Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

پادىشاھلار بىرىنچى قىسىم 20 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ئارراملارنىڭ سامارىيەنى قورشىۋېلىشى

1 بىر كۈنى ئاررام پادىشاھى بەنھاداد پۈتۈن قوشۇنىنى يىغدى. ئۇ ئاتلىق لەشكەرلىرى، جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئۆزىنى قوللىغان 32 پادىشاھ بىلەن بىرلىكتە سامارىيە شەھىرىنى قورشاپ ھۇجۇم قىلدى.

2 ئۇ سامارىيەدىكى ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخابقا ئەلچى ئەۋەتتى.

3 ئەلچى مۇنداق دېدى: _ پادىشاھ بەنھاداد مۇنداق دەيدۇكى، سېنىڭ ئالتۇن-كۈمۈشلىرىڭ، خوتۇنلىرىڭ، شۇنداقلا ئوغۇللىرىڭنىڭ كۈچتۈڭگۈرلىرى مېنىڭدۇر.

4 ئىسرائىلىيە پادىشاھى جاۋابەن: _ ئى پادىشاھ ئالىيلىرى، سىلىنىڭ سۆزلىرى بويىچە بولغاي. مەن ۋە مەندە بار ھەممە نەرسە سىلىنىڭكىدۇر، _ دېدى.

5 ئەلچىلەر يەنە كېلىپ: _ پادىشاھ بەنھاداد دەيدۇكى، مەن ساڭا ئالتۇن-كۈمۈشلىرىڭ ۋە خوتۇن-بالىلىرىڭنى بېرىسەن دەپ ئېيتقانىدىم.

6 بۇنىڭدىن سىرت مەن يەنە ئەتە مۇشۇ ۋاقىتتا ئەمەلدارلىرىمنى قېشىڭغا ئەۋەتىمەن. ئۇلار ئورداڭ بىلەن ئەمەلدارلىرىڭنىڭ ئۆيلىرىنى ئاختۇرىدۇ. ئۇلار سېنىڭ نەزىرىڭدە نېمە ئەزىز بولسا، شۇنى ئېلىپ كېتىدۇ، _ دېدى.

7 ئىسرائىلىيە پادىشاھى زېمىنىدىكى ئاقساقاللارنى يىغىپ، ئۇلارغا: _ بۇ ئادەمنىڭ نىيىتىنىڭ يامانلىقىغا قاراڭلار. ئۇ ئەلچى ئەۋەتىپ، خوتۇن-بالىلىرىمنى ۋە ئالتۇن-كۈمۈشلىرىمنى تەلەپ قىلغاندا، مەن ئۇنىڭغا ياق دېمىدىم، _ دېدى.

8 ئاقساقاللار ۋە خەلق: _ ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىسىلا ھەم ماقۇل بولمىسىلا! _ دېيىشتى.

9 شۇنىڭ بىلەن ئاخاب بەنھادادنىڭ ئەلچىلىرىگە: _ پادىشاھ ئالىيلىرىغا سۆزۈمنى يەتكۈزۈپ قويغايسىلەر: «كەمىنىلىرىدىن دەسلەپتە تەلەپ قىلغانلىرىنى ئورۇنلايمەن، لېكىن كېيىنكى تەلەپنى ئورۇنلىيالمايمەن»، _ دېدى. ئەلچىلەر قايتىپ بېرىپ، بۇ سۆزنى بەنھادادقا يەتكۈزدى.

10 بەنھاداد ئاخابقا ئەلچى ئەۋەتىپ: _ پۈتۈن سامارىيەنى يەر بىلەن يەكسان قىلىپ، تۈزلەپ تاشلىغىنىمدا، ئۇ يەردە ماڭا ئەگەشكەن كىشىلەرنىڭ قولىغا چىققۇدەك يىڭنە چاغلىق بىر نەرسە قالىدىغان بولسا، ئىلاھلار مېنى قاتتىق جازالىغاي، _ دېدى.

11 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئەلچىگە: _ بەنھادادقا: «ئادەم دۇبۇلغا-ساۋۇتنى كىيىشتىن بۇرۇن ئەمەس، بەلكى يەشكەندىن كېيىن ماختىنىشى كېرەك!» دەڭلار، _ دېدى.

12 بەنھادادقا بۇ خەۋەر يېتىپ كەلگەندە، ئۇ ۋە ئۇنىڭ بەگلىرى ئۆزلىرىنىڭ چېدىرلىرىدا شاراب ئىچىشىۋاتاتتى. ئۇ قول ئاستىدىكىلەرگە: _ ھۇجۇمغا تەييارلىنىڭلار! _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سامارىيەگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلاندى.


ئارراملارغا قارشى تۇنجى جەڭ

13 بۇ چاغدا بىر پەيغەمبەر ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخابنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا: _ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بۇ زور قوشۇننى كۆردۈڭمۇ؟ مانا بۈگۈن مەن ئۇلارنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. شۇ چاغدا سەن مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىسەن»، _ دېدى.

14 ئاخاب ئۇنىڭدىن: _ كىم ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ؟ _ دەپ سورىدى. پەيغەمبەر: _ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۆلكە باشلىقلىرىنىڭ قول ئاستىدىكى ياش پالۋانلار ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ»، _ دېدى. ئاخاب: _ جەڭنى كىم باشلايدۇ؟ _ دەپ سورىدى. پەيغەمبەر: _ سەن، _ دېدى.

15 شۇنىڭ بىلەن ئاخاب ئۆلكە باشلىقلىرىنىڭ قول ئاستىدىكى ياش پالۋانلارنى يىغدى. ئۇلار 232 ئادەم ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يەنە پۈتۈن ئىسرائىلىيە قوشۇنىنى يىغدى. ئۇلارنىڭ سانى 7000 ئادەم ئىدى.

16 چۈش ۋاقتىدا بەنھاداد ۋە ئۇنىڭغا ياردەمدە بولغان 32 بەگ ئۆزلىرىنىڭ چېدىرلىرىدا شاراب ئىچىشىپ، مەست بولۇشۇپ ئولتۇرۇشاتتى، ئىسرائىلىيەلىكلەر ھۇجۇمغا ئاتلاندى.

17 ئالدى بىلەن ئۆلكە باشلىقلىرىنىڭ قول ئاستىدىكى ياش پالۋانلار شەھەردىن چىقتى. بەنھاداد ئايغاقچىلارنى ئەۋەتكەنىدى. ئۇلار كېلىپ، ئۇنىڭغا: _ دۈشمەن لەشكەرلىرى سامارىيەدىن چىقتى، _ دېدى.

18 بەنھاداد: _ مەيلى ئۇلار سۈلھى ئۈچۈن چىققان بولسۇن ياكى جەڭ قىلىش ئۈچۈن چىققان بولسۇن، ئۇلارنى تىرىك تۇتۇڭلار! _ دېدى.

19 ئۇ ۋاقىتتا ئۆلكە باشلىقلىرىنىڭ قول ئاستىدىكى ياش پالۋانلار ۋە ئۇلارغا ئەگىشىپ ماڭغان قوشۇن شەھەردىن چىقىپ بولغانىدى.

20 ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆزىگە ئۇچرىغان دۈشمەننى ئۆلتۈردى. ئارراملار قېچىشتى، ئىسرائىلىيەلىكلەر كەينىدىن قوغلاپ ماڭدى. ئاررام پادىشاھى بەنھاداد ئاتقا مىنىپ، بىرنەچچە ئاتلىقلار بىلەن بىللە قاچتى.

21 ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخاب ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئارراملارنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن ئاتلىق لەشكەرلىرىگە زەربە بېرىپ، ئارراملارنى زور دەرىجىدە قىرغىن قىلدى.


ئارراملارغا قارشى ئىككىنچى جەڭ

22 شۇنىڭدىن كېيىن ھېلىقى پەيغەمبەر ئىسرائىلىيە پادىشاھىنىڭ يېنىغا كېلىپ: _ بېرىپ مۇداپىئەڭنى كۈچەيت، نېمە قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە ياخشى ئويلان. چۈنكى ئەتىياز كېلىشى بىلەن ئاررام پادىشاھى ساڭا قايتىدىن ھۇجۇم قىلىدۇ، _ دېدى.

23 ئاررام پادىشاھىنىڭ ئەمەلدارلىرى پادىشاھقا: _ ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ ئىلاھى تاغ ئىلاھى بولغاچقا، بىزدىن كۈچلۈك كەلدى. بىراق بىز ئۇلار بىلەن تۈزلەڭلىكتە جەڭ قىلساق، جەزمەن ئۇلاردىن كۈچلۈك كېلىمىز.

24 شۇڭا سىلى بەگلەرنىڭ ھوقۇقىنى ئېلىپ تاشلاپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا سەردارلارنى قويغايلا.

25 ئالدىنقى قېتىم قانچىلىك لەشكەر، ئات، جەڭ ھارۋىسى يوقاتقان بولسىلا، شۇنچىلىك لەشكەر، ئات، جەڭ ھارۋىسى تولۇقلاپ، قوشۇن تەشكىل قىلغايلا. ئاندىن بىز تۈزلەڭلىكتە ئۇلارغا قارشى جەڭ قىلايلى. شۇنداق قىلساق، بىز چوقۇم ئۇلارنى مەغلۇب قىلىمىز، _ دېدى. ئاررام پادىشاھى ئۇلارنىڭ گېپىگە قۇلاق سېلىپ، شۇ بويىچە ئىش كۆردى.

26 ئەتىياز كېلىشى بىلەن بەنھاداد قوشۇنلىرىنى يىغىپ، ئىسرائىلىيەگە قارشى جەڭ قىلىش ئۈچۈن ئافېققا باردى.

27 ئىسرائىلىيەلىكلەرمۇ قوشۇنىنى توپلاپ، ئوزۇق-تۈلۈك تەييارلاپ، ئۇلارغا قارشى جەڭگە ئاتلاندى. ئىسرائىلىيەلىكلەر ئارراملارنىڭ ئۇدۇلىغا كېلىپ، بارگاھ قۇردى. بىراق ئۇلار دالانى قاپلىغان ئارراملارنىڭ ئالدىدا خۇددى ئىككى كىچىك ئۆچكە توپىدەك كۆرۈىنەتتى.

28 ھېلىقى پەيغەمبەر ئىسرائىلىيە پادىشاھىنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا: _ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئارراملار مېنى تۈزلەڭلىك ئىلاھى ئەمەس، بەلكى تاغ ئىلاھى دېگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ بۇ زور قوشۇنىنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرىمەن. ئاندىن سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىسىلەر»، _ دېدى.

29 ئىسرائىلىيەلىكلەر بىلەن ئارراملار يەتتە كۈن بىر-بىرىنىڭ ئۇدۇلىدا بارگاھ قۇرۇپ تۇرۇشتى. يەتتىنچى كۈنى جەڭ باشلاندى. ئىسرائىلىيەلىكلەر بىر كۈن ئىچىدە ئارراملارنىڭ پىيادە لەشكەرلىرىدىن 100 مىڭ كىشىنى قىرىپ تاشلىدى.

30 ھايات قالغانلىرى ئافېق شەھىرىگە قېچىپ كىرىۋالغان بولسىمۇ، شەھەر سېپىلى ئۆرۈلۈپ، 27 مىڭ ئادەمنى بېسىپ ئۆلتۈردى. بەنھادادمۇ شەھەرگە قېچىپ كىرىپ، بىر ئۆينىڭ ئەڭ ئىچكىرى خانىسىغا يوشۇرۇنۇۋالدى.

31 ئەمەلدارلىرى ئۇنىڭغا: _ ئاڭلىشىمىزچە ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرى رەھىمدىل ئىكەن. بىزنىڭ ماتەملىك كىيىم كىيىپ، بوينىمىزغا ئارغامچا سېلىپ، ئىسرائىلىيە پادىشاھىنىڭ يېنىغا بېرىشىمىزغا رۇخسەت قىلغايلا. ئۇ ئۆزلىرىنىڭ بىر قوشۇق قانلىرىدىن كەچسە ئەجەب ئەمەس، _ دېدى.

32 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ماتەملىك كىيىم كىيىپ، بويۇنلىرىغا ئارغامچا سېلىپ، ئىسرائىلىيە پادىشاھىنىڭ ئالدىغا باردى. ئۇلار: _ قۇللىرى بەنھاداد ئۆزلىرىدىن بىر قوشۇق قېنىنى تىلەيدۇ، _ دېدى. ئاخاب: _ ئۇ تېخى ھاياتمۇ؟ ئۇ دېگەن مېنىڭ قېرىندىشىم! _ دېدى.

33 ئەمەلدارلار بۇنى بىر ياخشىلىقنىڭ بېشارىتى دەپ چۈشىنىپ، تېزدىن بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ: _ بەنھاداد سىلىنىڭ قېرىنداشلىرىدۇر! _ دېيىشتى. ئاخاب: _ ئۇنى يېنىمغا ئېلىپ كېلىڭلار! _ دېدى. بەنھاداد ئۇنىڭ يېنىغا كەلگەندە، ئاخاب ئۇنى ئۆز ھارۋىسىغا چىقىشقا تەكلىپ قىلدى.

34 بەنھاداد ئۇنىڭغا: _ ئاتام سىلىنىڭ ئاتىلىرىدىن تارتىۋالغان شەھەرلەرنى سىلىگە قايتۇرۇپ بېرەي. خۇددى ئاتام سامارىيەدە قىلغىنىدەك، سىلىمۇ دەمەشقتە بازارلارنى سالدۇرغايلا، _ دېدى. ئاخاب جاۋابەن: _ مۇشۇ شەرتلەر بىلەن مەن سېنى قويۇۋېتىمەن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئاخاب ئۇنىڭ بىلەن سۈلھى تۈزۈپ، ئۇنى قويۇۋەتتى.


پەيغەمبەرنىڭ ئاخابنى ئەيىبلىشى

35 پەيغەمبەرلەردىن بىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بىلەن ئۆزىنىڭ ھەمراھىغا: _ مېنى ئۇرغىن، _ دېدى. بىراق ئۇ ئۇرۇشقا ئۇنىمىدى.

36 شۇڭا ئۇ پەيغەمبەر ئۇنىڭغا: _ سەن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىنى بەجا كەلتۈرمىگەنلىكىڭ ئۈچۈن، يېنىمدىن كېتىشىڭ بىلەنلا سېنى بىر شىر ئۆلتۈرىدۇ، _ دېدى. دەرۋەقە، ھەمراھى پەيغەمبەرنىڭ يېنىدىن كېتىشىگىلا ئۇنىڭغا بىر شىر ئۇچراپ، ئۇنى تالاپ ئۆلتۈردى.

37 ئۇ پەيغەمبەر يەنە بىر كىشىنىڭ يېنىغا بېرىپ: _ مېنى ئۇرغىن! _ دېدى. ئۇ كىشى پەيغەمبەرنى ئۇرۇپ يارىلاندۇردى.

38 پەيغەمبەر ئۇ يەردىن كېتىپ، يۈز-كۆزىنى تېڭىپ، باشقا ئادەم قىياپىتىگە كىرىپ، يول بويىدا پادىشاھ ئاخابنىڭ ئۆتۈشىنى كۈتۈپ تۇردى.

39 پادىشاھ ئۆتكەندە، ئۇ پەيغەمبەر ۋارقىراپ: _ مەن خىزمەتكارلىرى ئۇرۇش مەيدانىغا بارغانىدىم. بىرسى مېنى كۆرۈپ، ئەسىر ئالغان بىر ئادەمنى قېشىمغا ئېلىپ كېلىپ: «بۇ ئادەمگە قاراپ تۇر، ئەگەر ئۇنى قاچۇرۇپ قويساڭ، جېنىڭ بىلەن جاۋاب بېرىسەن ياكى 35 كىلو كۈمۈش تۆلەيسەن» دېدى.

40 لېكىن مەن خىزمەتكارلىرى باشقا ئىش بىلەن بولۇپ كېتىپتىمەن، ئۇ قېچىپ كېتىپتۇ، _ دېدى. پادىشاھ ئاخاب: _ سەن جازاغا تارتىلىشىڭ كېرەك. ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭ قىلىپسەن، _ دېدى.

41 پەيغەمبەر دەرھال يۈز-كۆزىدىكى تېڭىقنى ئېلىپ تاشلىدى. پادىشاھ ئۇنىڭ پەيغەمبەرلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدى.

42 شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر پادىشاھقا: _ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن يوقىتىشنى ئىرادە قىلغان ئادەمنى قولدىن چىقارغانلىقىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئورنىغا جېنىڭنى بېرىسەن. ئادەملىرىڭمۇ ئۇلارنىڭ ئادەملىرىنىڭ ئورنىغا جېنىنى بېرىدۇ»، _ دېدى.

43 پادىشاھ پەرىشان ۋە خاپا بولغان ھالدا سامارىيەدىكى ئوردىسىغا قايتىپ كەتتى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan