Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

پادىشاھلار بىرىنچى قىسىم 6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


پادىشاھ سۇلايماننىڭ ئىبادەتخانىنى سېلىشى

1 سۇلايمان ئىسرائىلىيەگە ھۆكۈمران بولغان 4-يىلى 2-ئايدا، يەنى زىۋ ئېيىدا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى سېلىشقا باشلىدى. بۇ چاغدا ئىسرائىل خەلقى مىسىردىن چىققىنىغا 480 يىل بولغانىدى.

2 پادىشاھ سۇلايمان پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سالغان ئىبادەتخانىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 30 مېتىر، كەڭلىكى 10 مېتىر، ئېگىزلىكى 15 مېتىر بولدى.

3 ئالدىدىكى ئايۋاننىڭ ئۇزۇنلۇقى 5 مېتىر ئىدى. كەڭلىكى 10 مېتىر بولۇپ، ئىبادەتخانىنىڭ كەڭلىكى بىلەن ئوخشاش ئىدى.

4 ئىبادەتخانىغا پەنجىرىلەر چىقىرىلدى.

5 ئىبادەتخانىنىڭ ئاساسىي ۋە ئىچكىرىكى خانىلىرىنىڭ ئۈچ تەرىپىگە يانداشتۇرۇپ، يان خانىلار سېلىندى.

6 يان خانىلارنىڭ لىملىرىنى ئىبادەتخانا تاملىرىغا كىرگۈزمەسلىك ئۈچۈن ئىبادەتخانىنىڭ تاملىرىنىڭ سىرتقى تەرىپى پەلەمپەي شەكىللىك ياسالدى. شۇڭا يان خانىلارنىڭ بىرىنچى قەۋىتىنىڭ كەڭلىكى 2.5 مېتىر، ئىككىنچى قەۋىتىنىڭ كەڭلىكى 3 مېتىر، ئۈچىنچى قەۋىتىنىڭ كەڭلىكى 3.5 مېتىر بولدى.

7 ئىبادەتخانا ياساشقا ئىشلىتىلىدىغان تاشلار تاش قېزىش مەيدانىدا ئالدىن تەييارلىناتتى. شۇڭا ئىبادەتخانىنى سالغان چاغدا، ئىبادەتخانىدا بولقا، ئىسكىنە قاتارلىق ھەرقانداق بىر تۆمۈر ئەسۋابلارنىڭ ئاۋازى ئاڭلانمايتتى.

8 بىرىنچى قەۋەتتىكى يان خانىلارنىڭ ئىشىكى ئىبادەتخانىنىڭ جەنۇب تەرىپىدە بولۇپ، ئايلانما پەلەمپەيلەر ئارقىلىق ئىككىنچى قەۋەتكە، ئىككىنچى قەۋەتتىن ئۈچىنچى قەۋەتكە چىققىلى بولاتتى.

9 سۇلايمان ئىبادەتخانا تاملىرىنى سېلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆگزىسىنى كېدىر لىملىرى ۋە كېدىر ياغاچلىرىدىن قىلىنغان تاختايلار بىلەن ياپتى.

10 ئىبادەتخانىغا يانداش سېلىنغان يان خانىلارنىڭ ھەر قەۋىتىنىڭ ئېگىزلىكى 2.5 مېتىردىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ لىملىرى ئىبادەتخانىنىڭ تاملىرىغا قويۇلغانىدى.

11 پەرۋەردىگاردىن سۇلايمانغا ۋەھىي كەلدى:

12 «سەن بۇ ئىبادەتخانىنى سېلىۋاتىسەن. مېنىڭ ساڭا دەيدىغىنىم شۇكى، ئەگەر سەن ئەمر-پەرمانلىرىمغا رىئايە قىلىپ، بارلىق قائىدە-تۈزۈملىرىمگە ئەمەل قىلساڭ، مەن ئاتاڭ داۋۇتقا بەرگەن ۋەدەمنى سەن ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرىمەن.

13 مەن خەلقىم ئىسرائىللار ئارىسىدا ياشايمەن ۋە ئۇلارنى تەرك ئەتمەيمەن.»


ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكى بېزەكلىرى

14 شۇنداق قىلىپ، سۇلايمان ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىنى تاماملىدى.

15 ئۇ ئىبادەتخانىنىڭ تاملىرىنىڭ ئىچكى تەرىپىنى يەردىن تورۇسىغىچە پۈتۈنلەي كېدىر تاختىيى بىلەن قاپلاپ، يېرىگە قارىغاي تاختىيى ياتقۇزدى.

16 ئىبادەتخانىنىڭ ئەڭ ئىچكىرىكى تەرىپىدىن 10 مېتىر ئارىلىقنى يەر يۈزىدىن تورۇسقىچە كېدىر تاختىيى بىلەن توسۇپ، ئىچكىرىكى خانا، يەنى ئەڭ مۇقەددەس خانىنى ھازىرلىدى.

17 ئەڭ مۇقەددەس خانىنىڭ ئالدىدىكى ئاساسىي خانىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 20 مېتىر بولدى.

18 ئىبادەتخانىنىڭ تاملىرىنى كېدىر تاختايلىرى بىلەن قاپلىغانلىقى ئۈچۈن، تاشلىرى كۆرۈنۈپ قالمايتتى. كېدىر تاختايلىرىغا قاپاق ۋە ئېچىلىپ تۇرغان گۈللەرنى ئويدى.

19 پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قويىدىغان خانىنى ئىبادەتخانىنىڭ ئەڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشتۇردى.

20 ئىچكىرىكى خانىنىڭ ئۇزۇنلۇقى، كەڭلىكى ۋە ئېگىزلىكى ئوخشاشلا 10 مېتىر بولۇپ، ئۇ ھەممە يېرىنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلىدى. ئىچكىرىكى خانىنىڭ ئالدىدىكى كېدىر ياغىچىدىن ياسالغان ئىسرىقداننىمۇ ئالتۇن بىلەن قاپلىدى.

21 سۇلايمان ئىبادەتخانىنىڭ ئىچىنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلىدى. ئالتۇن بىلەن قاپلانغان ئىچكىرىكى خانىنىڭ ئالدىغا ئالتۇن زەنجىر ئېسىپ قويدى.

22 شۇنداق قىلىپ، پادىشاھ سۇلايمان ئىبادەتخانىنىڭ ئىچىنى ۋە ئىچكىرىكى خانىنىڭ ئالدىدىكى ئىسرىقداننى پۈتۈنلەي ئالتۇن بىلەن قاپلىدى.

23 سۇلايمان زەيتۇن دەرىخىنىڭ ياغىچىدىن ئىككى دانە كېرۇبنىڭ ھەيكىلىنى ياساپ، ئىچكىرىكى خانىغا قويدى. كېرۇبلارنىڭ ئېگىزلىكى 5 مېتىر ئىدى.

24 بىرىنچى كېرۇبنىڭ ھەر ئىككى قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئوخشاشلا 2.5 مېتىردىن ئىدى. دېمەك، ئىككى قانىتىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى جەمئىي 5 مېتىر ئىدى.

25 ئىككىنچى كېرۇبنىڭ ئىككى قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقىمۇ 5 مېتىر ئىدى. ئىككى كېرۇبنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ۋە شەكلىمۇ ئوخشاش ئىدى.

26 ئىككى كېرۇبنىڭ ئېگىزلىكى ئوخشاشلا 5 مېتىر ئىدى.

27 سۇلايمان ئىككى كېرۇبنى ئىچكىرىكى خانىغا قويدى. كېرۇبلار قاناتلىرىنى كېرىپ تۇراتتى. بىرىنچى كېرۇبنىڭ بىر قانىتى بۇ تەرەپتىكى تامغا تېگىپ تۇرسا، ئىككىنچى كېرۇبنىڭ بىر قانىتى ئۇ تەرەپتىكى تامغا تېگىپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ يەنە بىر قاناتلىرى خانىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر-بىرىگە تېگىشىپ تۇراتتى.

28 سۇلايمان بۇ ئىككى كېرۇبنىمۇ ئالتۇن بىلەن قاپلىدى.

29 ئاساسىي ۋە ئىچكىرىكى خانىلارنىڭ ھەممە تاملىرىغا كېرۇب، خورما دەرىخى ۋە ئېچىلىپ تۇرغان گۈللەرنىڭ شەكىللىرىنى ئويدى.

30 ئاساسىي ۋە ئىچكىرىكى خانىلارنىڭ يەر يۈزىگە ئالتۇن ياتقۇزدى.

31 ئىچكىرىكى خانىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا زەيتۇن ياغىچىدىن قوش قاناتلىق ئىشىك ياسىدى. ئىشىكنىڭ كەڭلىكى ئىچكىرىكى خانىنىڭ كەڭلىكىنىڭ بەشتىن بىر قىسمىغا توغرا كېلەتتى.

32 ئۇ ئىشىككە كېرۇب، خورما دەرىخى ۋە ئېچىلىپ تۇرغان گۈللەرنىڭ شەكىللىرىنى ئويدى. ئويۇلغان نەقىشلەرنى ئالتۇن بىلەن قاپلىدى.

33 ئاساسىي خانىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا زەيتۇن ياغىچىدىن كېشەك ياسىدى. ئۇنىڭ كەڭلىكى ئاساسىي خانىنىڭ كەڭلىكىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىغا توغرا كېلەتتى.

34 قارىغاي ياغىچىدىن ئىككى ئىشىك ياسىدى، ئىشىكلەرنىڭ ھەربىرى ئىككى قاناتلىق بولۇپ، ئۇلار قاتلىناتتى.

35 ئۇ ئىشىكلەرگە كېرۇب، خورما دەرىخى ۋە ئېچىلىپ تۇرغان گۈللەرنىڭ شەكىللىرىنى ئويدى ۋە ئۇلارنىمۇ ئالتۇن بىلەن قاپلىدى.

36 ئۇ يەنە ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكىرىكى ھويلىسىنى پۈتتۈردى. ھويلا تېمىنى ھەربىر ئۈچ قەۋەت يونۇلغان تاش ئۈستىگە بىر قەۋەت كېدىر لىمى قويۇپ، قوپۇرۇپ چىقتى.

37 پادىشاھ سۇلايمان ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 4-يىلى زىۋ ئېيىدا، يەنى ئەتىيازنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ئۇل سېلىنغانىدى.

38 11-يىلى 8-ئايدا، يەنى بۇل ئېيىدا ئىبادەتخانا قىلىنغان ئىنچىكە لايىھە بويىچە پۈتتى. پادىشاھ سۇلايمان ئىبادەتخانىنى پۈتتۈرۈشكە يەتتە يىل ۋاقىت سەرپ قىلدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan