Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

پادىشاھلار بىرىنچى قىسىم 9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


پەرۋەردىگارنىڭ سۇلايمانغا يەنە بىر قېتىم زاھىر بولۇشى

1 پادىشاھ سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى، ئۆزىنىڭ ئوردىسىنى ۋە ئۆزى سېلىشنى ئارمان قىلىپ كەلگەن ھەممە قۇرۇلۇشلارنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن،

2 ئۇنىڭغا پەرۋەردىگار خۇددى گىبئوندا زاھىر بولغاندەك يەنە زاھىر بولدى.

3 پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ سېنىڭ قىلغان دۇئا ۋە ئىلتىجايىڭنى ئاڭلىدىم. سەن سالغان بۇ ئىبادەتخانىنى خەلقنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن مەڭگۈلۈك مۇقەددەس قىلدىم. كۆزۈم ۋە قەلبىم ھەمىشە مۇشۇ يەردە بولىدۇ.

4 ئەگەر سەن ئاتاڭ داۋۇتقا ئوخشاش ئالدىمدا ساداقەتمەنلىك ۋە ئادىللىق بىلەن ئىش قىلساڭ، ئەمرلىرىم ۋە قانۇن-بەلگىلىمىلىرىمگە ئەمەل قىلساڭ،

5 ئاتاڭ داۋۇتقا: «ئىسرائىلىيە تەختىدە ئولتۇرۇشقا سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭدىن ئادەم كەم بولمايدۇ» دېگىنىمدەك، سېنىڭ ئىسرائىللارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان تەختىڭنى ئەبەدىلئەبەد مۇستەھكەم قىلىمەن.

6 ئەمما سىلەر ياكى سىلەرنىڭ ئەۋلادلىرىڭلار مەندىن يۈز ئۆرۈپ، مەن بۇيرۇغان قانۇن-بەلگىلىمىلىرىمگە رىئايە قىلماي، باشقا ئىلاھلارنىڭ يولىدا مېڭىپ، ئۇلارغا چوقۇنسا،

7 مەن ئۇلارنى ئۇلارغا ئاتا قىلغان بۇ زېمىندىن قوغلاپ چىقىرىمەن، ھەتتا ئۆز نامىمغا ئاتاپ، مۇقەددەس قىلغان بۇ ئىبادەتخانىنىمۇ كۆزۈمدىن يوقىتىمەن. ئۇلار بارلىق ئەللەر ئالدىدا مازاق ۋە كۈلكىگە قالىدۇ.

8 ھازىر ئۇلۇغلىنىۋاتقان بۇ ئىبادەتخانا خارابىلىككە ئايلىنىدۇ. بۇ يەردىن ئۆتكەن-كەچكەنلەر ھەيران بولۇشۇپ ۋە مەسخىرە قىلىشىپ: «پەرۋەردىگار نېمىشقا بۇ زېمىننى ۋە ئىبادەتخانىنى بۇ ھالغا كەلتۈرۈپ قويغاندۇ؟» دەپ سورىشىدۇ.

9 باشقىلار: «چۈنكى ئۇلار ئاتا-بوۋىلىرىنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگار خۇدادىن يۈز ئۆرۈپ، باشقا ئىلاھلارنىڭ يولىدا مېڭىپ، ئۇلارغا چوقۇنغانلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ بېشىغا بۇ بالايىئاپەتلەرنى ياغدۇرغان» دەپ جاۋاب بېرىشىدۇ.


سۇلايماننىڭ ھىرامغا يىگىرمە شەھەر ئىنئام قىلىشى

10 پادىشاھ سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى بىلەن ئۆزىنىڭ ئوردىسىنى سالدۇرۇشقا 20 يىل ۋاقىت سەرپ قىلدى.

11 تىر پادىشاھى ھىرام پادىشاھ سۇلايمان خالىغان كېدىر، قارىغاي ياغاچلىرى ۋە ئالتۇنلارنى تەمىنلىگەچكە، پادىشاھ سۇلايمان ئۇنىڭغا جەلىلىيە زېمىنىدىكى يىگىرمە شەھەرنى بەردى.

12 بىراق پادىشاھ ھىرام سۇلايمان بەرگەن شەھەرلەرگە بېرىپ، ئۇلارنى كۆرۈپ، ئانچە ياراتمىدى.

13 ھىرام سۇلايمانغا: «بۇرادەر، ماڭا تەقدىم قىلغان شەھەرلىرىڭ مۇشۇمۇ؟» دېدى ۋە بۇ شەھەرلەر جايلاشقان زېمىنغا «قابۇل» [ئىبرانىي تىلىدىكى «ھېچنېمىگە ئەرزىمەس» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دەپ نام بەردى. بۇ زېمىن شۇنىڭدىن بېرى شۇ نام بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە.

14 پادىشاھ ھىرام پادىشاھ سۇلايمانغا تۆت توننا ئالتۇن تەقدىم قىلغانىدى.


سۇلايمان قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر

15 تۆۋەندىكىلەر پادىشاھ سۇلايماننىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئوردىسىنى سالدۇرۇش، يېرۇسالېمدىكى تىندۇرۇلغان يەرنى چىڭداش، سېپىل ھەمدە خازور، مىگىددو ۋە گەزەر شەھەرلىرىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ھاشارغا ئادەم ئالغانلىقىنىڭ خاتىرىسىدۇر:

16 (بۇرۇن مىسىر پىرئەۋنى، يەنى پادىشاھى گەزەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇ شەھەرنى ئالغاندىن كېيىن، شەھەردىكى كەنئانلىقلارنى ئۆلتۈرۈپ، شەھەرگە ئوت قويۇۋەتكەن. كېيىن بۇ شەھەرنى پادىشاھ سۇلايمانغا ياتلىق قىلغان قىزىغا سوۋغا قىلىپ بەرگەن.

17 پادىشاھ سۇلايمان گەزەرنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقتى ۋە ئاستىن بەيت-خورون،

18 بائالات ۋە چۆلگە جايلاشقان تامارنى مۇستەھكەملىدى.

19 شۇنداقلا ئامبار سېلىش، جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىرىنىڭ تۇرۇشى ئۈچۈن باشقا شەھەرلەرنى قۇردى. ئۇ يېرۇسالېمدا، لىۋان تاغلىرىدا ۋە ئۆزى ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ھەممە يەرلەردە نېمىنى خالىسا، شۇنى سالدى.)

20 ئىسرائىل زېمىنىدا ئىسرائىللاردىن بولمىغان ئامورلار، خىتلار، پەرىززىلەر، خىۋلار ۋە يىبۇسلارنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ ياشايتتى.

21 ئىسرائىللار ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىگەندە، ئۇلارنى تەلتۆكۈس يوقىتىۋېتەلمىگەنىدى. سۇلايمان قۇرۇلۇشلارنى باشلىغاندا، ئۇلارنى ھاشارغا تۇتقان بولۇپ، ئۇلار شۇنىڭدىن بېرى ھاشارچى بولۇپ كەلمەكتە.

22 لېكىن سۇلايمان ئىسرائىللارنى ھاشارغا سالماي، ئۇلارنى ئۆزىگە لەشكەر، خىزمەتكار، ئەمەلدار، لەشكەر بېشى، جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ سەركەردىلىرى ۋە جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ لەشكەرلىرى قىلدى.

23 سۇلايماننىڭ 550 نەپەر ئىش بېشى ئەمەلدارلىرى بار بولۇپ، ئۇلار ئىشلاۋاتقانلارنى نازارەت قىلاتتى.

24 پىرئەۋننىڭ قىزى «داۋۇت شەھىرى»دىن سۇلايمان ئۆزى ئۈچۈن سالدۇرغان سارايغا كۆچۈپ كەلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن پادىشاھ سۇلايمان يېرۇسالېمدىكى تىندۇرۇلغان يەرنى چىڭدىدى.

25 شۇنداق قىلىپ، ئىبادەتخانا پۈتتى. سۇلايمان پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سالدۇرغان قۇربانلىق سۇپىسىدا ھەر يىلى ئۈچ قېتىم كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقى قىلاتتى ۋە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئىسرىق سالاتتى.

26 پادىشاھ سۇلايمان يەنە ئىدومدىكى قىزىل دېڭىز بويىدا، يەنى ئېلاتقا يېقىن ئەزيون-گەبەردە كېمىلەر ياساتتى.

27-28 پادىشاھ ھىرام ئۆزىنىڭ كېمىلىرى ۋە تەجرىبىلىك دېڭىزچىلىرىنى سۇلايماننىڭ ئادەملىرى بىلەن بىرگە ئوفىر زېمىنىغا ئەۋەتتى. ئۇلار ئۇ يەردىن پادىشاھ سۇلايمانغا 14 توننا ئالتۇن ئېلىپ كەلدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan