سالونىكالىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى1-2 بىز سىلەرنىڭ خەۋىرىڭلارنى ئالالماي، تاقىتىمىز قالمىغاندا، ئۆزىمىز ئافىنا شەھىرىدە يالغۇز قېلىپ، ئالدىڭلارغا قېرىندىشىمىز ھەم خۇدا يولىدا بىز بىلەن بىللە ئەيسا مەسىھ ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى تارقىتىۋاتقان خىزمەتدىشىمىز تىموتىينى ئەۋەتىشنى قارار قىلدۇق. 3 بىزنىڭ ئۇنى ئەۋەتىشىمىزدىكى مەقسىتىمىز، سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردىكى قىيىنچىلىقلار سەۋەبىدىن ئېتىقادىڭلارنىڭ تەۋرىنىپ قالماسلىقى ھەمدە سىلەرنى رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ئېتىقادىڭلارنى كۈچەيتىشتۇر. بىزنىڭ چوقۇم قىيىنچىلىققا ئۇچرايدىغانلىقىمىزمۇ سىلەرگە مەلۇم. 4 بىز سىلەر بىلەن بىللە بولغان ۋاقتىمىزدا، ھەممىمىزنىڭ قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرايدىغانلىقىمىزنى سىلەرگە ئالدىنئالا ئېيتقانىدۇق. ئەمەلىيەتتىمۇ دېگىنىمىزدەك بولدى. 5 شۇ سەۋەبتىن تاقىتىم تاق بولۇپ، ئېتىقادىڭلارنىڭ زادى قانداق ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن، تىموتىينى يېنىڭلارغا ئەۋەتكەنىدىم. مەن شەيتاننىڭ سىلەرنى ئازدۇرۇشى ۋە بۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ سىلەرگە سىڭدۈرگەن ئەجرىمىزنىڭ بىكارغا كېتىشىدىن ئەنسىرىگەنىدىم. 6 لېكىن، يېقىندا يېنىڭلاردىن قايتىپ كەلگەن تىموتىي ئېتىقادىڭلار ۋە مېھىر-مۇھەببىتىڭلار توغرىسىدا بىزگە ياخشى خەۋەر ئېلىپ كەلدى. ئۇ سىلەرنىڭ بىزنى ھەر دائىم خۇرسەنلىك بىلەن ئەسلەپ تۇرغانلىقىڭلارنى، خۇددى بىزنىڭ سىلەرنى كۆرگۈمىز كەلگەندەك، سىلەرنىڭمۇ بىزنى كۆرگۈڭلار كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. 7 قېرىنداشلار، سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلار بوشاشماپتۇ. مۇشۇنداق جاپا-مۇشەققەت ۋە قىيىنچىلىقلار ئىچىدە تۇرغان بىز بۇنىڭدىن چوڭ ئىلھام ئالدۇق. 8 چۈنكى، رەببىمىزگە بولغان ئېتىقادىڭلار مۇستەھكەم بولغانلىقى ئۈچۈن، بىز ھەقىقەتەن يېڭىۋاشتىن روھلاندۇق، 9 سىلەر ئۈچۈن خۇشاللىققا چۆمدۇق. بۇنداق ئەھۋالدا بىز خۇدانىڭ ئالدىدا سىلەر ئۈچۈن قانداقمۇ تەشەككۈر ئېيتماي تۇرالايمىز! 10 سىلەر بىلەن دىدار كۆرۈشۈش ۋە ئېتىقادىڭلاردىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تۈزىتىشكە ياردەم بېرەلىشىمىز ئۈچۈن، كېچە-كۈندۈز چىن قەلبىمىزدىن خۇداغا دۇئا قىلماقتىمىز. 11 ئاتىمىز خۇدا ۋە رەببىمىز ئەيسا بىزنىڭ سىلەر بىلەن كۆرۈشۈشىمىزگە يول ئاچقاي. 12 رەببىمىز سىلەرنىڭ بىر-بىرىڭلارغا ۋە ھەممە ئادەملەرگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭلارنى بىزنىڭ سىلەرگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىمىزدەك تولۇپ تاشتۇرغاي. 13 ھەم شۇ ئارقىلىق، رەببىمىز ئەيسا ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان بارلىق مۇقەددەس خەلقى بىلەن بىللە قايتىپ كەلگىنىدە، سىلەرنىڭ ئاتىمىز خۇدانىڭ ئالدىدا ئەيىبسىز ۋە پاك بولۇشۇڭلار ئۈچۈن ئىرادەڭلارنى مۇستەھكەم قىلغاي! |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti