سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 30 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىئامالەكلەرنىڭ زىقلاق شەھىرىنى تالان-تاراج قىلىشى 1 داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئۈچىنچى كۈنى زىقلاق شەھىرىگە يېتىپ كەلدى. بۇ چاغدا ئامالەكلەر يەھۇدا زېمىنىنىڭ جەنۇبىغا ھۇجۇم قىلغانىدى ۋە زىقلاق شەھىرىگە ئوت قويۇپ، شەھەرنى تالان-تاراج قىلغانىدى. 2 شەھەردىكى ئاياللار مەيلى ياش ياكى قېرى بولسۇن، ھېچقايسىسىنى ئۆلتۈرمەي، ھەممىسىنى ئوغۇل-قىزلىرى بىلەن بىرگە ئەسىرگە ئېلىپ ئەكەتكەنىدى. 3 داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى بۇ شەھەرگە كەلگەندە، شەھەرنىڭ كۆيدۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى، ئاياللىرى بىلەن ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ ئەسىرگە ئېلىنىپ كېتىلگەنلىكىنى كۆرۈپ، 4 مادارى قالمىغۇچە ھۆڭرەپ يىغلاشتى. 5 داۋۇتنىڭ ئىككى ئايالى ئاخىنوئام ۋە ئابىگالمۇ ئەسىر قىلىنغانىدى. 6 داۋۇت قىيىن ئەھۋالدا قالغانىدى، چۈنكى كۆپچىلىك ئۆزلىرىنىڭ ئوغۇل-قىزلىرى ئۈچۈن قاتتىق ھەسرەت چەكمەكتە ئىدى. ئۇلار داۋۇتنى چالما-كېسەك قىلايلى، دېيىشمەكتە ئىدى. لېكىن داۋۇت ئۆز پەرۋەردىگارى خۇدادىن مەدەت ئالدى. داۋۇتنىڭ ئامالەكلەردىن ئۆچ ئېلىشى 7 داۋۇت خۇدانىڭ ئىرادىسىنى بىلىش ئۈچۈن ئاخىمەلەكنىڭ ئوغلى روھانىي ئەبىياتارغا: _ روھانىيلىق پەرتۇقىنىڭ كۆكرەكلىكىدىكى چەكلەرنى ئەكەل، _ دېدى. ئەبىياتار چەكلەرنى داۋۇتقا ئەكېلىپ بەردى. 8 داۋۇت پەرۋەردىگاردىن: _ مەن بۇ قاراقچىلارنى قوغلاپ بارسام بولارمۇ، ئۇلارنى تۇتالارمەنمۇ؟ _ دەپ سورىدى. پەرۋەردىگار: _ قوغلا، چوقۇم تۇتالايسەن ھەم ئەسىرلەرنى قۇتقۇزالايسەن، _ دەپ جاۋاب بەردى. 9-10 شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ئالتە يۈز كىشى يولغا ئاتلاندى. ئۇلار بىسور جىلغىسىغا كەلگەندە، ئىككى يۈز ئادەم ھېرىپ قالغانلىقتىن جىلغىدىن ئۆتەلمەي شۇ يەردە قالدى. داۋۇت تۆت يۈز ئادەمنى باشلاپ داۋاملىق ئىلگىرىلىدى. 11 داۋۇتنىڭ ئادەملىرى دالادا مىسىرلىق بىر ئادەمنى ئۇچرىتىپ، ئۇنى داۋۇتنىڭ قېشىغا ئېلىپ كەلدى ۋە ئۇنىڭغا يېمەك-ئىچمەك 12 ھەم بىرئاز ئەنجۈر قېقى ۋە ئىككى ئوچۇم كىشمىش بەردى. ئۇ غىزالانغاندىن كېيىن، تېنىگە ماغدۇر كىردى. ئۇ ئۈچ كېچە-كۈندۈز ئاغزىغا ھېچنېمە سالمىغانىدى. 13 داۋۇت ئۇنىڭدىن: _ سەن كىمنىڭ ئادىمىسەن، قەيەرلىكسەن؟ _ دەپ سورىدى. ئۇ: _ مەن مىسىرلىقمەن، ئامالەكلەردىن بولغان بىر ئادەمنىڭ قۇلىمەن. بۇنىڭدىن ئۈچ كۈن ئىلگىرى كېسەل بولۇپ قالغانىدىم، خوجايىنىم مېنى دالاغا تاشلاپ كەتتى. 14 بىز كىرېتلەر، كالىب ۋە يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر تۇرغان يەھۇدا چۆلىدىكى شەھەرلەرگە ھۇجۇم قىلىپ كىردۇق ھەم زىقلاق شەھىرىگە ئوت قويۇۋەتتۇق، _ دەپ جاۋاب بەردى. 15 داۋۇت ئۇنىڭدىن: _ سەن مېنى ئاشۇ قاراقچىلارنىڭ يېنىغا باشلاپ بارالامسەن؟ _ دەپ سورىدى. ئۇ: _ مېنى ئۆلتۈرمەسلىككە ھەم خوجايىنىمغا تاپشۇرۇپ بەرمەسلىككە پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچسىلە، مەن سىلىنى ئاشۇ قاراقچىلارنىڭ يېنىغا باشلاپ باراي، _ دېدى. 16 شۇنىڭ بىلەن مىسىرلىق ئادەم داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنى ئامالەكلەرنىڭ يېنىغا باشلاپ ماڭدى. قاراقچىلار ئەتراپقا تارىلىپ، فىلىستىيەلىكلەر ۋە يەھۇدا زېمىنىدىن قولغا چۈشۈرگەن كاتتا ئولجىلاردىن خۇش بولۇپ، يەپ-ئىچىشىپ، ئولجىلارغا ئېرىشكەنلىكلىرىنى تەبرىكلىشىۋاتاتتى. 17 داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئەتىسى كۈن چىقىشى بىلەن ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىپ، بىر كۈن كەچكىچە ئۇلارنى شۇنداق قىردىكى، تۆگىگە مىنىپ قاچقان تۆت يۈز يىگىتتىن باشقا ھېچكىم قېچىپ قۇتۇلالمىدى. 18 داۋۇت ئامالەكلەر ئەسىرگە ئالغان بارلىق ئادەملەرنى ۋە ئولجا ئالغان بارلىق مال-مۈلۈكلەرنى قايتۇرۇۋالدى، جۈملىدىن ئىككى ئايالىنىمۇ قۇتقۇزۇۋالدى. 19 ئۇ ئەسىرگە ئېلىنغان قېرىلار، ياشلار، ئوغۇللار ۋە قىزلارنىڭ، شۇنداقلا ئولجا ئېلىنغان مال-مۈلۈكلەرنىڭ بىرىنىمۇ قالدۇرماي، ھەممىسىنى قايتۇرۇۋالدى. 20 داۋۇت ئامالەكلەرنىڭ چارۋا ماللىرىنىمۇ ئولجا ئالدى. ئۇلارنى ھەيدەپ كېتىۋاتقان داۋۇتنىڭ ئادەملىرى: «بۇ داۋۇتنىڭ ئولجىلىرى» دەپ ۋارقىراشتى. 21 شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت ھېرىپ-چارچىغانلىقىدىن ئۆزى بىلەن بىرگە ماڭالماي، بىسور جىلغىسىدا قېلىپ قالغان ئىككى يۈز ئادەمنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدى. ئۇلار داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنىڭ ئالدىغا چىقتى. داۋۇت ئۇلارغا يېقىنلاپ كېلىپ، ئۇلارغا سالام قىلدى. 22 لېكىن داۋۇت بىلەن بىرگە بارغانلارنىڭ ئىچىدىكى پەسكەش، يامان ئادەملەر: _ ئۇلار بىز بىلەن بىرگە بارمىغاندىكىن، بىز ئېلىنغان ئولجىلاردىن ئۇلارغا بۆلۈپ بەرمەيلى. ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىڭ خوتۇن، بالىچاقىلىرىنىلا ئېلىپ كەتسۇن، _ دېيىشتى. 23 داۋۇت: _ ھەي بۇرادەرلەر، بىزنى ئامان-ئېسەن ساقلاپ، قاراقچىلارنى قولىمىزغا تاپشۇرغان پەرۋەردىگار بىزگە ئىنئام قىلغان ئولجىنى ئۇلارغا بۆلۈپ بەرمىسەك بولمايدۇ. 24 سىلەرنىڭ بۇ سۆزۈڭلارغا ھېچكىم قوشۇلمايدۇ. جەڭگە چىققانلار بىلەن ياراغ-جابدۇقلارغا قاراشقا قالغانلارنىڭ ئۈلۈشى ئوخشاشتۇر، ھەممە نەرسە تەڭ بۆلۈنسۇن، _ دېدى. 25 داۋۇت شۇ كۈندىن باشلاپ بۇنى ئىسرائىللارنىڭ قانۇن-تۈزۈمى قىلىپ بېكىتتى. بۇ قانۇن-تۈزۈم شۇنىڭدىن بېرى داۋام قىلىپ كەلمەكتە. 26 داۋۇت زىقلاق شەھىرىگە قايتىپ كەلگەندە، ئولجىدىن دوستلىرىغا، يەنى يەھۇدا ئاقساقاللىرىغا ئەۋەتىپ: «بۇ بىزنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ دۈشمەنلىرىدىن ئالغان ئولجىمىز، سىلەرگە سوۋغات بولسۇن» دېدى. 27 ئۇ ئولجىلاردىن بەيتەل، يەھۇدا زېمىنىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان راموت، ياتتىر، 28 ئاروئېر، سىفموت، ئەشتىموۋا 29 ۋە راكال دېگەن يەرلەرنىڭ، شۇنداقلا يىراخمىئېللار ۋە قېنلار ياشايدىغان ھەرقايسى شەھەرلەرنىڭ ۋە 30 خورماھ، بورئاشان، ئاتاك، 31 ھىبرون دېگەن يەرلەرنىڭ ئاقساقاللىرىغا ئەۋەتتى. داۋۇت ئۆز ئادەملىرى بىلەن كېزىپ چىققان ھەممە يەرلەرنىڭ ئاقساقاللىرىغا سوۋغات ئەۋەتتى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti