سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 26 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىسائۇلنىڭ داۋۇتنى زىف چۆلىدە ئىزدىشى 1 بىرنەچچە زىفلىقلار گىبئاھقا كېلىپ، سائۇل بىلەن كۆرۈشۈپ: _ داۋۇت يېشىمون چۆلىنىڭ چېتىدىكى خاكىلا دېگەن ئېگىزلىكتە يوشۇرۇنۇپ يۈرىدۇ، _ دېيىشتى. 2 بۇنى ئاڭلىغان سائۇل دەرھال ئىسرائىللاردىن ئۈچ مىڭ سەرخىل لەشكەرنى تاللاپ، داۋۇتنى ئىزدەش ئۈچۈن زىف چۆلىگە ئاتلاندى. 3 سائۇل يېشىمون چۆلىنىڭ چېتىدىكى خاكىلا ئېگىزلىكىنىڭ يېنىدىكى يول بويىدا بارگاھ قۇردى. داۋۇت ئۇ چاغدا يەنىلا چۆلدە ئىدى، ئۇ سائۇلنىڭ چۆلدە ئۆزىنىڭ كەينىگە چۈشكەنلىكىنى ئاڭلاپ، 4 تىڭتىڭلاپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتتى ۋە شۇ ئارقىلىق سائۇلنىڭ كەلگەنلىكىنى ئېنىق بىلدى. 5 داۋۇت دەرھال سائۇل بارگاھ قۇرغان يەرگە بېرىپ، سائۇلنىڭ ۋە قوشۇننىڭ باش سەركەردىسى نېرنىڭ ئوغلى ئابنېرنىڭ نەدە ياتقانلىقىنى كۆردى. سائۇل بارگاھنىڭ ئوتتۇرىسىدا، لەشكەرلىرى ئۇنىڭ ئەتراپىدا ياتقانىدى. داۋۇتنىڭ سائۇلنى يەنە بىر قېتىم كەچۈرۈۋېتىشى 6 داۋۇت ئاخىمەلەك بىلەن ئابىشايدىن: _ قايسىڭلار مەن بىلەن بىرگە سائۇلنىڭ بارگاھىغا بارىسىلەر؟ _ دەپ سورىدى. ئابىشاي: _ مەن سىز بىلەن بىرگە بارىمەن، _ دېدى. ئاخىمەلەك خىت خەلقىدىن ئىدى. ئابىشاي يوئابنىڭ ئاكىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئانىسى زىرۇيا ئىدى. 7 شۇ كۈنى كېچىسى داۋۇت بىلەن ئابىشاي ئىككىسى بارگاھقا بېرىپ، سائۇلنىڭ بارگاھنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇخلاۋاتقانلىقىنى، بېشىنىڭ يېنىدا نەيزىسىنىڭ يەرگە سانجىقلىق تۇرغانلىقىنى، ئابنېر بىلەن لەشكەرلەرنىڭ ئۇنىڭ چۆرىسىدە ياتقانلىقىنى كۆردى. 8 ئابىشاي داۋۇتقا: _ بۈگۈن پەرۋەردىگار دۈشمىنىڭىزنى قولىڭىزغا تاپشۇرۇپتۇ. ئەمدى ئىجازەت بېرىڭ، ئۇنى نەيزە بىلەن يەرگە مىخلاپ قوياي. بىرلا سانجىسام بولدى، ئىككىنچى سانجىشىمنىڭ ھاجىتى يوق! _ دېدى. 9 داۋۇت ئابىشايغا: _ ياق، ئۇنى ئۆلتۈرگۈچى بولما! پەرۋەردىگار تاللىغان پادىشاھقا قول تەگكۈزگەن كىشى گۇناھكار بولىدۇ. 10 مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، پەرۋەردىگار ئۆزى سائۇلنىڭ جېنىنى ئالىدۇ، ياكى ئۇنىڭ كۈنى توشۇپ ئالەمدىن ئۆتىدۇ، ياكى جەڭدە ھالاك بولىدۇ. 11 پەرۋەردىگار مېنى ئۆزى تاللىغان پادىشاھقا قول تەگكۈزۈشۈمدىن ساقلىسۇن! ئۇنىڭ بېشىدىكى نەيزە بىلەن تۇلۇمنى ئېلىپ كېتەيلى. 12 شۇنىڭ بىلەن داۋۇت سائۇلنىڭ بېشىدىكى نەيزە بىلەن تۇلۇمنى ئالدى ۋە ئۇ يەردىن كەتتى. ئۇلارنى ھېچكىم كۆرمىدى، ھېچكىم سەزمىدى. ھەتتا ھېچبىرى ئويغانمىدى. چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنى قاتتىق ئۇيقۇغا غەرق قىلغانىدى. 13 شۇنداق قىلىپ، داۋۇت جىلغىنىڭ قارشى تەرىپىگە ئۆتۈپ، دۆڭگە چىقتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا خېلى ئارىلىق بار ئىدى. 14 داۋۇت سائۇلنىڭ ئادەملىرىگە ۋە نېرنىڭ ئوغلى ئابنېرغا قاراپ ۋارقىرىدى: _ ھەي ئابنېر، جاۋاب بەرمەمسەن؟ _ سەن كىم، پادىشاھقا قاراپ ۋارقىراشقا جۈرئەت قىلغان؟ _ دېدى ئابنېر. 15 داۋۇت ئابنېرغا: _ سەن ئىسرائىلىيەدىكى تەڭدىشى يوق باتۇر ئەمەسمۇسەن؟ سەن نېمىشقا پادىشاھنى ياخشى قوغدىمايسەن؟ بىرسى خوجايىنىڭ بولغان پادىشاھنى ئۆلتۈرگىلى بارگاھقا كىردى. 16 سەن ۋەزىپەڭنى ياخشى ئورۇندىمىدىڭ! مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، خوجايىنىڭلارنى، يەنى پەرۋەردىگار تاللىغان پادىشاھنى ياخشى قوغدىمىغىنىڭلار ئۈچۈن، ھەممىڭلار ئۆلۈمگە مەھكۇم بولىسىلەر. ئابنېر، قاراپ باق، پادىشاھنىڭ بېشىدىكى نەيزە بىلەن تۇلۇم ئورنىدا بارمىكەن؟ 17 سائۇل داۋۇتنىڭ ئاۋازىنى تونۇپ، ئۇنىڭغا: _ ئوغلۇم داۋۇت، بۇ راستتىنلا سەنمۇ؟ _ دېدى. _ شۇنداق، پادىشاھ ئالىيلىرى، _ دەپ جاۋاب بەردى داۋۇت، 18 _ ئالىيلىرى، نېمىشقا مەن خىزمەتكارلىرىنى قوغلايلا؟ مەن نېمە ئىش قىلدىم، نېمە گۇناھ ئۆتكۈزدۈم؟ 19 پادىشاھ ئالىيلىرى، ئەمدى خىزمەتكارىڭنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ باقسىلا! ئەگەر سىلىنىڭ ماڭا غەزەپلىنىشلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولغان بولسا، قۇربانلىقىم پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسىنى ئۆزگەرتكەي. ئەگەر بۇنى ئىنسانلارنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن قىلىۋاتقان بولسىلا، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ قارغىشقا كەتكەي. چۈنكى ئۇلار مېنى يات ئىلاھلارغا چوقۇنسۇن دەپ، پەرۋەردىگارنىڭ زېمىنىدىن قوغلىۋەتتى. 20 ئەمدى مەن پادىشاھىمدىن قېنىمنىڭ يات زېمىندا، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن يىراق بىر يەردە تۆكۈلۈشىگە يول قويماسلىقىنى ئۆتۈنىمەن. ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھىنىڭ مېنى، يەنى كىچىككىنە بىر بۈرگىنى ئىزدەپ يۈرۈشى، خۇددى تاغقا شىكارغا چىققانلارنىڭ كەكلىك ئوۋلىغىنىدەكلا بىر ئىشتۇر. 21 سائۇل مۇنداق دېدى: _ ئوغلۇم داۋۇت، مەن گۇناھ قىلدىم، ئەمدى قايتىپ كەلگىن. بۈگۈن سەن جېنىمنى ئەزىز بىلگەنلىكىڭ ئۈچۈن، بۇنىڭدىن كېيىن ساڭا زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەيمەن. مەن ئەخمەقلىق قىلىپ، قاتتىق گۇناھ قىلىپتىمەن. 22 داۋۇت: _ پادىشاھ ئالىيلىرى، مانا بۇ سىلىنىڭ نەيزىلىرى، يىگىتلىرىدىن بىرى كېلىپ ئەكەتسۇن. 23 پەرۋەردىگار بۈگۈن سىلىنى قولۇمغا تاپشۇرغانىدى، لېكىن مەن پەرۋەردىگار تاللىغان پادىشاھقا قول تەگكۈزمىدىم. پەرۋەردىگار ھەربىر ئادەمنى ئۆزىنىڭ ئادىللىقى ۋە ساداقەتلىكىگە يارىشا مۇكاپاتلايدۇ. 24 بۈگۈن سىلىنىڭ جانلىرى مېنىڭ نەزىرىمدە ئەزىز بىلىنگەندەك، مېنىڭ جېنىممۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە ئەزىز بىلىنسۇن ۋە مېنى بارلىق مۈشكۈلاتلاردىن خالىي قىلسۇن، _ دېدى. 25 _ بالام داۋۇت، خۇدا ساڭا بەخت ئاتا قىلغاي! سەن چوقۇم ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلىسەن ھەم غەلىبىگە ئېرىشىسەن! _ دېدى سائۇل. شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت ئۆز يولىغا راۋان بولدى، سائۇلمۇ ئۆيىگە قايتتى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti