Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

پادىشاھلار بىرىنچى قىسىم 22 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


مىكايا پەيغەمبەر ۋە ساختا پەيغەمبەرلەر

1 ئىسرائىلىيە بىلەن ئاررام ئوتتۇرىسىدا ئۈچ يىلغىچە ئۇرۇش بولمىدى.

2 لېكىن ئۈچىنچى يىلىغا كەلگەندە، يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافات ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخاب بىلەن كۆرۈشكىلى كەلدى.

3 ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخاب ئۆز ئەمەلدارلىرىغا: _ گىلئادتىكى راموت شەھىرى بىزنىڭ ئەمەسمۇ؟! بىز نېمە ئۈچۈن ئۇنى ئاررام پادىشاھىدىن قايتۇرۇۋالمايمىز؟ _ دېدى.

4 ئۇنىڭدىن كېيىن ئاخاب يىھوشافاتتىن: _ سىلى گىلئادتىكى راموتنى ئالغىلى ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن مەن بىلەن بىللە باراملا؟ _ دەپ سورىدى. يىھوشافات: _ مەن سىلى بىلەن ئاتلىنىشقا تەييارمەن. ئادەملىرىمنى ئۆزلىرىنىڭ ئادەملىرى، ئاتلىرىمنى ئۆزلىرىنىڭ ئاتلىرى دەپ بىلگەيلا.

5 لېكىن سىلى بۇنى ئالدى بىلەن پەرۋەردىگاردىن سورىسىلا! _ دېدى.

6 شۇنىڭ بىلەن ئاخاب ئۆزى پەيغەمبەر دەپ قارىغان تەخمىنەن 400 ئادەمنى يىغىپ، ئۇلاردىن: _ مەن راموتقا ھۇجۇم قىلسام بولامدۇ؟ _ دەپ سورىدى. _ ھۇجۇم قىلغايلا! ئىگىمىز راموتنى قوللىرىغا تاپشۇرىدۇ، _ دېدى ئۇلار.

7 بىراق يىھوشافات: _ بۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن ھېچكىم قالمىدىمۇ؟ ئەگەر قالسا، بىز بۇ ئىشنى ئۇنىڭدىن سورايلى، _ دېدى.

8 _ بۇ يەردە پەرۋەردىگاردىن سوئال سورىيالايدىغان بىرى بار، _ دېدى ئاخاب، _ لېكىن مەن ئۇنىڭغا ئۆچ. چۈنكى ئۇ مەن ھەققىدە ۋەھىي يەتكۈزگەندە، ھەمىشە ياخشى گەپ قىلمايدۇ، يامان گەپ قىلىدۇ. ئۇ يىملاھنىڭ ئوغلى مىكايادۇر. _ پادىشاھ تۇرۇپ بۇنداق دېسىلە بولمايدۇ! _ دېدى يىھوشافات.

9 شۇنىڭ بىلەن ئاخاب ئوردا ئەمەلدارلىرىدىن بىرەيلەننى چاقىرىپ، يىملاھنىڭ ئوغلى مىكايانى دەرھال ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇدى.

10 ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخاب بىلەن يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافات شاھانە تونلىرىنى كىيىشىپ، سامارىيەنىڭ شەھەر دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدىكى خاماندا ئۆز تەختلىرىدە ئولتۇرۇشتى. پۈتۈن پەيغەمبەرلەر ئۇلارغا ۋەھىيلەرنى يەتكۈزدى.

11 پەيغەمبەرلەردىن بىرى كىنائاننىڭ ئوغلى زىدقىيا ئىدى. ئۇ تۆمۈردىن ياسالغان بىر جۈپ مۈڭگۈزنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، پادىشاھ ئاخابقا: _ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سەن ئارراملارنى يوقاتمىغۇچە، بۇ مۈڭگۈزلەر بىلەن ئۇلارنى ئۈسۈپ تۇرىسەن»، _ دېدى.

12 باشقا پەيغەمبەرلەرمۇ ئوخشاش سۆزنى قىلىپ: _ راموتقا ھۇجۇم قىلغايلا، سىلى غەلىبە قىلىلا، پەرۋەردىگار شەھەرنى قوللىرىغا تاپشۇرىدۇ، _ دېيىشتى.

13 بۇ چاغدا مىكايانى چاقىرغىلى بارغان ئەمەلدار مىكاياغا: _ قاراڭ، ھەممە پەيغەمبەرلەر پادىشاھقا بىر ئېغىزدىن ياخشىلىقتىن بېشارەت بېرىشتى. سىزمۇ ئۇلارغا ئوخشاش ياخشىلىقتىن بېشارەت بەرگەيسىز، _ دېدى.

14 لېكىن مىكايا: _ مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، پەرۋەردىگار ماڭا نېمە دېسە، مەن شۇنى دەيمەن، _ دېدى.

15 مىكايا ئاخاب پادىشاھنىڭ ئالدىغا بارغاندا، پادىشاھ ئۇنىڭدىن: _ مىكايا، بىز راموتقا ھۇجۇم قىلساق بولامدۇ؟ _ دەپ سورىدى. _ ھۇجۇم قىلىشقايلا، غەلىبە قىلىشىلا. پەرۋەردىگار شەھەرنى قوللىرىغا تاپشۇرىدۇ، _ دەپلا قويدى مىكايا.

16 لېكىن پادىشاھ: _ مەن سېنى پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن سۆز قىلغىنىڭدا راستچىل بول، دەپ قانچە قېتىم قەسەم قىلدۇردۇم؟ _ دېدى.

17 مىكايا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: _ مەن ئىسرائىلىيە قوشۇنلىرىنىڭ خۇددى قويچىسىز قالغان قويلاردەك تاغقا تارقىلىپ كەتكەن كۆرۈنۈشنى كۆردۈم. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بۇ كىشىلەرنىڭ يېتەكچىسى يوق ئىكەن، ئۇلار ئۆز يۇرتلىرىغا ئامان-ئېسەن قايتسۇن».

18 ئاخاب يىھوشافاتقا: _ مەن ئۆزلىرىگە بۇ ئادەم مەن ھەققىدە ۋەھىي يەتكۈزگەندە، ياخشى گەپ قىلماي، داۋاملىق يامان گەپ قىلىدۇ، دېمىگەنمىدىم؟ _ دېدى.

19 مىكايا يەنە مۇنداق دېدى: _ شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغايلا! مەن پەرۋەردىگارنىڭ تەختىدە ئولتۇرغىنىنى كۆردۈم. پۈتكۈل ساماۋى جامائەت ئۇنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرىپىدە تۇراتتى.

20 پەرۋەردىگار: «ئاخابنىڭ جەڭدە ئۆلۈشى ئۈچۈن ئۇنى راموتقا بېرىشقا كىم ئازدۇرىدۇ؟» دەپ سورىدى. بەزىلەر بۇنداق دېسە، بەزىلەر ئۇنداق دېدى.

21 كېيىن بىر روھ چىقىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ: «مەن ئازدۇرىمەن» دېدى.

22 پەرۋەردىگار ئۇنىڭدىن: «قانداق ئازدۇرىسەن؟» دەپ سورىدى. ھېلىقى روھ: «مەن ئاخابنىڭ پۈتۈن پەيغەمبەرلىرىنى يالغان ئېيتقۇزىمەن» دېدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: «سەن ئۇنى چوقۇم ئازدۇرالايسەن، بېرىپ، ئۇنى ئازدۇرغىن» دېدى.

23 مىكايا ئەڭ ئاخىرىدا: _ ئىشنىڭ جەريانى مانا مۇشۇنداق، پەرۋەردىگار سىلىنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆزلىرىگە يالغان ئېيتقۇزدى. ئەمەلىيەتتە، پەرۋەردىگار سىلىگە بالايىئاپەت ياغدۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى! _ دېدى.

24 شۇنىڭ بىلەن كىنائاننىڭ ئوغلى زىدقىيا مىكايانىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنى بىر كاچات ئۇرۇپ، ئۇنىڭدىن: _ پەرۋەردىگارنىڭ روھى قاچان مەندىن ئايرىلىپ، ساڭا سۆز قىلدى؟ _ دەپ سورىدى.

25 مىكايا: _ بىر كۈن كېلىدۇكى، ئۇ چاغدا سەن بىر ئۆينىڭ ئەڭ ئىچكىرىكى خانىسىغا يوشۇرۇنۇشقا مەجبۇر بولىسەن، شۇ چاغدا بۇنى بىلىسەن، _ دەپ جاۋاب بەردى.

26 شۇنىڭ بىلەن ئاخاب بۇيرۇق چۈشۈرۈپ: _ مىكايانى تۇتۇپ، شەھەر باشلىقى ئامون بىلەن شاھزادە يوئاشنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىڭلار ۋە

27 ئۇلارغا: «پادىشاھ مۇنداق پەرمان قىلىدۇكى، ماۋۇ كىشىنى زىندانغا تاشلاڭلار. مەن ئامان-ئېسەن قايتىپ كەلگۈچە، ئۇنىڭغا جېنىنى ساقلىغۇدەكلا نان بىلەن سۇ بېرىڭلار» دەڭلار، _ دېدى.

28 مىكايا: _ ئەگەر ئامان-ئېسەن قايتىپ كەلسىلە، پەرۋەردىگاردىن ماڭا ۋەھىي كەلمىگەن بولىدۇ. ھەربىرلىرى سۆزۈمنى ئەسلىرىدە تۇتۇشقايلا، _ دېدى.


پادىشاھ ئاخابنىڭ جەڭدە ئۆلۈشى

29 ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخاب بىلەن يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافات گىلئادتىكى راموت شەھىرىگە قارشى جەڭگە ئاتلاندى.

30 ئاخاب يىھوشافاتقا: _ بىز جەڭگە چىققاندا، مەن قىياپىتىمنى ئۆزگەرتىۋالاي، سىلى شاھانە تونلىرىنى كىيىۋەرسىلە، _ دېدى. شۇنداق قىلىپ، ئاخاب قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپ جەڭگە كىردى.

31 ئاررام پادىشاھى 32 نەپەر ھارۋىلىق لەشكەر باشلىرىغا: «سىلەر باشقا لەشكەرلەر بىلەن جەڭ قىلىپ يۈرمەي، ھۇجۇمنىڭ نىشانىنى ئىسرائىلىيە پادىشاھىغىلا قارىتىڭلار» دەپ بۇيرۇدى.

32 ئۇلار يىھوشافاتنى كۆرگەندە، ئۇنى جەزمەن ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھى دەپ ئويلاپ، ھەممىسى ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىشتى. يىھوشافات ۋارقىراشقا باشلىدى.

33 شۇندىلا ئۇلار ئۇنىڭ ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئەمەسلىكىنى بىلىپ، ئۇنى قوغلىماي، كېتىپ قېلىشتى.

34 بىراق بىر ئاررام لەشكىرى تاسادىپىي بىر ئوق ئېتىۋىدى، ئۇ ئوق دەل ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخابنىڭ قاسراقسىمان ساۋۇتى ياپالمىغان يېرىگە تەگدى. ئاخاب ئۆزىنىڭ جەڭ ھارۋىسىنى ھەيدىگۈچىسىگە ۋارقىراپ: _ مەن يارىلاندىم، كەينىڭگە قايت، جەڭدىن چېكىن! _ دېدى.

35 ئۇ كۈنى جەڭ شىددەتلىك بولدى. پادىشاھ ئاخاب ھارۋىسىدا بىرەيلەننىڭ يۆلىشى بىلەن ئارراملارغا قاراپ ئولتۇردى. يارىلانغان يېرىدىن ئاققان قان ھارۋىنىڭ تېگىگە ئېقىپ چۈشتى. ئۇ كەچ بولاي دېگەندە جان ئۈزدى.

36 كۈن پاتقاندا ئىسرائىلىيە قوشۇنى ئىچىدىن بىرسىنىڭ: «ھەممە ئادەم ئۆز ماكانىغا، ئۆز يۇرتىغا قايتسۇن!» دېگەن چاقىرىقى ئاڭلاندى.

37 شۇنداق قىلىپ، پادىشاھ ئاخاب ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ جەسىتى سامارىيە شەھىرىگە ئېلىپ كېلىنىپ، دەپنە قىلىندى.

38 ئۇنىڭ جەڭ ھارۋىسى سامارىيەدىكى بىر كۆلچەكتە يۇيۇلۇپ تازىلىنىۋاتقاندا، خۇددى پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىدەك، ئىتلار كېلىپ ئۇنىڭ قېنىنى يالىدى. بۇ كۆلچەك پاھىشىلەر يۇيۇنىدىغان كۆلچەك ئىدى.

39 پادىشاھ ئاخابنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى، قىلغان پائالىيەتلىرى، شۇنداقلا ئۇنىڭ پىل چىشىدىن بېزەلگەن ئوردىسى ۋە كېڭەيتىپ قۇرغان نۇرغۇن شەھەرلىرى ھەققىدىكى خاتىرىلەر «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر.

40 ئاخاب ۋاپات بولۇپ، ئوغلى ئاخازيا تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.


يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافات

41 ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخابنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ تۆتىنچى يىلى ئاسانىڭ ئوغلى يىھوشافات يەھۇدىيەگە پادىشاھ بولدى.

42 ئۇ تەختكە چىققان چاغدا 35 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 25 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى شىلخىنىڭ قىزى ئازۇبا ئىدى.

43 يىھوشافات پۈتۈنلەي ئاتىسى ئاسا ماڭغان يولدا مېڭىپ، ھېچ ياققا ئېغىشماي، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى. بىراق سەجدىگاھلار يوقىتىۋېتىلمىدى. خەلق يەنىلا ئۇ يەرلەردە قۇربانلىق قىلىپ، ئىسرىق سېلىشنى داۋاملاشتۇردى.

44 يىھوشافات ئىسرائىلىيە پادىشاھى بىلەن تىنچ ئۆتتى.

45 پادىشاھ يىھوشافاتنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ۋە قىلغان ئۇرۇشلىرى «يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر.

46 ئۇ سەجدىگاھلاردىكى ئاتىسى ئاسانىڭ زامانىدىن قېلىپ قالغان ئەر ۋە ئايال پاھىشىلەرنى زېمىنىدىن يوقاتتى.

47 ئۇ چاغلاردا ئىدومدا پادىشاھ يوق ئىدى. يەھۇدىيە پادىشاھى ئۇ يەرنى باشقۇرۇشقا بىر ۋالىي تەيىنلىدى.

48 يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافات ئوفىر زېمىنىدىن ئالتۇن ئەكېلىش ئۈچۈن ئۇزۇن يولغا قاتنايدىغان كاتتا كېمىلەرنى ياساتتى. لېكىن كېمىلەر ئەزيون-گەبەردىن چىقماي تۇرۇپلا پارچىلىنىپ كەتتى، ئوفىرغا بارالمىدى.

49 بىر مەزگىلدىن كېيىن ئاخابنىڭ ئوغلى، يەنى ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخازيا ئۆز ئادەملىرىنى پادىشاھ يىھوشافاتنىڭ ئۇزۇن يولغا قاتنايدىغان كېمىلىرى بىلەن بىرگە بېرىش توغرىسىدا يىھوشافاتقا تەكلىپ بەردى، بىراق يىھوشافات قوشۇلمىدى.

50 يىھوشافات ۋاپات بولۇپ، ئەجدادى داۋۇتنىڭ نامىدا ئاتالغان «داۋۇت شەھىرى»دە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىندى. ئوغلى يىھورام تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.


ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخازيا

51 يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافاتنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 17-يىلى ئاخابنىڭ ئوغلى ئاخازيا ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولدى. ئۇ سامارىيەدە ئىككى يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى.

52 ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ئاتىسى ئاخاب ۋە ئانىسى ئىزەبەلنىڭ ئىزىنى بېسىپ، ئىسرائىلىيەلىكلەرنى بۇتپەرەسلىككە يېتەكلىگەن ياروبئامنىڭ يولىدا ماڭدى.

53 ئۇ ئاتىسىغا ئوخشاش بائالغا چوقۇنۇپ، ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ غەزىپىنى قوزغىدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan