Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


سائۇلنىڭ ئاممونلارنى مەغلۇپ قىلىشى

1 ئاممونلارنىڭ پادىشاھى ناخاش گىلئادتىكى يابېش شەھىرىگە كېلىپ، ئۇ يەرنى قورشاۋغا ئالدى. پۈتۈن يابېش ئاھالىسى پادىشاھ ناخاشقا: _ ئەگەر بىز بىلەن كېلىشىم تۈزسىلە، سىلىگە ئەل بولايلى، _ دېدى.

2 پادىشاھ ناخاش ئۇلارغا جاۋابەن: _ ئۇنداقتا ھەربىرىڭلارنىڭ ئوڭ كۆزىنى ئويۇۋېلىپ، پۈتكۈل ئىسرائىللارنى خورلۇقتا قالدۇرۇش شەرتى ئاستىدا، سىلەر بىلەن ئەھدە تۈزەي، _ دېدى.

3 يابېشنىڭ ئاقساقاللىرى ئۇنىڭغا: _ بىزگە يەتتە كۈنلۈك مۆھلەت بەرگەيلا، بىز پۈتكۈل ئىسرائىلىيە زېمىنىغا ئەلچىلەر ئەۋەتەيلى. شۇ جەرياندا بىزنى قۇتقۇزىدىغان ئادەم چىقمىسا، سىلىگە تەسلىم بولايلى، _ دېدى.

4 ئەلچىلەر سائۇلنىڭ يۇرتى گىبئاھ شەھىرىگە يېتىپ كەلگەندە، خەلققە بۇ خەۋەرنى يەتكۈزدى. پۈتۈن خەلق داد-پەرياد كۆتۈرۈپ يىغلاشتى.

5 شۇ چاغدا سائۇل ئېتىزلىقىدىن چىقىپ، ئۆكۈزلىرىنى ھەيدەپ كېلىۋاتاتتى. ئۇ: «خەلق نېمە ئۈچۈن يىغلىشىدۇ؟» دەپ ئەتراپىدىكىلەردىن سورىدى، ئۇلار ئۇنىڭغا يابېشتىن كەلگەن كىشىلەرنىڭ خەۋىرىنى ئېيتتى.

6 سائۇل بۇ خەۋەرنى ئاڭلاش بىلەن ئۇنىڭغا تۇيۇقسىز خۇدانىڭ روھى چۈشتى ۋە ئۇنىڭ غەزىپى قاتتىق ئۆرلىدى.

7 ئۇ ئىككى ئۆكۈزنى سويۇپ، پارچىلاپ، ئۇلارنىڭ گۆشلىرىنى خەۋەرچىلەردىن پۈتكۈل ئىسرائىلىيە زېمىنىغا ئەۋەتىپ: _ ئەمدى كىمكى سائۇل بىلەن سامۇئىلغا ئەگىشىپ ئۇرۇشقا ئاتلانمىسا، ئۇنىڭ بۇقىلىرىمۇ مۇشۇنداق پارچىلىنىدۇ _ دەپ ئېلان قىلغۇزدى. پەرۋەردىگار خەلققە سائۇلنىڭ قەھرى ئارقىلىق شۇنداق قورقۇنچ سالدىكى، ئۇلار بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ ئۇرۇشقا تەييار بولدى.

8 سائۇل ئۇلارنى بەزەق دېگەن يەرگە يىغدى. ئۇ يەردە يەھۇدا قەبىلىسىدىن 30 مىڭ كىشى، ئىسرائىلنىڭ باشقا قەبىلىلىرىدىن 300 مىڭ كىشى بار ئىدى.

9 سائۇل گىلئادتىكى يابېشتىن كەلگەن ئەلچىلەرگە: _ سىلەر يابېشقا قايتىپ بېرىپ، يابېشلىقلارغا ئېيتىڭلار، ئەتە چۈشتە ئۇلار قۇتقۇزۇلىدۇ، _ دېدى. يابېشلىقلار بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن خۇشال بولۇپ كېتىشتى.

10 ئۇلار ئاممونلارغا: _ ئەتە بىز سىلەرگە تەسلىم بولىمىز. بىزگە قانداق قىلغۇڭلار كەلسە، شۇنداق قىلىڭلار، _ دېدى.

11 ئىككىنچى كۈنى سائۇل ئادەملىرىنى ئۈچ قىسىمغا بۆلۈپ، تاڭ ئېتىشى بىلەن ئاممونلارنىڭ بارگاھىغا ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ، چۈشكىچە ئۇلارنى قىرغىن قىلدى. ھايات قالغانلىرى ھەر تەرەپكە جانلىرىنى ئېلىپ قېچىشتى.

12 خەلق سامۇئىلغا: _ سائۇل قانداقمۇ بىزگە پادىشاھ بولالىسۇن دېگەنلەر كىملەر؟ ئۇلار ئوتتۇرىغا چىقىرىلسۇن، بىز ئۇلارنى ئۆلتۈرىمىز، _ دېيىشتى.

13 سائۇل: _ بۈگۈن ھېچكىمنى ئۆلتۈرۈشكە بولمايدۇ. چۈنكى بۈگۈن پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيەگە نۇسرەت ئاتا قىلغان كۈن، _ دېدى.

14 سامۇئىل خەلققە: _ گىلگالغا بېرىپ، شۇ يەردە سائۇلنىڭ پادىشاھلىقىنى يېڭىباشتىن جاكارلايلى، _ دېدى.

15 خەلق گىلگالغا بېرىپ، پەرۋەردىگار ئالدىدا سائۇلنىڭ پادىشاھ ئىكەنلىكىنى يېڭىباشتىن ئېتىراپ قىلىشتى ھەم پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئامانلىق قۇربانلىقلىرى سۇنۇشتى. سائۇل ۋە پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقى شاد-خۇراملىققا چۆمدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan