سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىسامۇئىلنىڭ سائۇل بىلەن كۆرۈشۈشى 1 بىنيامىن قەبىلىسىدە كىش ئىسىملىك بىر ئادەم بولۇپ، ئۇ ئابرۇيلۇق ئادەم ئىدى. ئۇ ئابىئېلنىڭ ئوغلى، ئابىئېل زىرورنىڭ ئوغلى، زىرور بىكوراتنىڭ ئوغلى، بىكورات بولسا ئافىياھنىڭ ئوغلى ئىدى. 2 كىشنىڭ سائۇل ئىسىملىك كېلىشكەن بىر ئوغلى بار ئىدى، ئۇ ئىسرائىل خەلقى ئىچىدە ئەڭ ئېگىز ۋە ئەڭ كېلىشكەن يىگىت بولۇپ، ئۇنىڭدەك يەنە بىر كېلىشكەن ئادەم يوق ئىدى. 3 بىر كۈنى كىشنىڭ بىرنەچچە ئېشىكى يوقاپ كەتتى. كىش ئوغلى سائۇلغا: _ بالام، خىزمەتكارلاردىن بىرەرسىنى ئېلىپ، ئېشەكلەرنى ئىزدەپ باققىنا! _ دېدى. 4 سائۇل بىر خىزمەتكار بىلەن ئېشەكلەرنى ئىزدەپ، ئەفرايىم تاغلىق رايونىغا ۋە شالىشاھ زېمىنىغا باردى، ئەمما ئېشەكلەرنى ئۇ يەردىن ئىزدەپ تاپالمىدى. ئۇلار شائالىم زېمىنىغا ئۆتتى، لېكىن ئېشەكلەر ئۇ يەردىمۇ يوق ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار بىنيامىن زېمىنىغا ئۆتۈپ، ئۇ يەرنى كېزىپ چىقتى، لېكىن ئېشەكلەرنى ئۇ يەردىنمۇ تاپالمىدى. 5 ئۇلار زۇف زېمىنىغا كەلگەندە، سائۇل خىزمەتكارىغا: _ ئەمدى ئۆيگە قايتايلى! بولمىسا ئاتام ئېشەكلەردىن ئەمەس، بىزدىن ئەنسىرەشكە باشلايدۇ، _ دېدى. 6 لېكىن خىزمەتكارى ئۇنىڭغا: _ ئالدىمىزدىكى شەھەردە خۇدانىڭ نەزىرى چۈشكەن بىر ئادەم بار. ئۇ كۆپچىلىكنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان ئادەم بولۇپ، ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ ھەممىسى توغرا چىقىدۇ. شۇ ئادەمنىڭ يېنىغا بارساق، بەلكىم ئۇ بىزگە ئىزدەيدىغان يېرىمىزنى ئېيتىپ بېرەر، _ دېدى. 7 _ ئەگەر ئۇ ئادەمنىڭ يېنىغا بارساق، ئۇ ئادەمگە نېمە سوۋغا قىلىمىز؟ _ دېدى سائۇل، _ خۇرجۇنىمىزدا يېگۈدەك نەرسە قالمىغان يەردە، ئۇنىڭغا سوۋغا قىلغۇدەك نېمە بولسۇن! 8 خىزمەتكار سائۇلغا جاۋابەن: _ مەندە بىر دانە كىچىك كۈمۈش بار. ئۇنى خۇدانىڭ نەزىرى چۈشكەن شۇ ئادەمگە بېرەي، ئۇ ئادەم ئىزدەيدىغان يېرىمىزنى بىزگە ئېيتىپ بەرسۇن، _ دېدى. 9-11 ياخشى، ئەمىسە بارايلى، _ دېدى سائۇل. ئۇلار خۇدانىڭ نەزىرى چۈشكەن ئادەم تۇرىدىغان شەھەرگە قاراپ ماڭدى. ئۇلار داۋانغا چىقىپ، شەھەرگە بارىدىغان يولدا كېتىۋاتقاندا، قۇدۇقتىن سۇ ئەكېلىشكە چىققان قىزلارنى ئۇچرىتىپ، ئۇلاردىن: _ غايىبنى بىلگۈچى شەھەردىمۇ؟ _ دەپ سورىدى. (ئۇ زامانلاردا ئىسرائىلىيەدە ھازىر پەيغەمبەر دېيىلگەن كىشى، «غايىبنى بىلگۈچى» دەپ ئاتىلاتتى. كىشىلەر خۇدادىن بىرەر ئىشنى ئىلتىجا قىلماقچى بولسا، «غايىبنى بىلگۈچىنىڭ قېشىغا بارايلى» دەيتتى.) 12 _ ھەئە، شۇنداق. ئۇ ھېلىلا ئالدىڭلاردا كەتتى، _ دەپ جاۋاب بەردى قىزلار، _ تېزرەك مېڭىڭلار. ئۇ شەھەرگە بۈگۈنلا كەلدى. خەلق سەجدىگاھتا قۇربانلىق قىلماقچى. 13 ھازىرلا شەھەرگە كىرىڭلار، ئۇ سەجدىگاھقا غىزالانغىلى چىقىشتىن بۇرۇن ئۇنى تاپالايسىلەر. كىشىلەر ئۇ كەلمىگۈچە، غىزاغا ئېغىز تەگمەيدۇ. ئۇ قۇربانلىق ئۈچۈن دۇئا قىلىپ بەرگەندىن كېيىنلا، چاقىرىلغان كىشىلەر غىزالىنىدۇ. ئەمدى مېڭىڭلار، مۇشۇ ۋاقىتتا ئۇنى تاپالايسىلەر. 14 سائۇل خىزمەتكارى بىلەن شەھەرگە كىرگەندە، سامۇئىلنىڭ سەجدىگاھقا بېرىش ئۈچۈن ئۆزلىرى تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. 15 پەرۋەردىگار سامۇئىلغا سائۇلنىڭ كېلىشىدىن بىر كۈن بۇرۇن ئايان بولۇپ مۇنداق دېگەنىدى: 16 «ئەتە مۇشۇ ۋاقىتتا مەن سېنىڭ يېنىڭغا بىنيامىن زېمىنىدىن بىر ئادەم ئەۋەتىمەن. سەن ئۇنىڭ بېشىغا ياغ قۇيۇپ، ئۇنى خەلقىم ئىسرائىللارغا باش قىلىپ تەيىنلىگىن. ئۇ خەلقىمنى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرىدۇ. مەن خەلقىمنىڭ ئازاب چېكىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، ئۇلارنىڭ داد-پەريادى ماڭا يەتتى.» 17 سامۇئىل سائۇلنى كۆرگەندە، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ مەن ساڭا ئېيتقان ئادەم دەل مۇشۇ، ئۇ مېنىڭ خەلقىم ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرىدۇ، _ دېدى. 18 شۇ چاغدا سائۇل شەھەر دەرۋازىسىدا سامۇئىلنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭدىن: _ تەقسىر، غايىبنى بىلگۈچىنىڭ ئۆيى قەيەردىكىن؟ _ دەپ سورىدى. 19 سامۇئىل: _ غايىبنى بىلگۈچى مەن بولىمەن. مېڭىڭلار، مېنىڭ ئالدىمدا مېڭىپ، سەجدىگاھقا بېرىڭلار. بۈگۈن سىلەر مەن بىلەن بىرگە غىزالىنىسىلەر. سائۇل، ئەتە ئەتىگەندە سېنىڭ كۆڭلۈڭدىكىنى ساڭا ئېيتىپ بېرىپ، سېنى يولغا سېلىپ قويىمەن. 20 ئۈچ كۈن بۇرۇن يوقاپ كەتكەن ئېشەكلىرىڭدىن غەم قىلمىغىن، ئۇلار تېپىلدى. لېكىن سەن ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئۈمىدىنىڭ سەندە ۋە ئاتاڭنىڭ جەمەتىدە ئىكەنلىكىنى بىلگىن! _ دېدى. 21 _ مەن بىنيامىندىن، يەنى ئىسرائىلنىڭ ئەڭ كىچىك قەبىلىسىدىن بولىمەن. جەمەتىمىز بۇ قەبىلە ئىچىدە ئەڭ ئەرزىمەس بىر جەمەتتۇر، سىز ماڭا نېمىشقا بۇنداق دەيسىز؟ _ دېدى سائۇل. 22 سامۇئىل سائۇل بىلەن خىزمەتكارىنى شۇ يەردىكى ئوتتۇزچە مېھمان ئولتۇرغان چوڭ ئۆيگە باشلاپ كىرىپ، تۆرگە ئولتۇرغۇزدى. 23 كېيىن ئاشپەزگە: _ مەن ساڭا ئالاھىدە ساقلاپ قوي، دېگەن گۆشنى ئەمدى ئېلىپ كەل، _ دېدى. 24 ئاشپەز ئوڭ يانپاشنى ئەكېلىپ، سائۇلنىڭ ئالدىغا قويدى. _ مانا، بۇ ساڭا ساقلاپ قويۇلغان گۆش، مەرھەمەت يېگىن، ئالدىڭغا تارتىپ يېگىن! مەن بۇ گۆشنى سېنى چاقىرىلغان مېھمانلار بىلەن بىرگە يېسۇن دەپ ساقلىدىم، _ دېدى سامۇئىل. شۇ كۈنى سائۇل سامۇئىل بىلەن بىللە غىزالاندى. 25 ئۇ ئىككىسى سەجدىگاھتىن شەھەرگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۆگزىدە پاراڭلاشتى، سائۇل ئۆگزىدە يېتىپ قالدى. 26 تاڭ ئاتقان چاغدا سامۇئىل ئۆگزىدە ياتقان سائۇلنى چاقىرىپ: _ ئورنۇڭدىن تۇرغىن، مەن سېنى يولغا سېلىپ قويىمەن! _ دېدى. سائۇل ئورنىدىن تۇرۇپ، سامۇئىل بىلەن بىرگە سىرتقا چىقتى. 27 ئۇلار شەھەرنىڭ چېتىگە بارغاندا، سامۇئىل سائۇلغا: _ خىزمەتكارىڭغا ئېيتقىن، ئۇ ئاۋۋال مېڭىپ تۇرسۇن، _ دېدى. خىزمەتكار كەتكەندىن كېيىن سامۇئىل: _ بىز بۇ يەردە بىر دەم تۇرايلى، ساڭا پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىنى يەتكۈزۈپ قوياي، _ دېدى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti