Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت 4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


خۇدا يولىدا ياشاش

1 ئەيسا مەسىھ جىسمانىي جەھەتتە ئازاب-ئوقۇبەت چەككەنىكەن، سىلەرمۇ شۇنداق ئىرادە بىلەن ئۆزۈڭلارنى قوراللاندۇرۇڭلار. چۈنكى، خۇدا يولىدا جىسمانىي جەھەتتە ئازاب-ئوقۇبەت چەككەن كىشى گۇناھ قىلىشنى توختىتىشقا بەل باغلىغان بولىدۇ.

2 بۇنىڭ بىلەن، كېيىنكى ھاياتىڭلارنى يامان ھەۋەسلەرگە بېرىلىش بىلەن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئىرادىسىگە مۇۋاپىق ئۆتكۈزىسىلەر.

3 بۇرۇن سىلەر خۇداغا ئېتىقاد قىلمايدىغانلار ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلىپ، كۆپ ۋاقتىڭلارنى ئۆتكۈزۈۋەتتىڭلار. سىلەر بۇزۇقچىلىق، شەھۋانىيلىق، ھاراقكەشلىك، ئەيش-ئىشرەت، ئاچكۆزلەرچە يەپ-ئىچىش ۋە يىرگىنچلىك بۇتپەرەسلىك ئىچىدە ياشاپ كەلگەنىدىڭلار.

4 خۇداغا ئېتىقاد قىلمايدىغان ئادەملەر ھازىر سىلەرنىڭ ئۆزلىرىگە ئوخشاش شەھۋانىي تۇرمۇشقا بېرىلمىگەنلىكىڭلارغا ئەجەبلىنىپ، سىلەرنى ھاقارەتلىمەكتە.

5 لېكىن، ئۇلار بۇ قىلمىشلىرى ئۈچۈن سوراق قىلىشقا تەييار تۇرغان خۇداغا ھېساب بېرىدۇ. كەلگۈسىدە خۇدا پۈتكۈل ئىنساننى، مەيلى تىرىكلەر ياكى ئۆلگەنلەر بولسۇن، سوراق قىلىدۇ.

6 شۇ سەۋەبتىن، خۇدانىڭ خۇش خەۋىرى ئۆلگەنلەرگىمۇ، ئۇلار ئۆلمەستىن بۇرۇن يەتكۈزۈلگەنىدى. نەتىجىدە، خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلغانلار گەرچە جىسمانىي جەھەتتە باشقا ئىنسانلارغا ئوخشاش، خۇدانىڭ ھۆكۈمى بىلەن ئۆلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ روھى خۇدا ئاتا قىلىدىغان مەڭگۈلۈك ھايات بىلەن ياشايدۇ.


خۇدانىڭ سادىق خىزمەتچىسى

7 دۇنيانىڭ ئاخىرلىشىدىغان كۈنى يېقىنلاشماقتا. شۇڭا، سىلەر ئېغىر-بېسىقلىق ۋە سەگەكلىك بىلەن دۇئا قىلىڭلار.

8 ھەممىدىن مۇھىمى، بىر-بىرىڭلارغا سەمىمىي مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار. چۈنكى، مېھىر-مۇھەببەت نۇرغۇن گۇناھلارنى كەچۈرگۈزۈۋېتىدۇ.

9 بىر-بىرىڭلاردىن نارازى بولماي، مېھماندوست ئۆتۈڭلار.

10 خۇدا تەرىپىدىن ھەربىرىڭلارغا خىلمۇخىل ھەدىيە سۈپىتىدە ئاتا قىلىنغان قابىلىيەتلەرنى ياخشى قوللىنىپ، بىر-بىرىڭلارغا خىزمەت قىلىڭلار.

11 كىمگە خۇدا توغرىسىدا تەلىم بېرىش قابىلىيىتى ئاتا قىلىنغان بولسا، ئۇ خۇدانىڭ سۆزلىرىنى سۆزلىسۇن، كىمگە باشقىلارغا خىزمەت قىلىش قابىلىيىتى ئاتا قىلىنغان بولسا، ئۇ خۇدانىڭ بەرگەن كۈچ-قۇدرىتى بىلەن خىزمەت قىلسۇن. بۇنىڭ بىلەن، ھەممە ئىشتا خۇدا ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق مەدھىيىلىنىدۇ. بارلىق شان-شەرەپ ۋە كۈچ-قۇدرەت خۇداغا ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!


ئېتىقادچىلارنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتكە سەۋر قىلىشى

12 قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، سىلەر قاتتىق سىناقلارغا دۇچ كەلگىنىڭلاردا، ئاجايىپ بىر ئىشقا يولۇقۇپ قالدىم، دەپ ھەيران بولماڭلار.

13 ئەكسىچە، ئەيسا مەسىھنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىگە ئورتاق بولغانلىقىڭلاردىن خۇشال بولۇڭلار. ئۇ شان-شەرەپ بىلەن قايتىپ كەلگەندە، سىلەرمۇ شاد-خۇراملىققا چۆمىسىلەر.

14 ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغانلىقىڭلار سەۋەبىدىن ھاقارەتكە ئۇچرىساڭلار، نەقەدەر بەختلىكسىلەر! چۈنكى، خۇدانىڭ ئۇلۇغ روھى سىلەرنىڭ قەلبىڭلاردىن ئورۇن ئالغان.

15 ئاراڭلاردىن بىرىنىڭ ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشى ھەرگىزمۇ قاتىللىق، ئوغرىلىق ۋە يامانلىقلارنى قىلىش ياكى باشقىلارنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىش سەۋەبىدىن بولمىسۇن.

16 لېكىن، ئاراڭلاردىن بىرى ئەيسا مەسىھكە ئەگەشكۈچى دەپ ئاتالغانلىقى سەۋەبىدىن ئازاب-ئوقۇبەت چەكسە، ئۇ بۇنىڭدىن نومۇس قىلمىسۇن. ئەكسىچە، شۇ نام بىلەن ئاتالغانلىقى ئۈچۈن خۇدانى مەدھىيىلىسۇن.

17 چۈنكى، سوراق ۋاقتى باشلاندى. بۇ سوراق ئالدى بىلەن خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى، يەنى ئېتىقادچىلارنىڭ ئېتىقادىنى سىناشتىن باشلىنىدۇ. ئەگەر بۇ بىز ئېتىقادچىلار ئۈچۈن قىيىن بولسا، ئۇ ھالدا خۇدانىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىغانلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولار؟

18 دەل مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «ئەگەر ئادىل ئادەملەرنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى تەس بولسا، خۇدا يولىدا ماڭمىغانلار ۋە باشقا گۇناھكارلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولار؟»

19 شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن ئازاب-ئوقۇبەت چەككەنلەر جېنىنى ئىشەنچلىك ياراتقۇچىغا ئامانەت قويۇپ، ياخشى ئىشلارنى قىلىشنى داۋاملاشتۇرسۇن.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan