Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

پادىشاھلار بىرىنچى قىسىم 2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


داۋۇتنىڭ ئوغلى سۇلايمانغا ۋەسىيەت قىلىشى

1 داۋۇت ئالەمدىن ئۆتۈش ئالدىدا، ئوغلى سۇلايماننى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق ۋەسىيەت قىلدى:

2 _ مېنىڭ ئۆمرۈم ئاخىرلىشىپ قالدى. جۈرئەتلىك بولۇپ، ئەركەكتەك ياشىغىن.

3 پەرۋەردىگارىڭ خۇدانىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ، ئۇنىڭ يولىدا مېڭىپ، مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىدىكى ئەمر-پەرمان، قائىدە-تۈزۈملەرگە ئەمەل قىلغىن. شۇنداق قىلساڭ، مەيلى نېمە ئىش قىلمىغىن، مەيلى قايسى تەرەپكە ماڭمىغىن، ھەربىر ئىشىڭدا روناق تاپىسەن.

4 شۇندىلا پەرۋەردىگار: «ئەگەر سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ مېنىڭ يولۇمدىن ئاداشماي، ماڭا چىن قەلبى ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن سادىق بولسا، ئىسرائىلىيە تەختىدە ئولتۇرۇشقا سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭدىن ئادەم كەم بولمايدۇ» دېگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.

5 ئۇنىڭدىن باشقا، سەن زىرۇيانىڭ ئوغلى يوئابنىڭ ماڭا نېمە قىلغانلىقىنى بىلىسەن. ئۇنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ئىككى باش سەركەردىسىنى، يەنى نېرنىڭ ئوغلى ئابنېر بىلەن يەتەرنىڭ ئوغلى ئاماسانى ئۆلتۈرگەنلىكىدىن خەۋىرىڭ بار. ئۇ تىنچ زاماندىمۇ خۇددى ئۇرۇش مەزگىلىدىكىدەك ئۇلارنىڭ قېنىنى تۆكتى. ئۇ ئۆزىنىڭ كەمىرى ۋە چورۇقىنى قان بىلەن بويىدى.

6 ئۇنى قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى ئۆزۈڭ بىلىسەن. ئۇنىڭ قېرى كاللىسىنىڭ خاتىرجەم ھالدا ئۆلۈكلەر ماكانىغا يول ئېلىشىغا ئىجازەت بەرمىگىن.

7 گىلئادلىق بارزىللاينىڭ ئەۋلادلىرىغا ياخشىلىق قىلىپ، ئۇلارغا سەن بىلەن بىر داستىخاندا تائام يەيدىغانلار ئارىسىدىن ئورۇن بەرگىن. چۈنكى مەن ئاكاڭ ئابسالومدىن قېچىپ يۈرگەن چاغلاردا، ئۇلار ماڭا ياخشىلىق قىلدى.

8 يەنە باخۇرىملىق بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان گېرانىڭ ئوغلى شىمئىمۇ بار. مەن ماخانايىمغا بارغان چېغىمدا، ئۇ مېنى قاتتىق قارغاپ تىللىغانىدى. ئەمما ئۇ ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىغا مەن بىلەن كۆرۈشكىلى كەلگەندە، مەن: «مەن سېنى ئۆلتۈرمەيمەن» دەپ، پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلغانىدىم.

9 لېكىن سەن ئۇنى گۇناھسىز دەپ قارىمىغىن. سەن بىر ئەقىل ئىگىسى، ئۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى بىلىسەن. ئۇ ئاق باش قېرى ئۆلۈكلەر ماكانىغا قانغا بويالغان ھالدا يول ئالسۇن.

10 داۋۇت ۋاپات بولۇپ، «داۋۇت شەھىرى»دە دەپنە قىلىندى.

11 ئۇ ئىسرائىلىيەگە قىرىق يىل پادىشاھ بولدى. ھىبروندا يەتتە يىل، يېرۇسالېمدا 33 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى.

12 سۇلايمان ئاتىسىنىڭ تەختىدە ئولتۇردى. ئۇنىڭ پادىشاھلىقى مۇستەھكەملەندى.


سۇلايماننىڭ ئاتىسىنىڭ ۋەسىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى

13-14 بىر كۈنى خاگگىتنىڭ ئوغلى ئادونىيا سۇلايماننىڭ ئانىسى باتشەبانىڭ يېنىغا كىردى. باتشەبا ئۇنىڭدىن: _ ياخشى نىيەت بىلەن كەلدىڭمۇ؟ _ دەپ سورىدى. _ شۇنداق، _ دەپ جاۋاب بەردى ئادونىيا، _ سىلىگە دەيدىغان بىر گېپىم بار ئىدى. _ سۆزلە، _ دېدى باتشەبا.

15 ئادونىيا: _ سىلىگە مەلۇم، بۇ پادىشاھلىق ئەسلى مېنىڭ ئىدى. بارلىق ئىسرائىللار مېنى پادىشاھ بولىدۇ، دەپ ئويلىشاتتى. ئەمما ئويلىمىغان يەردىن پەرۋەردىگارنىڭ خاھىشى بىلەن پادىشاھلىق ئىنىمنىڭ بولۇپ قالدى.

16 ھازىر مېنىڭ بىر ئىلتىماسىم بار ئىدى، رەت قىلمىغايلا، _ دېدى. _ سۆزلە، _ دېدى باتشەبا.

17 ئادونىيا: _ پادىشاھ سۇلايماندىن ماڭا شۇنېملىق قىز ئابىشاگنى خوتۇنلۇققا بېرىشىنى سورىسىلا. ئۇ سىلىنىڭ سۆزلىرىنى رەت قىلمايدۇ، _ دېدى.

18 باتشەبا: _ بولىدۇ، سېنىڭ ئىلتىماسىڭنى پادىشاھقا يەتكۈزەي، _ دېدى.

19 شۇنىڭ بىلەن باتشەبا ئادونىيانىڭ ئىلتىماسىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن پادىشاھ سۇلايماننىڭ ھۇزۇرىغا كىردى. پادىشاھ سۇلايمان ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئېگىلىپ تەزىم قىلدى. ئاندىن تەختىدە ئولتۇردى ۋە خان ئانىسىغىمۇ بىر تەخت ئەكەلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇرغۇزدى.

20 باتشەبا: _ مېنىڭ كىچىككىنە بىر ئىلتىماسىم بار ئىدى، رەت قىلمىغايسەن، _ دېدى. پادىشاھ: _ ئانا، سۆزلىسىلە، مەن سىلىنىڭ سۆزلىرىنى رەت قىلمايمەن، _ دېدى.

21 باتشەبا: _ شۇنېملىق قىز ئابىشاگنى ئاكاڭ ئادونىياغا خوتۇنلۇققا بەرسەڭ، _ دېدى.

22 پادىشاھ سۇلايمان ئانىسىغا مۇنداق جاۋاب بەردى: _ سىلى نېمە ئۈچۈن شۇنېملىق قىز ئابىشاگنى ئادونىيا ئۈچۈن سوراپ كىردىلە؟ ئۇنىڭدىن كۆرە، ئادونىيا مېنىڭ ئاكام بولغاندىكىن پادىشاھلىقنى ئۇنىڭغا بېرىشىمنى تەلەپ قىلسىلا بولماسمىدى؟ روھانىي ئەبىياتار ۋە زىرۇيانىڭ ئوغلى يوئابلارمۇ ئادونىيا تەرەپتە تۇرىدىغۇ، _ دېدى.

23 شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ: _ ئادونىيانىڭ شۇ سۆزى ئۈچۈن ئۇنىڭ جېنىنى ئالمىسام خۇدا مېنى قاتتىق جازالىسۇن!

24 مېنى قۇدرەتلىك قىلىپ، ئاتام داۋۇتنىڭ تەختىگە ئولتۇرغۇزغان، ئاتامغا ۋەدە قىلغىنىدەك پادىشاھلىقنى ماڭا بەرگەن ۋە ئەۋلادلىرىمغا بەرمەكچى بولغان مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئادونىيا بۈگۈن ئۆلتۈرۈلىدۇ، _ دېدى.

25 شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ سۇلايمان يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايانى ئادونىيانى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇدى. بىنايا بېرىپ، ئۇنى چېپىپ ئۆلتۈردى.

26 پادىشاھ روھانىي ئەبىياتارغا: _ سەن يۇرتۇڭ ئاناتوتقا قايتقىن. ئەسلى ساڭا ئۆلۈم لايىق ئىدى، ئەمما بۈگۈن مەن سېنى ئۆلتۈرمەيمەن، چۈنكى سەن ئاتام داۋۇتنىڭ ۋاقتىدا ئىگىمىز پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن ھەم ئاتام بىلەن جاپادا بىللە بولغانىدىڭ، _ دېدى.

27 شۇنىڭ بىلەن سۇلايمان ئەبىياتارنى پەرۋەردىگارنىڭ روھانىيلىق خىزمىتىدىن يىراقلاشتۇردى. بۇ ئارقىلىق پەرۋەردىگارنىڭ شىلو شەھىرىدە روھانىي ئەلىنىڭ ئەۋلادلىرى ھەققىدە ئېيتقان سۆزى ئەمەلگە ئاشتى.

28 يوئاب بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، پەرۋەردىگارنىڭ چېدىرىغا قېچىپ بېرىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ بۇرجىكىنى تۇتۇۋالدى. چۈنكى ئۇ ئابسالومنى قوللىمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئادونىيانى قوللىغانىدى.

29 بىرسى پادىشاھ سۇلايمانغا: «يوئاب پەرۋەردىگارنىڭ چېدىرىغا قېچىپ بېرىۋالدى. ھازىر ئۇ قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىدا!» دەپ خەۋەر يەتكۈزدى. سۇلايمان يىھويادانىڭ ئوغلى بىناياغا: «بېرىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەت» دەپ بۇيرۇق بەردى.

30 بىنايا پەرۋەردىگارنىڭ چېدىرىغا كېلىپ، يوئابقا: _ پادىشاھ سېنى چىقسۇن، دەپ بۇيرۇق قىلدى، _ دېدى. ئەمما ئۇ: _ ياق، مەن مۇشۇ يەردە ئۆلىمەن، _ دېدى. بىنايا يوئابنىڭ سۆزىنى پادىشاھقا يەتكۈزدى.

31 پادىشاھ مۇنداق دېدى: _ ئۇنى دېگىنى بويىچە ئۆلتۈرۈپ، كۆمۈۋەت! ئۇنىڭ بىگۇناھ ئادەم ئۆلتۈرگەنلىكىنىڭ گۇناھى مەندىن ۋە پۈتۈن جەمەتىمدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتسۇن.

32 ئۇ قان تۆككەنلىكى ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئۇنى چوقۇم جازالايدۇ. چۈنكى ئۇ ئاتام داۋۇتنىڭ خەۋىرى بولمىغان ئەھۋالدا ئۆزىدىن ھەققانىي ۋە ياخشى بولغان ئىسرائىلىيەنىڭ باش سەركەردىسى نېرنىڭ ئوغلى ئابنېر بىلەن يەھۇدىيەنىڭ باش سەركەردىسى يەتەرنىڭ ئوغلى ئاماسانى قىلىچلاپ ئۆلتۈرگەن.

33 ئۇلارنىڭ تۆكۈلگەن قېنىنىڭ قەرزى يوئاب ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ بېشىغا كەلسۇن. ئەمما ئاتام داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرى، ئائىلىسى ۋە ئۇنىڭ تەختىگە پەرۋەردىگار مەڭگۈ تىنچ-ئامانلىق ئاتا قىلغاي.

34 شۇنىڭ بىلەن يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايا بېرىپ، يوئابنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ جەسىتىنى چۆلدىكى ئۆزىنىڭ يېرىگە دەپنە قىلدى.

35 پادىشاھ سۇلايمان يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايانى يوئابنىڭ ئورنىغا لەشكەر بېشى قىلىپ تەيىنلىدى. روھانىي زادوقنى ئەبىياتارنىڭ ئورنىغا روھانىي قىلىپ تەيىنلىدى.

36 پادىشاھ ئادەم ئەۋەتىپ، شىمئىنى چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا: _ يېرۇسالېمدا ئۆزۈڭگە بىر ئۆي سال ۋە شۇ يەردە ياشا، ھېچقانداق يەرگە بارما.

37 شۇنى بىلىپ قويغىنكى، سېنىڭ ئۆيدىن چىقىپ قىدرون جىلغىسىدىن ئۆتكەن كۈنۈڭ دەل سېنىڭ ئۆلىدىغان كۈنۈڭ بولىدۇ. ئەگەر شۇنداق قىلساڭ، ئۆزۈڭنىڭ شورى، _ دېدى.

38 شىمئى پادىشاھقا: _ باش ئۈستىگە پادىشاھ ئالىيلىرى، خىزمەتكارلىرى سىلىنىڭ دېگەنلىرىدەك قىلىدۇ، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن شىمئى يېرۇسالېمدا ئۇزۇن مەزگىل تۇرۇپ قالدى.

39 ئەمما ئۈچىنچى يىلنىڭ ئاخىرىدا شىمئىنىڭ ئىككى قۇلى گاتنىڭ پادىشاھى، يەنى مائاكانىڭ ئوغلى ئاكىشنىڭ زېمىنىغا قېچىپ بېرىۋالدى. بىرسى شىمئىگە: _ قارا، سېنىڭ قۇللىرىڭ گاتقا بېرىۋاپتۇ، _ دېدى.

40 شۇنىڭ بىلەن شىمئى ئېشىكىنى توقۇپ، گاتتىكى ئاكىشنىڭ يېنىغا بېرىپ، قۇللىرىنى تېپىپ، ئۇلارنى قايتۇرۇپ ئەكەلدى.

41 بىرسى سۇلايمانغا شىمئىنىڭ يېرۇسالېمدىن گاتقا بېرىپ كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

42 پادىشاھ ئادەم ئەۋەتىپ، شىمئىنى چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا: _ مەن سېنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ: «ئېسىڭدە بولسۇن، سېنىڭ ئۆيدىن چىقىپ باشقا يەرگە بارغان كۈنۈڭ، ئۆلىدىغان كۈنۈڭ بولىدۇ» دېمىگەنمىدىم!؟ سەن ماڭا: «پادىشاھ ئالىيلىرى، مەن سىلىنىڭ دېگەنلىرىدەك قىلىمەن» دەپ، پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچمىگەنمىدڭ!؟

43 ئەمدى سەن نېمە ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئالدىدا قىلغان قەسىمىڭدە تۇرمايسەن؟ نېمىشقا مېنىڭ بۇيرۇقۇمغا ئەمەل قىلمايسەن؟ _ دېدى.

44 پادىشاھ شىمئىغا يەنە: _ ئاتام داۋۇتقا قىلغان يامانلىقىڭ ئۆزۈڭنىڭ كۆڭلىگە ئايان. شۇڭا پەرۋەردىگار سېنىڭ قىلغان يامانلىقىڭنى ئۆزۈڭگە ياندۇرىدۇ.

45 ئەمما پەرۋەردىگار داۋۇتنىڭ خانىدانلىقىنى مەڭگۈ مۇستەھكەم قىلىپ، ئۇنىڭ ئەۋلادى بولغان پادىشاھ سۇلايماننى بەرىكەتلەيدۇ، _ دېدى.

46 شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ يىھويادانىڭ ئوغلى بىناياغا بۇيرۇق قىلدى، ئۇ چىقىپ شىمئىنى ئۆلتۈردى. شۇنداق قىلىپ، سۇلايماننىڭ پادىشاھلىقى مۇستەھكەملەندى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan