Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

پادىشاھلار بىرىنچى قىسىم 21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


نابوتنىڭ ئۈزۈمزارلىقى

1 بۇ ۋەقەلەردىن كېيىن مۇنداق بىر ئىش يۈز بەردى: نابوت ئىسىملىك يىزرىئەللىك بىر كىشى بار بولۇپ، ئۇنىڭ بىر ئۈزۈمزارلىقى بار ئىدى. بۇ ئۈزۈمزارلىق سامارىيە پادىشاھى ئاخابنىڭ يىزرىئەل شەھىرىدىكى ئوردىسىنىڭ يېنىدا ئىدى.

2 بىر كۈنى پادىشاھ ئاخاب نابوتقا: _ ئۈزۈمزارلىقىڭ ئوردامنىڭ يېنىدا ئىكەن، ئۇنى ماڭا بەرگىن، مەن ئۇنى كۆكتاتلىق قىلاي. ساڭا ئۈزۈمزارلىقىڭدىنمۇ ياخشى ئۈزۈمزارلىق بېرەي، ياكى بولمىسا ئۆز باھاسىدا پۇل بېرەي، _ دېدى.

3 بىراق نابوت ئاخابقا: _ خۇدا ساقلىسۇن، ئاتا-بوۋىلىرىمدىن قالغان بۇ مىراس يەرنى سىلىگە قەتئىي بەرمەيمەن، _ دېدى.

4 ئاخاب ئوردىسىغا قايتىپ كېلىپ، نابوتنىڭ: «مەن ساڭا ئاتا-بوۋىلىرىمدىن قالغان مىراس يەرنى بەرمەيمەن» دېگەن سۆزىگە خاپا بولۇپ، ئاچچىقلانغان ھالدا تامغا قاراپ يېتىۋالدى، تاماقمۇ يېمىدى.

5 ئايالى ئىزەبەل ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: _ تاماقمۇ يېمىگۈدەك نېمىگە روھلىرى بۇنچە چۈشۈپ كەتتى؟ _ دېدى.

6 ئاخاب ئايالىغا: _ چۈنكى مەن يىزرىئەللىك نابوتقا: «ئۈزۈمزارلىقىڭنى ماڭا سېتىپ بەرگىن، ياكى خالىساڭ، ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا بىر ئۈزۈمزارلىق بېرەي» دېگەنىدىم، ئۇ ماڭا «مەن ساڭا ئۈزۈمزارلىقىمنى بەرمەيمەن» دەيدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى.

7 ئايالى ئۇنىڭغا: _ سىلى ئىسرائىلىيەگە پادىشاھمۇ، ئەمەسمۇ؟ مەيۈسلەنمەي، ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، تاماق يېسىلە. نابوتنىڭ ئۈزۈمزارلىقىنى ئۆزلىرىگە مانا مەن ئېلىپ بېرىمەن! _ دېدى.

8 شۇنداق قىلىپ، ئىزەبەل ئاخابنىڭ نامىدا مەكتۇپ يېزىپ، ئاخابنىڭ مۆھرىنى بېسىپ، ئۇنى نابوت بىلەن بىر شەھەردە ياشايدىغان ئاقساقاللار ۋە ئېسىلزادىلەرگە ئەۋەتتى.

9 ئۇ مەكتۇپنى مۇنداق يازغانىدى: «بىر كۈن روزا تۇتۇشنى جاكارلاڭلار ۋە نابوتنى جامائەتنىڭ ئارىسىدا تۆرگە ئولتۇرغۇزۇڭلار.

10 ئىككى يارىماس ئادەمنى ئۇنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلغۇزۇڭلار. ئۇلار: ‹سەن خۇدا ۋە پادىشاھنى لەنەتلىدىڭ› دېسۇن. ئاندىن سىلەر نابوتنى سىرتقا ئېلىپ چىقىپ، چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈڭلار.»

11 نابوت بىلەن بىر شەھەردە ياشايدىغان ئاقساقاللار ۋە ئېسىلزادىلەر ئىزەبەلنىڭ مەكتۇپىدا بۇيرۇغىنى بويىچە ئىش كۆردى.

12 ئۇلار بىر كۈن روزا تۇتۇشنى جاكارلاپ، نابوتنى خەلق ئارىسىدا تۆرگە ئولتۇرغۇزدى.

13 ئاندىن ئىككى يارىماس ئادەم كىرىپ، نابوتنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ، جامائەتكە: «نابوت خۇدا ۋە پادىشاھنى لەنەتلىدى» دېدى. شۇنىڭ بىلەن جامائەت نابوتنى شەھەر سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ، چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈردى.

14 ئاندىن ئۇلار ئىزەبەلگە: «نابوت چالما-كېسەك قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلدى» دېگەن خەۋەرنى يەتكۈزدى.

15 ئىزەبەل نابوتنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىشى بىلەن ئاخابقا: _ نابوت ئۆلدى. ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، ئۇ سىلىگە سېتىپ بېرىشكە ئۇنىمىغان ئۈزۈمزارلىققا ئىگىدارلىق قىلسىلا، _ دېدى.

16 ئاخاب نابوتنىڭ ئۆلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۈزۈمزارلىقىغا ئىگىدارلىق قىلغىلى باردى.

17 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار تىشبىلىك ئىلياسقا مۇنداق دېدى:

18 _ ئورنۇڭدىن تۇر، سامارىيەدە ئىسرائىلىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان پادىشاھ ئاخاب بىلەن كۆرۈشكىلى بار. ئۇ ھازىر نابوتنىڭ ئۈزۈمزارلىقىغا ئىگىدارلىق قىلىش ئۈچۈن ئۇ يەرگە باردى.

19 سەن ئۇنىڭغا: «پەرۋەردىگار: ‹سەن ئادەم ئۆلتۈرۈپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭ يېرىنىمۇ تارتىۋالامسەن؟› دەيدۇ، دېگىن». ئۇنىڭغا يەنە: «پەرۋەردىگار: ‹ئىتلار نابوتنىڭ قېنىنى قەيەردە يالىغان بولسا، سېنىڭ قېنىڭنىمۇ شۇ يەردە يالايدۇ!› دەيدۇ، دېگىن».

20 ئىلياس يېتىپ بارغاندا، ئاخاب ئۇنىڭغا: _ ئەي دۈشمىنىم، مېنى تېپىۋالدىڭمۇ؟ _ دېدى. ئىلياس جاۋابەن مۇنداق دېدى: _ شۇنداق، سېنى تېپىۋالدىم، چۈنكى سەن يامانلىققا بېرىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدىڭ.

21 شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۈستۈڭگە بالايىئاپەت ياغدۇرىمەن، سېنى سۈپۈرۈپ تاشلايمەن، ئىسرائىلىيەدىكى ساڭا تەۋە ئەركەكلەرنىڭ ھەممىسىنى قېرى-ياش دېمەي ھالاك قىلىمەن.

22 سېنىڭ جەمەتىڭنى نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامنىڭ جەمەتىگە ۋە ئاخىيانىڭ ئوغلى باشانىڭ جەمەتىگە ئوخشاش قىلىمەن. چۈنكى سەن ئىسرائىلىيەلىكلەرنى بۇتپەرەسلىككە يېتەكلەپ، غەزىپىمنى قوزغىدىڭ».

23 پەرۋەردىگار يەنە ئىزەبەل ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئىزەبەلنىڭ جەسىتى يىزرىئەل سېپىلى تۈۋىدە ئىتلارغا يەم بولىدۇ».

24 ئەي ئاخاب، سېنىڭ جەمەتىڭدىن شەھەردە ئۆلگەنلىرىنى لالما ئىتلار، دالادا ئۆلگەنلىرىنى قاغا-قۇزغۇنلار يەيدۇ.

25 (ھېچكىممۇ ھازىرغىچە ئاخابقا ئوخشاش يامانلىققا بېرىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ باقمىغانىدى. ئۇنى خوتۇنى ئىزەبەل ئازدۇرغانىدى.

26 ئۇ خۇددى پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ كۆزى ئالدىدا زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىۋەتكەن ئامورلارغا ئوخشاش بۇتلارغا چوقۇنۇپ، ئىنتايىن يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلغانىدى.)

27 ئاخاب ئىلياسنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، كىيىملىرىنى يىرتىپ تاشلاپ، ماتەملىك كىيىم كىيىپ، روزا تۇتتى. ئۇ ھەر كۈنى ماتەملىك كىيىمى بىلەن يېتىپ قوپۇپ، غەمكىن يۈردى.

28 پەرۋەردىگار تىشبىلىك ئىلياسقا مۇنداق دېدى:

29 _ ئاخابنىڭ ئالدىمدا گۇناھىغا شۇنچىلىك پۇشايمان قىلغانلىقىنى كۆرگەنسەن؟ ئۇ پۇشايمان قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ بېشىغا كېلىدىغان ئاپەتنى ئۇ ھايات ۋاقتىدا كەلتۈرمەيمەن. ئۇنىڭ ئوغلى پادىشاھ بولغاندا، ئاپەتنى ئۇنىڭ جەمەتىگە ياغدۇرىمەن.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan