Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

پادىشاھلار بىرىنچى قىسىم 4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


سۇلايماننىڭ ئەمەلدارلىرى

1 سۇلايمان پۈتۈن ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھى ئىدى.

2 تۆۋەندىكىلەر ئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىدۇر: زادوقنىڭ ئوغلى ئازاريا، ئۇ روھانىي ئىدى.

3 شىشانىڭ ئوغۇللىرىدىن ئەلىخورەف ۋە ئاخىيا، ئۇلار پۈتۈكچى ئىدى. ئاخىلۇدنىڭ ئوغلى يىھوشافات، ئۇ تەزكىرىچى ئىدى.

4 يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايا، ئۇ قوشۇننىڭ باش سەركەردىسى ئىدى. زادوق ۋە ئەبىياتار، ئۇلار روھانىي ئىدى.

5 ناتاننىڭ ئوغلى ئازاريا، ئۇ يەرلىك ئەمەلدارلارنى نازارەت قىلىدىغان ۋەزىر ئىدى. يەنە بىر ئوغلى زابۇد روھانىي ۋە پادىشاھنىڭ مەسلىھەتچىسى ئىدى.

6 ئاخىشار ئوردا غوجىدارى ئىدى. ئابدانىڭ ئوغلى ئادورام، ئۇ ھاشارچىلارنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئىدى.

7 سۇلايماننىڭ پۈتۈن ئىسرائىلىيەدە ئوردىنى يېمەكلىك بىلەن تەمىنلەشكە مەسئۇل 12 ئەمەلدارى بار ئىدى. ھەربىر ئەمەلدار ھەر يىلدا بىر ئايدىن يېمەكلىك بىلەن تەمىنلەيتتى.

8 ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى ۋە مەسئۇل بولغان زېمىنلىرى: بەنخۇر، ئۇ ئەفرايىم تاغلىق رايونىغا مەسئۇل ئىدى.

9 بەندەقەر، ئۇ ماقاز، شائالبىم، بەيت-شەمەش ۋە ئېلون-بەيتخانان شەھەرلىرىگە مەسئۇل ئىدى.

10 بەنخەسەد، ئۇ ئارۇببوتقا مەسئۇل ئىدى، شۇنداقلا سوكوھ شەھىرى، خېفەر شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى زېمىنلار ئۇنىڭغا قارايتتى.

11 بەن-ئابىناداب (سۇلايماننىڭ قىزى تافاتنىڭ ئېرى)، ئۇ نافات-دورنىڭ ھەممە يەرلىرىگە مەسئۇل ئىدى.

12 ئاخىلۇدنىڭ ئوغلى بائانا، ئۇ تاناك، مىگىددو ۋە يىزرىئەلنىڭ جەنۇبىدىكى زارىتانغا يېقىن بولغان بەيتشانغا ۋە ئۇ يەردىن يوقمىئامنىڭ قارشى تەرىپىدىكى ئابېل-مىخولاغىچە بولغان بارلىق يەرلەرگە مەسئۇل ئىدى.

13 بەنگېبەر، ئۇ گىلئادتىكى راموت شەھىرىگە، شۇنداقلا ماناسسەنىڭ ئوغلى يائىرنىڭ جەمەتىگە قاراشلىق گىلئادتىكى باشقا شەھەرلەرگە ھەم باشاندىكى ئارگوب رايونىغا جايلاشقان سېپىللىرى، دەرۋازىلىرى ۋە دەرۋازىلارنىڭ تۇچ بالداقلىرى بولغان ئاتمىش شەھەرگە مەسئۇل ئىدى.

14 ئىددونىڭ ئوغلى ئاخىناداب، ئۇ ماخانايىم زېمىنىغا مەسئۇل ئىدى.

15 ئاخىمائاس (سۇلايماننىڭ قىزى باسماتنىڭ ئېرى)، ئۇ نافتالى قەبىلىسىنىڭ زېمىنىغا مەسئۇل ئىدى.

16 خۇشاينىڭ ئوغلى بائانا، ئۇ ئاشېر قەبىلىسىنىڭ زېمىنى ۋە بىئالوت شەھىرىگە مەسئۇل ئىدى.

17 پارۇۋاخنىڭ ئوغلى يىھوشافات، ئۇ ئىسساكار قەبىلىسىنىڭ زېمىنىغا مەسئۇل ئىدى.

18 ئېلانىڭ ئوغلى شىمئى، ئۇ بىنيامىن قەبىلىسىنىڭ زېمىنىغا مەسئۇل ئىدى.

19 ئۇرىنىڭ ئوغلى گەبەر، ئۇ گىلئاد زېمىنىغا مەسئۇل ئىدى (گىلئاد زېمىنى بۇرۇنقى ئامورلارنىڭ پادىشاھى سىخون ۋە باشان پادىشاھى ئوگنىڭ زېمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ). ۋەزىر ئازاريا پۈتۈن رايونلاردىكى يەرلىك ئەمەلدارلارنى باشقۇراتتى.


سۇلايماننىڭ پادىشاھلىقىنىڭ روناق تېپىشى

20 يەھۇدا قەبىلىسى ۋە باشقا ئىسرائىلىيە قەبىلىسىدىكىلەر خۇددى دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك كۆپ ئىدى. ئۇلار يەپ-ئىچىپ، خۇشال-خۇرام ياشايتتى.

21 پادىشاھ سۇلايمان فىرات دەرياسىدىن فىلىستىيەگىچە، فىلىستىيەدىن مىسىرغىچە بولغان ئارىلىقتىكى پۈتۈن پادىشاھلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى. ئۇلار سۇلايمان ھايات چېغىدا ئۇنىڭغا ئالۋان-سېلىق تاپشۇرۇپ، ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولاتتى.

22 سۇلايماننىڭ ئوردىسىنىڭ كۈندىلىك يېمەكلىكلىرى ئۈچۈن 2 توننا سۈپەتلىك ئۇن، 4 توننا ئاددىي ئۇن،

23 ئون تۇياق بوردالغان كالا، يىگىرمە تۇياق يايلاقتا بېقىلغان كالا، يۈز تۇياق قوي كېتەتتى. بۇلاردىن باشقا بۇغا، جەرەن، كېيىك ۋە سېمىز ئۇچار قاناتلارمۇ ئىستېمال قىلىناتتى.

24 پادىشاھ سۇلايمان تىفساختىن گازاغىچە، يەنى فىرات دەرياسىنىڭ غەربىي تەرىپىدىكى بارلىق پادىشاھلىقلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى، شۇڭا ئۇنىڭ تۆت ئەتراپى تىنچ ئىدى.

25 پادىشاھ سۇلايمان زامانىدا داندىن بەئەرشەباغىچە بولغان ئارىلىقتىكى يەھۇدىيە بىلەن ئىسرائىلىيە خەلقلىرى ئۆزىنىڭ ئۈزۈم باراڭلىرى ۋە ئەنجۈر دەرەخلىرى ئاستىدا خاتىرجەم ياشىدى.

26 سۇلايماننىڭ جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ ئاتلىرى ئۈچۈن 4 مىڭ ئاتخانىسى ۋە 12 مىڭ ئېتى بار ئىدى.

27 يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان ئەمەلدارلار ھەر ئايدا پادىشاھ سۇلايماننىڭ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە غىزالىنىدىغانلارنىڭ يېمەكلىكلىرىنى كەم قالدۇرماي، نۆۋەتلىشىپ تەمىنلىشەتتى.

28 ئۇلار جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ ئاتلىرى ۋە باشقا ئاتلار ئۈچۈن ئارپا ۋە سامانلارنىمۇ ئۆز نۆۋىتى بويىچە بەلگىلەنگەن يەرگە يەتكۈزۈپ بېرىشەتتى.


سۇلايماننىڭ ئەقىل-پاراسىتى

29 خۇدا سۇلايمانغا ئەقىل-پاراسەت، چوڭقۇر ئىدراك ۋە چەكسىز ھېكمەت ئاتا قىلغانىدى.

30 ئۇ ئەقىل-پاراسەتتە شەرقتىكى ۋە مىسىردىكى بارچە دانىشمەنلەرنى بېسىپ چۈشەتتى.

31 ئۇنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ھەرقانداق ئادەمدىن، جۈملىدىن ئەزراخ خەلقىدىن بولغان ئېتان ۋە ماخولنىڭ ئۈچ ئوغلى، يەنى ھېمان، كالكول ۋە داردانىڭكىدىنمۇ ئارتۇق ئىدى. ئۇنىڭ داڭقى تۆت ئەتراپتىكى پۈتكۈل ئەللەرگە يېيىلغانىدى.

32 ئۇنىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرى 3000غا، يازغان شېئىر-نەزمىلىرى 1005كە يەتكەنىدى.

33 ئۇنىڭ ھەر خىل دەل-دەرەخلەر ھەققىدە، يەنى لىۋان تاغلىرىدا ئۆسىدىغان كېدىر دەرىخىدىن تارتىپ، تامدىن ئۆسۈپ چىقىدىغان لېپەكگۈلگىچە ئېيتقان سۆزلىرى بار ئىدى. ئۇ ھەتتا ھايۋاناتلار، ئۇچار قاناتلار، ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلار ۋە بېلىقلار ھەققىدىمۇ توختالغانىدى.

34 يەر يۈزىدىكى پادىشاھلار سۇلايماننىڭ ئەقىل-پاراسەتلىك ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرىنى ئاڭلاپ كېلىشكە ئادەملەر ئەۋەتىشكەنىدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan