Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئىسرائىللارغا قايتۇرۇلۇشى

1 پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ زېمىنىدا يەتتە ئاي تۇرغاندىن كېيىن،

2 فىلىستىيەلىكلەر ئۆزلىرىنىڭ روھانىيلىرى بىلەن پالچىلىرىنى چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇلاردىن: _ ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قانداق قىلىمىز؟ ئۇنى ئۆز جايىغا قانداق قايتۇرىمىز؟ يول كۆرسىتىڭلار، _ دەپ ياردەم سورىدى.

3 ئۇلار مۇنداق جاۋاب بېرىشتى: _ ئەگەر ئىسرائىللارنىڭ خۇداسىنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قايتۇرۇپ بېرىدىغان بولساڭلار، ئەھدە ساندۇقىنى قۇرۇق قايتۇرماي، گۇناھىڭلارنى يۇيۇش ئۈچۈن بىر نەرسە قوشۇپ بېرىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، شىپالىق تاپىسىلەر ۋە ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن سىلەرنى توختىماي جازالىغانلىقىنى بىلىپ قالىسىلەر.

4 _ گۇناھىمىزنى يۇيۇش ئۈچۈن نېمە بەرسەك بولار؟ _ دەپ سوراشتى فىلىستىيەلىكلەر. ئۇلار مۇنداق دەپ جاۋاب بېرىشتى: _ گۇناھىڭلارنى يۇيۇش ئۈچۈن سىلەر ئۆز بېگىڭلارنىڭ سانىغا ئاساسەن ئالتۇندىن بەش دانە ئۆسمىنىڭ ۋە بەش دانە چاشقاننىڭ ھەيكىلىنى قۇيدۇرۇڭلار. چۈنكى ئوخشاش بالايىئاپەت سىلەرگىمۇ، سىلەرنىڭ بېگىڭلارغىمۇ كەلدى.

5 سىلەر جەزمەن ئۆسمىلەر ۋە يۇرتۇڭلاردا ۋەيرانچىلىق چىقارغان چاشقانلارنىڭ ھەيكەللىرىنى قۇيدۇرۇڭلار ۋە شۇ تەرىقىدە ئىسرائىللارنىڭ خۇداسىغا ئىززەت-ھۆرمىتىڭلارنى بىلدۈرۈڭلار. ئەنە شۇنداق قىلساڭلار، بەلكىم ئۇ سىلەرگە، سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلارغا ۋە يۇرتۇڭلارغا كەلگەن بالايىئاپەتنى توختىتار.

6 سىلەرنىڭ پىرئەۋندەك ۋە مىسىرلىقلاردەك جاھىللىق قىلىشىڭلارنىڭ نېمە ھاجىتى؟ ئىسرائىللارنىڭ خۇداسى ئۇلارغا قاتتىق قوللۇق قىلغاندىن كېيىنلا، ئۇلار ئىسرائىللارنى قويۇپ بەرگەن ئەمەسمىدى؟ شۇندىلا ئىسرائىللار مىسىردىن ئايرىلغان ئەمەسمىدى؟

7 ئەمدى يېڭى بىر ھارۋا ۋە يېقىندىلا موزايلىغان، بويۇنتۇرۇق سېلىنىپ باقمىغان ئىككى ئىنەكنى تەييارلاپ، ئۇلارنى ھارۋىغا قېتىڭلار، موزايلىرىنى ئايرىپ ئۆيدە ئېلىپ قېلىڭلار.

8 پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ھارۋىغا بېسىپ، يېنىغا گۇناھىڭلارنى يۇيۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئاتىغان ئالتۇن ھەيكەللەر قاچىلانغان ساندۇقنى قويۇڭلار ۋە ھارۋىغا قوشۇلغان ئىنەكلەرنى ئۆز يولىغا قويۇپ بېرىڭلار.

9 ئاندىن قاراپ تۇرۇڭلار، ئەگەر ھارۋا ئىسرائىللارنىڭ بەيت-شەمەش شەھىرىگە بارىدىغان يول بىلەن ماڭسا، بۇ بالايىئاپەتنى ئەۋەتكۈچى ئىسرائىللارنىڭ خۇداسى ئىكەن، دەپ بىلىمىز. ئەگەر ھارۋا ئۇ يول بىلەن ماڭمىسا، دېمەك، بىزنى جازالىغۇچى ئىسرائىللارنىڭ خۇداسى ئەمەس، بەلكى بۇ بىر تاسادىپىيلىق ئىكەن، دەپ بىلىمىز.

10 فىلىستىيەلىكلەر ھەممىنى ئۇلارنىڭ دېگىنىدەك قىلدى. يېقىندىلا موزايلىغان، بويۇنتۇرۇق سېلىنىپ باقمىغان ئىككى ئىنەكنى ھارۋىغا قېتىپ، موزايلىرىنى ئۆيگە سولاپ قويدى.

11 ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ھارۋىغا باستى، ئۆسمىلەر بىلەن چاشقانلارنىڭ ئالتۇن ھەيكەللىرى سېلىنغان ساندۇقنى ئۇنىڭ يېنىغا قويدى.

12 ئىنەكلەر بەيت-شەمەشكە بارىدىغان يولغا چۈشۈپ، يا سولغا، يا ئوڭغا بۇرۇلماي، ياكى توختىماي، مۆرىگەن پېتى ئۇدۇل ماڭدى. فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەش نەپەر بېگىمۇ ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن تاكى بەيت-شەمەش چېگراسىغىچە كەلدى.

13 بەيت-شەمەش ئاھالىسى جىلغىدا ئورما ئورۇۋاتاتتى. ئۇلار باشلىرىنى كۆتۈرگەندە ئەھدە ساندۇقىنى كۆرۈپ، شادلىققا چۆمدى.

14 ھارۋا بەيت-شەمەشلىك يوشۇۋانىڭ ئېتىزىغا كېلىپ، چوڭ بىر قورام تاشنىڭ يېنىدا توختىدى. ئاھالىلەر ھارۋىنى ئوتۇن قىلىپ يېرىپ، ئىنەكلەرنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلدى.

15 لاۋىيلار ھارۋىدىن پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى بىلەن ئالتۇن ھەيكەللەر قاچىلانغان ساندۇقنى چۈشۈرۈپ، ھېلىقى قورام تاشنىڭ ئۈستىگە قويدى. شۇ كۈنى بەيت-شەمەش ئاھالىسى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن باشقا قۇربانلىقلارنى كەلتۈرۈشتى.

16 فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەش بېگى ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى كۆرۈپ بولۇپ، شۇ كۈنىلا ئەقرونغا قايتىپ كەتتى.

17 فىلىستىيەلىكلەرنىڭ پەرۋەردىگارغا ئەيىب قۇربانلىقى سۈپىتىدە ئاتىغان ئۆسمە ھەيكەللىرىنىڭ بىرى ئاشدود، بىرى گازا، بىرى ئاشقىلون، بىرى گات ۋە بىرى ئەقرون ئۈچۈن ئىدى.

18 ئالتۇن چاشقانلارنىڭ سانى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەش بېگىگە تەۋە سېپىللىرى مۇستەھكەم شەھەرلەر ۋە ئۇلارغا تەۋە يېزا-قىشلاقلارنىڭ سانى بىلەن ئوخشاش ئىدى. بەيت-شەمەشلىك يوشۇۋانىڭ ئېتىزىدىكى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى قويۇلغان ھېلىقى چوڭ قورام تاش شۇنىڭدىن بېرى بۇ ئىشلارغا گۇۋاھ بولۇپ، ئۆز ئورنىدا تۇرماقتا.


ئەھدە ساندۇقى قىريات-يىئارىم شەھىرىدە

19 پەرۋەردىگار بەيت-شەمەشلىكلەردىن يەتمىش كىشىنىڭ جېنىنى ئالدى. چۈنكى ئۇلار ئۆز مەيلىچە ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئىچىگە قارىغانىدى. ئاھالىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزلىرىنى شۇنچە قاتتىق جازالىغانلىقىغا قايغۇرۇپ ھازا ئېچىشتى.

20 بەيت-شەمەشلىكلەر: «پەرۋەردىگار، يەنى بۇ مۇقەددەس خۇدانىڭ ئالدىدا كىممۇ ئۆلمەي، تىك تۇرالار؟ ئەھدە ساندۇقى ئەمدى بۇ يەردىن قەيەرگە ئاپىرىلىشى كېرەك؟» دەپ نالە-پەرياد قىلىشتى.

21 ئاخىرى ئۇلار قىريات-يىئارىم شەھىرىدىكى كىشىلەرگە ئەلچى ئەۋەتىپ: _ فىلىستىيەلىكلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قايتۇرۇپ بەردى، ئەمدى بۇ يەرگە كېلىپ، ئۇنى ئېلىپ كېتىڭلار! _ دېدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan