سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىيوناتاننىڭ داۋۇت بىلەن جانجىگەر دوست بولۇشى 1 داۋۇت بىلەن سائۇلنىڭ سۆھبىتى ئەمدى ئاياغلىشىشى بىلەنلا، سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتاننىڭ كۆڭلى داۋۇتقا شۇنداق باغلاندىكى، ئۇنى ئۆزىنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرۈپ قالدى. 2 سائۇل شۇ كۈندىن باشلاپ داۋۇتنى ئۆز يېنىغا ئېلىپ قالدى. ئۇنى ئاتىسىنىڭ قېشىغا كەتكىلى قويمىدى. 3 يوناتان داۋۇتنى ئۆزىنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرۈپ قالغاچقا، ئۇنىڭ بىلەن دوستلىشىشقا ئەھدە قىلدى. 4 يوناتان ئۈستىدىكى تونىنى سېلىپ داۋۇتقا بەردى، ساۋۇت، قىلىچ، ئوقيا ۋە كەمىرىنىمۇ بەردى. 5 سائۇل داۋۇتنى نەگىلا ۋەزىپىگە تەيىنلىمىسۇن، ئۇ شۇ يەرگە بېرىپ، ۋەزىپىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا پۈتتۈرۈپ كېلەتتى. شۇڭا سائۇل ئۇنى لەشكەر بېشى قىلىپ قويدى، بۇنىڭدىن لەشكەرلەر ۋە سەركەردىلەر بىردەك مەمنۇن بولدى. سائۇلنىڭ داۋۇتقا ھەسەت قىلىشى 6 داۋۇت گولياتنى ئۆلتۈرۈپ كۆپچىلىك بىلەن بىللە قايتىپ كەلدى. يول بويى ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىن قىز-چوكانلار چىقىپ، شادلىقتا داپ ۋە تارلىق سازلارنى چېلىپ، قوشاق ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، پادىشاھ سائۇلنى قارشى ئېلىشتى. 7 قىز-چوكانلار: «سائۇل قىردى مىڭلاپ-مىڭلاپ، داۋۇت قىردى تۈمەن-تۈمەنلەپ» دەپ قوشاققا قېتىپ، ئۇسسۇل ئويناشتى. 8 سائۇل بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلەندى، چۈنكى بۇ قوشاق ئۇنىڭغا ياقمىغانىدى. شۇڭا ئۇ: _ ئۇلار تۈمەننى ئۆلتۈرۈشنىڭ شەرىپىنى داۋۇتقا، مىڭنى ئۆلتۈرۈشنىڭ شەرىپىنى ماڭا بەرگەن بولسا، ئەمدى ئۇنىڭغا بېرىلمىگىنى شۇ بىر پادىشاھلىقلا قاپتۇ-دە، _ دېدى. 9 شۇ كۈندىن باشلاپ سائۇل داۋۇتقا ھەسەت قىلىدىغان بولۇپ قالدى. 10 ئەتىسى ئۇنىڭغا تۇيۇقسىز پەرۋەردىگاردىن ئازاب روھى كېلىپ، ئۇنى ئۆيىدە قالايمىقان ۋارقىرايدىغان قىلىپ قويدى. داۋۇت بولسا ئۇنىڭغا ئادەتتىكى چاغلاردىكىدەك لىرا چېلىپ بەردى. ئۇ چاغدا سائۇلنىڭ قولىدا نەيزە بار ئىدى. 11 سائۇل: «نەيزە بىلەن داۋۇتنى تامغا مىخلاپ قويايچۇ» دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭغا قارىتىپ نەيزە ئاتتى. لېكىن داۋۇت ئىككى قېتىم ئۆزىنى نەيزىدىن چەتكە ئالدى. 12 سائۇل داۋۇتتىن قورقاتتى. چۈنكى پەرۋەردىگار سائۇلدىن ئايرىلىپ، داۋۇتقا يار بولغانىدى. 13 شۇڭا سائۇل داۋۇتنى ئۆزىنىڭ يېنىدىن يىراقلاشتۇرۇپ، لەشكەرلەرگە مىڭ بېشى قىلىپ قويدى. داۋۇت لەشكەرلەرگە باش بولۇپ جەڭگە باراتتى. 14 پەرۋەردىگار داۋۇتقا يار بولغاچقا، ئۇ ھەرقانداق ئىشتا نەتىجىگە ئېرىشەتتى. 15 سائۇل داۋۇتنىڭ ھەممە ئىشلاردا مۇۋەپپەقىيەت قازغانلانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن تېخىمۇ قورقىدىغان بولۇپ قالدى. 16 لېكىن يەھۇدا قەبىلىسىدىن ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ باشقا قەبىلىلىرىدىن كەلگەنلەر داۋۇتقا ئامراق ئىدى، چۈنكى ئۇ جەڭلەردە ئالدىنقى سەپتىكى سەركەردە ئىدى. داۋۇتنىڭ سائۇلنىڭ قىزىغا ئۆيلىنىشى 17 سائۇل داۋۇتقا مۇنداق دېدى: _ سەن ماڭا سادىق بولۇپ، پەرۋەردىگار ئۈچۈن قەھرىمانلارچە جەڭ قىلساڭ، چوڭ قىزىم مېرابنى ساڭا خوتۇنلۇققا بېرىمەن. سائۇل ئىچىدە: «داۋۇت مېنىڭ قولۇم بىلەن ئەمەس، بەلكى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولى بىلەن ئۆلتۈرۈلسۇن» دەپ ئويلىغانىدى. 18 _ مەن كىم ئىدىم؟ ئۇرۇق-جەمەتىمىز مېنىڭ پادىشاھىمىزغا كۈيۈئوغۇل بولۇشۇمغا قانداقمۇ ئەرزىسۇن؟ _ دېدى داۋۇت. 19 لېكىن سائۇل قىزىنى مېراب داۋۇتقا ياتلىق قىلىدىغان چاغدا، ئۇنى مىخولالىق ئادرائىلغا خوتۇنلۇققا بېرىۋەتتى. 20 ۋاھالەنكى، سائۇلنىڭ ئىككىنچى قىزى مىكال داۋۇتقا ئاشىق ئىدى. بۇنىڭدىن سائۇل خەۋەر تېپىپ، خۇشال بولۇپ كەتتى. 21 سائۇل ئىچىدە: «مەن مىكالنى داۋۇتقا بەرسەم، قىزىم ئارقىلىق ئۇنى تۇزاققا چۈشۈرۈپ، فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولى بىلەن ئۆلتۈرىمەن» دەپ ئويلىدى-دە، داۋۇتقا ئىككىنچى قېتىم: _ سەن ماڭا كۈيۈئوغۇل بولغىن، _ دېدى. 22 سائۇل ئەمەلدارلىرىغا: _ سىلەر داۋۇتقا: «پادىشاھ سېنى ياخشى كۆرىدىكەن، پادىشاھنىڭ ئەمەلدارلىرىمۇ سېنى ياخشى كۆرىدىكەن، شۇڭا سەن پادىشاھقا كۈيۈئوغۇل بولغىن» دەپ، يوشۇرۇنچە ئېيتىڭلار، _ دېدى. 23 سائۇلنىڭ ئەمەلدارلىرى بۇ سۆزلەرنى داۋۇتقا يوشۇرۇنچە يەتكۈزدى. داۋۇت: _ پادىشاھنىڭ كۈيۈئوغلى بولۇش سىلەرچە شۇنداق كىچىك ئىشمۇ؟ مەن بىر نامرات ۋە ئەرزىمەس ئادەم تۇرسام، _ دېدى. 24 ئەمەلدارلار داۋۇتنىڭ سۆزىنى سائۇلغا يەتكۈزدى. 25 سائۇل ئەمەلدارلىرىغا: _ سىلەر داۋۇتقا: «پادىشاھ دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئالماقچىكەن. شۇڭا تويلۇققا پەقەت يۈز فىلىستىيەلىكنىڭ خەتنىلىكىدىن باشقا ھېچ نەرسە تەلەپ قىلمايدىكەن» دەڭلار، _ دېدى. سائۇلنىڭ غەرىزى داۋۇتنى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىدا ئۆلتۈرۈش ئىدى. 26 سائۇلنىڭ ئادەملىرى بۇ گەپنى داۋۇتقا يەتكۈزگەنىدى، داۋۇت پادىشاھنىڭ كۈيۈئوغلى بولىدىغانلىقىدىن خۇشال بولدى. قەرەلى توشۇشتىن بۇرۇن، 27 داۋۇت ئۆزىنىڭ ئادەملىرىنى ئېلىپ بېرىپ، ئىككى يۈز فىلىستىيەلىكنى ئۆلتۈردى. ئۇ ئۆلتۈرۈلگەن فىلىستىيەلىكلەرنىڭ خەتنىلىكىنى ئېلىپ، تولۇق سانى بىلەن پادىشاھ سائۇلغا تاپشۇرۇپ بېرىپ، پادىشاھنىڭ كۈيۈئوغلى بولۇشقا لايىق ئىشنى قىلدى. شۇنىڭ بىلەن سائۇل قىزى مىكالنى داۋۇتقا خوتۇنلۇققا بەردى. 28 سائۇل پەرۋەردىگارنىڭ داۋۇتقا يار ئىكەنلىكىنى ھەم قىزى مىكالنىڭمۇ داۋۇتقا ئامراق ئىكەنلىكىنى بىلىپ، 29 داۋۇتتىن تېخىمۇ قورقۇپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇنىڭغا دۈشمەن بولۇپ ئۆتتى. 30 فىلىستىيەلىك قوشۇنلار قاچانلا ھۇجۇم قىلمىسۇن، داۋۇت سائۇلنىڭ باشقا سەركەردىلىرىگە قارىغاندا ئۇرۇشتا كۆپ غەلىبىگە ئېرىشەتتى. شۇڭا ئۇنىڭ نامى كۈندىن-كۈنگە شۆھرەت سازاۋەر بولدى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti