سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىداۋۇتنىڭ سائۇلدىن قېچىپ يۈرۈشى 1 داۋۇت نوب دېگەن شەھەرگە كېلىپ، روھانىي ئاخىمەلەكنىڭ يېنىغا باردى. ئاخىمەلەك ئۇنى قورقۇنچ ئىچىدە كۈتۈۋالدى. _ نېمىشقا يالغۇز كەلدىڭىز، ئادەملىرىڭىز يوقمۇ؟ _ دەپ سورىدى ئاخىمەلەك. 2 داۋۇت: _ پادىشاھ ماڭا بىر ئىشنى بۇيرۇپ: «مەن ساڭا بۇيرۇغان ئىشنى ھېچكىم بىلمىسۇن» دېگەنىدى. شۇڭا مەن ئادەملىرىمگە مەلۇم جايدا ساقلاپ تۇرۇڭلار دەپ تاپىلاپ قويۇپ كەلدىم. 3 يېگۈدەك نېمىڭىز بار؟ بەش نان ياكى باشقا يېگۈدەك نەرسىڭىز بولسا بېرىڭ، _ دېدى. 4 روھانىي: _ مەندە ئادەتتىكى نان يوق، پەقەت مۇقەددەس نانلا بار. سىز ئۇنىڭغا پەقەت ئادەملىرىڭىز يېقىندىن بېرى ئۆزلىرىنى ئايال زاتىدىن نېرى تۇتقان بولسىلا ئېرىشەلەيسىز، _ دەپ جاۋاب بەردى. 5 _ ئەلۋەتتە ئاياللارغا يېقىنلاشمىدۇق، _ دېدى داۋۇت، _ بىز ئادەتتە ۋەزىپىگە ئاتلانغاندا، ئۆزلىرىمىزنى پاك تۇتىمىز. بۇ قېتىم ئالاھىدە ۋەزىپىگە چىققانلىقىمىز ئۈچۈن، تېخىمۇ شۇنداقتۇر. 6 شۇنىڭدىن كېيىن روھانىي باشقا نان بولمىغاچقا، داۋۇتقا مۇقەددەس نانلاردىن بەردى. بۇ نانلار پەرۋەردىگارغا ئاتالغان بولغاچقا، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن، يېڭى نان كەلگەندە، ئۇ يەردىن ئېلىۋېتىلگەنىدى. 7 شۇ كۈنى سائۇلنىڭ ئىدوملۇق پادىچىلار بېشى دوئېگمۇ ئۇ يەردە بولۇپ، ئۇ پاكلىنىش مەرىكىسى ئۈچۈن كەلگەنىدى. 8 داۋۇت ئاخىمەلەك: _ سىزدە قىلىچ ياكى نەيزە بارمۇ؟ پادىشاھنىڭ تاپشۇرۇقى جىددىي بولغاچقا، يېنىمغا يا قىلىچ، يا نەيزە ئېلىۋالماپتىمەن _ دېدى. 9 _ سىز ئېلاھ جىلغىسىدا ئۆلتۈرگەن فىلىستىيەلىك گولياتنىڭ قىلىچى بۇ يەردە، يەنى روھانىيلىق پەرتۇقى قويۇلغان جاينىڭ كەينىدە ماتاغا يۆگەكلىك تۇرىدۇ. خالىسىڭىز شۇنى ئېلىڭ، ئۇنىڭدىن باشقا قورال-ياراغ يوق، _ دېدى روھانىي. داۋۇت: _ ئۇنىڭدىن ياخشى قىلىچ يوق، شۇنى ماڭا بېرىڭ، _ دېدى. داۋۇتنىڭ فىلىستىيەلىكلەرنىڭ شەھىرى گاتقا قېچىشى 10 شۇ كۈنى داۋۇت سائۇلدىن قېچىپ، گاتنىڭ پادىشاھى ئاكىشنىڭ يېنىغا باردى. 11 پادىشاھ ئاكىشنىڭ ئەمەلدارلىرى ئۇنىڭغا: _ بۇ ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھى داۋۇتقۇ؟ ئىسرائىلىيەدىكى ئاياللار: «سائۇل قىردى مىڭلاپ-مىڭلاپ، داۋۇت قىردى تۈمەن-تۈمەنلەپ» دەپ ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناشمىغانمىدى؟ _ دېدى. 12 داۋۇت بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، گاتنىڭ پادىشاھى ئاكىشنىڭ ئۆزىگە زىيانكەشلىك قىلىشىدىن بەك قورقتى. 13 شۇڭا ئۇ ئۇلار بار يەردە ئەتەي ساراڭلىق قىلىپ، شەھەر دەرۋازىسىغا قالايمىقان يېزىپ-سىزىپ، ساقىلىغا شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىپ يۈردى. 14 ئاكىش ئەمەلدارلىرىغا: _ قاراڭلار، بۇ ئادەم ساراڭ ئىكەن، نېمىدەپ ئۇنى مېنىڭ قېشىمغا ئېلىپ كەلدىڭلار؟ 15 ماڭا ساراڭ كەم بولۇپ قاپتىمۇ؟ ئۇنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا ساراڭلىق قىلىپ بەرسۇن، دەپ ئېلىپ كەلدىڭلارمۇ؟ بۇ ئادەمنى ئوردامدىن يىراق قىلىڭلار! _ دېدى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti