سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىگولياتنىڭ ئىسرائىللارنى ھاقارەتلىشى 1 فىلىستىيەلىكلەر جەڭ قىلىش ئۈچۈن قوشۇنلىرىنى يىغىپ، يەھۇدا زېمىنىغا تەۋە سوكوھ دېگەن شەھەردە جەم بولدى. ئۇلار سوكوھ ۋە ئازېقا شەھەرلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئەفەس-داممىم دېگەن يەردە بارگاھ قۇردى. 2 سائۇل ئىسرائىلىيە لەشكەرلىرىنى يىغىپ، ئېلاھ جىلغىسىدا بارگاھ قۇردى. ئۇ قوشۇنلىرىنى تىزىپ، فىلىستىيەلىكلەر بىلەن جەڭ قىلىشقا تەييارلاندى. 3 فىلىستىيەلىكلەر ئۇ تەرەپتىكى تاغدا، ئىسرائىللار بولسا بۇ تەرەپتىكى تاغدا تۇرۇشتى. ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر جىلغا بار ئىدى. 4 فىلىستىيەلىكلەر تەرەپتىن گوليات ئىسىملىك كۈچتۈڭگۈر بىرى ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇ گات شەھىرىدىن بولۇپ، بويىنىڭ ئېگىزلىكى ئۈچ مېتىرغا يېقىن كېلەتتى. 5 بېشىغا تۇچ دۇبۇلغا، ئۇچىسىغا زەنجىر ساۋۇت كىيگەن بولۇپ، ساۋۇتنىڭ ئېغىرلىقى 60 كىلوغا يېقىن كېلەتتى. 6 پاچىقىنىمۇ تۇچ بىلەن قوغدىغان بولۇپ، ئۆشنىسىدە بىر تۇچ نەيزە بار ئىدى. 7 قولىدىمۇ بىر نەيزە بولۇپ، ئۇنىڭ دەستىسى رەخت توقۇيدىغان دەستىگاھنىڭ ئوقىدەك توم ئىدى، تۆمۈر ئۇچىنىڭ ئېغىرلىقى تەخمىنەن يەتتە كىلو كېلەتتى. بىر لەشكەر ئۇنىڭ چوڭ قالقىنىنى كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئالدىدا ماڭاتتى. 8 گوليات ئىسرائىللارغا قاراپ، ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن مۇنداق دېدى: _ سىلەر سەپ تۈزۈپ، نېمە قىلماقچىسىلەر؟ مانا مەن فىلىستىيەلىك، سىلەر سائۇلنىڭ قۇللىرى. قېنى، ئىچىڭلاردىن بىرەيلەننى تاللاپ، مېنىڭ يېنىمغا ئەۋەتتىڭلار. 9 ئەگەر ئۇ مەن بىلەن ئېلىشىپ، مېنى ئۆلتۈرۈۋېتەلىسە، بىز سىلەرگە قۇل بولايلى. ئەگەر مەن ئۇنى يېڭىپ ئۆلتۈرۈۋەتسەم، سىلەر بىزگە قۇل بولۇپ، خىزمىتىمىزنى قىلىڭلار. 10 ئۇ فىلىستىيەلىك سۆزىنى يەنە داۋاملاشتۇرۇپ: _ مەن بۈگۈن ئىسرائىلىيە قوشۇنىنى شەرمەندە قىلىمەن. قېنى، مەن بىلەن ئېلىشقىلى بىر ئادەم چىقىرىڭلار! _ دېدى. 11 سائۇل ۋە پۈتۈن ئىسرائىللار بۇ فىلىستىيەلىكنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، قورقۇشۇپ، ئالاقزادە بولۇپ كېتىشتى. يىشاينىڭ داۋۇتنى سائۇلنىڭ بارگاھىغا ئەۋەتىشى 12 داۋۇت يەھۇدا زېمىنىنىڭ بەيتلەھەم شەھىرىدىكى ئەفراتا جەمەتىدىن بولغان يىشاي دېگەن ئادەمنىڭ بالىسى بولۇپ، يىشاينىڭ سەككىز ئوغلى بار ئىدى. سائۇل ھۆكۈم سۈرگەن دەۋردە، يىشاي ياشىنىپ قالغان بولۇپ، كۆپچىلىك ئۇنى ھۆرمەتلەيتتى. 13 يىشاينىڭ ئۈچ چوڭ ئوغلى سائۇل بىلەن جەڭگە چىققانىدى. جەڭگە چىققان تۇنجى ئوغلىنىڭ ئىسمى ئەلىئاب، ئىككىنچىسىنىڭ ئىسمى ئابىناداب، ئۈچىنچىسىنىڭ بولسا شامماھ ئىدى. 14 داۋۇت ئوغۇللارنىڭ ئەڭ كىچىكى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈچ چوڭ ئاكىسى سائۇل بىلەن بىرگە جەڭگە چىققانىدى. 15 داۋۇت بەزىدە سائۇلدىن ئايرىلىپ بەيتلەھەمگە قايتىپ، ئاتىسىنىڭ قويلىرىنى بېقىپ كېلەتتى. 16 ھېلىقى فىلىستىيەلىك گوليات قىرىق كۈنگىچە ئەتىگىنى ۋە ئاخشىمى چىقىپ، ئۇرۇشۇشقا دەۋەت قىلىپ تۇردى. 17 بىر كۈنى يىشاي ئوغلى داۋۇتقا: _ ئوغلۇم، سەن ماۋۇ بىر خالتا قوماچ بىلەن ئون ناننى بارگاھتىكى ئاكىلىرىڭغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئاپىرىپ بەرگىن. 18 يەنە ماۋۇ ئون بولاق ئىرىمچىكنى ئۇلارنىڭ مىڭ بېشىغا ئاپىرىپ بېرىپ، ئاكىلىرىڭنىڭ ھال-ئەھۋالىنى ئۇقۇپ، ئۇلاردىن بىرەر نىشانە ئالغاچ كەلگىن، _ دېدى. 19 داۋۇتنىڭ ئۈچ ئاكىسى پادىشاھ سائۇل ۋە باشقا ئىسرائىللار بىلەن بىرلىكتە ئېلاھ جىلغىسىدا فىلىستىيەلىكلەرگە قارشى جەڭ قىلىۋاتاتتى. 20 داۋۇت ئەتىسى سەھەر تۇرۇپ، قويلىرىنى باشقا بىر پادىچىغا تاپشۇرۇپ قويۇپ، ئاتىسى يىشاينىڭ تاپىلىغىنى بويىچە يېمەكلىكلەرنى ئېلىپ يولغا چىقتى. ئۇ بارگاھقا كەلگەندە، ئىسرائىللار قوشۇنى جەڭگە ماڭغان بولۇپ، ھەممەيلەن چۇقان كۆتۈرۈۋاتاتتى. 21 ئىسرائىللار بىلەن فىلىستىيەلىكلەر جەڭ قىلىش ئۈچۈن يۈزمۇيۈز سەپ تۈزۈپ تۇرۇشاتتى. 22 داۋۇت نەرسىلىرىنى تەمىنات باشقۇرغۇچىغا تاپشۇرۇپ بېرىپ، ئاندىن قوشۇننىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئاكىلىرىغا سالام قىلدى. 23 ئۇ ئاكىلىرى بىلەن سۆزلىشىپ تۇرغاندا، گاتلىق كۈچتۈڭگۈر گوليات فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قوشۇنىدىن چىقىپ، ئاۋۋالقى سۆزلىرىنى يەنە تەكرارلىدى. داۋۇت ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇردى. 24 ئىسرائىللار گولياتنى كۆرۈش بىلەنلا ناھايىتى قورقۇشۇپ، ئارقىلىرىغا چېكىنىشتى. 25 ئۇلار بىر-بىرىگە: «ئەنە، ئۇنى كۆردۈڭلارمۇ؟ يەنە ئىسرائىللارنى ھاقارەتلەۋاتىدۇ. پادىشاھ ئۇنى ئۆلتۈرگەن ئادەمگە جىق بايلىق ئىنئام قىلىپ، ئۆز قىزىنىمۇ خوتۇنلۇققا بېرىدىكەن. ئۇ ئادەمنىڭ پۈتۈن جەمەتىنى ھەر خىل باج-سېلىقتىن خالاس قىلىدىكەن» دېيىشەتتى. 26 داۋۇت يېنىدا تۇرغانلاردىن: _ بۇ فىلىستىيەلىكنى ئۆلتۈرۈپ، ئىسرائىللارنى بۇ ھاقارەتتىن خالاس قىلغان كىشى نېمىگە ئېرىشىدىكەن؟ مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ قوشۇنىغا ھاقارەت قىلىدىغان بۇ خەتنىسىز فىلىستىيەلىك ئۆزىنى كىم دەپ ئويلايدىكەن؟ _ دەپ سورىدى. 27 كىشىلەر ئۇنىڭغا، گولياتنى ئۆلتۈرگەن كىشىگە بېرىلىدىغان ئىنئاملارنى دەپ بەردى. 28 داۋۇتنىڭ ئەڭ چوڭ ئاكىسى ئەلىئاب داۋۇتنىڭ كىشىلەر بىلەن قىلىشقان سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ئاچچىقلاپ: _ نېمىدەپ بۇ يەرگە كەلدىڭ؟ دالادىكى بار-يوقى بىرقانچە قويلارنى كىمگە تاپشۇردۇڭ؟ مەن سېنىڭ ھاكاۋۇرلۇقۇڭنى ۋە يامان نىيىتىڭنى بىلىمەن. سەن ئەمەلىيەتتە جەڭنى كۆرگىلى كەلدىڭ، _ دېدى. 29 داۋۇت بولسا: _ مەن نېمە قىلدىم، سوئال سوراشقا بولمامدۇ؟ _ دەپ جاۋاب قايتۇردى 30 ۋە ئاكىسىنىڭ يېنىدىن كېتىپ، باشقا ئادەملەردىن شۇ سوئالنى تەكرار سورىدى. يەنىلا ئوخشاش جاۋابقا ئېرىشتى. 31 داۋۇتنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغانلار ئۇنىڭ دېگىنىنى سائۇلغا يەتكۈزگەنىدى، سائۇل داۋۇتنى چاقىرىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتتى. 32 داۋۇت سائۇلغا: _ ئالىيلىرى، ھېچكىمنىڭ ئاشۇ فىلىستىيەلىكتىن قورقۇپ، ئالاقزادە بولۇشىنىڭ ھاجىتى يوق. مەن خىزمەتكارلىرى ئۇ فىلىستىيەلىك بىلەن ئېلىشىشقا چىقىمەن، _ دېدى. 33 _ سەن قانداقمۇ ئۇ فىلىستىيەلىك بىلەن ئېلىشىشقا چىقالايسەن؟ سەن تېخى كىچىك تۇرساڭ، ئۇ بولسا ياش ۋاقتىدىن بېرى جەڭچىدۇر، _ دېدى سائۇل. 34 داۋۇت مۇنداق دېدى: _ ئالىيلىرى، مەن خىزمەتكارلىرى ئاتامنىڭ قويلىرىنى بېقىپ كېلىۋاتىمەن. شىر ياكى ئېيىق كېلىپ قويلاردىن بىرەرسىنى ئېلىپ قاچسا، 35 ئۇلارنى قوغلاپ بېرىپ ئۇرۇپ، ئېغىزلىرىدىن قويلارنى تارتىۋالىمەن. ئۇلار ماڭا ھۇجۇم قىلسا، يايلىرىدىن تۇتۇۋېلىپ ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىمەن. 36 مەن خىزمەتكارلىرى شىرنىمۇ، ئېيىقنىمۇ ئۆلتۈرگەنمەن. مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ قوشۇنىغا ھاقارەت قىلىۋاتقان ئاۋۇ خەتنىسىز فىلىستىيەلىكنىڭ ئاقىۋىتى ئاشۇ شىر ۋە ئېيىقتەك بولىدۇ. 37 پەرۋەردىگار مېنى شىر ۋە ئېيىقنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزۇۋالغاندەك، ئاشۇ فىلىستىيەلىكنىڭ چاڭگىلىدىنمۇ قۇتقۇزۇۋالىدۇ، _ دېدى. سائۇل: _ بوپتۇ ئەمىسە، بارغىن! پەرۋەردىگار ساڭا يار بولسۇن، _ دېدى ۋە 38 ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ جەڭ كىيىملىرىنى، يەنى ئۇچىسىغا زەنجىر ساۋۇتنى ۋە بېشىغا تۇچ دۇبۇلغىسىنى كىيدۈرۈپ قويدى. 39 داۋۇت سائۇلنىڭ قىلىچىنى جەڭ كىيىملىرىنىڭ ئۈستىدىن ئاستى-دە، مېڭىپ باقماقچى بولدى، ئەمما بۇرۇن جەڭ كىيىملىرىنى كىيىپ باقمىغاچقا، تۈزۈك ماڭالمىدى، ئۇ سائۇلغا: _ مەن بۇ كىيىملەرنى كىيىپ جەڭ قىلالمايمەن، چۈنكى مەن ئۇلارغا ئادەتلەنمىگەن، _ دېدى ۋە ئۇلارنى سېلىۋەتتى. 40 ئۇ قولىغا تايىقىنى ئالدى ۋە جىلغىدىن بەش دانە سىلىق تاشنى تېرىۋېلىپپ، ئۇلارنى پادىچى خالتىسىغا سالدى. ئاندىن ئۇ قولىغا سالغىسىنى ئېلىپ، ئۇ فىلىستىيەلىك تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى. داۋۇتنىڭ گوليات بىلەن ئېلىشىشى 41 فىلىستىيەلىك گولياتمۇ داۋۇت تەرەپكە قاراپ يېقىنلىشىپ كەلدى. ئۇنىڭ قالقان كۆتۈرگۈچىسى ئۇنىڭ ئالدىدا كېلىۋاتاتتى. 42 گوليات ئىككى مەڭزى قىزىل، كېلىشكەن ياش يىگىت داۋۇتقا زەن سېلىپ قارىدى، ئەمما ئۇنى مەنسىتمىدى. 43 ئۇ داۋۇتقا: _ سەن قولۇڭغا تاياق ئېلىپ، ئالدىمغا كېلىپسەن، مەن ئىتمىدىم؟ _ دېدى ۋە ئۆزىنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ ناملىرى بىلەن داۋۇتنى قارغىدى. 44 ئۇ يەنە داۋۇتقا مۇنداق دېدى: _ كېلىۋەر، مەن تېنىڭنى ئاسماندىكى قاغا-قۇزغۇنلارغا، دالادىكى ياۋايى ھايۋانلارغا يەم قىلىمەن! 45 داۋۇت ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ سەن نەيزە-قىلىچ بىلەن ماڭا قارشى تۇرغىلى كېلىپسەن، لېكىن مەن سەن ھاقارەتلەۋاتقان ئىسرائىلىيە قوشۇنىنىڭ خۇداسى، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ساڭا قارشى تۇرغىلى كەلدىم. 46 بۈگۈن پەرۋەردىگار سېنى مېنىڭ قولۇمغا تاپشۇرىدۇ، سېنى ئۆلتۈرۈپ، كاللاڭنى تېنىڭدىن جۇدا قىلىمەن. شۇنداقلا فىلىستىيەنىڭ لەشكەرلىرىنىڭ جەسەتلىرىنى ئاسماندىكى قاغا-قۇزغۇنلارغا ۋە يەر يۈزىدىكى ھايۋانلارغا يەم قىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن ئالەمدىكىلەر ئىسرائىللارنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ بارلىقىنى بىلىپ قالىدۇ. 47 يەنە بۇ يەرگە يىغىلغان ھەممەيلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز خەلقىنى قىلىچ ۋە نەيزە بىلەن قۇتقۇزمايدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىدۇ، بۇ ئۇرۇش پەرۋەردىگارنىڭ ئۇرۇشىدۇر. ئۇ سىلەرنى بىزنىڭ قولىمىزغا تاپشۇرىدۇ. 48 گوليات داۋۇتقا ھۇجۇم قىلىشى ئۈچۈن ئالدىغا قاراپ ماڭدى. داۋۇتمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئېلىشىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا قاراپ يۈگۈردى. 49 داۋۇت خالتىسىدىن بىر تاشنى ئېلىپ، ئۇنى سالغىسىغا سېلىپ ئېتىۋىدى، ئۇ تاش فىلىستىيەلىكنىڭ دەل پېشانىسىگە كىرىپ كەتتى. فىلىستىيەلىك شۇ زامان يەرگە دۈم چۈشتى. 50 شۇنداق قىلىپ، داۋۇت ئۇ فىلىستىيەلىكنى سالغا تېشى بىلەن يەڭدى. ئۇ چاغدا داۋۇتنىڭ قولىدا قىلىچ يوق ئىدى. 51 ئۇ يۈگۈرۈپ كېلىپ، فىلىستىيەلىكنىڭ غىلىپىدىن قىلىچىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ، ئۇنى ئۆلتۈردى، ھەمدە ئۇنىڭ بېشىنى كېسىۋالدى. فىلىستىيەلىكلەر ئۆز پالۋىنىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆرۈپ قاچتى. 52 يەھۇدا قەبىلىسىدىن ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ باشقا قەبىلىلىرىدىن كەلگەن لەشكەرلەر ھۇررا دەپ توۋلىشىپ، فىلىستىيەلىكلەرنى گات ۋە ئەقرون قوۋۇقىغىچە قوغلاپ باردى. ئۆلتۈرۈلگەن فىلىستىيەلىكلەرنىڭ جەسەتلىرى شائارايىمدىن گات ۋە ئەقرونغىچە بولغان يول ياقلىرىدا ياتاتتى. 53 ئىسرائىللار فىلىستىيەلىكلەرنى قوغلاپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ بارگاھىنى بۇلاپ-تالىدى. 54 (كېيىن داۋۇت گولياتنىڭ بېشىنى يېرۇسالېمغا ئېلىپ بارىدۇ، ئۇنىڭ قورال-يارىغىنى بولسا ئۆز چېدىرىدا قالدۇرىدۇ.) 55 سائۇل داۋۇتنىڭ ھېلىقى فىلىستىيەلىكنىڭ ئالدىغا ئېلىشىشقا چىققانلىقىنى كۆرۈشى ھامان، قوشۇننىڭ باش سەركەردىسى ئابنېردىن: _ ھەي ئابنېر، بۇ يىگىت كىمنىڭ ئوغلى ئىكەن؟ _ دەپ سورىغانىدى. _ ئى پادىشاھى ئالەم، نامىڭىز بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن راستتىنلا بىلمەيدىكەنمەن، _ دېگەنىدى ئابنېر. 56 _ سەن بېرىپ سوراپ باققىن، ئۇ يىگىت زادى كىمنىڭ ئوغلى ئىكەن، _ دېگەنىدى پادىشاھ. 57 داۋۇت فىلىستىيەلىكنى ئۆلتۈرۈپ كەلگەندىن كېيىن، ئابنېر ئۇنى سائۇلنىڭ ھۇزۇرىغا باشلاپ كىردى. فىلىستىيەلىكنىڭ بېشى ئۇنىڭ قولىدا ئىدى. 58 _ ھەي يىگىت، سەن كىمنىڭ ئوغلى بولىسەن؟ _ دەپ سورىدى سائۇل. _ مەن بەيتلەھەملىك خىزمەتكارلىرى يىشاينىڭ ئوغلى بولىمەن، _ دېدى داۋۇت. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti