار ھەمدە سىلەر ئەمەلىيىتىڭلاردىمۇ بىزدىن ئۆگەنگىنىڭلار بويىچە شۇنداق ياشاۋاتىسىلەر. ئەمدى خۇدانى خۇرسەن قىلىشقا تېخىمۇ تىرىشىشىڭلارنى رەببىمىز ئەيسانىڭ نامى بىلەن سورايمىز.

2 چۈنكى، سىلەر بىزنىڭ رەببىمىز ئەيسانىڭ نامى بىلەن سىلەرگە يەتكۈزگەن تەلىملىرىمىزنى بىلىسىلەر.

3 خۇدانىڭ ئىرادىسى شۇكى، پاك بولۇڭلار ۋە جىنسىي ئەخلاقسىزلىقتىن ساقلىنىڭلار؛

4-5 ھەربىرىڭلار خۇدانى تونۇمايدىغان ئادەملەردەك شەھۋانىي ھەۋەسلەرگە بېرىلمەي، بەلكى تېنىڭلاردىكى بۇ ھەۋەسلەرنى باشقۇرۇپ، پاك ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىڭلار بىلەن ھايات كەچۈرۈڭلار.

6 بۇ يامان ئىشلاردا قېرىنداشلىرىڭلارنى ئالداپ، ئۇلاردىن پايدىلىنىپ كەتمەڭلار. ئىلگىرى سىلەرنى ئاگاھلاندۇرغىنىمىزدەك، رەببىمىز مانا شۇنداق گۇناھلار تۈپەيلىدىن ئىنسانلارنى جازالايدۇ.

7 چۈنكى، خۇدا بىزنى ناپاك ئەمەس، بەلكى پاك ياشاشقا چاقىردى.

8 شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ تەلىمنى رەت قىلغان كىشى ئىنساننى ئەمەس، بەلكى سىلەرگە مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان خۇدانى رەت قىلغان بولىدۇ.

9 قېرىنداشلىق مېھىر-مۇھەببىتىگە كەلسەك، بۇ توغرىسىدا سىلەرگە خەت يېزىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى، خۇدا بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشنى ئۆگەتكەن.

10 ئەمەلىيەتتە، سىلەر پۈتۈن ماكېدونىيە ئۆلكىسىدىكى قېرىنداشلارغا شۇنداق قىلىۋاتىسىلەر. شۇنداق بولسىمۇ، قېرىنداشلار، مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشتە تېخىمۇ تىرىشىشىڭلارنى سورايمىز.

11 سىلەرگە تاپىلىغىنىمىزدەك، تىنچ-ئامان ھايات كەچۈرۈشكە، باشقىلارنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشماي، ئۆز ئىشىڭلار بىلەن بولۇشقا ۋە ئىككى بىلىكىڭلارغا تايىنىپ ياشاشقا تىرىشىڭلار.

12 مانا شۇنداق قىلساڭلار، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ سىرتىدىكى كىشىلەر ئالدىدا ئىززەت-ھۆرمەتكە ئىگە بولۇپ ياشىيالايسىلەر ۋە ئىقتىساد جەھەتتە ھېچكىمگە بېقىنمايسىلەر.


ئەيسا مەسىھنىڭ قايتا كېلىشى

13 قېرىنداشلار، سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلماي ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ياشاۋاتقان كىشىلەردەك ھەسرەت چەكمەسلىكىڭلار ئۈچۈن، بىز، ئالەمدىن ئۆتكەن ئېتىقادچىلار توغرىسىدىكى ھەقىقەتتىن خەۋەردار بولۇشۇڭلارنى خالايمىز.

14 ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆلۈپ تىرىلگەنلىكىگە ئىشەنگەنىكەنمىز، ئەيسا مەسىھ قايتا كەلگەندە خۇدانىڭ ئالەمدىن ئۆتكەن ئېتىقادچىلارنى ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىشىمىز كېرەك.

15 بىز ھازىر رەببىمىزنىڭ سۆزى بويىچە سىلەرگە شۇنى ئېيتىمىزكى، رەببىمىز قايتا كەلگەندە، بىز ھايات ياشاۋاتقانلار ھەرگىزمۇ ئۆلۈپ كەتكەن ئېتىقادچىلاردىن ئاۋۋال رەببىمىز بىلەن جەم بولالمايمىز.

16 رەببىمىز ئۆزى بىر پەرمان ئارقىلىق باش پەرىشتىنىڭ ئاۋازى ۋە خۇدا ياڭراتقان كاناي ساداسى بىلەن ئاسماندىن چۈشىدۇ. ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەنلەر ئاۋۋال تىرىلىدۇ.

17 كېيىن ھايات ياشاۋاتقان بىزلەر، يەنى بۇ دۇنيادا ھايات كەچۈرۈۋاتقانلار ئاشۇ ئۆلگەنلەر بىلەن بىرلىكتە رەببىمىز بىلەن ئاسماندا كۆرۈشۈش ئۈچۈن، بۇلۇتلار ئارىسىغا كۆتۈرۈلىمىز. شۇنىڭدىن كېيىن، رەببىمىز بىلەن مەڭگۈ بىرگە بولىمىز.

18 شۇڭا، بىر-بىرىڭلارنى بۇ سۆزلەر بىلەن رىغبەتلەندۈرۈڭلار.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan