سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 20 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىيوناتاننىڭ داۋۇتقا ياردەم بېرىشى 1 داۋۇت راماھتىكى نايوتتىن قېچىپ چىقىپ، يوناتاننىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: _ مەن نېمە قىلىپتىمەن، نېمە گۇناھىم بار ئىكەن، ئاتاڭ جېنىمنى ئالغۇدەك، ئۇنىڭ ئالدىدا نېمە خاتالىق ئۆتكۈزۈپتىمەن؟ _ دېدى. 2 يوناتان: _ خۇدا ساقلىسۇن، سەن ئۆلتۈرۈلمەيسەن. مەيلى چوڭ، مەيلى كىچىك ئىش بولسۇن، ئاتام ماڭا بىلدۈرمەي ئىش قىلمايدۇ. شۇنداق ئىكەن، ئۇ بۇ ئىشنى نېمىشقا مەندىن يوشۇرسۇن؟ سەن دېگەندەك بولمايدۇ، _ دېدى. 3 داۋۇت مۇنداق دېدى: _ قەسەم قىلىمەنكى، ئاتاڭ سېنىڭ مېنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭنى ئوبدان بىلىدۇ. شۇڭا ئۇ ئىچىدە: «بۇنى يوناتانغا بىلدۈرمەي، بولمىسا ئۇ ئازابلىنىدۇ» دەپ ئويلىدى. مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ۋە سېنىڭ جېنىڭ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۆلۈمگە پەقەت بىر قەدەملا يىراقتىمەن، _ دېدى. 4 يوناتان داۋۇتقا: _ سەن نېمە قىل دېسەڭ، شۇنى قىلاي، _ دېدى. 5 داۋۇت ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ ئەتە يېڭى ئاي بايرىمى، مەن پادىشاھنىڭ داستىخىنىدا بولۇشقا مەجبۈرمەن. شۇڭا سەن مېنىڭ ئۆگۈن ئاخشامغىچە دالادا يوشۇرۇنۇپ تۇرۇشۇمغا رۇخسەت قىلغىن. 6 مۇبادا ئاتاڭ مېنىڭ داستىخاندا يوقلۇقۇمنى بىلىپ سوراپ قالسا، سەن: «داۋۇت ماڭا يالۋۇرۇپ: ‹ماڭا ئۆز شەھىرىم بەيتلەھەمگە تېز بېرىشىمغا ئىجازەت بەرگىن، چۈنكى ئۇ يەردە پۈتۈن ئۇرۇق-جەمەتىمىز بىرلىكتە يىللىق قۇربانلىق قىلاتتۇق› دېگەنىدى» دەپ ئېيتقىن. 7 ئەگەر ئۇ: «ئوبدان بوپتۇ!» دېسە، مەن تىنچ-ئامان قالىمەن؛ ئەگەر ئۇ قاتتىق خاپا بولسا، بىلگىنكى، ئۇ ماڭا قەتئىي زىيانكەشلىك قىلىش نىيىتىگە كەلگەن بولىدۇ. 8 پەرۋەردىگار ئالدىدا قىلغان دوستلۇق ئەھدىمىزنى ئېسىڭگە ئېلىپ، ماڭا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەيسەن. لېكىن مەندە گۇناھ بار دەپ قارىساڭ، مېنى ئاتاڭغا تۇتۇپ بەرمەي، ئۆزۈڭلا ئۆلتۈرۈۋەتكىن. 9 _ خۇدا ساقلىسۇن، _ دېدى يوناتان، _ ئەگەر مەن ئاتامنىڭ ساڭا زىيانكەشلىك قىلىش نىيىتى بارلىقىنى بىلسەم، ساڭا ئېيتماسمەنمۇ؟ 10 _ ئەگەر ئاتاڭ قاتتىق غەزەپلەنسە، كىم ماڭا خەۋەر بېرىدۇ؟ _ دېدى داۋۇت. 11 _ يۈرە، دالاغا چىقايلى، _ دېدى يوناتان ۋە ئىككىسى دالاغا چىقىپ كەتتى. 12 ئاندىن ئۇ داۋۇتقا: _ پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ماڭا گۇۋاھ بولسۇنكى، ئەتە ياكى ئۆگۈنلۈككە ئالاھازەل مۇشۇ ۋاقىتتا ئاتامنىڭ نىيىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىپ كېلىمەن. ئەگەر ئاتام ساڭا ياخشى نىيەتتە بولسا، مەن ساڭا خەۋەر بېرىمەن. 13 ئەگەر ئۇ ساڭا زىيانكەشلىك قىلىش نىيىتىدە بولسا، لېكىن مەن ساڭا خەۋەردار قىلماي، سېنىڭ ئامان-ئېسەن قېچىشىڭغا ياردەم قىلمىسام، پەرۋەردىگار مېنى قاتتىق جازالىسۇن! پەرۋەردىگار ئىلگىرى ئاتامغا يار بولغاندەك ساڭىمۇ يار بولسۇن! 14 پەرۋەردىگار ماڭا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكىنىدەك، سەنمۇ ھاياتىمنىڭ ئاخىرىغىچە ھەر دائىم ماڭا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكىن. ئەگەر مەن ئۆلۈپ كەتسەم، 15 پەرۋەردىگار ھەتتا بارلىق دۈشمەنلىرىڭنى يەر يۈزىدىن يوقاتقان تەقدىردىمۇ، سەن مېھىر-مۇھەببىتىڭنى ئەۋلادلىرىمدىن مەڭگۈگە ئۈزمىگىن، _ دېدى ۋە 16 داۋۇت بىلەن ئەھدە قىلدى. يوناتان يەنە: _ ئەگەر ئەۋلادلىرىڭ ئەھدىمىزگە ۋاپاسىزلىق قىلسا، پەرۋەردىگار ئۇلاردىن ھېساب ئالغاي، _ دېدى. 17 يوناتان داۋۇتنى ئۆزىنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرگەچكە، ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان دوستلۇقىنى يەنە بىر قېتىم تەستىقلىتىش ئۈچۈن ئۇنى قەسەم قىلدۇردى. 18 يوناتان داۋۇتقا مۇنداق دېدى: _ ئەتە يېڭى ئاي بايرىمى، داستىخاندىكى ئورنۇڭ بوش قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر سېنىڭ يوقلۇقۇڭنى بىلىپ قالىدۇ. 19 ئۆگۈنلۈككە سەن ئىلگىرى يوشۇرۇنغان يەرگە بېرىپ، تاش دۆۋىلىرىنىڭ ئارقىسىدا ساقلاپ تۇرغىن. 20 مەن تاش دۆۋىلىرىنىڭ يېنىغا خۇددى بىر نىشانغا ئاتقاندەك ئۈچ قېتىم يا ئوقى ئاتىمەن. 21 ئاندىن مەن خىزمەتكار بالىغا: «سەن بېرىپ يا ئوقلىرىنى تاپقىن» دەيمەن. ئەگەر مەن ئۇنىڭغا: «قارا، يا ئوقلىرى سېنىڭ يېنىڭدا، ئۇلارنى ئەكەلگىن» دېسەم، سەن چىقساڭ بولىدۇ. مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سەن ئامان قالىسەن، ساڭا خەۋپ-خەتەر كەلمەيدۇ. 22 ئەگەر مەن خىزمەتكار بالىغا: «قارا، يا ئوقلىرى سېنىڭ ئالدىڭدا» دېسەم، سەن كەتكىن. چۈنكى ئۇ چاغدا پەرۋەردىگار سېنى يولغا سالغان بولىدۇ. 23 بىزنىڭ قىلغان ئەھدىمىزگە پەرۋەردىگار مەڭگۈ گۇۋاھ بولسۇن. 24 شۇنداق قىلىپ، داۋۇت دالاغا بېرىپ يوشۇرۇندى. يېڭى ئاي بايرىمىدا پادىشاھ غىزالانغىلى داستىخانغا ئولتۇردى. 25 ئۇ ئادىتى بويىچە تام يېنىدىكى ئورۇندىن جاي ئالدى. يوناتان پادىشاھنىڭ ئۇدۇلىدا، ئابنېر پادىشاھنىڭ يېنىدا ئولتۇردى. داۋۇتنىڭ ئورنى بولسا بوش قالدى. 26 لېكىن پادىشاھ ئۇ كۈنى ھېچنېمە دېمىدى. ئەمما كۆڭلىدە: «بەلكىم ئۇ ناپاك بىر ئىش قىلىپ قالغاندۇ، ئۇ چوقۇم پاك ئەمەس» دەپ، ئويلاپ ئولتۇردى. 27 يېڭى ئاي بايرىمىنىڭ ئىككىنچى كۈنىمۇ داۋۇتنىڭ ئورنىنىڭ بوش تۇرغانلىقىنى كۆرگەن سائۇل يوناتاندىن: _ يىشاينىڭ ئوغلى نېمىشقا تۈنۈگۈنمۇ، بۈگۈنمۇ غىزاغا كەلمىدى؟ _ دەپ سورىدى. 28 يوناتان مۇنداق جاۋاب بەردى: _ داۋۇت بەيتلەھەمگە بارسام دەپ، مەندىن رۇخسەت سوراپ يالۋۇردى. 29 ئۇ ماڭا: «ماڭا ئىجازەت بەرگىن، چۈنكى ئۇ شەھەردە ئۇرۇق-جەمەتىمىز بىلەن بىرگە قۇربانلىق قىلاتتۇق، ئاكام بېرىشىمنى بۇيرۇغانىدى. ماڭا ئىلتىپات كۆرسىتىپ، ئاكىلىرىم بىلەن كۆرۈشۈشۈمگە ئىجازەت بەرگىن» دېدى. شۇ سەۋەبتىن ئۇ پادىشاھىمىز بىلەن ھەمداستىخان بولالمىدى. 30 سائۇل يوناتانغا قاتتىق غەزەپلىنىپ: _ ھەي بۇزۇق، ئاسىي خوتۇننىڭ بالىسى، مېنى سېنىڭ يىشاينىڭ ئوغلى بىلەن بىر تەرەپتە تۇرۇۋاتقانلىقىڭنى بىلمەيدۇ دەمسەن؟ سەن بۇ قىلىقىڭ بىلەن ئۆزۈڭنى ۋە سېنى تۇغقان ئاناڭنى شەرمەندە قىلىۋاتىسەن. 31 يىشاينىڭ ئوغلى دۇنيادا ھاياتلا بولىدىكەن، سەن ئۆزۈڭنىمۇ، پادىشاھلىقىڭنىمۇ ساقلاپ قالالمايسەن. شۇڭا سەن ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنى تۇتۇپ، ئالدىمغا ئەكەل، ئۇ ئۆلۈشى كېرەك، _ دېدى. 32 _ ئۇ نېمىشقا ئۆلۈشى كېرەك، ئۇ نېمە گۇناھ قىلدى؟ _ دېدى يوناتان ئاتىسى سائۇلغا. 33 سائۇل بۇ گەپنى ئاڭلاپ، ئوغلى يوناتاننى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن نەيزىنى ئۇنىڭغا قارىتىپ ئاتتى. يوناتان ئاتىسىنىڭ داۋۇتنى قەتئىي ئۆلتۈرۈش نىيىتىدە ئىكەنلىكىنى بىلدى. 34 يوناتان قاتتىق ئاچچىقلىنىپ، داستىخاندىن ئىرغىپ تۇرۇپ، كېتىپ قالدى. ئۇ ئاتىسىنىڭ داۋۇتنى ھاقارەتلىگەنلىكىدىن كۆڭلى غەش بولدى. ئۇ يېڭى ئاي بايرىمىنىڭ ئىككىنچى كۈنى بىر كۈن غىزا يېمىدى. 35 يوناتان ئەتىسى ئەتىگەندە داۋۇت بىلەن پۈتۈشۈپ قويغان ۋاقىتتا بىر بالىنى ئەگەشتۈرۈپ دالاغا باردى. 36 ئۇ بالىغا: _ بارغىن، مەن ئاتقان يا ئوقىنى تېپىپ ئەكەلگىن _ دېدى. بالا يۈگۈرۈپ كەتتى. يوناتان يا ئوقىنى كېتىۋاتقان بالىنىڭ ئالدىغا ئاتتى. 37 بالا يا ئوقى چۈشكەن يەرگە بارغانىدى، يوناتان ئۇنىڭغا: _ يا ئوقى سېنىڭ ئالدىڭدا، 38 تېز يۈگۈر، توختاپ قالما، _ دەپ توۋلىدى. بالا يا ئوقلىرىنى يىغىپ خوجايىنىغا ئەكېلىپ بەردى. 39 بالا ھېچ نەرسىدىن خەۋەرسىز ئىدى. ئېيتىلغان سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى پەقەتلا يوناتان بىلەن داۋۇت بىلەتتى. 40 يوناتان ئۆزىنىڭ ئوقياسىنى بالىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: _ بۇلارنى ئېلىپ، شەھەرگە كىرىپ كەتكىن، _ دېدى. 41 بالا كەتكەندىن كېيىن، داۋۇت تاش دۆۋىلىرىنىڭ ئارقىسىدىن چىقىپ، يەرگە باش قويۇپ، ئۈچ قېتىم تەزىم قىلدى. ئىككىسى قۇچاقلىشىپ يىغلاشتى، داۋۇت بولسا قاتتىق يىغلاپ كەتتى. 42 يوناتان داۋۇتقا: _ بىز پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ، «پەرۋەردىگار ئىككىمىزنىڭ ۋە ئەۋلادلىرىمىزنىڭ دوستلۇقىغا مەڭگۈ گۇۋاھ بولسۇن» دېگەنىدۇق. ئەمدى سەن يولۇڭغا ماڭغىن، ئامان-ئېسەن بولغىن! _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن داۋۇت كەتتى، يوناتانمۇ شەھەرگە قايتتى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti