Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 29 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


فىلىستىيەلىكلەرنىڭ داۋۇتنى رەت قىلىشى

1 فىلىستىيەلىكلەر ھەممە قوشۇنلىرىنى ئافېققا يىغدى. ئىسرائىللار بولسا يىزرىئەلدىكى بۇلاق بويىدا بارگاھ قۇردى.

2 فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەگلىرى لەشكەرلىرىنى يۈزگە، مىڭغا بۆلۈپ سەپ تۈزۈپ، ئىلگىرىلەشكە باشلىدى. داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى پادىشاھ ئاكىش بىلەن بىرگە قوشۇننىڭ ئارقا تەرىپىدە ماڭدى.

3 بۇ چاغدا فىلىستىيەلىكلەرنىڭ سەركەردىلىرى: _ بۇ ئىبرانىيلارنىڭ بۇ يەردە نېمە ئىشى بار؟ _ دېيىشتى. _ بۇ ئىسرائىلىيە پادىشاھى سائۇلغا سەركەردە بولغان داۋۇت، خېلىدىن بېرى يېنىمدا يۈرىدۇ. مەن تەرەپكە ئۆتكەندىن بېرى، ئۇنىڭدىن بىرەر سەۋەنلىك كۆرمىدىم، _ دېدى ئاكىش ئۇلارغا.

4 فىلىستىيەلىكلەرنىڭ سەركەردىلىرى ئاكىشقا خاپا بولۇپ: _ بۇ ئادەمنى ئۆزلىرى ئۇنىڭغا ئاجرىتىپ بەرگەن يەرگە قايتۇرۇۋەتكەن بولسىلا، ئۇ بىز بىلەن بىرگە جەڭگە كىرسە بولمايدۇ. ئۇ جەڭ مەيدانىدا بىزگە قارشى چىقىپ قېلىشى مۇمكىن. ئۇ ئۆزىنىڭ خوجىسىنى نېمە بىلەن رازى قىلىدۇ، دەل بىزنىڭ ئادەملىرىمىزنىڭ كاللىسىنى ئېلىش بىلەن رازى قىلىدۇ-دە!

5 بۇ ئىسرائىلىيەدىكى ئاياللار: «سائۇل قىردى مىڭلاپ-مىڭلاپ، داۋۇت قىردى تۈمەن-تۈمەنلەپ» دەپ ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ ماختىغان داۋۇت ئەمەسمۇ؟! _ دېدى.

6 ئاكىش داۋۇتنى چاقىرتىپ كېلىپ ئۇنىڭغا: _ مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سىز دۇرۇس ئادەم، سىز بۇ يەرگە كەلگەندىن بېرى سىزدە بىرەر سەۋەنلىك كۆرمىدىم. جەڭگە مەن بىلەن بىرگە چىقسىڭىز ياخشى بولاتتى. لېكىن باشقا بەگلىرىمىز سىزنى خالىمايدىكەن.

7 ئەمدى سىز قايتىڭ، تىنچلا قايتىپ كېتىڭ، بەگلىرىمىزنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ قويماڭ، _ دېدى.

8 _ نېمە خاتا ئىش قىلىپتىمەن؟ _ دېدى داۋۇت، _ مەن سىلى تەرەپكە ئۆتكەن كۈندىن تارتىپ، مەندىن ھېچبىر سەۋەنلىك تاپالمىغان تۇرسىلا، نېمىشقا ئالىيلىرى بىلەن بىرگە دۈشمەنلىرىگە قارشى جەڭ قىلسام بولمايدىكەن؟

9 _ بىلىمەن، سىز مېنىڭ نەزىرىمدە خۇددى خۇدانىڭ پەرىشتىسىدەك ياخشى ئادەمسىز، ئەمما فىلىستىيەلىك سەركەردىلىرىمىز: «بۇ كىشى بىز بىلەن بىرگە جەڭگە چىقسا بولمايدۇ» دەپ قارار چىقاردى.

10 شۇڭا سىز ۋە سىزگە ئەگىشىپ كەلگەنلەر ئەتە سەھەر تۇرۇڭلار، تاڭ ئېتىشى بىلەنلا بۇ يەردىن كېتىڭلار، _ دېدى ئاكىش.

11 شۇ سەۋەبتىن داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى سەھەر تۇرۇپ يولغا چىقىپ، فىلىستىيەلىكلەر زېمىنىغا قايتتى. فىلىستىيەلىكلەر يىزرىئەلگە قاراپ ئاتلاندى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan