سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىسائۇلنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرىگە بويسۇنمىغانلىقى 1 سامۇئىل سائۇلغا مۇنداق دېدى: _ بېشىڭغا ياغ قۇيۇپ، سېنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز خەلقى بولغان ئىسرائىللارغا پادىشاھلىققا تەيىنلىگىلى پەرۋەردىگار تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئادەم مەن بولىمەن. 2 قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئىسرائىللار مىسىردىن چىققان چاغدا، ئامالەكلەر ئۇلارغا قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن، مەن ئۇلارنى جازالايمەن. 3 ئەمدى سەن ئامالەكلەرگە ھۇجۇم قىل. ئۇلارنى ئەر-ئايال، بالىچاقا دەپ ئىچ ئاغرىتىپ ئولتۇرماي، ئۇلارنى مال-مۈلۈكلىرى، قوي، كالا، تۆگە ۋە ئېشەكلىرى بىلەن قوشۇپ، بىراقلا تەلتۆكۈس يوقات.» 4 شۇنىڭدىن كېيىن سائۇل لەشكەرلەرنى تىلائىمغا يىغىپ، ساناقتىن ئۆتكۈزدى. پىيادە لەشكەرلەر سانى يەھۇدا قەبىلىسىدىن ئون مىڭ، ئىسرائىلىيەنىڭ باشقا قەبىلىلىرىدىن بولسا جەمئىي 200 مىڭ چىقتى. 5 سائۇل ئامالەكلەرنىڭ شەھىرىنىڭ ئەتراپىغا كېلىپ، جىلغىدا بۆكتۈرمىدە ياتتى. 6 ئاندىن قېنلارغا: «ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندا، ئۇلارغا مېھرىبانلىق كۆرسەتكەنىدىڭلار، شۇڭا سىلەرنى ئامالەكلەر بىلەن قوشۇپ يوقىتىۋەتمەسلىكىم ئۈچۈن، ئەمدى ئامالەكلەردىن ئايرىلىپ، شەھەردىن چىقىپ كېتىڭلار!» دەپ خەۋەر بەردى. 7 سائۇل ئامالەكلەرنى خاۋىلا دېگەن يەردىن تاكى مىسىرنىڭ شەرقىدىكى شۇر دېگەن يەرگىچە قوغلاپ يۈرۈپ، قىردى. 8 ئۇ ئامالەكلەرنىڭ پادىشاھى ئاگاگنى تىرىك تۇتۇپ، قالغان پۈتۈن خەلقىنى تەلتۆكۈس يوقاتتى. 9 ئەمما سائۇل بىلەن خەلق ئاگاگنى، شۇنداقلا قىممىتى بار سېمىز كالا، قوي، موزاي ۋە قوزىلارنى ئېلىپ قېلىپ، قىممىتى يوق، ئەرزىمەسلىرىنى بىرىنىمۇ قويماي تەلتۆكۈس ئۆلتۈرۈۋەتتى. سائۇلنىڭ داۋاملىق پادىشاھ بولۇشىنىڭ رەت قىلىنىشى 10 بۇ چاغدا پەرۋەردىگار سامۇئىلغا مۇنداق دېدى: 11 _ سائۇل مەندىن يۈز ئۆرۈپ، ئەمرىمنى ئىجرا قىلمىدى. ئۇنى پادىشاھ قىلغىنىمغا پۇشايمان قىلدىم. سامۇئىل بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، بەكلا بىئارام بولۇپ، پۈتۈن كېچە پەرۋەردىگارغا نالە-پەرياد قىلىپ چىقتى. 12 سامۇئىل ئەتىسى سەھەر قوپۇپ، سائۇلنىڭ قېشىغا بارغاندا، ئۇنىڭغا: «سائۇل كارمەلگە بېرىپ، ئۆزىنىڭ شەرىپى ئۈچۈن بىر خاتىرە مۇنارى تىكلەپ، ئاندىن گىلگالغا كېتىپتۇ» دېگەن خەۋەر يېتىپ كەلدى. 13 سامۇئىل سائۇلنىڭ يېنىغا باردى. سائۇل ئۇنىڭغا: _ پەرۋەردىگار سىزگە بەخت ئاتا قىلغاي! مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىنى ئىجرا قىلدىم، _ دېدى. 14 سامۇئىل ئۇنىڭدىن: _ قۇلىقىمغا قويلارنىڭ مەرەشلىرى، كالىلارنىڭ مۆرەشلىرى ئاڭلىنىۋاتىدۇ، بۇ نېمە ئىش؟ _ دەپ سورىدى. 15 سائۇل ئۇنىڭغا: _ بۇلار ئادەملىرىمنىڭ ئامالەكلەردىن ئالغان ئولجىلىرىدۇر. ئادەملىرىم پەرۋەردىگارىڭىز خۇداغا قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن كالا ۋە قويلارنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىنى ساقلاپ قېلىشتى. لېكىن بىز قالغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى تەلتۆكۈس يوقاتتۇق، _ دېدى. 16 سامۇئىل سائۇلغا قاراپ: _ توختاپ تۇر! مەن ساڭا پەرۋەردىگارنىڭ تۈنۈگۈن ئاخشام ماڭا دېگەن سۆزلىرىنى ئېيتىپ بېرەي، _ دېدى. _ قېنى، مەرھەمەت، _ دېدى سائۇل. 17 سامۇئىل: _ گەرچە سەن ئۆزۈڭنى مۇھىم ئادەم ئەمەس، دەپ ھېسابلاپ يۈرسەڭمۇ، ئەمەلىيەتتە ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھىدۇرسەن. پەرۋەردىگار سېنىڭ بېشىڭغا ياغ قۇيدۇرۇپ، سېنى ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى قىلدى. 18 پەرۋەردىگار ساڭا: «بارغىن، ئاشۇ گۇناھكار ئامالەكلەرنى تەلتۆكۈس يوقاتقىن، ھەممىسى يوقالمىقۇچە ئۇلار بىلەن جەڭ قىلغىن» دەپ ئەمر بېرىپ، سېنى يولغا سالغانىدى. 19 سەن نېمە ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا ئىتائەت قىلماي، جەڭ ئولجىلىرىنى ئېلىشقا ئالدىراپ، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشنى قىلدىڭ؟ _ دېدى. 20 سائۇل سامۇئىلغا: _ مەن ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارغا ئىتائەت قىلدىم. پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا كۆرسەتكەن يولىدا ماڭدىم، ئامالەكلەرنىڭ پادىشاھى ئاگاگنى تۇتۇپ، ئامالەكلەرنى تەلتۆكۈس يوقاتتىم. 21 ئادەملىرىم بولسا: «گىلگالدا پەرۋەردىگار خۇداغا قۇربانلىق قىلايلى» دەپ، تەلتۆكۈس يوقىتىلىشقا تېگىشلىك بولغان ئولجىلارنىڭ ئىچىدىن ئەڭ ياخشى قوي، كالىلارنى تاللاپ ئېلىشتى، خالاس، _ دېدى. 22 سامۇئىل: _ پەرۋەردىگار كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە باشقا قۇربانلىقلارنى قىلىشىنى ياخشى كۆرەمدۇ ياكى ئۆزىگە ئىتائەت قىلىشنىمۇ؟ بىلگىنكى، ئىتائەت قىلىش قۇربانلىق قىلىشتىن ياخشىدۇر. پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇش قوچقارنىڭ مېيىنى كۆيدۈرۈپ ھەدىيە قىلىشتىن ئەۋزەلدۇر. 23 ئۆز بېشىمچىلىق قىلىشنىڭ گۇناھى جادۇگەرلىك گۇناھىغا ئوخشاشلا ياماندۇر. جاھىللىق قىلىشنىڭ گۇناھى بولسا، بۇتقا چوقۇنۇشنىڭ گۇناھىغا ئوخشاشلا ئېغىردۇر. سەن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن، پەرۋەردىگارمۇ سېنىڭ داۋاملىق پادىشاھ بولۇشۇڭنى رەت قىلدى، _ دېدى. 24 سائۇل: _ مەن گۇناھ ئۆتكۈزدۈم! مەن خەلقتىن قورقۇپ، ئۇلارنىڭ سۆزىگە كىرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە ۋە سىزنىڭ سۆزىڭىزگە خىلاپلىق قىلدىم. 25 سىزدىن ئۆتۈنەي، گۇناھىمدىن كېچىپ، مەن بىلەن بىرگە قايتسىڭىز، مەن پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلاي، _ دېدى. 26 سامۇئىل: _ مەن سەن بىلەن بىرگە قايتمايمەن. سەن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن، پەرۋەردىگارمۇ سېنىڭ داۋاملىق ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى بولۇشۇڭنى رەت قىلدى، _ دېدى. 27 سامۇئىل ئارقىغا بۇرۇلۇپ، ماڭماقچى بولدى. سائۇل ئۇنىڭ تونىنىڭ پېشىنى تارتىۋېدى، تون يىرتىلىپ كەتتى. 28 سامۇئىل سائۇلغا: _ پەرۋەردىگار بۈگۈن ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىنى سېنىڭ قولۇڭدىن تارتىۋېلىپ، ئۇنى سەندىن ياخشىراق بىرسىگە بەردى. 29 ئىسرائىللارنى تاللىغان شان-شەرەپلىك خۇدا يالغان سۆزلىمەيدۇ، ئىرادىسىدىن يانمايدۇ. ئۇ ئىنسان ئەمەس، ھەرگىز ئىرادىسىنى ئۆزگەرتمەيدۇ، _ دېدى. 30 سائۇل: _ مەن گۇناھكارمەن، شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ، خەلقىمنىڭ ئاقساقاللىرى ۋە ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا يۈزۈمنى قىلىپ، مەن بىلەن بىرگە قايتىڭ. مەن پەرۋەردىگار خۇداغا ئىبادەت قىلاي، _ دېدى. 31 شۇنىڭدىن كېيىن سامۇئىل سائۇل بىلەن بىرگە قايتتى. سائۇل پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلدى. سامۇئىلنىڭ پادىشاھ ئاگاگنى ئۆلتۈرۈشى 32 سامۇئىل ئامالەكلەرنىڭ پادىشاھى ئاگاگنى ئۆزىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشنى بۇيرۇدى. ئاگاگ ئۆزىچە: «ئەمدى ئۆلۈم خەۋپى ئۆتۈپ كەتتى» دەپ ئويلاپ، خاتىرجەم ھالدا سامۇئىلنىڭ ئالدىغا كەلدى. 33 سامۇئىل: _ سەن قىلىچىڭ بىلەن ئانىلارنى بالىلىرىدىن ئايرىغانىدىڭ، ئەمدى سېنىڭ ئاناڭمۇ ئۆز ئوغلىدىن ئايرىلسۇن، _ دېدى. سامۇئىل ئاگاگنى گىلگالدا پەرۋەردىگار ئالدىدا قىلىچ بىلەن چېپىپ تاشلىدى. 34 شۇنىڭدىن كېيىن سامۇئىل راماھقا قايتتى، سائۇلمۇ گىبئاھقا، يەنى ئۆز ئۆيىگە قايتىپ كەتتى. 35 سامۇئىل تاكى ئالەمدىن ئۆتكۈچە سائۇلنى قايتا كۆرمىدى، لېكىن ئۇنىڭ ئۈچۈن قايغۇرۇپ يۈردى. پەرۋەردىگار سائۇلنى ئىسرائىللارغا پادىشاھ قىلغىنىغا پۇشايمان قىلغانىدى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti