Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

پادىشاھلار بىرىنچى قىسىم 8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئىبادەتخانىغا ئېلىپ كېلىنىشى

1 پادىشاھ سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى «داۋۇت شەھىرى»دىن، يەنى سىئوندىن ئىبادەتخانىغا ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىنى، يەنى ھەرقايسى قەبىلە ۋە جەمەت باشلىقلىرىنىڭ ھەممىسىنى يېرۇسالېمدا ئۆزىنىڭ ئالدىدا جەم بولۇشقا بۇيرۇدى.

2 شۇ سەۋەبتىن پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى ئېتانىم ئېيىدىكى، يەنى باش كۈزدىكى كەپە تىكىش ھېيتىدا پادىشاھ سۇلايماننىڭ ئالدىغا جەم بولدى.

3-4 ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىنىڭ ھەممىسى كەلگەندىن كېيىن، روھانىيلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ ئەكەلدى. لاۋىيلار روھانىيلارغا قوشۇلۇپ، ئۇچرىشىش چېدىرىنى ۋە چېدىر ئىچىدىكى بارلىق مۇقەددەس بۇيۇملارنى ئېلىپ كەلدى.

5 پادىشاھ سۇلايمان ۋە پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىغا جەم بولۇپ، نۇرغۇنلىغان قوي ۋە كالىلارنى قۇربانلىق قىلىشتى. قۇربانلىقلار ھەددى-ھېسابسىز بولۇپ، ئۇلارنىڭ سانىنى ئېلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

6 ئاندىن روھانىيلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئۆز جايىغا، يەنى ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى ئەڭ مۇقەددەس خانىغا ئېلىپ كىرىپ، ئىككى كېرۇبنىڭ ئوتتۇرىسىغا، يەنى قاناتلىرىنىڭ ئاستىغا قويدى.

7 كېرۇبلارنىڭ قاناتلىرى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئۈستىدە يېيىلىپ، ئەھدە ساندۇقى بىلەن ئۇنى كۆتۈرىدىغان بالداقلارنى يېپىپ تۇراتتى.

8 ئەھدە ساندۇقىنىڭ بالداقلىرى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇچىنى ئىچكىرىكى خانىنىڭ ئالدىدا، يەنى ئاساسىي خانىدا تۇرۇپ كۆرگىلى بولاتتى، لېكىن سىرتتىن كۆرگىلى بولمايتتى. ئەھدە ساندۇقى شۇنىڭدىن بېرى شۇ يەردە تۇرماقتا.

9 ئەھدە ساندۇقى ئىچىدە مۇسا سىناي تېغىدا سېلىپ قويغان ئىككى تاش تاختىدىن باشقا ھېچ نەرسە يوق ئىدى. ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىن، پەرۋەردىگار سىناي تېغىدا ئۇلار بىلەن ئەھدە تۈزگەنىدى.

10 روھانىيلار مۇقەددەس جايدىن قايتىپ چىققاندا، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى بۇلۇتلارغا تولدى.

11 ئىبادەتخانا بۇلۇتقا، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرىغا تولغاچقا، روھانىيلار ئىبادەتخانىغا قايتا كىرەلمەي، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالماي قالدى.


پادىشاھ سۇلايماننىڭ خەلققە سۆز قىلىشى

12 بۇ چاغدا پادىشاھ سۇلايمان: _ ئى پەرۋەردىگار، سەن قويۇق، قارا بۇلۇتلار ئىچىدە تۇرىمەن دېگەنىدىڭ.

13 بۈگۈن مەن ساڭا ئاتاپ ھەقىقەتەن ھەيۋەتلىك بىر ئىبادەتخانا سالدىم، بۇ يەر ساڭا مەڭگۈلۈك ماكان بولسۇن _ دېدى.

14 ئاندىن سۇلايمان ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ، ئۆرە تۇرغان پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتىگە بەخت تىلىدى ۋە مۇنداق دېدى:

15 _ ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇداغا ھەمدۇسانالار بولسۇن! ئۇ ئۆز ئاغزى بىلەن ئاتام داۋۇتقا بەرگەن ۋەدىسىنى بۈگۈن ئۆز قۇدرىتى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇردى.

16 ئۇ ئاتامغا: «مەن ئۆز خەلقىم ئىسرائىللارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان كۈندىن بۇيان خەلقىمنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن ئىبادەتخانا سېلىشقا ئىسرائىل قەبىلىلىرىگە قاراشلىق شەھەرلەردىن ھېچقايسىسىنى تاللىمىدىم، بىراق خەلقىم ئىسرائىللار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا سېنى تاللىدىم» دېگەنىدى.

17 ئاتام داۋۇتنىڭ پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ نامىغا ئاتاپ بىر ئىبادەتخانا سېلىش نىيىتى بار ئىدى.

18 ئەمما پەرۋەردىگار ئاتام داۋۇتقا: «مېنىڭ نامىمغا ئاتاپ ئىبادەتخانا سېلىش نىيىتىدە بولغىنىڭ ياخشى ئىش،

19 لېكىن نامىمغا ئاتىلىدىغان ئىبادەتخانىنى سەن ئەمەس، بەلكى سېنىڭ ئۆز پۇشتۇڭدىن بولغان ئوغلۇڭ سالىدۇ» دېگەنىدى.

20 ھازىر پەرۋەردىگار ئۆز ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىدەك، ئاتام داۋۇتنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇردۇم، ھەمدە ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ نامىغا ئاتاپ، بۇ ئىبادەتخانىنى سالدۇردۇم.

21 ئىبادەتخانىدا ئەھدە ساندۇقى ئۈچۈن بىر يەر ھازىرلىدىم. مانا ئەھدە ساندۇقىدا پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدىسى، يەنى ئۇ ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان چاغدا، ئۇلار بىلەن تۈزگەن ئەھدىسى تۇرۇپتۇ.


ئىبادەتخانىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاش دۇئاسى

22 پادىشاھ سۇلايمان پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتىنىڭ ئالدىدا پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ، قوللىرىنى كۆككە كۆتۈرۈپ

23 مۇنداق دۇئا قىلدى: _ ئى پەرۋەردىگار، يەنى بىز ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، ئاسمان ۋە زېمىندا ساڭا تەڭداش بولالايدىغان باشقا ھېچبىر ئىلاھ يوقتۇر. سېنىڭ يولۇڭدا چىن قەلبى بىلەن ماڭغان خىزمەتكارلىرىڭغا ئەھدەڭدە تۇرۇپ، مېھىر-مۇھەببىتىڭنى كۆرسىتىسەن.

24 سەن خىزمەتكارىڭ ئاتام داۋۇتقا بەرگەن ۋەدەڭدە تۇردۇڭ، ئۆز ئاغزىڭ بىلەن قىلغان ۋەدەڭنى مانا بۈگۈن ئۆز قۇدرىتىڭ بىلەن ئەمەلگە ئاشۇردۇڭ.

25 ئى پەرۋەردىگار، يەنى بىز ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، سەن خىزمەتكارىڭ بولغان ئاتام داۋۇتقا: «سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ ئۆزىنىڭ ئىش-ئەمەللىرىگە دىققەت قىلىپ، خۇددى ساڭا ئوخشاش ئالدىمدا توغرا يولدا يۈرسە، ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرۇشقا ئەۋلادىڭدىن ئادەم كەم بولمايدۇ» دەپ ئېيتقانىدىڭ. ئەمدى ئاتامغا قىلغان بۇ ۋەدەڭدە چىڭ تۇرغايسەن

26 ئى بىز ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، خىزمەتكارىڭ بولغان ئاتام داۋۇتقا بەرگەن ۋەدەڭنى ئەمەلگە ئاشۇرغايسەن!

27 ئى خۇدا، سەن راستتىنلا زېمىندا ياشامسەن؟ ساڭا ئاسمان، ھەتتا ئەرشئەلا كىچىكلىك قىلغان يەردە، مەن سالغان بۇ ئىبادەتخانا كىچىكلىك قىلماسمۇ!؟

28 شۇنداقتىمۇ، ئى پەرۋەردىگارىم خۇدا، خىزمەتكارىڭنىڭ دۇئا ۋە ئىلتىجاسىغا قۇلاق سالغايسەن. خىزمەتكارىڭنىڭ بۈگۈن سېنىڭ ئالدىڭدا قىلغان نىداسى ۋە نالىسىنى ئاڭلىغايسەن!

29 سەن «خەلق ماڭا ئىبادەت قىلسۇن» دەپ ئېيتقان بۇ ئىبادەتخانىغا كېچە-كۈندۈز نەزەر سالغايسەن. خىزمەتكارىڭنىڭ بۇ ئىبادەتخانىغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ قىلغان دۇئاسىغا قۇلاق سالغايسەن!

30 مەن خىزمەتكارىڭ ۋە ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىللار بۇ يەرگە قاراپ دۇئا قىلغان ۋاقتىدا، بىزنىڭ ئىلتىجالىرىمىزغا قۇلاق سالغايسەن ۋە ئىلتىجايىمىزنى ئەرشتىكى دەرگاھىڭدا تۇرۇپ ئاڭلاپ، گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگەيسەن.

31 ئەگەر بىر ئادەم قوشنىسىغا يامانلىق قىلدى، دەپ ئەيىبلەنسە ۋە ئۇ ئادەم ئۆزىنىڭ گۇناھسىزلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن قەسەم ئىچىشكە مەجبۇر بولۇپ، بۇ ئىبادەتخانىغا كېلىپ، سېنىڭ قۇربانلىق سۇپاڭ ئالدىدا قەسەم ئىچسە،

32 سەن ئەرشتە تۇرۇپ ئاڭلاپ، ھەرىكەت قىلغايسەن ۋە خىزمەتكارلىرىڭنىڭ ئارىسىدا ئادىل ھۆكۈم چىقارغايسەن. گۇناھكارنى جازالاپ، ئۇنىڭ قىلغىنىنى ئۆز بېشىغا قايتۇرغايسەن. بىگۇناھ كىشىنى ھەققانىي ئادەم دەپ بېكىتىپ، ئۇنىڭغا ھەققانىيلىقىغا يارىشا ھەققىنى بەرگەيسەن.

33 خەلقىڭ ئىسرائىللار ئالدىڭدا قىلغان گۇناھ تۈپەيلى دۈشمەنلىرىدىن يېڭىلسە ۋە كېيىن سېنىڭ يولۇڭغا قايتىپ، نامىڭنى ئۇلۇغلاپ، بۇ ئىبادەتخانىدا تۇرۇپ ساڭا دۇئا قىلىپ، رەھىم قىلىشىڭنى تىلىسە،

34 سەن ئەرشتە تۇرۇپ ئاڭلاپ، خەلقىڭ ئىسرائىللارنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈپ، ئۇلارنى سەن ئاتا-بوۋىلىرىغا بەرگەن زېمىنغا قايتۇرۇپ ئەكەلگەيسەن.

35 خەلقىڭ ئىسرائىللار ئالدىڭدا قىلغان گۇناھلىرى سەۋەبىدىن ئاسمان يېپىلىپ، يامغۇر ياغمىسا، ئۇلار سېنىڭ ئۇلارنى مۈشكۈللۈكتە قالدۇرغانلىقىڭنى بىلىپ، بۇ ئىبادەتخانىغا يۈزلىنىپ ساڭا دۇئا قىلىپ، نامىڭنى ئۇلۇغلىسا ۋە گۇناھلىق ئىشلىرىدىن قول ئۈزسە،

36 دۇئالىرىغا ئەرشتە تۇرۇپ قۇلاق سېلىپ، ئۇلارنىڭ، يەنى ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىللارنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈپ، ئۇلارغا ماڭىدىغان دۇرۇس يولنى كۆرسىتىپ بەرگەيسەن ۋە ئۆز خەلقىڭگە ئاتا قىلغان زېمىنغا شەپقەت قىلىپ، يامغۇر ياغدۇرغايسەن.

37 ئەگەر ئىسرائىللار زېمىنىدا ئاچارچىلىق يۈز بېرىپ، ۋابا تارقالسا، زىرائەتلەر قۇرۇپ ياكى سېسىپ كەتسە، قۇرت چۈشۈپ، چېكەتكە يامراپ كەتسە، ياكى دۈشمەنلەر شەھەرلەرنى قورشىۋالسا، يەنى مەيلى ئىسرائىللار قانداق كېسەل ياكى ئاپەتكە دۇچار بولسا،

38 ئۇلار بۇ ئازابلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرى سەۋەبىدىن ئىكەنلىكىنى بىلىپ، بۇ ئىبادەتخانىغا يۈزلىنىپ، قوللىرىنى كۆتۈرۈپ، ئىلتىجا قىلسا،

39 سەن ئەرشتىكى دەرگاھىڭدا تۇرۇپ ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرگەيسەن ۋە ھەربىر كىشىنىڭ قەلبىگە ۋە تۇتقان يولىغا يارىشا مۇئامىلە قىلغايسەن. چۈنكى سەنلا ئىنسانلارنىڭ قەلبىنى بىلىسەن.

40 شۇندىلا ئۇلار سەن ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا ئاتا قىلغان زېمىندا ئۆمۈر بويى ساڭا ئىخلاس قىلىدۇ.

41-42 ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىللاردىن بولمىغان يات خەلقلەرمۇ ئۇلۇغ نامىڭنى ۋە ھەممىگە قادىر قۇدرەتلىك قولۇڭ ياراتقان مۆجىزىلەرنى ئاڭلاپ، يىراق يۇرتلاردىن بۇ ئىبادەتخانىغا كېلىپ دۇئا قىلسا،

43 سەن ئەرشتىكى دەرگاھىڭدا تۇرۇپ ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭ ساڭا قىلغان بارلىق دۇئالىرىنى ئىجابەت قىلغايسەن. يەر يۈزىدىكى بارلىق خەلقلەرنى ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىللارغا ئوخشاش نامىڭغا ھۆرمەت قىلىدىغان، ساڭا ئىخلاس قىلىدىغان ۋە مەن سالغان بۇ ئىبادەتخانىنىڭ سېنىڭ نامىڭغا بېغىشلانغانلىقىنى بىلىدىغان قىلغايسەن.

44 ئەگەر سەن ئۆز خەلقىڭنى دۈشمەنگە قارشى جەڭ قىلىشقا نەگىلا ئەۋەتسەڭ، ئۇلار شۇ يەردىن سەن تاللىغان بۇ شەھەرگە ۋە مەن سېنىڭ نامىڭغا ئاتاپ سالغان بۇ ئىبادەتخانىغا يۈزلىنىپ دۇئا قىلسا،

45 سەن ئەرشتە ئۇلارنىڭ دۇئاسى ۋە ئىلتىجالىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلارغا ياردەم قىلغايسەن.

46 ئۇلار ساڭا قارشى گۇناھ قىلغانلىقى سەۋەبىدىن (گۇناھ قىلمايدىغان ئىنسان يوق) غەزىپىڭگە ئۇچراپ، دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالسا، دۈشمەنلەر ئۇلارنى مەيلى يىراق، مەيلى يېقىن بولسۇن ئۆزلىرىنىڭ يۇرتىغا تۇتقۇن قىلىپ ئېلىپ كەتسە،

47 ئۇلار تۇتقۇن قىلىنىپ ئېلىپ كېتىلگەن يات ئەلدە ھوشىنى تېپىپ توۋا قىلىپ ساڭا: «بىز گۇناھ قىلدۇق، يولدىن ئېزىپ، يامانلىق قىلدۇق» دەپ رەھىم قىلىشىڭنى تىلەپ،

48 ئۆزلىرىنى تۇتقۇن قىلغان دۈشمەنلەرنىڭ يۇرتىدا چىن قەلبى ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ساڭا، سەن ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىغا ئاتا قىلغان زېمىنغا، يەنى سەن تاللىغان بۇ شەھەر ۋە مەن سېنىڭ نامىڭغا ئاتاپ سالدۇرغان بۇ ئىبادەتخانا تەرەپكە يۈزلىنىپ دۇئا قىلسا،

49 سەن ئەرشتىكى دەرگاھىڭدا تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ دۇئاسى ۋە ئىلتىجالىرىغا قۇلاق سېلىپ، ئۇلارغا ياردەم قىلغايسەن.

50 ساڭا قارشى گۇناھ ئۆتكۈزگەن ۋە ئىتائەتسىزلىك قىلغان خەلقىڭنى كەچۈرۈپ، ئۇلارنى تۇتقۇن قىلغۇچىلارنىڭ رەھىم-شەپقىتىگە ئېرىشتۈرگەيسەن.

51 چۈنكى ئۇلار ساڭا تەۋەدۇر، سېنىڭ ئۆز خەلقىڭدۇر. سەن ئۇلارنى مىسىردىن، يەنى تۆمۈر تاۋلاش ئوچىقىدىن ئۆزۈڭ ئېلىپ چىقتىڭ.

52 كۆزۈڭنى ئېچىپ، مەن خىزمەتكارىڭ ۋە ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىللارغا نەزەر سالغايسەن، بىزنىڭ ساڭا يالۋۇرۇپ قىلغان ئىلتىجالىرىمىزغا قۇلاق سالغايسەن.

53 ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، چۈنكى سەن ئۆزۈڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىققاندا خىزمەتكارىڭ مۇسا ئارقىلىق ئۇلارنى يەر يۈزىدىكى خەلقلەر ئىچىدىن ئۆز مۈلكۈڭ قىلىپ تاللىۋالغانلىقىڭنى جاكارلىغانىدىڭ.


پادىشاھ سۇلايماننىڭ خەلققە بەخت تىلىشى

54-55 پادىشاھ سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانلىق سۇپىسى ئالدىدا تىزلىنىپ، ئىككى قولىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، پەرۋەردىگارغا دۇئا ۋە ئىلتىجا قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئورنىدىن تۇرۇپ، پۈتۈن ئىسرائىل جامائىتىگە بەخت تىلەپ، يۇقىرى ئاۋازدا مۇنداق دېدى:

56 _ پەرۋەردىگار قىلغان بارلىق ۋەدىلىرى بويىچە ئۆز خەلقى ئىسرائىللارغا تىنچلىق ۋە ئامانلىق بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ھەمدۇسانالار بولسۇن! ئۇنىڭ ئۆز خىزمەتكارى مۇسا ئارقىلىق قىلغان گۈزەل ۋەدىلىرىنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشتى.

57 پەرۋەردىگارىمىز خۇدا خۇددى ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا يار بولغاندەك بىزگىمۇ يار بولغاي، بىزدىن ۋاز كەچمىگەي ھەم بىزنى تاشلىۋەتمىگەي.

58 ئەكسىچە، قەلبىمىزنى ئۆزىگە مايىل قىلىپ، بىزنى ئۆزىنىڭ يولىدا ماڭىدىغان، ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا بۇيرۇغان ئەمرلىرى، قائىدە-نىزاملىرىغا رىئايە قىلىدىغان قىلغاي.

59 مېنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا قىلغان بۇ دۇئالىرىم دائىم پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ ئېسىدە تۇرغاي. ئۇ ھەر كۈنى، ھەرقانداق ئەھۋالدا ئۆزىنىڭ خىزمەتكارىغا ۋە ئۆز خەلقى ئىسرائىللارغا ياردەم بېرىپ،

60 يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەللەرگە پەرۋەردىگارنىڭ بىردىنبىر ھەقىقىي ئىلاھ ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق بىر ئىلاھ يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەي.

61 سىلەر پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا جان-دىلىڭلار بىلەن سادىق بولۇڭلار. ئۇنىڭ يولىدا مېڭىپ، ئەمر-پەرمانلىرىغا بۈگۈنكىدەك رىئايە قىلىڭلار!


ئىبادەتخانا پەرۋەردىگارغا ئاتالغاندا قىلىنغان قۇربانلىقلار

62 ئاندىن كېيىن پادىشاھ ۋە بارلىق ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىشتى.

63 پادىشاھ سۇلايماننىڭ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ 22 مىڭ كالا، 120 مىڭ قوي ئامانلىق قۇربانلىقى قىلدى. شۇنداق قىلىپ، پادىشاھ ۋە پۈتكۈل ئىسرائىللار ئىبادەتخانىنى پەرۋەردىگارغا بېغىشلىدى.

64 شۇ كۈنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى ئالدىدىكى تۇچ بىلەن قاپلانغان قۇربانلىق سۇپىسىغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە ئامانلىق قۇربانلىقلىرىنىڭ يېغى پاتماي قالدى. شۇڭا پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئالدىدىكى ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يەرنى مۇقەددەس يەر قىلىپ بەلگىلەپ، ئۇلارنى شۇ يەردە كۆيدۈردى.

65 شۇ كۈندىن باشلاپ پادىشاھ سۇلايمان شىمالدىكى لىبو-خامات شەھىرىدىن جەنۇبتىكى مىسىر چېگراسىغا جايلاشقان دەرياغىچە بولغان ئارىلىقتىن كېلىپ توپلانغان پۈتكۈل ئىسرائىللار بىلەن بىرلىكتە پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ ئالدىدا زور جامائەت بولۇپ توپلىنىپ، ئىككى كەررە يەتتە كۈن، يەنى ئون تۆت كۈن كەپە تىكىش ھېيتى ئۆتكۈزدى.

66 ئون بەشىنچى كۈنى پادىشاھ جامائەتنى ئۆيلىرىگە قايتۇردى. جامائەت پادىشاھ ئۈچۈن دۇئا قىلىپ، شاد-خۇراملىق ئىچىدە ئۆيلىرىگە قايتىشتى. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى داۋۇتقا ۋە ئۆز خەلقى ئىسرائىللارغا كۆرسەتكەن بارلىق شاپائىتىدىن تولىمۇ سۆيۈندى ۋە خۇرسەن بولدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan