سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىسائۇلنىڭ داۋۇتنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇشى 1 سائۇل ئوغلى يوناتان ۋە ھەممە ئەمەلدارلىرىغا داۋۇتنى ئۆلتۈرۈشنى تاپىلىدى. لېكىن سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتان داۋۇتقا قەۋەتلا ئامراق ئىدى. 2 يوناتان داۋۇتقا: _ ئاتام سائۇل سېنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇۋاتىدۇ. ئەتە ئەتىگەندە پەخەس بولغىن، دالاغا بېرىپ، بىرەر مەخپىي يەرگە يوشۇرۇنۇۋالغىن. 3 مەن ئاتام بىلەن دالادىكى سەن يوشۇرۇنۇۋالغان يەرگە بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن سەن توغرۇلۇق پاراڭلىشىپ تۇرىمەن، ئەھۋالغا قاراپ، ساڭا خەۋەر بېرىمەن، _ دېدى. 4 ئەتىسى يوناتان ئاتىسى بىلەن سۆزلىشىپ تۇرغاندا، داۋۇتنى ماختاپ: _ شاھ ئاتا، ئۆز خىزمەتكارىڭىز داۋۇتقا يامانلىق قىلمىسىڭىز، ئۇ سىزگە يامانلىق قىلمىغان تۇرسا، يەنە كېلىپ ئۇنىڭ قىلغان ھەربىر ئىشى سىزگە كۆپ پايدا ئېلىپ كەلدى. 5 ئۇ جېنىنى تىكىپ قويۇپ، ھېلىقى فىلىستىيەلىكنى ئۆلتۈردى. پەرۋەردىگار ئۇ ئارقىلىق ئىسرائىللارنى چوڭ غەلىبىگە ئېرىشتۈردى. شۇ چاغدا سىز بۇلارنى كۆرۈپ خۇشال بولغانىدىڭىز. ئەمدى نېمىشقا بىكاردىن-بىكار بىگۇناھ داۋۇتنىڭ قېنىنى تۆكۈپ، ئۆزىڭىزنى گۇناھكار قىلماقچى بولىسىز؟ _ دېدى. 6 سائۇل يوناتاننىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، قەسەم قىلىپ: _ مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، داۋۇت ئۆلتۈرۈلمەيدۇ، _ دېدى. 7 شۇنىڭدىن كېيىن يوناتان داۋۇتنى چاقىرىپ كېلىپ، بولغان سۆزلەرنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ بەردى، شۇنداقلا ئۇنى سائۇلنىڭ ئالدىغا باشلاپ باردى. داۋۇت ئاۋۋالقىدەكلا سائۇلنىڭ خىزمىتىدە بولدى. 8 ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە ئۇرۇش بولدى. داۋۇت قوشۇن باشلاپ چىقىپ، فىلىستىيەلىكلەر بىلەن جەڭ قىلىپ، ئۇلارنى قاتتىق مەغلۇپ قىلدى. ئاخىرىدا فىلىستىيەلىكلەر قېچىپ كېتىشتى. 9 بىر كۈنى سائۇل ئۆيىدە قولىغا نەيزە ئېلىپ ئولتۇراتتى، ئۇنىڭغا پەرۋەردىگاردىن ئازاب روھى كەلدى. داۋۇت ئۇنىڭغا لىرا چېلىپ بېرىۋاتاتتى. 10 شۇ چاغدا سائۇل داۋۇتقا نەيزە سانجىپ، ئۇنى تامغا مىخلاپ قويماقچى بولدى. داۋۇت ئۆزىنى چەتكە ئالدى، نەيزە بولسا تامغا كىرىپ كەتتى. داۋۇت شۇ كۈنى كېچىدە ئۆيىگە قېچىپ كەتتى. مىكالنىڭ داۋۇتنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇشى 11 سائۇل داۋۇتنى كۆزىتىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۆيگە ئادەم ئەۋەتتى. چۈنكى داۋۇتنى تاڭ ئېتىشى بىلەنلا ئۆلتۈرۈۋەتمەكچىدى. ئايالى مىكال داۋۇتقا: _ بۈگۈن كېچە جېنىڭىزنى ئېلىپ قاچمىسىڭىز، ئەتە ئۆلتۈرۈلىسىز، _ دېدى. 12 شۇنداق قىلىپ، ئايالى داۋۇتنى دېرىزىدىن قاچۇرۇۋەتتى، داۋۇت قېچىپ قۇتۇلدى. 13 مىكال بىر بۇتنى تۆشەككە ياتقۇزۇپ، بېشىغا ئۆچكە تىۋىتىدىن توقۇلغان ياستۇقنى قويۇپ، ئۈستىگە كىيىملەرنى يېپىپ قويدى. 14 سائۇل تەرىپىدىن داۋۇتنى تۇتۇشقا ئەۋەتىلگەن ئادەملەر كەلگەندە، مىكال ئۇلارغا: _ ئۇ ئاغرىپ قالدى، _ دېدى. 15 لېكىن سائۇل ئادەملىرىنى يەنە ئەۋەتىپ، ئۇلارغا: _ ئۇنى ياتقان تۆشىكى بىلەنلا كۆتۈرۈپ كېلىڭلار، مەن ئۇنى ئۆلتۈرىمەن، _ دېدى. 16 سائۇل ئەۋەتكەن ئادەملەر ئۆيگە كىرىپ، تۆشەكتە ياتقان بۇتنى ۋە بۇتنىڭ بېشىغا قويۇلغان ئۆچكە تىۋىتىدىن توقۇلغان ياستۇقنى كۆردى. 17 شۇنىڭ بىلەن سائۇل مىكالغا: _ سەن نېمىشقا مېنى ئالداپ، دۈشمىنىمنى قاچۇرۇۋېتىسەن؟ _ دېدى. مىكال: _ ئۇ ماڭا: «قېچىشىمغا ياردەم قىل، بولمىسا سېنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن» دېدى، _ دەپ جاۋاب بەردى. 18 داۋۇت قېچىپ قۇتۇلغاندىن كېيىن، راماھقا كېلىپ، سامۇئىل بىلەن كۆرۈشۈپ، سائۇلنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى سۆزلەپ بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن سامۇئىل بىلەن بىرگە نايوتقا بېرىپ، ئۇ يەردە تۇردى. 19 سائۇل داۋۇتنىڭ راماھتىكى نايوتتا تۇرۇۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپتى. 20 شۇنىڭ بىلەن سائۇل داۋۇتنى تۇتۇپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتتى. ئۇلار ئۇ يەرگە يېتىپ بارغاندا، سامۇئىلنىڭ يېتەكچىلىكىدە ھاياجانلانغان ھالدا زىكىر قىلىۋاتقان بىر توپ پەيغەمبەرلەرنى كۆردى. شۇ چاغدا خۇدانىڭ روھى سائۇلنىڭ ئادەملىرىگىمۇ چۈشتى ۋە ئۇلارمۇ ھاياجانلانغان ھالدا زىكىر قىلىشقا باشلىدى. 21 سائۇل بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ يەنە ئادەم ئەۋەتتى. ئۇلارمۇ ھاياجانلانغان ھالدا زىكىر قىلىشىپ كەتتى. سائۇل ئۈچىنچى قېتىم ئادەم ئەۋەتكەندە، ئۇلار ھەم شۇنداق قىلىشتى. 22 ئاندىن كېيىن سائۇلنىڭ ئۆزى راماھقا قاراپ يول ئېلىپ، سېكۇدىكى چوڭ قۇدۇقنىڭ بېشىغا يېتىپ كەلدى. ئۇ كىشىلەردىن: _ سامۇئىل بىلەن داۋۇت نەدە، _ دەپ سورىدى. بىرەيلەن: _ راماھتىكى نايوتتا، _ دەپ جاۋاب بەردى. 23 شۇنىڭ بىلەن سائۇل راماھتىكى نايوتقا قاراپ ماڭدى. پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۇنىڭغىمۇ چۈشتى. ئۇ تاكى راماھتىكى نايوتقىچە ھاياجانلانغان ھالدا زىكىر قىلىپ باردى. 24 ئۇ راموتقا بارغاندىن كېيىن، ئۇمۇ كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ، بىر كېچە-كۈندۈز سامۇئىلنىڭ ئالدىدا ھاياجانلانغان ھالدا زىكىر قىلدى. ئۇ يىقىلغان پېتى يالىڭاچ ياتتى. شۇنىڭدىن كېيىن «سائۇلمۇ پەيغەمبەرلەردىنمىدۇ؟» دېگەن سۆز كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا تارقالدى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti