Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 23 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


داۋۇتنىڭ قىيلاھ شەھىرىنى قۇتقۇزۇشى

1 داۋۇتقا فىلىستىيەلىكلەر قىيلاھ شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، خامانلاردىكى ئاشلىقلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىۋېتىپتۇ، دېگەن خەۋەر يېتىپ كەلدى.

2 شۇ سەۋەبتىن داۋۇت پەرۋەردىگاردىن: _ مەن بېرىپ، ئۇ فىلىستىيەلىكلەر بىلەن ئۇرۇشايمۇ؟ _ دەپ سورىدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ سەن بېرىپ، فىلىستىيەلىكلەر بىلەن ئۇرۇشۇپ، قىيلاھنى قۇتقۇزغىن، _ دېدى.

3 داۋۇتنىڭ ئادەملىرى بولسا داۋۇتقا: _ بىز يەھۇدا زېمىنىدا تۇرۇپ، فىلىستىيەلىكلەردىن قورقۇۋاتساق، ئۇلارنىڭ قوشۇنىغا ھۇجۇم قىلغىلى قىيلاھقا بارىمىزمۇ تېخى؟ _ دېيىشتى.

4 داۋۇت يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسىنى سورىدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ سەن قىيلاھقا بارغىن، فىلىستىيەلىكلەرنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرىمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى.

5 شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى قىيلاھقا بېرىپ، فىلىستىيەلىكلەر بىلەن جەڭ قىلىپ، ئۇلارنى قاتتىق مەغلۇپ قىلدى ۋە ئۇلارنىڭ ماللىرىنى تارتىۋالدى. شۇنداق قىلىپ، داۋۇت قىيلاھ ئاھالىسىنى قۇتقۇزدى.


سائۇلنىڭ داۋۇتنىڭ كەينىدىن قوغلىشى

6 ئاخىمەلەكنىڭ ئوغلى ئەبىياتار قىيلاھتا تۇرغان داۋۇتنىڭ يېنىغا قېچىپ بارغاندا، ئۇ ئۆزى بىلەن بىرگە روھانىيلىق پەرتۇقىنى ئېلىۋالغانىدى.

7 سائۇلغا داۋۇت قىيلاھقا كەپتۇ دېگەن خەۋەر يېتىپ كەلگەندە، سائۇل: _ داۋۇت سېپىللىرىغا دەرۋازا ئورنىتىلىپ، بالداق بېكىتىلگەن شەھەرگە كىرىپ سولىنىپ قاپتۇ. بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنى مېنىڭ قولۇمغا تاپشۇرغانلىقى _ دېدى.

8 سائۇل داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنى قورشاۋغا ئېلىش مەقسىتىدە ھەممە لەشكەرلىرىنى قىيلاھقا قاراپ يۈرۈش قىلىشقا بۇيرۇق قىلدى.

9 داۋۇت سائۇلنىڭ ئۆزىنى قەستلەۋاتقانلىقىنى بىلىپ، ئەبىياتارغا: _ روھانىيلىق پەرتۇقىنى ئەكەلگىن، _ دېدى.

10 ئاندىن ئۇ خۇداغا ئىلتىجا قىلىپ، مۇنداق دېدى: _ ئى پەرۋەردىگار، ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا! سائۇلنىڭ مېنى دەپ قىيلاھقا كېلىپ، پۈتۈن شەھەرنى خاراب قىلماقچى بولغانلىقىنى ئېنىق ئاڭلىدىم.

11 قىيلاھنىڭ خەلقى مېنى سائۇلنىڭ قولىغا تاپشۇرارمۇ؟ سائۇل مەن ئاڭلىغاندەك قىيلاھ شەھىرىگە كېلەرمۇ؟ ئى پەرۋەردىگار، ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مەن خىزمەتكارىڭغا يول كۆرسەتكەيسەن! پەرۋەردىگار: _ سائۇل چوقۇم كېلىدۇ، _ دېدى.

12 _ قىيلاھنىڭ خەلقى مېنى ۋە ئادەملىرىمنى سائۇلنىڭ قولىغا تاپشۇرارمۇ؟ _ دېدى داۋۇت يەنە. پەرۋەردىگار: _ چوقۇم تاپشۇرىدۇ، _ دېدى.

13 شۇڭا داۋۇت ۋە ئۇنىڭ تەخمىنەن ئالتە يۈز ئادىمى قىيلاھتىن چىقىپ، ئۇ ياقتىن بۇ ياققا ئايلىنىپ مېڭىپ يۈردى. بەزىلەر بۇ ئەھۋالنى سائۇلغا يەتكۈزدى. سائۇل قىيلاھقا بېرىشتىن ۋاز كەچتى.

14 داۋۇت چۆلدە، تاغلاردا، يەنى زىف چۆلىدىكى غارلاردا يوشۇرۇنۇپ تۇردى. سائۇل داۋۇتنى ھەر كۈنى ئىزدىگەن بولسىمۇ، پەرۋەردىگار ئۇنىڭ داۋۇتنى تۇتۇۋېلىشىغا يول قويمىدى.

15 داۋۇت زىف چۆلىدىكى خوراش دېگەن جايدا تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە، ئۇ سائۇلنىڭ ئۆزىنىڭ جېنىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۆزىنى ئىزدەپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى.

16 سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتان ئۇ يەرگە بېرىپ، داۋۇت بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە ئۇنىڭ خۇداغا بولغان ئىشەنچىنى كۈچەيتتى.

17 يوناتان ئۇنىڭغا، _ قورقما، ئاتام ھېچقاچان ساڭا زىيانكەشلىك قىلالمايدۇ. سەن ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھى بولىسەن، مەن سەندىن قالساملا ئىككىنچى ئورۇندىكى ئادەم بولىمەن. بۇنى ئاتاممۇ ئوبدان بىلىدۇ، _ دېدى.

18 ئۇ ئىككىسى پەرۋەردىگار ئالدىدا چىن دوستلۇق ئۈچۈن ئەھدە قىلدى. يوناتان ئۆيىگە كەتتى، داۋۇت بولسا ئاۋۋالقىدەكلا خوراشتا تۇرۇپ قالدى.

19 زىفلىقلار گىبئاھقا بېرىپ، سائۇل بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇنىڭغا: _ داۋۇت ئارىمىزدا، يەنى يېشىمون چۆلىنىڭ جەنوبىدىكى خاكىلا دېگەن ئېگىزلىككە جايلاشقان خوراشتىكى غارلاردا يوشۇرۇنۇپ يۈرۈپتۇ.

20 ئالىيلىرى، خالىغان چاغلىرىدا يولغا چىقسىلا، داۋۇتنى قوللىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىمىز، _ دېيىشتى.

21 سائۇل: _ ماڭا كۆڭۈل بۆلگىنىڭلار ئۈچۈن، پەرۋەردىگار سىلەرگە بەخت ئاتا قىلسۇن.

22 ئەمدى سىلەر يەنە بېرىپ، ئۇنىڭ قەيەردە تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئۇنى كىمنىڭ كۆرگەنلىكىنى ئېنىقلاپ بېقىڭلار. ماڭا مەلۇم بولۇشىچە ئۇ تولىمۇ قۇۋ ئىكەن.

23 شۇڭا سىلەر ئۇنىڭ ئادەتتە يوشۇرۇنىدىغان يەرلىرىنى ئېنىقلاپ، ماڭا ئېنىق ئۇچۇرنى بېرىڭلار. ئاندىن مەن سىلەر بىلەن بىرگە ئۇ يەرگە بارىمەن. ئەگەر داۋۇت ئۇ يەرلەردە بولسىلا، ئۇنى پۈتۈن يەھۇدالار ئىچىدىن تاپماي قويمايمەن.

24 زىفلىقلار سائۇل يولغا چىقىشتىن زىفقا قايتىپ كەلدى. داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى بولسا مائون چۆلىگە جايلاشقان يېشىموننىڭ جەنوبىدىكى ئارابا رايونىدا ئىدى.

25 سائۇل ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى داۋۇتنى ئىزدەشكە ماڭدى. داۋۇت بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ، مائون چۆلىدىكى بىر تىك تاغنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇ يەردە پاناھلاندى. سائۇل بۇنى ئاڭلاپ، داۋۇتنى قوغلاپ تۇتۇش ئۈچۈن مائون چۆلىگە باردى.

26 سائۇل ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى تاغنىڭ بۇ تەرىپى بىلەن ماڭسا، داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى تاغنىڭ ئۇ تەرىپى بىلەن ماڭاتتى. ئۇلار سائۇل ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تېز قاچاتتى. سائۇل ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئۇلارنى تۇتىمىز دەپ، ھەر تەرەپتىن قورشاۋغا ئالماق بولاتتى.

27 لېكىن بىر ئەلچى كېلىپ سائۇلغا: _ تېز قايتمىسىڭىز بولمىدى، فىلىستىيەلىكلەر يۇرتىمىزغا ھۇجۇم قىلدى _ دېدى.

28 شۇنىڭ بىلەن سائۇل داۋۇتنى قوغلىماي، فىلىستىيەلىكلەر بىلەن ئۇرۇشقىلى قايتتى. شۇ سەۋەبتىن بۇ يەر «قۇتۇلۇش قىياسى» دەپ ئاتالدى.

29 داۋۇت ئۇ يەردىن چىقىپ، ئېنگەدى بوستانلىقىدىكى غارلارغا ئورۇنلاشتى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan