Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت 1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 ئەيسا مەسىھنىڭ ئەلچىسى بولغان مەنكى پېترۇستىن پونتۇس، گالاتىيا، كاپادوكىيا، ئاسىيا ۋە بىتىنىيە ئۆلكىلىرىدە ياشاۋاتقان ھەمدە بۇ دۇنياغا مۇساپىر بولغان، خۇدانىڭ تاللىغان بەندىلىرىگە سالام.

2 خۇدائاتىمىز ئۆزىنىڭ ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە سىلەرنى تاللىدى، مۇقەددەس روھ سىلەرنى پاك قىلدى. بۇنىڭدىن مەقسەت، سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھكە ئىتائەت قىلىپ، ئۇنىڭ قۇربانلىق قېنى بىلەن گۇناھلىرىڭلاردىن يۇيۇلۇشۇڭلار ئۈچۈندۇر. خۇدا سىلەرگە ھەسسىلەپ مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي!


ھاياتلىق ئۈمىدى

3 رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئاتىسى بولغان خۇداغا مەدھىيىلەر ئوقۇلغاي! ئۇ بىزگە چەكسىز رەھىمدىللىك كۆرسىتىپ، ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلىشى ئارقىلىق بىزنى يېڭىدىن تۇغۇلدۇرۇپ، ئۆچمەس بىر ئۈمىدكە ئىگە قىلدى.

4 ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى بولغان بىزلەر ئۈچۈن ئەرشتە تۈگىمەس، چىرىمەس، سولماس مىراس ساقلانماقتا.

5 خۇدا ئالدىن تەييارلاپ قويغان بۇ ئۈزۈل-كېسىل قۇتقۇزۇشنى ئاخىر زاماندا ئاشكارا قىلغۇچە، ئۆزىنىڭ قۇدرىتى بىلەن سىلەرنى ئېتىقادىڭلار ئارقىلىق قوغدايدۇ.

6 شۇنىڭ ئۈچۈن، ھازىر سىلەرنىڭ ھەر خىل سىناقلار تۈپەيلىدىن ۋاقىتلىق ئازاب-ئوقۇبەت تارتىپ، ھەسرەت چېكىشىڭلارغا توغرا كەلسىمۇ، شاد-خۇراملىققا چۆمۈڭلار.

7 بۇنداق ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشىڭلارنىڭ سەۋەبى ئېتىقادىڭلارنىڭ ساپلىقىنى ئىسپاتلاشتۇر. ھەقىقىي ساپ ئېتىقاد بولسا ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىكتۇر. گەرچە ئالتۇننىڭ ساپلىقىنى ئوتتا تاۋلاش ئارقىلىق ئىسپاتلىغىلى بولسىمۇ، ئۇ بىز ئۈچۈن بەرىبىر مەڭگۈلۈك بولالمايدۇ. ئېتىقادىڭلار ساپ بولسا، ئەيسا مەسىھ قايتا كەلگەن چاغدا بۇ ئېتىقاد سىلەرگە مەدھىيە، شان-شەرەپ ۋە ھۆرمەت ئېلىپ كېلىدۇ.

8 سىلەر بۇرۇن ئەيسا مەسىھنى كۆرۈپ باقمىغان بولساڭلارمۇ، ئۇنى سۆيۈپ كەلدىڭلار. ھازىر ئۇنى كۆرمىگەن تەقدىردىمۇ ئۇنىڭغا يەنىلا ئىشىنىسىلەر. شۇڭا، قەلبىڭلار تىل بىلەن ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدىغان چەكسىز شاد-خۇراملىققا چۆمدى.

9 چۈنكى، سىلەر ھازىر ئېتىقادىڭلارنىڭ نىشانى بولغان قۇتقۇزۇلۇشتىن بەھرىمەن بولۇۋاتىسىلەر.

10 بۇ قۇتقۇزۇلۇش توغرىسىدا ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەر تەپسىلىي ئىزدەنگەن، ئۇنى چۈشىنىشكە تىرىشقان ھەمدە سىلەرگە ئاتا قىلىنغان بۇ مېھىر-شەپقەت توغرىسىدا ئالدىن ئېيتقانىدى.

11 ئەيسا مەسىھنىڭ روھى ئۇلارنىڭ قەلبىدە بولۇپ، بۇ روھ ئۇلارغا خۇدا ئەۋەتمەكچى بولغان قۇتقۇزغۇچى چېكىدىغان ئازاب-ئوقۇبەتلەر ۋە ئۇنىڭ بۇ ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى چەككەندىن كېيىن ئېرىشىدىغان شان-شەرىپى توغرىسىدا ئالدىنئالا مەلۇمات بەرگەن. ئۇلار بۇ ئىشلارنىڭ قاچان ۋە قانداق يۈز بېرىدىغانلىقى ئۈستىدە ئىزدەنگەن.

12 خۇدا بۇ پەيغەمبەرلەرگە ئۇلارنىڭ بۇ ئىشلارنى ئالدىن ئېيتىشىنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى سىلەر ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. بۈگۈنكى كۈندە خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگۈچىلەر ئەرشتىن ئەۋەتىلگەن مۇقەددەس روھنىڭ كۈچى بىلەن بۇ ئىشلارنى سىلەرگە يەتكۈزدى. ھەتتا پەرىشتىلەرمۇ بۇ ئىشلارنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقىنى كۆرۈشكە تەلپۈنىدۇ.


پاك ياشاڭلار

13 شۇڭا، ئەقىل-ھوشۇڭلارنى يىغىپ، ئۆزۈڭلارنى سەگەك تۇتۇڭلار، ئۈمىدىڭلارنى ئەيسا مەسىھ قايتا كەلگەن كۈنىدە سىلەرگە ئېلىپ كېلىدىغان بەخت-سائادەتكە پۈتۈنلەي باغلاڭلار.

14 خۇدانىڭ ئىتائەتمەن پەرزەنتلىرىدىن بولۇڭلار. ئەيسا مەسىھنى تونۇمىغان چاغلىرىڭلاردىكىدەك بولمىغۇر ھەۋەسلەرگە بېرىلمەڭلار.

15 ئەكسىچە، ھەممە ئىشلىرىڭلاردا پاك بولۇڭلار، چۈنكى سىلەرنى چاقىرغان خۇدا پاكتۇر.

16 خۇدا مۇقەددەس يازمىلاردا: «پاك بولۇڭلار، چۈنكى مەن پاكتۇرمەن» دېگەن.

17 سىلەر كىشىلەرنىڭ ئىش-ھەرىكىتىگە قاراپ ئادىللىق بىلەن سوراق قىلىدىغان خۇدانى «ئاتا» دېگەنىكەنسىلەر، ئۇنداقتا بۇ دۇنيادا مۇساپىر بولۇپ ياشاۋاتقان ۋاقتىڭلارنى خۇدانى چوڭقۇر ھۆرمەتلەش بىلەن ئۆتكۈزۈڭلار.

18 چۈنكى سىلەرگە مەلۇمكى، سىلەر ئەجدادلىرىڭلاردىن قالغان ئەھمىيەتسىز تۇرمۇش يولىنىڭ قۇللۇقىدىن ئازاد بولدۇڭلار. بۇ، قىممىتىنى ھامان يوقىتىدىغان ئالتۇن ياكى كۈمۈشتەك نەرسىلەر بىلەن ئەمەس،

19 بەلكى خۇدا ئەۋەتكەن كەم-كۈتىسىز قوزىنىڭ، يەنى ئەيسا مەسىھنىڭ قىممەتلىك قېنىنىڭ بەدىلىگە كەلدى.

20 ئەيسا مەسىھ دۇنيا يارىتىلىشتىن ئىلگىرىلا خۇدا تەرىپىدىن ئىنسانلارنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى بولۇش ئۈچۈن تاللانغان. ئۇ مۇشۇ ئاخىرقى ۋاقىتلاردا سىلەر ئۈچۈن بۇ دۇنياغا ئەۋەتىلىپ، ئاشكارا قىلىندى.

21 سىلەر ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇداغا ئېتىقاد قىلىۋاتىسىلەر. خۇدا ئەيسا مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈپ، ئۇنىڭغا شان-شەرەپ بەردى. شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلار ۋە ئۈمىدىڭلار خۇداغا باغلانغان.

22 سىلەر ھەقىقەتكە ئىتائەت قىلغانلىقىڭلاردىن قەلبىڭلار پاك قىلىنىپ، ئېتىقادچىلارنى سۆيىدىغان سەمىمىي مېھىر-مۇھەببەتكە ئىگە بولدۇڭلار. شۇڭا، بىر-بىرىڭلارنى چىن قەلبىڭلاردىن قىزغىن سۆيۈڭلار.

23 چۈنكى، سىلەر يېڭىۋاشتىن تۇغۇلدۇڭلار. بۇ يېڭى ھايات ھامان ئۆلۈپ كېتىدىغان ئىنسانلار ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ سۆزى، يەنى خۇدانىڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە ۋە مەڭگۈ مەۋجۇت سۆزى ئارقىلىق بولدى.

24 خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «پۈتكۈل ئىنسان گۈل-گىياھقا ئوخشايدۇ، ئۇلارنىڭ شان-شەرىپى غازاڭ بولىدىغان چېچەككە ئوخشايدۇ. گىياھلار قۇرۇپ، گۈللەر سولىشىپ ئۆلىدۇ،

25 بىراق، رەببىمىزنىڭ سۆزى مەڭگۈ مەۋجۇت بولىدۇ!» بىز سىلەرگە يەتكۈزگەن خۇش خەۋەر دەل رەببىمىزنىڭ سۆزىدۇر.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan