سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىفىلىستىيەلىكلەرنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قولغا چۈشۈرۈشى 1 ئۇ چاغلاردا فىلىستىيەلىكلەر ئىسرائىللارغا ھۇجۇم قىلغانىدى. ئىسرائىللار ئۇلارغا قارشى جەڭگە ئاتلاندى. ئىسرائىللار ئەبەنەزەر دېگەن يەردە، فىلىستىيەلىكلەر ئافېق دېگەن يەردە بارگاھ تىكىشتى. 2 فىلىستىيەلىكلەر ئىسرائىللارغا قارشى سەپ تۈزۈپ جەڭگە ئاتلىنىپ، بىر مەيدان شىددەتلىك ئېلىشىشتىن كېيىن ئىسرائىللارنى مەغلۇپ قىلدى. نەق مەيداندا ئۇلارنىڭ تۆت مىڭغا يېقىن لەشكىرىنى ئۆلتۈردى. 3 مەغلۇپ بولغان لەشكەرلەر بارگاھقا قايتىپ كەلگەن چاغدا، ئىسرائىل ئاقساقاللىرى: _ نېمە ئۈچۈن پەرۋەردىگار بۈگۈن بىزنىڭ فىلىستىيەلىكلەرگە مەغلۇپ بولۇشىمىزغا يول قويدى؟ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى شىلودىن بۇ يەرگە ئېلىپ كېلەيلى، ئۇ بىزنىڭ ئارىمىزدا بولسا، بىزنى دۈشمەنلىرىمىزدىن قۇتقۇزىدۇ، _ دېدى. 4 شۇنىڭ بىلەن بىرنەچچە ئادەم شىلوغا ئەۋەتىلدى. ئۇلار كېرۇبلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا تەختتە ئولتۇرغۇچى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئېلىپ كەلدى. ئەلىنىڭ ئىككى ئوغلى بولغان خوفنى بىلەن پىنىخاسمۇ شۇ يەرگە ئەھدە ساندۇقى بىلەن بىرگە كەلدى. 5 پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى بارگاھقا يېتىپ كەلگەندە، پۈتۈن ئىسرائىللار يەر-جاھاننى زىلزىلىگە سالغۇدەك كۈچلۈك ئاۋاز بىلەن چۇقان كۆتۈرۈشتى. 6 فىلىستىيەلىكلەر بۇ كۈچلۈك چۇقاننى ئاڭلاپ: _ ئىبرانىيلارنىڭ بارگاھىدا نېمە ئۈچۈن بۇنچىلىك كۈچلۈك چۇقان كۆتۈرۈلۈپ كەتتى؟ _ دەپ ھەيران قېلىشتى. كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ بارگاھقا ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى بىلىپ، 7 قورقۇپ كېتىشتى. ئۇلار: _ ئۇلارنىڭ ئىلاھى بارگاھىغا كەپتۇ، ھالىمىزغا ۋاي! بىز بۇرۇن ھېچقاچان بۇنداق ئىشقا يولۇقۇپ باقمىغانىدۇق! 8 ئەمدى بىزنى كىممۇ بۇ قۇدرەتلىك ئىلاھلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزالايدۇ؟ مىسىرلىقلارغا چۆل-باياۋاندا تۈرلۈك بالايىئاپەتلەر چۈشۈرگەنلەر ئاشۇ ئىلاھلار ئەمەسمىدى؟ 9 قېنى فىلىستىيەلىكلەر، ئەركەكتەك باتۇر بولايلى! بولمىسا، ئىبرانىيلار بىزگە قۇل بولغاندەك بىزمۇ ئۇلارغا قۇل بولىمىز. شۇنداق ئىكەن، ئەركەكتەك جەڭ قىلايلى! _ دېيىشتى. 10 شۇنىڭدىن كېيىن فىلىستىيەلىكلەر ئىسرائىللارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى قاتتىق مەغلۇپ قىلدى. قىرغىن قىلىش شۇنداق قاتتىق بولدىكى، 30 مىڭ ئىسرائىل لەشكىرىنىڭ ئۆلۈكى جەڭگاھتا قالدى. ھايات قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆيلىرىگە قېچىپ كېتىشتى. 11 پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى دۈشمەننىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتتى. روھانىي ئەلىنىڭ ئىككى ئوغلى خوفنى بىلەن پىنىخاسمۇ ئۆلتۈرۈلدى. ئەلىنىڭ ۋاپات بولۇشى 12 بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان بىر ئادەم جەڭگاھتىن قېچىپ، شۇ كۈنىلا شىلوغا يېتىپ كەلدى. ئۇ قايغۇدىن كىيىملىرىنى يىرتقان، ئۈستى-بېشىغا توپا چاشقانىدى. 13 ئۇ چاغدا ئەلى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىدىن ئەنسىرەپ، يول بويىدىكى ئورۇندۇقىدا خەۋەر كۈتۈپ ئولتۇراتتى. ھېلىقى ئادەم شەھەرگە كىرىپ، يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ئېيتىپ بەرگەندە، پۈتكۈل خەلق داد-پەرياد كۆتۈرۈشتى. 14 ئەلى چۇقان-سۈرەننى ئاڭلاپ: _ نېمىشقا بۇنداق چۇقان سالىسىلەر؟ _ دەپ سورىدى. ھېلىقى ئادەم «بولغان ۋەقەدىن ئەلىنى خەۋەردار قىلىپ قوياي» دەپ، دەرھال ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى. 15 ئەلى ئۇ چاغدا 98 ياشتا بولۇپ، كۆزلىرى كۆرمەيتتى. 16 ھېلىقى ئادەم ئەلىگە: _ مەن جەڭ مەيدانىدىن كەلدىم، ئۇ يەردىن بۈگۈن قېچىپ كەلدىم، _ دېدى. _ نېمە بولدى، ئوغلۇم؟ _ دەپ سورىدى ئەلى. 17 خەۋەر ئەكەلگۈچى مۇنداق دېدى: _ ئىسرائىللار فىلىستىيەلىكلەرگە مەغلۇپ بولدى، لەشكەرلىرىمىزدىن نۇرغۇنلىرى ئۆلتۈرۈلدى، سىزنىڭ ئوغۇللىرىڭىز خوفنى بىلەن پىنىخاسمۇ ئۆلدى. خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىمۇ قولدىن كەتتى. 18 گەپ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئۈستىدە بولغاندا، ئەلى ئورۇندۇقىدىن ئارقىسىغا يىقىلىپ چۈشتى. ئۇ قېرى ھەم سېمىز بولغانلىقى ئۈچۈن، بويىنى ئۈزۈلۈپ، شۇ زامان جان بەردى. ئۇ ئىسرائىللارغا قىرىق يىل يېتەكچىلىك قىلغانىدى. 19 ئەلىنىڭ كېلىنى، يەنى پىنىخاسنىڭ خوتۇنى ھامىلىدار بولۇپ، كۆزى يورۇشىغا ئاز قالغانىدى. ئۇ «پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى قولدىن كەتتى، ئېرىڭ بىلەن قېيىنئاتاڭ ئۆلدى» دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاش بىلەنلا، ئۇنىڭ تولغىقى قاتتىق تۇتۇپ، زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپلا تۇغۇپ سالدى. 20 ئۇ جان ئۈزەي دەپ قالغاندا، ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇرغان ئاياللار ئۇنىڭغا: _ قورقمىغىن، ئوغۇل تۇغدۇڭ، _ دېيىشتى. لېكىن ئۇ بۇنىڭغا ئېتىبار بەرمىدى، جاۋابمۇ قايتۇرمىدى. 21 خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ قولدىن كەتكەنلىكى، قېيىنئاتىسى ۋە ئېرىنىڭ ئۆلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ: _ شان-شەرەپ ئىسرائىلىيەدىن كەتتى، _ دېدى ۋە بالىسىغا ئىكابود [مەنىسى «شان-شەرەپ يوقالدى»] دېگەن ئىسىمنى قويدى. 22 ئۇ يەنە: _ شان-شەرەپ ئىسرائىلىيەدىن كەتتى، چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى قولدىن كەتتى، _ دېدى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti