Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


يوناتاننىڭ فىلىستىيەلىكلەرگە ھۇجۇم قىلىشى

1 بىر كۈنى سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتان ئۆزىنىڭ ياراغلىرىنى كۆتۈرگەن يىگىتكە: _ يۈر، قارشى تەرەپتىكى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قاراۋۇل ئەترىتى جايلاشقان يەرگە بارايلى، _ دېدى، لېكىن بۇنى ئاتىسىغا ئېيتمىدى.

2 بۇ چاغدا سائۇل ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ئالتە يۈزچە ئادەم گىبئاھنىڭ ئەڭ چېتىدىكى مىگرون دېگەن جايدا بىر ئانار دەرىخىنىڭ يېنىدىكى بارگاھتا ئىدى.

3 روھانىي ئاخىيا ئۇلارنىڭ ئىچىدە بولۇپ، روھانىيلىق پەرتۇقىنى تاقىۋالغانىدى. ئۇ ئىكابودنىڭ قېرىندىشى ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى ئىدى. ئاخىتۇب پىنىخاسنىڭ ئوغلى، شىلودا پەرۋەردىگارغا روھانىيلىق قىلغان ئەلىنىڭ نەۋرىسى ئىدى. يوناتاننىڭ كەتكىنىنى ھېچكىم بىلمەي قالدى.

4 يوناتان فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قاراۋۇل ئەترىتى جايلاشقان يەرگە بېرىش ئۈچۈن بوزېز ۋە سەنەھ دەپ ئاتىلىدىغان ئىككى تىك قىيانىڭ ئوتتۇرىسىدىكى داۋاندىن ئۆتۈشى كېرەك ئىدى.

5 قىيانىڭ بىرى شىمالغا، يەنى مىكماسقا، يەنە بىرى جەنۇبقا، يەنى گەباغا قاراپ تۇراتتى.

6 _ يۈر، بۇ خەتنىسىزلەرنىڭ قاراۋۇل ئەترىتى جايلاشقان يەرگە بارايلى، _ دېدى يوناتان قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسىگە، _ پەرۋەردىگار بىز ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلسا ئەجەب ئەمەس. چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ بىركىمگە نۇسرەت ئاتا قىلىشى، ئۇ كىشىنىڭ ئادىمىنىڭ ئاز ياكى كۆپ بولۇشىغا باغلىق ئەمەس.

7 _ كۆڭلىڭىزدە نېمە ئويلىغان بولسىڭىز، شۇنداق قىلىڭ! نېمە ئىش قىلسىڭىز، مەن سىز بىلەن بىرگە بولىمەن، _ دېدى قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسى.

8 يوناتان: _ بىز ئۇ تەرەپكە ئۆتەيلى، فىلىستىيەلىكلەر بىزنى كۆرسۇن.

9 ئەگەر ئۇلار بىزگە: «توختاڭلار، بىز سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا بارايلى» دېسە، ئۇلارنىڭ يېنىغا بارماي، ئۆز جايىمىزدا تۇرايلى.

10 ئەگەر: «يېنىمىزغا كېلىڭلار» دېسە، يېنىغا بارايلى. ئەگەر شۇنداق بولسا، بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلارنى بىزنىڭ قولىمىزغا تاپشۇرىدىغانلىقىنىڭ بىر بەلگىسى بولىدۇ، _ دېدى.

11 ئىككىيلەن بېرىپ، ئۆزلىرىنى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قاراۋۇللىرىغا كۆرسەتكەنىدى، قاراۋۇللار: _ مانا، ئىبرانىيلار ئۆزلىرىنى يوشۇرغان كامارلاردىن چىقتى، _ دېدى.

12 ئاندىن ئۇلار يوناتان بىلەن ئۇنىڭ قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسىگە: _ بۇ ياققا كېلىڭلار، بۇرنۇڭلارنىڭ نوخلىسىنى ئېلىپ قويايلى، _ دېدى. _ ماڭا ئەگىشىپ ماڭ، _ دېدى يوناتان قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسىگە، _ پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئىسرائىللارنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى.

13 يوناتان فىلىستىيەلىكلەر تەرەپكە ئۆمىلەپ، يامىشىپ چىقىشقا باشلىدى، قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسىمۇ ئارقىسىدىن ئەگەشتى. ئالدىدىن كەلگەن فىلىستىيەلىكلەرنى يوناتان يەرگە يىقىتتى. ياراغ كۆتۈرگۈچىسىمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ، ئارقىسىدىن كەلگەن فىلىستىيەلىكلەرنى ئۆلتۈرۈشكە كىرىشتى.

14 بۇ دەسلەپكى ھۇجۇمدا يوناتان بىلەن ئۇنىڭ قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسى تەخمىنەن ئۈچ مو كېلىدىغان كىچىك بىر مەيداندا يىگىرمە ئادەمنى ئۆلتۈردى.

15 توساتتىن بارگاھ ۋە دالادىكى فىلىستىيەلىكلەر ئالاقزادە بولۇپ، قاراۋۇللار ۋە زەربىدارلارمۇ قورقۇپ، تىترەپ كېتىشتى، يەرمۇ تەۋرەپ كەتتى. بۇ خۇدادىن كەلگەن قورقۇنچ ئىدى.


ئىسرائىللارنىڭ فىلىستىيەلىكلەرنى قوغلىشى

16 سائۇلنىڭ بىنيامىن قەبىلىسىگە تەۋە گىبئاھ دېگەن يەردىكى قاراۋۇللىرى فىلىستىيەلىكلەر قوشۇنىنىڭ پاراكەندە بولۇپ، ئۇياق-بۇياققا پىتىراپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ قالدى.

17 سائۇل ئۇلارغا: _ قاراپ بېقىڭلار، ئارىمىزدا كىملەر يوق ئىكەن؟ _ دېدى. ئۇلار تەكشۈرۈپ بېقىۋىدى، يوناتان بىلەن ئۇنىڭ قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسى يوق بولۇپ چىقتى.

18 ئاندىن سائۇل روھانىي ئاخىياغا بۇيرۇپ: _ باش روھانىينىڭ پەرتۇقىدىكى «ئۇرىم» ۋە «تۇممىم»نى ئېلىپ كېلىڭ، _ دېدى. ئۇ ۋاقىتتا ئاخىيا ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا باش روھانىيلىق پەرتۇقىنى تاقاپ ماڭاتتى.

19 سائۇل روھانىيغا شۇ سۆزلەرنى دەۋاتقاندا، فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بارگاھىدىكى ۋاراڭ-چۇرۇڭ بارغانسېرى كۈچىيىپ كەتكەنىدى. ئۇ ئاخىياغا: _ بولدى قىلىڭ، ئەمدى كېرەك ئەمەس، _ دېدى.

20 سائۇل دەرھال ئۆزىگە ئەگەشكەن پۈتۈن خەلقنى يىغىپ، جەڭگاھقا بېرىپ، فىلىستىيەلىكلەرنىڭ نەيزە-قىلىچ بىلەن ئۆزئارا بىر-بىرىنى قىرغىن قىلىشىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئاجايىپ پاراكەندە بولۇپ كېتىشكەنلىكىنى كۆردى.

21 بۇ چاغدا ئىلگىرى فىلىستىيەلىكلەرگە قوشۇلۇپ كەتكەن ئىبرانىيلار فىلىستىيەلىكلەرنى تاشلاپ، سائۇل ۋە يوناتانغا ئەگىشىپ كەلگەن ئىسرائىللارغا قوشۇلدى.

22 ئەفرايىم تاغلىق رايونىغا يوشۇرۇنغان ئىسرائىللارمۇ فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قاچقانلىقىنى ئاڭلاپ، جەڭگە چىقىپ ئۇلارنى قوغلىدى.

23 شۇ كۈنى پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا چوڭ نۇسرەت ئاتا قىلدى. بۇ جەڭ بەيتئاۋەننىڭ يىراق يەرلىرىگىچە يېيىلدى.


سائۇلنىڭ ئەخمىقانە قەسىمى

24 ئۇ كۈنى ئىسرائىللار ناھايىتى ھېرىپ، ھالىدىن كەتتى. چۈنكى سائۇل ئۇلارنى قەسەم قىلدۇرۇپ: «دۈشمەنلىرىمىزدىن ئىنتىقام ئالماي تۇرۇپ، كەچ كىرگۈچە تائام يېگەن كىشى قارغىشقا كەتسۇن» دېگەنىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ھېچكىم ھېچنېمە يېمىدى.

25-26 ئۇلار ئورمانلىققا يېتىپ بارغاندا، ھەممە يەردە ھەرە كۆنەكلىرىدىن ئېقىپ چىقىۋاتقان ھەسەللەرنى كۆردى. ئەمما ھېچكىم ھەسەلدىن ئېلىپ، ئاغزىغا سېلىشقا پېتىنالمىدى، چۈنكى ئۇلار قىلغان قەسەمدىن قورقۇشتى.

27 لېكىن يوناتان ئاتىسىنىڭ خەلقنى قەسەم قىلدۇرغانلىقىنى ئاڭلىمىغانىدى. شۇڭا ئۇ قولىدىكى تايىقىنى ھەرە كۆنىكىگە تىقىپ، ھەسەل ئېلىپ، ئاغزىغا سېلىۋىدى، ئۇ شۇنچە روھلىنىپ كەتتى.

28 ئەمما كۆپچىلىكتىن بىرەيلەن ئۇنىڭغا: _ ئاتىڭىز خەلقنى قاتتىق قەسەم قىلدۇرۇپ: «بۈگۈن ھەرقانداق نەرسە يېگەن ئادەم قارغىشقا كەتسۇن» دەپ ئېيتقانىدى، شۇڭا بىز ھېرىپ، ھالىمىزدىن كەتتۇق، _ دېدى.

29 _ ئاتام بىزنى ئېغىر ئەھۋالدا قالدۇرۇپتۇ، _ دېدى يوناتان، _ قاراڭلار، مەن بۇ ھەسەلدىن ئازراق تېتىپ بېقىۋىدىم، شۇنچە روھلىنىپ كەتتىم.

30 ئەگەر بۈگۈن خەلق دۈشمەنلىرىمىزدىن ئولجا ئالغان نەرسىلەردىن خالىغىنىچە يېگەن بولسا، تېخىمۇ ياخشى بولماسمىدى؟ بۈگۈن ئۆلتۈرۈلگەن فىلىستىيەلىكلەر تېخىمۇ كۆپ بولماسمىدى؟

31 شۇ كۈنى ئۇلار فىلىستىيەلىكلەرنى سۈر-توقاي قىلىپ، مىكماستىن ئاييالونغىچە قوغلىدى، ئەمما ھەممەيلەن شۇنچە ھالسىراپ كەتكەنىدى.

32 شۇڭا ئۇلار ئولجىلارغا ئۆزىنى ئېتىپ، قوي، كالا ۋە موزايلارنى ئۇدۇل كەلگەن يەردە سويۇپ، قېنىنى ئېقىتماي گۆشىنى يېدى.

33 بەزىلەر سائۇلغا: _ خەلق قېنى بار گۆشلەرنى يەپ، پەرۋەردىگار ئالدىدا گۇناھ قىلدى، _ دېدى. سائۇل ئۇلارغا: _ خۇدا بىلەن تۈزگەن ئەھدىگە خىلاپلىق قىلىپسىلەر، ئەمدى دەرھال بۇ يەرگە چوڭ بىر تاشنى دومىلىتىپ ئەكېلىڭلار!

34 سىلەر خەلقنىڭ ئارىسىغا بېرىپ، ئۇلارغا: «ھەربىر كىشى ئۆز كالا ياكى قويىنى يېنىمغا ئەكېلىپ، بۇ يەردە سويۇپ يېسۇن. قېنى بار گۆشنى يەپ، پەرۋەردىگار ئالدىدا گۇناھ قىلمىسۇن» دەپ ئېيتىڭلار، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ھەممەيلەن ئۇ كېچىسى ئۆز كالا ياكى قويىنى يېتىلەپ كېلىپ، شۇ يەردە سويدى.

35 سائۇل پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياسىدى، بۇ ئۇنىڭ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ياسىغان تۇنجى قۇربانلىق سۇپىسى ئىدى.

36 ئاندىن سائۇل ئادەملىرىگە: _ كېچىچە فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ، تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن ئۇلارنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى تارتىۋالايلى، ھېچ بىرىنى تىرىك قويمايلى! _ دېدى. _ سىزگە قانداق قىلىش ياخشى بولسا، شۇنداق قىلىڭ، _ دېدى ئۇلار. لېكىن روھانىي سۆز قىستۇرۇپ: _ بىز ئالدى بىلەن خۇدانىڭ ئىرادىسىنى بىلەيلى، _ دېدى.

37 سائۇل خۇدادىن: _ مەن فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىسام بولامدۇ؟ ئۇلارنى ئىسرائىللارنىڭ قولىغا تاپشۇرامسەن؟ _ دەپ سورىدى. لېكىن شۇ كۈنى خۇدادىن ھېچ جاۋاب كەلمىدى.

38 شۇڭا سائۇل: _ ئەي لەشكەر باشلىرى، ھەممىڭلار بۇ يەرگە كېلىڭلار، بۈگۈن نېمە گۇناھ قىلىنغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقايلى.

39 مەن ئىسرائىللارغا نۇسرەت بەرگۈچى مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، بۇ گۇناھنى قىلغان كىشى ھەتتا ئوغلۇم يوناتان بولسىمۇ ئۆلۈشى كېرەك، _ دېدى. لېكىن خەلقتىن ھېچقانداق سادا چىقمىدى.

40 ئاندىن ئۇ پۈتكۈل ئىسرائىللارغا: _ سىلەر بىر تەرەپتە تۇرۇڭلار، ئوغلۇم يوناتان ئىككىمىز يەنە بىر تەرەپتە تۇرايلى، _ دېدى. _ سىز نېمىنى ئۇيغۇن كۆرسىڭىز، شۇنى قىلىڭ، _ دېدى خەلق.

41 سائۇل پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇداغا: _ ئى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، كىمنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەيسەن. ئەگەر گۇناھ مەن ۋە ئوغلۇم يوناتاندا بولسا، چەكتىن «ئۇرىم» چىقسۇن، ئەگەر گۇناھ ئىسرائىل خەلقىدە بولسا، چەكتىن «تۇممىم» چىقسۇن، _ دېدى. چەك تاشلاندى، چەك سائۇل بىلەن يوناتانغا چىقتى، خەلق ئاقلاندى.

42 سائۇل: _ مەن بىلەن ئوغلۇم يوناتانغا چەك تاشلانسۇن، _ دېدى. چەك يوناتانغا چىقتى.

43 سائۇل يوناتانغا: _ سەن ماڭا نېمە گۇناھ قىلغانلىقىڭنى ئېيتقىن، _ دېدى. يوناتان: _ قولۇمدىكى تاياق بىلەن كىچىككىنە ھەسەل ئېلىپ تېتىپ باقتىم، ئۆلۈشكە رازىمەن، _ دېدى.

44 سائۇل: _ ئەي يوناتان! چوقۇم ئۆلۈشۈڭ كېرەك، بولمىسا خۇدا مېنى قاتتىق جازالايدۇ _ دېدى.

45 لېكىن خەلق ئۇنىڭغا: _ ئىسرائىللارنى شۇنچىۋالا چوڭ غەلىبە-نۇسرەتكە يەتكۈزگەن يوناتان تۇرسا، ئەجەبا ئۇ ئۆلۈشى كېرەكمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ! بىز مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمىزكى، ئۇنىڭ بىر تال مويىغىمۇ تېگىشكە بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ خۇدانىڭ ياردىمى بىلەن بۈگۈن شۇنچە چوڭ غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى، _ دېدى. شۇنداق قىلىپ، خەلق يوناتاننى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالدى.

46 شۇنىڭدىن كېيىن سائۇل فىلىستىيەلىكلەرنى قوغلاشتىن ۋاز كەچتى، فىلىستىيەلىكلەرمۇ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەتتى.


سائۇلنىڭ جەڭ غەلىبىلىرى

47 سائۇل ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىنى مۇستەھكەم قولغا ئالغاندىن كېيىن، ئەتراپىدىكى بارلىق دۈشمەنلىرى بىلەن، يەنى موئابلىقلار، ئاممونلار، ئىدوملۇقلار، زوباھتىكى پادىشاھلار ۋە فىلىستىيەلىكلەر بىلەن جەڭ قىلدى. ئۇ قايسى يەرگە بارمىسۇن، ھەممە يەردە غەلىبە قىلدى.

48 سائۇل جەڭدە باتۇر ئىدى. ئۇ ئامالەكلەرنى مەغلۇپ قىلىپ، ئىسرائىللارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغانلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدى.

49 سائۇلنىڭ يوناتان، يىشۋى، مالكىشۇۋا ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. ئۇنىڭ چوڭ قىزىنىڭ ئىسمى مېراب، كىچىك قىزىنىڭ ئىسمى مىكال ئىدى.

50 ئايالى ئىسمى ئاخىنوئام بولۇپ، ئاخىمائازنىڭ قىزى ئىدى. سائۇلنىڭ قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى ئابنېر بولۇپ، ئۇ تاغىسى نېرنىڭ ئوغلى ئىدى.

51 سائۇلنىڭ ئاتىسى كىش بىلەن ئابنېرنىڭ ئاتىسى نېر ئابىئېلنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى.

52 سائۇلنىڭ پۈتۈن ئۆمرى فىلىستىيەلىكلەر بىلەن قاتتىق جەڭ قىلىش بىلەن ئۆتتى. شۇڭا سائۇل ھەرقاچان كۈچتۈڭگۈر ياكى باتۇر بىرىنى كۆرسە، ئۇنى ئۆز خىزمىتىگە سالاتتى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan