پادىشاھلار بىرىنچى قىسىم 7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىسۇلايمان سالدۇرغان ئوردا-سارايلار 1 ۋاھالەنكى، پادىشاھ سۇلايمان ئۆز ئوردىسىنى سالدۇرۇشقا 13 يىل ۋاقىت سەرپ قىلدى. 2-3 بۇ جەرياندا ئۇ «لىۋان ئورمىنى سارىيى»نىمۇ سالدۇردى. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 50 مېتىر، كەڭلىكى 25 مېتىر، ئېگىزلىكى 15 مېتىر ئىدى. ساراينىڭ ئۆگزىسىنى كېدىر ياغىچىدىن ياسالغان تۆت رەت تۈۋرۈك كۆتۈرۈپ تۇراتتى. تۈۋرۈكلەرنىڭ ئۈستىگە جەمئىي 45 دانە كېدىر دەرىخىنىڭ لىمى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ھەر ئىككى رەت تۈۋرۈك 15 دانە لىم بىلەن تۇتاشتۇرۇلغانىدى. لىملارنىڭ ئۈستى كېدىر تاختايلىرى بىلەن يېپىلغانىدى. 4 ساراينىڭ ئىككى يان تاملىرىدىكى پەنجىرىلەر ئۈچ قۇردىن بولۇپ، بىر-بىرىگە قارىشىپ تۇراتتى. 5 ھەممە ئىشىكلەرنىڭ كېشەكلىرى تۆت چاسا ئىدى. سارايدا ئۈچ قۇردىن پەنجىرىلەر بولۇپ، بىر-بىرىگە قارىشىپ تۇراتتى. 6 ئۇ يەنە «تۈۋرۈك سارىيى»نى سالدۇردى. ساراينىڭ ئۇزۇنلۇقى 25 مېتىر، كەڭلىكى 15 مېتىر ئىدى. «تۈۋرۈك سارىيى»نىڭ تاشقىرىقى خانىسىنىڭ ئالدىدا ئايۋان بولۇپ، ئايۋاننى تۈۋرۈكلەر كۆتۈرۈپ تۇراتتى. 7 پادىشاھ سۇلايمان يەنە بىر ساراي سالدۇردى. ئۇ شۇ يەردە تەختتە ئولتۇرۇپ، ھۆكۈم چىقىراتتى. شۇڭا بۇ ساراي «ھۆكۈم سارىيى» دەپ ئاتالدى. ساراينىڭ ھەممە تاملىرى كېدىر تاختىيى بىلەن قاپلانغانىدى. 8 سۇلايماننىڭ ئۆزى تۇرىدىغان ئوردىسى «ھۆكۈم سارىيى» ئارقىسىدىكى بىر ھويلىدا بولۇپ، ئۇنىڭ قۇرۇلۇشىمۇ «ھۆكۈم سارىيى»غا ئوخشايتتى. ئۇ ئۆز ئەمرىگە ئالغان پىرئەۋننىڭ قىزى ئۈچۈنمۇ ئاشۇ سارايلارغا ئوخشايدىغان بىر ساراي سالدۇردى. 9 ھەممە ئىمارەتلەرنىڭ ئۇلىدىن تارتىپ ئۆگزىسىگىچە ئۆلچەم بويىچە كېسىپ تەييارلانغان ۋە سىلىقلانغان سۈپەتلىك تاشلار ئىشلىتىلگەنىدى. چوڭ ھويلىنىڭ تېمىمۇ شۇ خىل تاشلار بىلەن قوپۇرۇلغانىدى. 10 ئۇلىغا ئىشلىتىلگەن سۈپەتلىك، چوڭ تاشلارنىڭ ئىچىدە 4 مېتىرلىقلىرىمۇ، 5 مېتىرلىقلىرىمۇ بار ئىدى. 11 ئۇلىنىڭ ئۈستىگە ئۆلچەم بويىچە يونۇلغان سۈپەتلىك تاشلار ۋە كېدىر لىملىرى قويۇلغانىدى. 12 ئوردىنىڭ چوڭ ھويلىسىنىڭ تاملىرىمۇ ھەر ئۈچ قەۋەت يونۇلغان تاش ئۈستىگە بىر قەۋەت كېدىر لىمى قويۇلۇپ قوپۇرۇلغانىدى. پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئىچكىرىكى ھويلىسى ۋە ئايۋىنىنىڭ تاملىرىمۇ شۇنداق قوپۇرۇلغانىدى. ئىككى تۇچ تۈۋرۈك 13 پادىشاھ سۇلايمان تىرغا ئادەم ئەۋەتىپ، ھۇرام ئىسىملىك بىر كىشىنى چاقىرتىپ كەلدى. 14 ھۇرام نافتالى قەبىلىسىدىن بولغان بىر تۇل ئايالنىڭ بالىسى بولۇپ، ئاتىسى تىرلىق مىسكەر ئىدى. ھۇرام مىسكەرچىلىك ھۆنىرىگە پۇختا، ئىقتىدارلىق ۋە بىلىملىك ئادەم ئىدى. ئۇ پادىشاھ سۇلايماننىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭ ھەممە ئىشىنى قىلدى. 15 ھۇرام ئېگىزلىكى 9 مېتىر، ئايلانمىسى 6 مېتىر كېلىدىغان ئىككى تۇچ تۈۋرۈك ياسىدى. 16 تۈۋرۈكنىڭ ئۈستىگە ئورنىتىدىغان ئىككى تۈۋرۈك بېشىنى تۇچتىن قۇيۇپ چىقتى. تۈۋرۈك بېشىنىڭ ھەربىرىنىڭ ئېگىزلىكى 2.5 مېتىردىن ئىدى. 17 تۈۋرۈكلەرنىڭ بېشى ئۆرۈلگەن زەنجىرلەردىن ھاسىل بولغان تورسىمان شەكىللەر بىلەن بېزەلدى. ھەر ئىككى تۈۋرۈكنىڭ بېشى مۇشۇنداق تورلار بىلەن بېزەلدى. 18 ئۇ يەنە ھەر ئىككى تۈۋرۈك بېشىغا ئىككى قۇردىن ئېسىش ئۈچۈن تۇچتىن ئانار ياسىدى. 19 ئايۋاننىڭ ئالدىدىكى بۇ ئىككى تۈۋرۈكنىڭ تۈۋرۈك باشلىرىنىڭ ئۈستىگە 2 مېتىر ئېگىزلىكتە نېلۇپەر شەكلىدە بېزەك ياسىدى. 20 ھەر ئىككى تۈۋرۈكنىڭ تۈۋرۈك باشلىرىدىكى تورسىمان بېزەكتە ئىككى قۇردىن جەمئىي ئىككى يۈز دانە ئانار بولۇپ، بۇ ئانارلار تۈۋرۈك باشلىرىنى ئوراپ تۇراتتى. 21 بۇ تۈۋرۈكلەر ئايۋاننىڭ ئالدىغا ئورنىتىلغان بولۇپ، ئوڭ تەرەپتىكى تۈۋرۈككە «ياكىن» [مەنىسى «خۇدا تىكلەيدۇ»]، سول تەرەپتىكى تۈۋرۈككە «بوئاز» [مەنىسى «خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن»] دەپ نام بېرىلدى. 22 تۈۋرۈكلەرنىڭ تۈۋرۈك باشلىرىنىڭ ئۈستىدە نېلۇپەر شەكىللىك بېزەك بار ئىدى. شۇنداق قىلىپ، تۈۋرۈكلەرنى ياساش ئىشى ئاخىرلاشتى. تۇچ داڭقان 23 ھۇرام يەنە كەڭلىكى 5 مېتىر، چوڭقۇرلۇقى 2.5 مېتىر، ئايلانمىسى 15 مېتىر كېلىدىغان يۇمىلاق شەكىلدىكى بىر تۇچ داڭقان قۇيدى. بۇ داڭقان «دېڭىز» دەپ ئاتالدى. 24 تۇچ داڭقاننىڭ گىرۋىكى ئاستىغا ئىككى قۇر قاپاق شەكىللىك نەقىش چىقىرىلغان بولۇپ، ھەر مېتىر ئارىلىقتا يىگىرمە دانە قاپاقنىڭ شەكلى بار ئىدى. ئۇلار داڭقان قۇيۇلغان چاغدىلا بىرگە قۇيۇلۇپ چىقىلغانىدى. 25 داڭقان 12 دانە تۇچ بۇقىنىڭ ئۈستىگە قويۇلدى. بۇقىلارنىڭ ئۈچى شىمالغا، ئۈچى غەربكە، ئۈچى جەنۇبقا، ئۈچى شەرققە قارىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قۇيرۇقلىرى ئىچ تەرەپكە قارايتتى. 26 داڭقاننىڭ قېلىنلىقى 8 سانتىمېتىر بولۇپ، گىرۋىكى خۇددى پىيالىنىڭ گىرۋىكىگە ھەم نېلۇپەر گۈلىنىڭ بەرگىگە ئوخشايتتى. داڭقانغا 44 مىڭ لىتىر سۇ سىغاتتى. تۇچ داسلار ۋە ئۇلارنى قويىدىغان ھارۋىلار 27 ھۇرام يەنە تۇچ داسلارنى قويۇش ئۈچۈن ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى 2 مېتىر، ئېگىزلىكى 1.5 مېتىر كېلىدىغان تۇچ ھارۋىدىن ئوننى ياسىدى. 28 ھارۋىلار مۇنداق شەكىلدە ياسالدى: ھارۋىلارنىڭ ئاستى ۋە ئۈستى ئىككى دانە تۆت چاسا رامكىدىن تۈزۈلۈپ، بۇ رامكىلار تۆت بۇرجىكىدىن تۆت دانە خادا بىلەن تۇتاشتۇرۇلدى. 29 رامكا ۋە خادىلارغا شىر، بۇقا ۋە كېرۇبلارنىڭ شەكىللىرى ئويۇلدى. شىر ۋە بۇقىلارنىڭ ئاستى ۋە ئۈستى تەرىپىگە ئۇلانغان گۈللەرنىڭ نەقىشلىرى چىقىرىلدى. 30 ھەربىر ھارۋىغا تۆت دانە تۇچ چاق ئورنىتىلىپ، چاقلار تۇچ ئوقلار بىلەن تۇتاشتۇرۇلدى. ئاستىدىكى رامكىنىڭ تۆت بۇرجىكىگە داسنى تىرەپ تۇرۇش ئۈچۈن تۆت دانە خادا ئورنىتىلدى ۋە ئۇلارغا گۈل زەنجىرلىرىنىڭ شەكلىدە نەقىش چىقىرىلدى. 31 ئۈستىدىكى رامكىنىڭ ئوتتۇرىسىغا داسنى قويۇش ئۈچۈن دىيامېتىرى 75 سانتىمېتىر بولغان يۇمىلاق بىر قۇرۇلما ئورنىتىلدى. ئۇمۇ نەقىشلەنگەن بولۇپ، ھارۋىدىن يېرىم مېتىر ئېگىزلىكتە كۆتۈرۈلۈپ تۇراتتى. رامكىلار تۆت چاسا ئىدى. 32 ھارۋىنىڭ تۆت چاقى رامكىنىڭ ئاستىدا بولۇپ، چاقنىڭ ئوقلىرى رامكا بىلەن تۇتاشتۇرۇلغانىدى. ھەربىر چاقنىڭ ئېگىزلىكى 75 سانتىمېتىر ئىدى. 33 چاقلارنىڭ تۈزۈلۈشى جەڭ ھارۋىسىنىڭ چاقلىرىنىڭ تۈزۈلۈشىگە ئوخشاش بولۇپ، چاق ئوقى، چاق گەردىشى، چاق شادىسى ۋە چاق مەركىزىنىڭ ھەممىسى تۇچتىن قۇيۇلدى. 34 ھارۋىلارنىڭ بۇلۇڭلىرىدا بىردىن تۇتقۇچ بولۇپ، ئۇلار ھارۋىلار بىلەن بىر گەۋدە ئىدى. 35 ھارۋىلارنىڭ ئۈستىدە كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان يۇمىلاق قۇرۇلمىنىڭ ئېگىزلىكى 25 سانتىمېتىر كېلەتتى. يۇمىلاق قۇرۇلما تىرەكلەر بىلەن ھارۋىنىڭ تۆت چاسا رامكىلىرىغا تۇتاشتۇرۇلۇپ مۇقىملاشتۇرۇلدى. 36 تىرەكلەر بىلەن رامكىلارنىڭ شادىلىرىغا كېرۇب، شىر ۋە خورما دەرەخلىرىنىڭ شەكىللىرى ئويۇلۇپ، ھەممە قىرلىرى گۈل زەنجىرلىرى بىلەن نەقىشلەندى. 37 شۇنداق قىلىپ، ئۇ ئون ھارۋىنى ياساپ چىقتى. ئۇلارنىڭ ئۆلچىمى ۋە شەكلى ئوخشاش بولۇپ، ھەممە پارچىلىرى ئوخشاش بىر قېلىپتا قۇيۇپ چىقىلغانىدى. 38 ھۇرام يەنە دىيامېتىرلىرى 2 مېتىر كېلىدىغان، ھەربىرىگە 900 لىتىر سۇ پاتىدىغان ئون تۇچ داس ياسىدى. ئۇلارنى ئون ھارۋىغا بىردىن قويدى. 39 ئون ھارۋىنىڭ بەشىنى ئىبادەتخانىنىڭ جەنۇبىغا، بەشىنى شىمالىغا قويدى. داڭقاننى ئىبادەتخانىنىڭ شەرقىي جەنۇب بۇرجىكىگە ئورۇنلاشتۇردى. ئىبادەتخانىدىكى تۇچ ۋە ئالتۇندىن ياسالغان بۇيۇملار 40 ھۇرام يەنە كۈل قاچىسى، گۈرجەك ۋە داسلارنى ياسىدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى ئۈچۈن پادىشاھ سۇلايمان بۇيرۇغان بارلىق ئىشلارنى پۈتتۈردى. 41 ئۇ ياسىغان نەرسىلەر تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەتتۇر: ئىككى تۈۋرۈك، تۈۋرۈكلەرنىڭ ئۈستىدىكى كومزەك شەكىللىك ئىككى تۈۋرۈك بېشى، كومزەك شەكىللىك تۈۋرۈك بېشىنى يېپىپ تۇرىدىغان ئىككى تورسىمان بېزەك، 42 تۈۋرۈكلەرنىڭ بېشىدىكى كومزەك شەكىللىك ئىككى تۈۋرۈك بېشىنى يېپىپ تۇرىدىغان تورسىمان بېزەكلەرگە ئېسىلغان 400 دانە ئانار، (ھەربىر تۈۋرۈكتە ئىككى قۇردىن ئانار بولۇپ، بىر قۇردا 100 دانە ئانار بار ئىدى.) 43 ئون ھارۋا، ھارۋا ئۈستىدىكى ئون تۇچ داس، 44 داڭقان ۋە داڭقان ئاستىدىكى ئون ئىككى بۇقا، 45 كۈل قاچىلىرى، گۈرجەكلەر ۋە داسلار. ھۇرام سۇلايمان پادىشاھنىڭ تەلىپى بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا ئىشلىتىلىدىغان بۇ نەرسىلەرنى پارقىراق تۇچتىن قۇيۇپ چىقتى. 46 بۇ نەرسىلەرنى پادىشاھ ئىئوردان تۈزلەڭلىكىدە، يەنى سۇككوت بىلەن زارىتاننىڭ ئوتتۇرىسىدا سېغىز لاي قېلىپلاردا قۇيدۇردى. 47 تۇچتىن ياسالغان بۇ نەرسىلەر تولىمۇ كۆپ بولغاچقا، سۇلايمان بۇلارغا قانچىلىك تۇچ ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئۆلچەپ ئولتۇرمىدى. 48 سۇلايمان يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا كېرەكلىك بارلىق بۇيۇملارنى ياساتتى. ئۇلار تۆۋەندىكىچە: ئالتۇن ئىسرىقدان، خۇداغا ئاتىلىدىغان نانلار تىزىلىدىغان ئالتۇن شىرە، 49 ئىچكىرىكى خانىنىڭ ئالدىغا، يەنى ئوڭ تەرىپىگە بەش، سول تەرىپىگە بەش ئالتۇن چىراغدان ۋە ئۇنىڭ گۈل شەكىللىك نەقىشلىرى، ئالتۇن چىراغلار، ئالتۇن پىلىك قىسقۇچلار، 50 ئالتۇن پىيالىلەر، ئالتۇن پىلىك قايچىلىرى، ئالتۇن داسلار، ئالتۇن ئىسرىق تەخسىلىرى، ئالتۇن چوغدانلار، ئەڭ مۇقەددەس جاي بولغان ئىچكىرىكى خانىنىڭ ۋە ئاساسىي خانىنىڭ ئىشىكلىرىنىڭ ئالتۇن بىلەن قاپلانغان مۇجۇقلىرى. 51 شۇنداق قىلىپ، پادىشاھ سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا مۇناسىۋەتلىك ھەممە ئىشلارنى تاماملىدى. پادىشاھ سۇلايمان ئاتىسى داۋۇتنىڭ پەرۋەردىگارغا ئاتىغان ئالتۇن-كۈمۈش ۋە باشقا بۇيۇملىرىنى ئەكەلدۈرۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ خەزىنىلىرىگە قويدى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti