Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 27 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


داۋۇتنىڭ فىلىستىيەلىكلەر ئارىسىدا ياشىشى

1 ۋاھالەنكى، داۋۇت ئۆز كۆڭلىدە: «بىر كۈنى بولمىسا، بىر كۈنى سائۇلنىڭ قولىدا ئۆلىدىغان ئوخشايمەن. ئۇنىڭدىن كۆرە فىلىستىيەلىكلەر زېمىنىغا قېچىپ كەتكىنىم ياخشىدەك تۇرىدۇ. سائۇل مېنىڭ ئىسرائىلىيە زېمىنىدا ئەمەسلىكىمنى بىلسە، ئۈمىدسىزلىنىپ، مېنى ئىزدەپ يۈرمەس. شۇنداق قىلسام، ئۇنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇپ كېتەرمەن» دەپ ئويلىدى.

2 شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئالتە يۈز ئادىمىنى باشلاپ، چېگرادىن ئۆتۈپ، مائوكنىڭ ئوغلى، گات پادىشاھى ئاكىشنىڭ يېنىغا پاناھلانغىلى باردى.

3 ئۇلار بالىچاقىلىرى بىلەن ئۇ يەرگە جايلاشتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە داۋۇتنىڭ ئىككى ئايالى، يەنى يىزرىئەللىك ئاخىنوئام بىلەن نابالدىن تۇل قېلىپ داۋۇتقا تەگكەن كارمەللىك ئابىگالمۇ بار ئىدى.

4 «داۋۇت گاتقا قېچىپ كېتىپتۇ» دېگەن خەۋەر يېتىپ كەلگەندە، سائۇل ئۇنى ئىزدەشتىن توختىدى.

5 داۋۇت گات پادىشاھى ئاكىشقا: _ ئەگەر پېقىر نەزەرلىرىدە ئىلتىپاتلىرىغا لايىق ئادەم بولسام، ئەتراپتىكى شەھەرلەردىن بىر جاي بەرسىلە، پېقىر قانداقسىگە ئۆزلىرى بىلەن پايتەختتە ياشايمەن، _ دېدى.

6 ئاكىش شۇ كۈنىلا زىقلاق شەھىرىنى داۋۇتقا بەردى. (شۇنىڭدىن بېرى زىقلاق شەھىرى يەھۇدىيە پادىشاھلىرىغا تەۋە بولۇپ كەلمەكتە.)

7 داۋۇت فىلىستىيەلىكلەر زېمىنىدا بىر يىل تۆت ئاي تۇردى.

8 بۇ جەرياندا ئۇ ئۆز ئادەملىرى بىلەن گىشۇرلۇقلار، گىرزىلەر ۋە ئامالەكلەرگە ھۇجۇم قىلىپ تۇردى. (بۇ خەلقلەر قەدىمدىن تارتىپ شۇر ۋە مىسىرغىچە بولغان بۇ يەرلەردە ياشاپ كەلگەنىدى.)

9 داۋۇت ئۇلارغا ھۇجۇم قىلغاندا، مەيلى ئەر، مەيلى ئايال بولسۇن، ھېچكىمنى تىرىك قالدۇرمايتتى. قوي، كالا، تۆگە، ئېشەك ۋە كىيىم-كېچەكلەرنى ئولجا ئالاتتى. داۋۇت ئاكىش بىلەن كۆرۈشكەندە،

10 ئاكىش: «سىلەر بۇ قېتىم قەيەرلەرگە ھۇجۇم قىلدىڭلار؟» دەپ سورىسا، داۋۇت: «يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ چۆلدىكى بىر شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدۇق» دەيتتى. بەزىدە: «يىراخمىئېللارنىڭ چۆلدىكى بىر شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدۇق»، يەنى بەزىدە: «قېنلارنىڭ چۆلدىكى بىر شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدۇق» دەيتتى.

11 داۋۇت نەگىلا ھۇجۇم قىلمىسۇن، ئۇ يەردىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى، ھېچكىمنى گاتقا ئېلىپ كەلمەيتتى. چۈنكى ئۇ ئۇ يەرلەردە قىلغان ئىشلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىدىن قورقاتتى. داۋۇت فىلىستىيەلىكلەرنىڭ زېمىنىدا تۇرغان چېغىدا، داۋاملىق شۇنداق قىلدى.

12 ئاكىش داۋۇتقا ئىشىنەتتى. ئۇ ئىچىدە: «داۋۇت ئۆزىنى ئۆزىنىڭ خەلقى بولغان ئىسرائىللارغا قەبىھ دۈشمەن قىلىپ قويدى. بۇنىڭدىن كېيىن ئۇ مەڭگۈ مېنىڭ خىزمەتكارىم بولۇپ ئۆتىدۇ» دەپ ئويلايتتى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan