Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


خۇدانىڭ داۋۇتنى پادىشاھلىققا تاللىشى

1 پەرۋەردىگار سامۇئىلغا مۇنداق دېدى: _ مەن سائۇلنىڭ ئىسرائىلىيەگە داۋاملىق پادىشاھ بولۇشىنى رەت قىلغان تۇرسام، سەن تېخىچە ئۇنىڭ ئۈچۈن قايغۇرىۋاتامسەن؟ سەن مۈڭگۈزگە زەيتۇن يېغى تولدۇرۇپ، بەيتلەھەملىك يىشاينىڭ ئۆيىگە بارغىن. مەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىدىن بىرىنى پادىشاھلىققا تاللىماقچىمەن.

2 _ مەن قانداق بارىمەن؟ سائۇل ئاڭلاپ قالسا، مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ، _ دېدى سامۇئىل. پەرۋەردىگار: _ سەن بىر ئىنەك ئالغاچ بارغىن ۋە: «پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلغىلى كەلدىم» دېگىن.

3 يىشاينى قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى يېيىشكە تەكلىپ قىلغىن. شۇ چاغدا سېنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىنى، كىمنىڭ بېشىغا ياغ قۇيىدىغانلىقىنى مەن ساڭا دەپ بېرىمەن، _ دېدى.

4 سامۇئىل پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنى بويىچە قىلدى. ئۇ بەيتلەھەمگە يېتىپ كەلگەندە، يۇرت ئاقساقاللىرى قورقۇنچ بىلەن ئۇنى قارشى ئېلىپ: _ تىنچلىق ئۈچۈن كەلدىلىمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

5 ئۇ ئاقساقاللارغا: _ شۇنداق، تىنچلىق ئۈچۈن كەلدىم. پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق قىلغىلى كەلدىم. ئۆزۈڭلارنى پاكلاپ، مەن بىلەن بىرگە قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى يېيىشكە كېلىڭلار، _ دېدى. سامۇئىل يىشاي بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى پاكلىغاندىن كېيىن، ئۇلارنى قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى يېيىشكە تەكلىپ قىلدى.

6 ئۇلار كەلگەن چاغدا سامۇئىلنىڭ كۆزى ئەلىئابقا چۈشتى. ئۇ ئىچىدە: «پەرۋەردىگارنىڭ تاللىغىنى مۇشۇ بولسا كېرەك» دەپ ئويلىدى.

7 لېكىن پەرۋەردىگار سامۇئىلغا: «ئۇنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى بىلەن ئېگىز بەستىگىلا قارىمىغىن، مەن ئۇنى تاللىمىدىم. پەرۋەردىگار ئادەملەرگە ئوخشاش تاشقى كۆرۈنۈشكە ئەمەس، بەلكى قەلبكە قارايدۇ» دېدى.

8 يىشاي ئۆزىنىڭ ئوغلى ئابىنادابنى سامۇئىلنىڭ ئالدىدىن ئۆتكۈزدى. سامۇئىل: _ پەرۋەردىگار ئۇنى تاللىمىدى، _ دېدى.

9 يىشاي شامماھنى سامۇئىلنىڭ ئالدىدىن ئۆتكۈزدى. سامۇئىل: _ پەرۋەردىگار ئۇنىمۇ تاللىمىدى، _ دېدى.

10 يىشاي ئۇ يەردىكى يەتتە ئوغلىنىڭ ھەممىسىنى سامۇئىلنىڭ ئالدىدىن ئۆتكۈزدى. سامۇئىل: _ پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنى تاللىماپتۇ، _ دېدى. ئاندىن

11 _ ئوغۇللىرىڭىزنىڭ ھەممىسى مۇشۇمۇ؟ _ دەپ سورىدى. _ كەنجىسىمۇ بار، ئۇ ھازىر قوي بېقىۋاتىدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى يىشاي. سامۇئىل: _ چاقىرىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتىڭ، ئۇ كەلمىگۈچە، داستىخانغا ئولتۇرمايمىز، _ دېدى.

12 يىشاي ئادەم ئەۋەتىپ، داۋۇتنى چاقىرىپ كەلدى. داۋۇت كۆزلىرى يېنىپ تۇرىدىغان، ئىككى مەڭزى قىزىل، كېلىشكەن بىر يىگىت ئىدى. پەرۋەردىگار سامۇئىلغا: _ دەل مۇشۇ، بېرىپ ئۇنىڭ بېشىغا ياغ قۇيغىن! _ دېدى.

13 سامۇئىل داۋۇتنىڭ بېشىغا ئاكىلىرى ئالدىدا مۈڭگۈزدىكى زەيتۇن يېغىنى قۇيدى. شۇ كۈندىن تارتىپ، داۋۇتقا پەرۋەردىگارنىڭ روھى چۈشۈشكە باشلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن سامۇئىل راماھقا قايتىپ كەتتى.


داۋۇتنىڭ پادىشاھ سائۇلنىڭ خىزمىتىدە بولۇشى

14 پەرۋەردىگارنىڭ روھى سائۇلدىن ئايرىلدى پەرۋەردىگاردىن كەلگەن ئازاب روھى ئۇنى قاتتىق ئازابلاشقا باشلىدى.

15 سائۇلنىڭ ئەمەلدارلىرى ئۇنىڭغا: _ ھازىر خۇدا ئەۋەتكەن بىر ئازاب روھىنىڭ ئۆزلىرىنى قاتتىق ئازابلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز.

16 ئالىيلىرى، بىزگە لىرانى ياخشى چالىدىغان بىر ئادەم تېپىپ كېلىشكە ئەمر قىلغايلا. پەرۋەردىگاردىن كەلگەن ئازاب روھى سىلىنى ئازابلىغاندا، ئۇ ئادەم كېلىپ لىرا چالسا، ئۆزلىرى ياخشى بولۇپ قالىلا، _ دېدى.

17 سائۇل ئەمەلدارلىرىغا: _ ئۇنداقتا، ئۇستا بىر لىراچى تېپىپ ئەكېلىڭلار، _ دېدى.

18 _ مەن بەيتلەھەملىك يىشاينىڭ بىر ئوغلىنى كۆرگەنىدىم. ئۇ لىرا چېلىشقا ماھىر، جەڭدە باتۇر، يۈرەكلىك، سۆزدە دانا، قىياپىتى كېلىشكەن يىگىت ئىكەن. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يار ئىكەن، _ دېدى بىر خىزمەتكار.

19 سائۇل بۇنى ئاڭلاپ، يىشايغا چاپارمەنلىرىنى ئەۋەتىپ: «قويچى ئوغلۇڭ داۋۇتنى يېنىمغا ئەۋەتكىن» دېدى.

20 يىشاي ئوغلى داۋۇتنى بىر ئوغلاق، نان ئارتىلغان بىر ئېشەك ۋە بىر تۇلۇم شاراب بىلەن بىرگە سائۇلغا ئەۋەتتى.

21 داۋۇت سائۇلنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ، ئۇنىڭ خىزمىتىگە كىرىشتى. سائۇلنىڭ داۋۇتقا قاتتىق مېھرى چۈشۈپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن سائۇل ئۇنى ئۆزىنىڭ قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسى قىلىۋالدى.

22 ئاندىن ئۇ يىشايغا: «داۋۇت ماڭا ياراپ قالدى. ئۇ داۋاملىق يېنىمدا قېلىپ خىزمىتىمنى قىلسۇن» دەپ خەۋەر ئەۋەتتى.

23 پەرۋەردىگاردىن كەلگەن ئازاب روھى سائۇلنى ئازابلىغاندا، داۋۇت لىرا چالاتتى. شۇنىڭ بىلەن سائۇل ئارام تېپىپ، ياخشى بولۇپ قالاتتى، ئازاب روھىمۇ ئۇنىڭدىن چىقىپ كېتەتتى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan