Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

پادىشاھلار بىرىنچى قىسىم 18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ئىلياس بىلەن ئوبادىيانىڭ ئۇچرىشىشى

1 ئارىدىن ۋاقىت ئۆتۈپ، قۇرغاقچىلىقنىڭ ئۈچىنچى يىلىغا كەلگەندە، پەرۋەردىگار ئىلياسقا مۇنداق دېدى: _ سەن پادىشاھ ئاخابنىڭ ھۇزۇرىغا بارغىن، مەن زېمىنغا يامغۇر ياغدۇرىمەن.

2 شۇنىڭ بىلەن ئىلياس ئاخاب بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن يولغا چىقتى. ئۇ چاغدا سامارىيەدىكى ئاچارچىلىق ئېغىرلىشىپ كەتكەنىدى.

3 پادىشاھ ئاخاب ئوردا غوجىدارى ئوبادىيانى چاقىرتتى. (ئوبادىيا پەرۋەردىگارغا تولىمۇ ئىخلاسمەن ئادەم ئىدى.

4 پادىشاھ ئاخابنىڭ ئايالى، يەنى خانىش ئىزەبەل پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئۆلتۈرۈشكە باشلىغاندا، ئوبادىيا ئۇلاردىن يۈز نەپىرىنى قۇتقۇزۇپ قېلىپ، ئىككى ئۆڭكۈرگە ئەللىكتىن يوشۇرۇپ، ئۇلارغا نان ۋە سۇ بەرگەنىدى.)

5 ئاخاب ئوبادىياغا: _ بىز زېمىنىمىزنى ئارىلاپ، بۇلاق ۋە ئېقىنلار بار يەرنىڭ ھەممىسىگە بېرىپ باقايلى. ئۇ يەرلەردىن ئات ۋە قېچىرلارنىڭ جېنىنى ساقلاپ قالغۇدەك ئوتلاقلار تاپالىساق ئەجەب ئەمەس. ئۇ چاغدا ماللارنى ئۆلتۈرۈشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ، _ دېدى.

6 شۇنداق قىلىپ، ئۇلار ئىككىگە بۆلۈنۈپ ماڭدى. ئاخاب ئۆز ئالدىغا بىر يولغا، ئوبادىيا ئۆز ئالدىغا باشقا بىر يولغا ماڭدى.

7 ئوبادىيا يولدا كېتىۋېتىپ، ئىلياس بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى. ئۇ ئىلياسنى تونۇپ، يەرگە باش قويۇپ تەزىم قىلىپ: _ بۇ سىلىمۇ، ئى خوجام ئىلياس؟ _ دېدى.

8 ئىلياس ئۇنىڭغا: _ مەن شۇ. سەن بېرىپ خوجاڭغا: «ئىلياس مۇشۇ يەردە ئىكەن» دەپ ئېيتقىن، _ دېدى.

9 ئوبادىيا ئۇنىڭغا: _ قانداق گۇناھ ئۆتكۈزگىنىمگە مەن خىزمەتكارلىرىنى خوجام ئاخابنىڭ قولىغا تاپشۇرغىلىۋاتىدىلا؟ مېنى ئۆلسۇن دەمدىلا؟

10 مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەن، خوجام ئادەم ئەۋەتىپ، سىلىنى ئىزدىمىگەن بىرمۇ ئەل ياكى پادىشاھلىق قالمىدى. كىشىلەر ئەگەر سىلىنى «ئۇ يەردە يوق» دېسە، ئۇ شۇ پادىشاھلىق ياكى ئەلنى سىلىنى تاپالمىغانلىقىغا قەسەم ئىچكۈزدى.

11 ئەمدى ئۆزلىرى: «سەن بېرىپ، خوجاڭغا ‹ئىلياس مۇشۇ يەردە ئىكەن› دەپ ئېيتقىن» دەۋاتىدىلا.

12 مەن سىلىنىڭ يانلىرىدىن كەتسەم، پەرۋەردىگارنىڭ روھى سىلىنى مەن بىلمەيدىغان يەرگە ئېلىپ كەتسە، مەن بېرىپ، ئاخابقا دېسەم، ئۇ سىلىنى تاپالمىسا، كىچىكىمدىن تارتىپ پەرۋەردىگارغا ئىخلاسمەن بولۇپ كەلگەن مەن خىزمەتكارلىرىنىمۇ ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ.

13 خوجام، ئىزەبەل پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئۆلتۈرۈۋاتقان چاغدا، مېنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن يۈز كىشىنى ئەللىكتىن قىلىپ، ئىككى ئۆڭكۈرگە يوشۇرۇپ، ئۇلارنى نان ھەم سۇ بىلەن تەمىنلىگىنىمدىن خەۋەرلىرى يوقمۇ؟

14 ئەمدى ئۆزلىرى: «سەن بېرىپ، خوجاڭغا: ‹ئىلياس مۇشۇ يەردە ئىكەن› دەپ ئېيتقىن» دەۋاتىدىلا. ئۇنداق قىلسام، ئۇ مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ، _ دېدى.

15 ئەمما ئىلياس ئۇنىڭغا: _ مەن خىزمىتىنى قىلىدىغان، مەڭگۈ ھايات، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن بۈگۈن ئۆزۈمنى جەزمەن ئاخابقا كۆرسىتىمەن، _ دېدى.


ئىلياس ۋە بائالنىڭ پەيغەمبەرلىرى

16 شۇنىڭ بىلەن ئوبادىيا ئاخابنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا ئىلياسنىڭ خەۋىرىنى بەردى. ئاخاب ئىلياس بىلەن كۆرۈشكىلى باردى.

17 ئاخاب ئىلياسقا: _ ئىسرائىلىيەگە بالا كەلتۈرگەن ئادەم سەنمۇ؟ _ دېدى.

18 _ ئىسرائىلىيەگە بالا كەلتۈرگەن ئادەم مەن ئەمەس، بەلكى سەن ۋە ئاتاڭنىڭ جەمەتى. چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىغا ئەمەل قىلماي، بائالنىڭ بۇتلىرىغا چوقۇندۇڭلار.

19 ئەمدى سەن ئادەم ئەۋەتىپ، بارلىق ئىسرائىلىيە خەلقىنى ۋە ئىزەبەلنىڭ داستىخىنىدىن غىزالىنىدىغان ئىلاھ بائالنىڭ 450 ساختا پەيغەمبىرىنى، شۇنداقلا ئىلاھە ئاشېرانىڭ 400 ساختا پەيغەمبىرىنى كارمەل تېغىغا چاقىرىپ، مېنىڭ ئالدىمغا جەم قىل، _ دېدى ئىلياس.

20 پادىشاھ ئاخاب پۈتۈن ئىسرائىلىيە خەلقىگە خەۋەر ئەۋەتىپ، ئۇلارنى ۋە ساختا پەيغەمبەرلەرنى كارمەل تېغىغا جەم قىلدى.

21 ئىلياس خەلقنىڭ ئالدىغا كېلىپ: _ سىلەر قاچانغىچە ئىككىلىنىپ يۈرىسىلەر؟ ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگار «ياھۋەھ»نى ھەقىقىي خۇدا دەپ بىلسەڭلار، «ياھۋەھ»كە ئەگىشىڭلار، ئەگەر بائالنى ھەقىقىي خۇدا دەپ بىلسەڭلار، بائالغا ئەگىشىڭلار، _ دېدى. لېكىن خەلق ئۇنىڭغا بىر ئېغىزمۇ جاۋاب بەرمىدى.

22 ئاندىن ئىلياس خەلققە: _ پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن پەقەت مەنلا قالدىم، لېكىن بائالنىڭ ساختا پەيغەمبەرلىرىدىن 450 نەپىرى بار.

23 ئەمدى بىزگە ئىككى بۇقا كەلتۈرۈڭلار. بائالنىڭ پەيغەمبەرلىرى بۇقىدىن بىرنى تاللاپ، پارچىلاپ، ئوتۇننىڭ ئۈستىگە قويسۇن، لېكىن ئوت ياقمىسۇن. مەنمۇ يەنە بىر بۇقىنى پارچىلاپ، ئوتۇننىڭ ئۈستىگە قوياي، ئوت ياقماي.

24 بائالنىڭ پەيغەمبەرلىرى ئۆز ئىلاھىنىڭ نامىغا ئىلتىجا قىلسۇن، مەنمۇ ئۆز پەرۋەردىگارىمنىڭ نامىغا ئىلتىجا قىلاي. ئوت ئارقىلىق جاۋاب بەرگىنى ھەقىقىي خۇدادۇر، _ دېدى. خەلق: _ بۇ ياخشى گەپ بولدى! _ دېيىشتى.

25 ئىلياس بائالنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە: _ سىلەرنىڭ ئادىمىڭلار كۆپ بولغاندىكىن، ئالدى بىلەن بىر بۇقىنى تاللاپ، تەييارلاڭلار. ئاندىن ئىلاھىڭلارنىڭ نامىغا ئىلتىجا قىلىڭلار، لېكىن ئوت ياقماڭلار، _ دېدى.

26 ئۇلار ئۆزلىرىگە بېرىلگەن بۇقىنى ئەكېلىپ تەييار قىلدى. ئاندىن ئەتىگەندىن چۈشكىچە بائالنىڭ نامىغا ئىلتىجا قىلىپ: _ ئى بائال، بىزگە جاۋاب بەرگەيسەن! _ دېيىشتى. لېكىن ھېچقانداق سادا چىقمىدى، ھېچكىممۇ جاۋاب بەرمىدى. ئۇلار ئۆزلىرى سالغان قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئەتراپىدا ئۇسسۇل ئويناشتى.

27 چۈش ۋاقتى بولغاندا، ئىلياس ئۇلارنى مازاق قىلىپ: _ ئۇ دېگەن «ئىلاھىڭلار» تۇرسا، يۇقىرى ئاۋازدا توۋلاپ ئىلتىجا قىلمامسىلەر؟ ئۇ بەلكىم چوڭقۇر خىيالغا چۈشۈپ كەتكەندۇ، ياكى ئالدىراشتۇ، ياكى ساياھەت قىلىپ يۈرگەندۇ، ياكى ئۇخلاپ قالغان بولسا ئويغىتىشىڭلار كېرەكتۇ، _ دېدى.

28 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۈنلۈك ۋارقىرىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئادىتى بويىچە بەدەنلىرىنى قىلىچ ۋە نەيزە بىلەن تىلىشىپ، قان ئاققۇزۇشتى.

29 چۈشتىن كېيىنمۇ تاكى كەچلىك قۇربانلىق ۋاقتىغىچە داۋاملىق ئالا-تاغىل توۋلاشتى. لېكىن يەنىلا سادا چىقمىدى، جاۋابمۇ كەلمىدى، ھېچبىر ئالامەتمۇ كۆرۈلمىدى.

30 ئىلياس خەلققە: _ ماڭا يېقىنراق كېلىڭلار، _ دېۋىدى، خەلق ئۇنىڭغا يېقىن كەلدى. ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ چېقىپ تاشلانغان قۇربانلىق سۇپىسىنى قايتىدىن ياساپ چىقماقچى بولۇپ،

31 قولىغا ئون ئىككى تاش ئالدى. بۇ تاشلار ياقۇپ، يەنى ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرىدىن كېلىپ چىققان ئىسرائىل خەلقىنىڭ 12 قەبىلىگە ۋەكىللىك قىلاتتى. (پەرۋەردىگار بۇرۇن ياقۇپقا: «سېنىڭ ئىسمىڭ ئىسرائىل بولسۇن» دېگەنىدى.)

32 ئۇ بۇ تاشلار بىلەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق سۇپىسىنى ياساپ، قۇربانلىق سۇپىسىنى ئايلاندۇرۇپ 6 كىلو ئۇرۇق پاتقۇدەك ئورەك كولىدى.

33 ئاندىن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئۈستىگە ئوتۇن تىزىپ، بۇقىنى سويۇپ، پارچىلاپ، ئوتۇننىڭ ئۈستىگە قويدى. ئاندىن ئۇ: _ قۇربانلىقنىڭ ۋە ئوتۇننىڭ ئۈستىگە تۆت ئىدىش سۇ قۇيۇڭلار، _ دېدى.

34 ئۇ يەنە: _ ئىككىنچى قېتىم قۇيۇڭلار، _ دېدى. ئۇلار ئىككىنچى قېتىم سۇ قۇيدى. ئۇ يەنە: _ ئۈچىنچى قېتىم قۇيۇڭلار، _ دېدى. ئۇلار ئۈچىنچى قېتىم سۇ قۇيدى.

35 سۇ قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئەتراپىدىن ئېقىپ، ئورەكنىمۇ تولدۇردى.

36 كەچلىك قۇربانلىق ۋاقتى كەلگەندە، ئىلياس پەيغەمبەر قۇربانلىق سۇپىسىغا يېقىن كېلىپ: _ ئى پەرۋەردىگار، يەنى ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ئىسرائىل ئېتىقاد قىلغان خۇدا، بۈگۈن سەن بۇ خەلققە ئۆزۈڭنىڭ ئىسرائىللارنىڭ خۇداسى ئىكەنلىكىڭنى، مېنىڭ سېنىڭ خىزمەتكارىڭ ئىكەنلىكىمنى ۋە مېنىڭ بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى سېنىڭ ئەمرىڭ بويىچە قىلغانلىقىمنى بىلدۈرگەيسەن.

37 ماڭا جاۋاب بەرگىن، ئى پەرۋەردىگار، ماڭا جاۋاب بەرگىن! بۇ خەلق سېنىڭ ھەقىقىي خۇدا ئىكەنلىكىڭنى ۋە سېنىڭ ئۇلارنى قايتىدىن توغرا يولغا باشلايدىغانلىقىڭنى بىلسۇن، _ دېدى.

38 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئەرشتىن ئوت چۈشۈرۈپ، قۇربانلىقنى، ئوتۇننى، تاشلارنى ۋە توپىنى كۆيدۈرۈۋەتتى، ھەتتا ئورەكتىكى سۇنىمۇ قۇرۇتۇۋەتتى.

39 خەلق بۇنى كۆرۈپ، يەرگە باش قۇيۇپ: _ پەرۋەردىگار «ياھۋەھ» ھەقىقىي خۇدا ئىكەن! پەرۋەردىگار «ياھۋەھ» ھەقىقىي خۇدا ئىكەن! _ دېيىشتى.

40 ئاندىن ئىلياس ئۇلارغا: _ بائالنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى تۇتۇڭلار، بىرىنىمۇ قاچۇرۇپ قويماڭلار، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئۇلارنى تۇتتى. ئىلياس ئۇلارنى قىشون ئېقىنىغا ئېلىپ بېرىپ، شۇ يەردە قەتل قىلدى.


قۇرغاقچىلىقنىڭ ئاياغلىشىشى

41 ئۇنىڭدىن كېيىن ئىلياس ئاخاب پادىشاھقا: _ بارغىن، غىزالانغىن، ئۇسسۇلۇق ئىچكىن! قاتتىق يامغۇر ياغىدىغانلىقىدىن شەپە كېلىپ قالدى، _ دېدى.

42 ئاخاب غىزالانغىلى كەتتى. لېكىن ئىلياس كارمەل تېغىنىڭ چوققىسىغا چىقىپ، بېشىنى تىزلىرىنىڭ ئارىسىغا تىقىپ، يۈكۈنۈپ ئولتۇردى.

43 ئۇ خىزمەتكارىغا: _ سەن بېرىپ، دېڭىز تەرەپكە قاراپ باققىن، _ دېدى. ئۇ بېرىپ، قاراپ كېلىپ: _ ھېچنېمە يوق ئىكەن، _ دېدى. ئىلياس ئۇنىڭغا: _ يەنە بېرىپ قارىغىن، _ دەپ، ئۇدا يەتتە قېتىم بۇيرۇدى.

44 يەتتىنچى قېتىمدا خىزمەتكار: _ ئەنە، ئالىقانچىلىك كېلىدىغان كىچىك بىر بۇلۇت دېڭىزدىن كۆتۈرۈلۈۋاتىدۇ، _ دېدى. ئىلياس ئۇنىڭغا: _ ئەمدى سەن بېرىپ، ئاخابقا: «يامغۇردا توسۇلۇپ قالماسلىقىڭ ئۈچۈن، ھارۋاڭنى قېتىپ، تاغدىن چۈش» دېگىن، _ دېدى.

45 ھەقىقەتەن ئۇزاق ئۆتمەي، ئاسماننى قارا بۇلۇت قاپلاپ، بوران چىقىپ، قاتتىق يامغۇر يېغىشقا باشلىدى. ئاخاب ھارۋىسىغا چىقىپ، يىزرىئەل شەھىرىگە كەتتى.

46 پەرۋەردىگارنىڭ قۇدرىتى ئىلياسقا چۈشتى. ئىلياس بېلىنى باغلاپ، يۈگۈرۈپ، ئاخابتىن بۇرۇن يىزرىئەلگە يېتىپ باردى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan