سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 25 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىسامۇئىلنىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشى 1 سامۇئىل ئالەمدىن ئۆتتى. پۈتۈن ئىسرائىللار يىغىلىپ ماتەم تۇتۇپ، ئۇنى ئۆز يۇرتى راماھقا دەپنە قىلدى. داۋۇت بولسا پاران چۆلىگە كەتتى. نابالنىڭ ئەخمەقلىقى ۋە ئابىگالنىڭ چېچەنلىكى 2-3 كالىب جەمەتىدىن بولغان مائونلۇق نابال ئىسىملىك بىر ئادەم بار ئىدى. ئۇ قەۋەتلا باي ئادەم بولۇپ، ئۈچ مىڭ قويى، مىڭ ئۆچكىسى بار ئىدى. ئۇنىڭ مال-دۇنياسى كارمەل شەھىرىدە ئىدى. ئۇنىڭ ئابىگال ئىسىملىك ئايالى بولۇپ، ئۇ ھەم ئەقىللىق ھەم چىرايلىق ئىدى. لېكىن نابال بولسا مىجەزى تولىمۇ چۇس، توڭ ئادەم ئىدى. بىر كۈنى ئۇ كارمەلدە قويلىرىنى قىرقىۋاتاتتى. 4 چۆلدە يۈرگەن داۋۇت نابالنىڭ قويلىرىنى قىرقىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، 5 يىگىتلىرىدىن ئوننى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا مۇنداق دەپ تاپىلىدى: _ سىلەر كارمەلگە بېرىپ، نابال بىلەن كۆرۈشۈڭلار. ئۇنىڭغا مېنىڭ سالىمىمنى يەتكۈزۈپ، 6 مۇنداق دەڭلار: «سىزگە، ئائىلىڭىزگە ۋە سىزگە تەۋە بولغانلارغا تەن سالامەتلىك ۋە مەمۇرچىلىق تىلەيمەن. 7 ئاڭلىسام قويلىرىڭىزنى قىرقىۋېتىپسىز. بىز سىزنىڭ قويچىلىرىڭىز بىلەن كارمەلدە باردى-كەلدى قىلغان ۋاقتىمىزدا، ئۇلارغا ھېچ زەرەر يەتكۈزمىدۇق، ئۇلارنىڭ ھېچ نەرسىسىنى ئېلىۋالمىدۇق. 8 ئادەملىرىڭىزدىن سوراپ باقاسىڭىزلا، ئۇلار ئېيتىپ بېرىدۇ. شۇڭا بىزمۇ سىزنىڭ ئالدىڭىزدا ئىلتىپاتقا ئېرىشكەيمىز. بىز ھۇزۇرىڭىزغا بايرام كۈنلىرى يېتىپ كەلدۇق. بىز خىزمەتكارلىرىڭىزغا، شۇنداقلا ئوغلىڭىز داۋۇتقا قولىڭىزدىن كېلىشىچە ياردەم كۆرسەتكەيسىز». 9 داۋۇت ئەۋەتكەن يىگىتلەر كېلىپ، داۋۇتنىڭ نامىدا بۇ گەپلەرنى نابالغا ئېيتىپ، جاۋاب كۈتۈپ تۇردى. 10 لېكىن نابال داۋۇتنىڭ يىگىتلىرىگە مۇنداق جاۋاب بەردى: _ كىم ئۇ داۋۇت دېگەن؟ كىم ئۇ يىشاينىڭ ئوغلى دېگەن؟ بۇ كۈنلەردە ئۆز خوجايىنلىرىدىن قېچىپ يۈرگەن خىزمەتكارلار ناھايىتى كۆپ. 11 مەن قانداقسىگە ئاش-نېنىمنى ۋە قويلىرىمنى قىرقىۋاتقانلارغا دەپ سويغان مالنىڭ گۆشىنى نەدىن كەلگەنلىكى نامەلۇم بولغان بىرلىرىگە بېرەي؟ 12 داۋۇت ئەۋەتكەن يىگىتلەر بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، كەينىگە بۇرۇلۇپ قايتىپ كەتتى. ئۇلار داۋۇتقا نابالنىڭ سۆزلىرىنى ئەينەن يەتكۈزدى. 13 داۋۇت ئادەملىرىگە: _ ھەممىڭلار قىلىچلىرىڭلارنى ئېسىڭلار، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ھەممەيلەن قىلىچلىرىنى ئېسىشتى، داۋۇتنىڭ ئۆزىمۇ قىلىچىنى ئاستى. ئىككى يۈز ئادەم نەرسە-كېرەكلەرنى ساقلاشقا قېلىپ، تۆت يۈزچە ئادەم داۋۇت بىلەن يولغا چىقتى. 14 بۇ ئىشلار بولۇۋاتقاندا، نابالنىڭ بىر خىزمەتكارى نابالنىڭ ئايالى ئابىگالغا: _ قاراڭ، داۋۇت چۆلدىن خوجايىنىمىزغا سالامغا ئەلچى ئەۋەتىپتىكەن، خوجايىنىمىز ئۇلارنى ھاقارەتلەپتۇ. 15 لېكىن ئۇلار بىزگە ناھايىتى ياخشى مۇئامىلە قىلغانىدى. بىز چۆل-باياۋاندا ئۇلار بىلەن باردى-كەلدى قىلغىنىمىزدا، ئۇلار بىزگە ھېچ زەرەر يەتكۈزمىگەنىدى، بىز ھېچ نەرسىمىزنى يوقاتمىغانىدۇق. 16 بىز ئۇلار بىلەن بىرگە بولۇپ، قويلىرىمىزنى بېقىپ يۈرگەن كۈنلەردە، ئۇلار بىزنى كېچە-كۈندۈز قوغدىغانىدى. 17 ئەمدى نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى ئۆزىڭىز ئويلىنىپ باقسىڭىز. خوجايىنىمىز ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن ئائىلىسىنىڭ بېشىغا بالا-قازا كېلىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ. خوجايىنىمىزنىڭ مىجەزى بەك يامان، ئۇ ھېچكىمنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمايدۇ، _ دېدى. 18 ئابىگال دەرھال ئىككى يۈز نان، ئىككى تۇلۇم شاراب، پىشۇرۇلغان بەش قوينىڭ گۆشى، بىر خالتا قوماچ، يۈز ئوچۇم كىشمىش ۋە ئىككى يۈز ئوچۇم ئەنجۈر قېقى تەييارلاپ، ئېشەكلەرگە ئارتىپ، 19 خىزمەتكارلىرىغا: _ سىلەر مېڭىۋېرىڭلار، مەن كەينىڭلاردىن بارىمەن _ دېدى. لېكىن ئۇ بۇ ئىشنى ئېرى نابالغا ئېيتمىدى. 20 ئابىگال ئېشىكىگە مىنىپ، تاغنىڭ ئەگمىسىدىن چۈشۈۋاتقاندا، قارشى تەرەپتىن كېلىۋاتقان داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىگە دۇچ كەلدى. 21 داۋۇت ئادەملىرىگە مۇنداق دېگەنىدى: _ چۆل-باياۋاندا بۇ كىشىنىڭ چارۋا ماللىرىنىڭ بىرەرسىنىمۇ يوقىتىۋەتمەي، ھەممىسىنى قوغدىغىنىم بىكار كېتىپتۇ. 22 خەپ، ئەتە تاڭ ئاتقۇچە بۇ ئادەمگە تەۋە ئەركەك زاتىدىن بىرەرسىنى تىرىك قالدۇرىدىغان بولسام، پەرۋەردىگار مېنى قاتتىق جازالىغاي! 23 ئابىگال داۋۇتنى كۆرۈپ، دەرھال ئېشىكىدىن چۈشۈپ، ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، يەرگە باش قويۇپ، تەزىم قىلدى. 24 ئۇ يەنە داۋۇتنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ: _ تەقسىر، گۇناھ ماڭا ئارتىلسۇن. ئاجىزەيىڭىزگە سۆزلەشكە ئىجازەت بەرگەيسىز ۋە سۆزۈمگە قۇلاق سالغايسىز. 25 تەقسىر، سىز مىجەزى چۇس نابالغا [«نابال» ئەخمەق دېگەن مەنىدە] ئېتىبار قىلمىغايسىز، چۈنكى ئۇ ئۆز ئىسمىنىڭ مەنىسىدەك ئەخمەق ئادەم. مەنكى ئاجىزەيىڭىز سىز ئەۋەتكەن يىگىتلەرنى كۆرمەي قاپتىمەن. 26 پەرۋەردىگار سىزنىڭ ئۆز قولىڭىز بىلەن قان تۆكۈپ، ئۆچ ئېلىشىڭىزنى توختاتقانىكەن، مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ۋە سىزنىڭ جېنىڭىز بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سىزنىڭ دۈشمەنلىرىڭىز ۋە سىزگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ ئاقىۋىتى نابالدەك بولىدۇ. 27 ئەمدى ئاجىزەيىڭىز ئېلىپ كەلگەن سوۋغاتلارنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىڭىز بىلەن بىرگە كەلگەن يىگىتلەرگە بەرسىڭىز. 28 ئاجىزەيىڭىزنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرۈشىڭىزنى ئۆتۈنىمەن. پەرۋەردىگار سىزنىڭ ئەۋلادلىرىڭىزغا مۇستەھكەم خانىدانلىق ئاتا قىلىدۇ، چۈنكى سىز پەرۋەردىگار ئۈچۈن جەڭ قىلىۋاتىسىز. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ئۆمۈرىڭىزنىڭ ئاخىرىغىچە ھېچبىر يامانلىق قىلمايسىز. 29 بىرەرسى سىزنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن كەينىڭىزگە چۈشسىمۇ، پەرۋەردىگارىڭىز خۇدا سىزنى كۆز قارىچۇقىدەك ساقلايدۇ. دۈشمەنلىرىڭىزنى خۇددى سالغىغا سېلىپ ئاتقان تاشتەك پىرقىرىتىپ ئېتىۋېتىدۇ. 30 پەرۋەردىگار سىزگە ۋەدە قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، سىزنى ئىسرائىلىيەگە يېتەكچى قىلغان چاغدا، 31 «ئۆچ ئېلىپ، بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ قېنىنى تۆكتۈم» دەپ، ۋىجدانىڭىزنى ئالدىدا بىئارام بولۇشىڭىزنىڭ ھاجىتى بولمايدۇ. پەرۋەردىگار سىزگە بەخت-سائادەت ئاتا قىلغاندا، ئاجىزەيىڭىزنى ئۇنتۇپ قالمىغايسىز، _ دېدى. 32 داۋۇت ئابىگالغا: _ سىزنى بۈگۈن مېنىڭ ئالدىمغا ئەۋەتكەن پەرۋەردىگارغا، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇداغا ھەمدۇسانالار بولسۇن! 33 ئەقلىڭىز ئۈچۈن ۋە مېنى ئۆز قولۇم بىلەن ئۆچ ئېلىپ، بىگۇناھ قان تۆكۈشۈمدىن ساقلاپ قالغانلىقىڭىز ئۈچۈن، خۇدا سىزگە بەخت ئاتا قىلغاي! 34 پەرۋەردىگار مېنىڭ سىزگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈشۈمنىڭ ئالدىنى ئالدى. ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا، يەنى مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مۇبادا سىز ئالدىمغا تېز كەلمىگەن بولسىڭىز، ئەتە تاڭ ئاتقۇچە نابالنىڭ ئادەملىرىدىن بىرمۇ ئەركەك زاتى تىرىك قالمىغان بولاتتى، _ دېدى. 35 داۋۇت ئابىگال ئېلىپ كەلگەن سوۋغاتلارنى قوبۇل قىلىپ: _ سۆزلىرىڭىزنى ئاڭلاپ، ئىلتىجايىڭىزنى قوبۇل قىلدىم. ئەمدى ئۆيىڭىزگە قايتىڭ، ئامان-ئېسەن بولۇڭ، _ دېدى. 36 ئابىگال ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندە، نابال ئۆيىدە خۇددى پادىشاھتەك كاتتا زىياپەت ئۆتكۈزۈۋاتقان بولۇپ، ئۇ خۇشال ۋەمەست ئىدى. شۇڭا ئابىگال ئەتىسى تاڭ ئاتقۇچە ئۇنىڭغا ھېچنېمە دېمىدى. 37 ئەتىسى ئەتىگەندە نابالنىڭ مەستلىكى يېشىلگەن چاغدا، ئايالى ئۇنىڭغا بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى دەپ بەردى. نابال بۇلارنى ئاڭلاپ، مېڭىسىگە قان چۈشۈپ، پالەچ بولۇپ قالدى. 38 تەخمىنەن ئون كۈندىن كېيىن پەرۋەردىگار ئۇنىڭ جېنىنى ئالدى. داۋۇتنىڭ ئابىگالغا ئۆيلىنىشى 39 داۋۇت نابالنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئاڭلىدى. ئۇ: _ پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانالار بولسۇن. نابال ماڭا ھاقارەت قىلغانىدى، پەرۋەردىگار مەن ئۈچۈن ئۆچ ئاپتۇ، ھەم مېنى گۇناھ قىلىشتىن ساقلاپتۇ. نابالنىڭ يامانلىقىنىمۇ ئۆز بېشىغا قايتۇرۇپتۇ! _ دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت ئارىغا ئادەم سېلىپ، ئابىگالغا ئۆيلىنىش نىيىتىنى بىلدۈردى. 40 داۋۇتنىڭ ئادەملىرى كارمەلگە بېرىپ، ئابىگال بىلەن كۆرۈشۈپ: _ داۋۇت سىزنى ئەمرىمگە ئالسام دەپ، بىزنى ئەلچىلىككە ئەۋەتتى، _ دېدى. 41 ئابىگال يەرگە باش قويۇپ، تەزىم قىلىپ، ئۇلارغا: _ مەن خوجامنىڭ دېدىكى بولۇپ، ھەتتا ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ پۇتىنى يۇيۇشقىمۇ تەييارمەن، _ دېدى. 42 ئابىگال دەرھال جابدۇنۇپ، ئېشىكىگە مىنىپ، بەش دېدىكىنى ئېلىپ، داۋۇتنىڭ ئەلچىلىرى بىلەن بىرگە بېرىپ، داۋۇتقا ياتلىق بولدى. 43 داۋۇت بۇرۇن يىزرىئەللىك ئاخىنوئامنىمۇ ئەمرىگە ئالغان بولۇپ، شۇ تەرىقىدە ئۇ ئىككى خوتۇنلۇق بولۇپ قالدى. 44 داۋۇتنىڭ بىرىنچى خوتۇنى مىكالنى ئاتىسى سائۇل پالتىغا خوتۇنلۇققا بېرىۋەتكەنىدى. پالتى گاللىملىق لايىشنىڭ ئوغلى ئىدى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti