سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىھاننانىڭ پەرۋەردىگارغا ئوقۇغان مەدھىيەسى 1 ھاننا مەدھىيە ئوقۇپ، مۇنداق دېدى: «ئى پەرۋەردىگار، شادلاندۇردىڭ قەلبىمنى، رۇسلىدىڭ قەددىمنى. دۈشمەنلىرىم ئالدىدا ماختىنار بولدۇم، يايرىدىم سەن بەرگەچ نىجاتلىقىڭنى. 2 پەرۋەردىگار يېگانە ۋە مۇقەددەستۇر، ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ تەڭدىشىڭ يوقتۇر. خۇدايىمىزدەك پاناھگاھ قورام تاش يوقتۇر. 3 ئارتۇق سۆزلىمەڭلار بېرىلىپ كىبىرلىككە، ئاغزىڭلاردىن چىقمىسۇن تەكەببۇرلۇق سۆزلەر يەنە. چۈنكى پەرۋەردىگار ھەممىنى بىلگۈچى خۇدادۇر، قىلغان ئەمەللەرنى ئۇ تارتار تارازىدا. 4 كۈچلۈكلەرنىڭ يالىرى سۇنار، ئاجىزلار قۇدرەت كەمىرىنى باغلار. 5 بىر بۇردا نان ئۈچۈن مەدىكاردۇر بۇرۇن توق بولغانلار، بۇنىڭدىن كېيىن ئاچ قالماس، ئاچ قالغانلار. تۇغماس ئايال يەتتىنى تۇغار، كۆپ بالىلىق ئايال ئەمدى مۇسىبەتتە قالار. 6 جاننى ئالغۇچىمۇ، بەرگۈچىمۇ پەرۋەردىگاردۇر، گۆرگە چۈشۈرگۈچىمۇ، ئېلىپ چىققۇچىمۇ ئۇنىڭ ئۆزىدۇر. 7 نامرات قىلغۇچىمۇ، باي قىلغۇچىمۇ پەرۋەردىگاردۇر. خار قىلغۇچى ھەم ئەزىز قىلغۇچىمۇ ئۇنىڭ ئۆزىدۇر. 8 ئۇ قۇتقۇزار يوقسۇللارنى يوقسۇللۇق توزانىدىن، ئېلىپ چىقار ئۇ موھتاجلارنى موھتاجلىق ئەۋرىزىدىن. ئولتۇرغۇزار ئۇلارنى شاھزادىلەر قېشىغا، ھەتتا مۇيەسسەر قىلار ئۇلارنى شان-شۆھرەت ئورنىغا. چۈنكى پەرۋەردىگارغا مەنسۇپتۇر زېمىننىڭ ئۇللىرى، ئۇ قويغاندۇر ئۇلارنىڭ ئۈستىگە دۇنيانى. 9 ئۇ ئۆز تەقۋادارلىرىنىڭ يوللىرىنى قوغدار، نۇسرەت تاپالماس ئىنسان ئۆز قۇدرىتى بىلەن، يامانلار قاراڭغۇلۇقتا جىمىقتۇرۇلار. 10 پەرۋەردىگارغا قارشىلىق قىلغۇچىلار بىتچىت قىلىنار، ئۇ ئۆزى ئاسماندىن ئۇلارغا چاقماق چۈشۈرەر. پەرۋەردىگار پۈتكۈل دۇنيانى سوراق قىلار. ئۆزى تىكلىگەن پادىشاھقا كۈچ ئاتا قىلار، ئۆزى تاللىغان پادىشاھنىڭ قۇدرىتىنى ئاشۇرار.» 11 كېيىن ئەلقانالار راماھقا قايتىپ كەتتى. لېكىن بالا سامۇئىل پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولۇش ئۈچۈن روھانىي ئەلىنىڭ ھۇزۇرىدا قالدى. روھانىي ئەلىنىڭ ئوسال ئوغۇللىرى 12 روھانىي ئەلىنىڭ ئوغۇللىرى ئوسال بولۇپ، پەرۋەردىگارغا بىپەرۋا ئىدى. 13 ئۇلار پەرۋەردىگار ۋە روھانىيلارنىڭ خەلققە مۇناسىۋەتلىك بولغان بەلگىلىمىلىرىگە بويسۇنمايتتى. بىر كىشى قۇربانلىق قىلسا، گۆش تېخى داش قازاندا قايناۋاتقاندا، ئۇلارنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۈچ چىشلىق ئارا تۇتۇپ كېلىپ، 14 ئۇنى گۆشكە سانجىيتتى. ئارىغا نېمە سانجىسا، شۇنى «روھانىيغا تەۋە» دەپ ئېلىپ كېتەتتى. ئۇلار شىلوغا قۇربانلىق قىلغىلى كەلگەن ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسىگە شۇنداق قىلاتتى. 15 ھەتتا قۇربانلىقنىڭ يېغى كۆيدۈرۈلمەي تۇرۇپلا، ئۇلارنىڭ خىزمەتكارى كېلىپ، قۇربانلىق قىلغۇچىغا: «روھانىيغا كاۋاپ قىلىش ئۈچۈن گۆش بەر، ئۇ سەندىن سۇدا پىشۇرۇلغان گۆشنى ئەمەس، بەلكى خام گۆشنى ئېلىشنى خالايدۇ» دەيتتى. 16 ئەگەر قۇربانلىق قىلغۇچى: «ئالدى بىلەن قۇربانلىقنىڭ مېيى كۆيدۈرۈلسۇن، ئۇنىڭدىن كېيىن خالىغىنىڭچە ئېلىۋەر» دېسە، ئۇلارنىڭ خىزمەتكارى: «ياق، ھازىرلا بەر! بولمىسا بۇلاپ ئالىمەن!» دەيتتى. 17 روھانىي ئەلىنىڭ بۇ ئىككى ئوغلىنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىكى گۇناھى تولىمۇ ئېغىر ئىدى. چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارغا سۇنۇلغان قۇربانلىققا شۇنداق ھۆرمەتسىزلىك قىلىشاتتى. 18 ئۇ چاغدا سامۇئىل تېخى بالا ئىدى. ئۇ زىغىر رەختتىن تىكىلگەن روھانىيلىق پەرتۇقىنى تاقاپ، پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولاتتى. 19 ئانىسى ئۇنىڭغا ھەر يىلى بىر كىچىك پەرىجە تىكىپ، ئېرى بىلەن يىللىق قۇربانلىق قىلىشقا بارغىنىدا ئالغاچ باراتتى. 20 روھانىي ئەلى ئەلقانا ۋە ئۇنىڭ ئايالىغا بەخت تىلەيتتى ۋە ئەلقاناغا: _ پەرۋەردىگاردىن تىلەپ ئالغان ھەم ئۇنىڭغا بېغىشلىغان ئوغلۇڭنىڭ ئورنىغا پەرۋەردىگار بۇ ئايالىڭدىن يەنە ساڭا پەرزەنتلەر ئاتا قىلغاي، _ دەپ دۇئا قىلاتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار ئۆيىگە قايتاتتى. 21 پەرۋەردىگار ھانناغا شاپائەت قىلدى. ئۇ ھامىلىدار بولۇپ، ئۈچ ئوغۇل، ئىككى قىز تۇغدى. ئۇ چاغدا سامۇئىل پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ، كۈندىن-كۈنگە چوڭ بولدى. ئەلىنىڭ ئوغۇللىرىنى ئەيىبلىشى 22 ئەلى ناھايىتى قېرىپ كەتكەنىدى. ئۇ ئىككى ئوغلىنىڭ ئىسرائىل خەلقىگە قىلغان ئەسكىلىكلىرىنى، ھەتتا ئۇلارنىڭ «پەرۋەردىگار بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرى» ئالدىدا خىزمەت قىلىدىغان ئاياللار بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ تۇراتتى. 23 ئەلى ئۇلارغا: _ سىلەر نېمىشقا بۇنداق يامان ئىشلارنى قىلىسىلەر؟ ھەممەيلەندىن سىلەرنىڭ قىلغان ئەسكىلىكىڭلارنى ئاڭلاپ تۇرۇۋاتىمەن. 24 ئەي ئوغۇللىرىم، بۇنداق قىلماڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى ئارىسىدا يامان نامىڭلارنىڭ تارقىلىپ يۈرگەنلىكىنى ئاڭلىدىم! 25 ئەگەر بىر كىشى يەنە بىر كىشىگە قارشى گۇناھ ئۆتكۈزسە، خۇدا ئۇنىڭغا مۇرەسسەچى بولىدۇ. لېكىن بىر كىشى پەرۋەردىگارغا قارشى گۇناھ ئۆتكۈزسە، ئۇنىڭغا كىممۇ مۇرەسسەچى بولالىسۇن؟ _ دېدى. لېكىن ئۇلار ئاتىسىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدى، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى ئىدى. 26 بالا سامۇئىل كۈندىن-كۈنگە پەرۋەردىگارنىڭ ۋە كىشىلەرنىڭ زوقىنى كەلتۈرۈپ، چوڭ بولدى. 27 بىر كۈنى بىر پەيغەمبەر روھانىي ئەلىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ پەرۋەردىگار دەيدۇكى، ئىسرائىللار پىرئەۋنگە قۇل بولۇپ يۈرگەندە، مەن ئەجدادىڭ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ جەمەتىگە ئۆزۈمنى زاھىر قىلغانىدىم. 28 مەن ئۇنى ئىسرىق كۆيدۈرۈپ، قۇربانلىق سۇپامدا قۇربانلىق قىلسۇن، ئالدىمدا روھانىي تاقايدىغان پەرتۇق تاقاپ، ماڭا روھانىي بولسۇن دەپ، ئىسرائىللارنىڭ بارلىق قەبىلىلىرى ئىچىدىن تاللىۋالغانىدىم. شۇنىڭدەك ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا ئۇلارنىڭ ئۈلۈشى بولسۇن دەپ، ئىسرائىللارنىڭ ھەممە قۇربانلىقلىرىدىن بەرگەنىدىم. 29 شۇنداق ئىكەن، يەنە نېمە ئۈچۈن سەن ۋە ئوغۇللىرىڭ مەن ئىبادەتگاھىم ئۈچۈن بۇيرۇغان قۇربانلىق ۋە ھەدىيەلەرنى كۆزگە ئىلمايسىلەر؟ ئەلى، سەن نېمىشقا ئوغۇللىرىڭنى مەندىن ئارتۇق كۆرىسەن؟ نېمە ئۈچۈن خەلقىم سۇنغان قۇربانلىقلارنىڭ ياخشى يەرلىرىنى ئېلىپ كېتىپ، ئۆزۈڭلارنى سەمرىتىسىلەر؟! 30 شۇڭا پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ساڭا مۇنداق دەيدۇ: «ھەقىقەتەنمۇ ئەجدادلىرىڭ ۋە ئەۋلادلىرىنىڭ مەڭگۈ روھانىي بولۇپ، خىزمىتىمدە بولىدىغانلىقىغا ۋەدە قىلغانىدىم. بىراق مەن پەرۋەردىگار ھازىر شۇنى ئېيتىمەنكى، ئەمدى بۇنداق بولمايدۇ. مېنى ھۆرمەتلىگەنلەرنى ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىمەن، مېنى كەمسىتكەنلەرنى خورلۇققا قالدۇرىمەن. 31 مانا، شۇنداق كۈنلەر يېقىنلاشماقتا. ئاتاڭنىڭ جەمەتىدىن بولغانلارنى ئەجىلىدىن بالدۇر ھالاك قىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن جەمەتىڭدىن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغان ئادەم چىقمايدۇ. 32 مەن ئىسرائىل خەلقىگە بەخت ئاتا قىلغانلىقىمنى كۆرۈپ، ھەسەت قىلىپ ئازابلىنىسەن. سېنىڭ جەمەتىڭدىن ھېچكىم ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرمەيدۇ. 33 لېكىن ئەۋلادىڭدىن بىرسىنى روھانىيلىق قىلىشقا قالدۇرىمەن. ئەمما ئۇنىڭ كۆزىدىن ياش قۇرۇمايدۇ، قايغۇدا ئۆتىدۇ. ئەۋلادلىرىڭنىڭ ھەممىسى ياش ئۆلۈپ كېتىدۇ. 34 ئىككى ئوغلۇڭ بولغان خوفنى بىلەن پىنىخاس بىر كۈندە ئۆلىدۇ. بۇ ساڭا ئېيتقانلىرىمنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالىدۇ. 35 مەن ئۆزۈمگە سادىق بىر روھانىي تەيىنلەيمەن. ئۇ خاھىشىم ۋە ئىرادەم بويىچە ماڭا خىزمەت قىلىدۇ. روھانىيلىق قىلىشنى ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا بەخشەندە قىلىمەن. ئۇلار مەن تاللىغان پادىشاھ ئالدىدا مەڭگۈ خىزمەت قىلىدۇ. 36 سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭدىن ھايات قالغانلار بىر كۈمۈش تەڭگە ياكى بىر بۇردا نانغا زار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلىدۇ ۋە ئۇلارغا: ‹ئۆتۈنۈپ قالاي، ماڭا بىرەر روھانىيلىق خىزمىتىنى بەرسىڭىز، يېمەك-ئىچمىكىم ھەل بولسۇن› دەپ يالۋۇرۇپ، تەزىم قىلىدۇ.» |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti