پادىشاھلار بىرىنچى قىسىم 5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىغا تەييارلىق قىلىنىشى 1 تىر پادىشاھى ھىرام ئۇزۇن يىللاردىن بېرى پادىشاھ داۋۇت بىلەن يېقىن دوستلاردىن ئىدى. ئۇ سۇلايماننىڭ ئاتىسى داۋۇتنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۆز ئەلچىلىرىنى ئۇنىڭ ئالدىغا سالامغا ئەۋەتتى. 2 سۇلايمان ھىرامغا تۆۋەندىكى سۆزلەرنى يوللىدى: 3 «ئۆزلىرىگە مەلۇمكى، ئاتام داۋۇت ئەتراپىدىكى دۈشمەنلەر بىلەن بولغان جەڭلەر تۈپەيلىدىن پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ نام-شەرىپىگە ئاتاپ ئىبادەتخانا سالدۇرالمىغانىدى. ئاتام پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىنىڭ دۈشمەنلىرىنى تاپىنى ئاستىغا چۈشۈرۈشىنى ساقلىغانىدى. 4 لېكىن ھازىر پەرۋەردىگارىم خۇدا ماڭا ھەر جەھەتتىن خاتىرجەملىك ئاتا قىلدى. دۈشمەنلىرىم قالمىدى، ئۇلارنىڭ ھۇجۇم قىلىش خەۋپىمۇ قالمىدى. 5 پەرۋەردىگار ئاتام داۋۇتقا: ‹مەن سېنىڭ تەختىڭدە ئولتۇرغۇزىدىغان ئوغلۇڭ ماڭا ئاتاپ ئىبادەتخانا سالىدۇ› دېگەنىكەن. شۇڭا مەن ئەمدى پەرۋەردىگارىم خۇدانىڭ نامىغا ئاتاپ بىر ئىبادەتخانا سېلىش قارارىغا كەلدىم. 6 شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزلىرى ئادەملىرىگە مەن ئۈچۈن لىۋان تاغلىرىدىكى كېدىر دەرەخلىرىنى كېسىپ بېرىشكە بۇيرۇق بەرگەيلا. مېنىڭ ئادەملىرىم سىلىنىڭ ئادەملىرى بىلەن بىرگە ئىشلىسۇن. ئادەملىرىنىڭ ئىش ھەققىنى ئۆزلىرىنىڭ دېگەنلىرى بويىچە بېرىمەن. چۈنكى ئۆزلىرىگە مەلۇم، بىزنىڭ ئارىمىزدا سىلەر سىدونلۇقلاردەك ئۇستا دەرەخ كەسكۈچىلەر يوق.» 7 ھىرام سۇلايماننىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، تولىمۇ خۇشال بولدى ۋە: «بۇنداق زور خەلققە ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۈچۈن داۋۇتقا مۇشۇنداق بىر ئەقىللىق ئوغۇلنى بەرگەن پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانالار بولسۇن!» دېدى. 8 ئاندىن ھىرام سۇلايمانغا تۆۋەندىكى سۆزلەرنى يوللىدى: «ماڭا ئەۋەتكەن سۆزلىرىنى ئاڭلىدىم. سىلىنىڭ خاھىشلىرى بويىچە بارلىق كېدىر ۋە قارىغاي ياغاچلىرىنى مەن ئۆزۈم تەمىنلەپ بېرىمەن. 9 مېنىڭ ئادەملىرىم بۇ ياغاچلارنى لىۋاندىن ئېلىپ چىقىپ، باغلاپ سال قىلىپ، سىلى كۆرسەتكەن يەرگە ئوتتۇرا دېڭىز ئارقىلىق ئېلىپ بارسۇن. ئادەملىرىم شۇ يەردقىلىپە ياغاچلارنى يەشسۇن. شۇنىڭدىن كېيىن سىلەر ئۇلارنى توشۇپ ئەكېتىڭلار. لېكىن مېنىڭمۇ بىر تەلىپىم بار. سىلى ئوردامنى ئوزۇق-تۈلۈك بىلەن تەمىنلەپ بەرگەيلا.» 10 شۇنىڭ بىلەن ھىرام سۇلايمانغا كېرەكلىك بولغان كېدىر ۋە قارىغاي ياغاچلىرىنى يەتكۈزۈپ بەردى. 11 سۇلايمانمۇ ھىرامنىڭ بۇ ئەجىرلىرىنىڭ بەدىلىگە ئۇنىڭغا 2000 توننا بۇغداي، 3000 لىتىر ساپ زەيتۇن يېغى بەردى. سۇلايمان ھىرامنى ھەر يىلى ئەنە شۇنداق مىقداردىكى بۇغداي ۋە زەيتۇن يېغى بىلەن تەمىنلەپ تۇردى. 12 پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ ۋەدىسى بويىچە سۇلايمانغا ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلدى. ھىرام بىلەن سۇلايمان ئۆزئارا كېلىشىم تۈزۈپ، تىنچلىقنى داۋاملاشتۇردى. 13 پادىشاھ سۇلايمان ئىسرائىل خەلقى ئىچىدىن ھاشارغا ئادەم يىغدى. ئۇلارنىڭ سانى 30 مىڭ ئادەم ئىدى. 14 سۇلايمان ئۇلاردىن ھەر ئايدا 10 مىڭ ئادەمنى نۆۋەت بىلەن لىۋان تاغلىرىغا ئەۋەتتى. ئۇلار لىۋان تاغلىرىدا بىر ئاي، ئۆيىدە ئىككى ئاي تۇراتتى. ھاشارچىلارنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئادورام ئىدى. 15 پادىشاھ سۇلايماننىڭ تاغدا تاش قازىدىغان 80 مىڭ ئادىمى، يۈك توشۇيدىغان 70 مىڭى ئادىمى بار ئىدى. 16 ئۇلاردىن باشقا يەنە سۇلايماننىڭ ئىشلەمچىلەرنى نازارەت قىلىدىغان ۋە ئىش بېشىدا تۇرىدىغان 3300 نەپەر ئەمەلدارلىرى بار ئىدى. 17 پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى بويىچە كىشىلەر ھەم يوغان ھەم سۈپەتلىك تاشلارنى قېزىپ چىقىرىپ، يونۇپ تەييارلىغاندىن كېيىن، ئىبادەتخانىنىڭ ئۇلى قىلىشقا ئىشلەتتى. 18 شۇنداق قىلىپ، سۇلايماننىڭ ۋە ھىرامنىڭ ھۈنەرۋەنلىرى گىبال شەھىرىدىن كەلگەنلەر بىلەن بىرلىكتە تاشلارنى يونۇپ، ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىغا كېرەكلىك تاش-ياغاچلارنى تەييارلاشتى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti