سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىسامۇئىلنىڭ ئاخىرقى نۇتۇقى 1 سامۇئىل پۈتۈن ئىسرائىللارغا مۇنداق دېدى: _ قاراڭلار، مەندىن سورىغىنىڭلارنىڭ ھەممىسىنى بەجا كەلتۈردۈم، سىلەرگە بىر پادىشاھ تەيىنلەپ بەردىم. 2 مانا ئەمدى بۇ پادىشاھ سىلەرگە رەھبەرلىك قىلىدۇ. مەن قېرىدىم، چاچلىرىم ئاقاردى، ئوغۇللىرىممۇ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا تۇرۇپتۇ. مەن ياش ۋاقتىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە سىلەرگە رەھبەرلىك قىلىپ كەلدىم. 3 قاراڭلار، مانا مەن بۇ يەردە تۇرۇپتىمەن. سىلەر بۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ ۋە ئۇ تاللىغان پادىشاھنىڭ ئالدىدا ماڭا قارشى ئەرزىڭلار بولسا ئېيتىڭلار. مەن كىمنىڭ ئۆكۈزىنى تارتىۋالدىم، كىمنىڭ ئېشىكىنى بۇلىۋالدىم، كىمنىڭ ھەققىنى يېدىم، كىمگە زۇلۇم سالدىم، كىمنىڭ قولىدىن پارا ئالغانلىقىم سەۋەبلىك كۆزۈمنى يۇمۇۋالدىم؟ ئەگەر شۇنداق قىلغان بولسام، خاتالىقىمنى تۈزىتەي! 4 _ سىلى بىزنىڭ ھەققىمىزنى يېمىگەن، ھېچكىمگە زۇلۇم سالمىغان ۋە ھېچ كىشىنىڭ قولىدىن بىرەر نەرسە ئالمىغان، _ دېيىشتى خەلق. 5 سامۇئىل ئۇلارغا: _ سىلەرنىڭ مەندە ھېچ ھەققىڭلار قالمىغانلىقىغا پەرۋەردىگار ۋە ئۇ تاللىغان پادىشاھ بۈگۈن گۇۋاھ بولسۇن، _ دېدى. ئۇلار سامۇئىلغا: _ گۇۋاھ بولسۇن! _ دېيىشتى. 6 سامۇئىل خەلققە: _ مۇسا بىلەن ھارۇننى تاللىغۇچى ھەم ئاتا-بوۋاڭلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققۇچى دەل پەرۋەردىگاردۇر. 7 ئەمدى سىلەر ئۆز جايىڭلاردا ئۆرە تۇرۇڭلار، مەن سىلەرگە پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرنى، شۇنداقلا ئاتا-بوۋاڭلارنى قايتا-قايتا قۇتقۇزغانلىقىنى ئۇنىڭ ئالدىدا ئېتىپ بېرەي. 8 ياقۇپ مىسىرغا كەلگەندىن كېيىن، ئاتا-بوۋاڭلار پەرۋەردىگارغا يېلىندى. پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇننى ئاتا-بوۋاڭلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىشقا ئەۋەتتى. ئۇلار ئاتا-بوۋاڭلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، مۇشۇ يەرگە ئولتۇراقلاشتۇردى. 9 ئەمما ئاتا-بوۋاڭلار ئۆزلىرىنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانى ئۇنتۇغاچقا، خۇدا ئۇلارنى خازور شەھىرىدىكى قوشۇننىڭ باش سەركەردىسى سىسىرانىڭ، فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ۋە موئاب پادىشاھىنىڭ قولىغا چۈشۈردى. 10 ئاتا-بوۋاڭلار ئۇلارنىڭ قولىغا چۈشكەندە، پەرۋەردىگارغا نالە-پەرياد قىلىپ: «ئى پەرۋەردىگار، بىز سەندىن يۈز ئۆرۈپ، بائال ۋە ئاشتورەتكە چوقۇنۇپ، گۇناھ قىلدۇق. ئەمدى بىزنى دۈشمەنلىرىمىزنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغايسەن، بىز ساڭا ئىبادەت قىلايلى» دەپ يېلىندى. 11 شۇڭا پەرۋەردىگار گىدئون، بىدان، يىفتاھ ۋە مەن سامۇئىلنى سىلەرنى ئەتراپىڭلاردىكى دۈشمەنلەردىن قۇتقۇزۇشقا ئەۋەتتى. شۇ سەۋەبتىن سىلەر تىنچ-ئامان قالدىڭلار. 12 گەرچە پەرۋەردىگار خۇدا سىلەرنىڭ پادىشاھىڭلار بولسىمۇ، ئەمما سىلەر ئاممونلارنىڭ پادىشاھى ناخاش سىلەرگە قارشى تۇرغاندا، سىلەر قورقۇپ، ماڭا: «بىزگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان بىر پادىشاھ تەيىنلەپ بەر» دېدىڭلار. 13 مانا سائۇل، سىلەر تەلەپ قىلغان ۋە تاللىغان پادىشاھتۇر! قاراڭلار، شۇنداق، پەرۋەردىگار سىلەرگە ئۈستۈڭلاردىن ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۈچۈن بىر پادىشاھ بەردى. 14 سىلەر پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىپ، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىپ، ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالساڭلار، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە قارشى چىقماي، ئۈستۈڭلاردىن ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى پادىشاھ بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭغا ئەگەشسەڭلار، ھەممە ئىشلىرىڭلار ياخشى بولىدۇ. 15 لېكىن پەرۋەردىگارغا ئىتائەت قىلماي، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە قارشى چىقساڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ قۇدرەتلىك قولى ئاتا-بوۋاڭلارنى جازالىغاندەك سىلەرنىمۇ جازالايدۇ. 16 ئەمدى سىلەر ئۆز جايىڭلاردا تۇرۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە كۆرسىتىدىغان ئاجايىپ ئىشىنى كۆرۈڭلار. 17 ھازىر بۇغداي ئورىدىغان قۇرغاق ۋاقىت ئەمەسمۇ؟ مەن پەرۋەردىگاردىن تىلەي، ئۇ گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر ياغدۇرسۇن. شۇ چاغدا سىلەر پادىشاھ تەلەپ قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قانچىلىك چوڭ يامان ئىش قىلغىنىڭلارنى بىلىسىلەر _ دېدى. 18 ئاندىن سامۇئىل پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىۋىدى، پەرۋەردىگار شۇ كۈنى گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر ياغدۇردى. شۇنىڭ بىلەن خەلق پەرۋەردىگاردىن ھەم سامۇئىلدىن قاتتىق قورقۇپ كېتىشتى. 19 خەلق سامۇئىلغا: _ بىزنىڭ ئۆلۈپ كەتمەسلىكىمىز ئۈچۈن پەرۋەردىگارىڭىز خۇداغا دۇئا قىلسىڭىز. چۈنكى بىز پادىشاھ تەيىنلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ قىلىپتىمىز، _ دېدى. 20 سامۇئىل خەلققە: _ قورقماڭلار، گەرچە گۇناھ قىلغان بولساڭلارمۇ، ئەمدى پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈمەي، پۈتۈن قەلبىڭلار بىلەن ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار. 21 پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈمەڭلار، بۇتلارغا چوقۇنماڭلار. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھېچبىر پايدىسى يوقتۇر، ئۇلار سىلەرنى قۇتقۇزالمايدۇ، ئۇلار كېرەكسىز نەرسىلەردۇر. 22 پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ نامىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ئۆز خەلقىنى تاشلىمايدۇ. ھەقىقەتەنمۇ پەرۋەردىگار سىلەرنى ئۆز خەلقى قىلىشقا ئىرادە قىلغاندۇر. 23 ماڭا كەلسەك، مەن سىلەر ئۈچۈن دائىم دۇئا قىلىمەن. ئەگەر سىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلمىسام، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولىمەن. مەن سىلەرگە ياخشى ۋە توغرا يولنى كۆرسىتىمەن. 24 سىلەر چوقۇم پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىپ، ئۇنىڭغا ساداقەتلىك بىلەن ئىبادەت قىلىڭلار. ئۇنىڭ سىلەرگە قىلغان ئىشلىرىنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغ ئىكەنلىكىنى ئويلاڭلار. 25 ئەگەر سىلەر يەنىلا گۇناھ قىلساڭلار، پادىشاھىڭلارمۇ، ئۆزۈڭلارمۇ بىردەك ھالاك بولىسىلەر، _ دېدى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti