پادىشاھلار بىرىنچى قىسىم 17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىئىلياسنىڭ قۇرغاقچىلىقتىن بېشارەت بېرىشى 1 گىلئادنىڭ تىشبى يېزىسىدىن بولغان ئىلياس پەيغەمبەر پادىشاھ ئاخابقا: _ مەن خىزمىتىدە بولۇۋاتقان مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مۇشۇ بىرنەچچە يىل ئىچىدە مېنىڭ ئىلتىجايىمسىز نە شەبنەم چۈشمەيدۇ، نە يامغۇر ياغمايدۇ! _ دېدى. 2 ئاندىن پەرۋەردىگار ئىلياسقا مۇنداق دېدى: 3 _ سەن بۇ يەردىن ئايرىلىپ، شەرق تەرەپكە قاراپ مېڭىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى كىرىت ئېقىنى بويىغا بارغىن ۋە شۇ يەرگە يوشۇرۇنۇۋالغىن. 4 سەن شۇ ئېقىننىڭ سۈيىنى ئىچىسەن. مەن قۇزغۇنلارنى ساڭا ئوزۇق ئەكېلىپ بېرىشكە بۇيرۇيمەن. 5 شۇنىڭ بىلەن ئىلياس پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى بويىچە ئىش كۆرۈپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى كىرىت ئېقىنى بويىغا كېلىپ، شۇ يەردە تۇردى. 6 قۇزغۇنلار ئەتىگىنى ۋە كەچتە ئۇنىڭغا نان بىلەن گۆش يەتكۈزۈپ بېرىپ تۇردى. ئۇ ئېقىندىن سۇ ئىچتى. 7 لېكىن يامغۇر ياغمىغاچقا، بىر مەزگىلدىن كېيىن ئېقىن سۈيى قۇرۇپ كەتتى. ئىلياس ۋە زارىفاتلىق تۇل ئايال 8 پەرۋەردىگار ئىلياس پەيغەمبەرگە مۇنداق دېدى: 9 _ ئورنۇڭدىن تۇر، سىدوندىكى زارىفاتقا بېرىپ، شۇ يەردە تۇر. مەن ئۇ يەردىكى بىر تۇل ئايالنى ساڭا يېمەك-ئىچمەك بېرىشكە ئورۇنلاشتۇردۇم. 10 ئىلياس ئورنىدىن تۇرۇپ، زارىفاتقا باردى. ئۇ شەھەر دەرۋازىسىغا ئاز قالغاندا، بىر تۇل ئايالنىڭ ئوتۇن تېرىپ يۈرگەنلىكىنى كۆردى. ئىلياس ئۇنىڭدىن: _ ماڭا ئىچكىلى ئازراق سۇ بەرسىڭىز! _ دەپ سورىدى. 11 ئۇ ئايال سۇ ئالغىلى ماڭغاندا، ئىلياس يەنە ئۇنىڭغا: _ ماڭا بىر بۇردا نانمۇ ئالغاچ كەلسىڭىز، _ دەپ توۋلىدى. 12 ئايال: _ مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارىڭىز خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەندە نان قالمىدى. ئىدىشىمدا بىر چاڭگال ئۇن، كوزامدا ئازغىنا ماي قالدى. مانا، مەن ھازىر ئوتۇن تېرىۋاتىمەن، قايتىپ بېرىپ، ئۆزۈمگە ۋە ئوغلۇمغا ئاخىرقى غىزانى تەييارلايمەن. تاماقنى يەپ بولساقلا ئۆلۈمنى كۈتىمىز، _ دېدى. 13 لېكىن ئىلياس ئۇنىڭغا: _ قورقماڭ، بېرىپ غىزايىڭىزنى تەييارلىۋېرىڭ. لېكىن ئالدى بىلەن قالغان ئۇن ۋە مايدا ماڭا بىر نان پىشۇرۇپ ئەكېلىپ بېرىڭ. ئاندىن ئۆزىڭىز بىلەن ئوغلىڭىزغا تەييارلاڭ. 14 چۈنكى ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدا: «مەن پەرۋەردىگار يەر يۈزىگە يامغۇر ياغدۇرغۇچە، ئىدىشىڭىزدىكى ئۇن، كوزىڭىزدىكى ماي تۈگىمەيدۇ» دەيدۇ، _ دېدى. 15 ئايال بېرىپ، ئىلياسنىڭ دېگىنى بويىچە ئىش كۆردى. ئىلياس ۋە ئايالنىڭ ئائىلىسىدىكلەرنىڭ يېمەك-ئىچمىكى ھەر كۈنى يېتەرلىك بولدى. 16 خۇددى پەرۋەردىگار ئىلياس ئارقىلىق ئېيتقىنىدەك، ئىدىشتىكى ئۇن تۈگىمىدى، ماي كوزىسىمۇ قۇرۇقدىلىپ قالمىدى. تۇل ئايالنىڭ ئوغلىنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشى 17 شۇ ئىشلاردىن كېيىن ئۆي ئىگىسى بولغان تۇل ئايالنىڭ ئوغلى كېسەل بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ كېسىلى بەك ئېغىرلاپ، ئاخىرى نەپىسى توختاپ قالدى. 18 شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايال ئىلياسقا: _ ئى خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى، ماڭا نېمە ئۈچۈن بۇنداق مۇئامىلە قىلىسىز؟ سىز بۇ يەرگە گۇناھلىرىمنى ئېسىمگە سالغىلى ۋە ئوغلۇمنى ئۆلتۈرگىلى كەلگەنمىدىڭىز؟ _ دېدى. 19 _ ئوغلىڭىزنى ماڭا تاپشۇرۇڭ! _ دېدى ئىلياس ئۇنىڭغا. ئاندىن ئىلياس ئايالنىڭ قۇچىقىدىن بالىنى ئېلىپ، ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ئۆزى تۇرىدىغان ھۇجرىغا ئېلىپ چىقىپ، تۆشىكىگە قويدى. 20 ئىلياس پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلىپ: _ ئى پەرۋەردىگارىم خۇدا، سەن راستتىنلا مەن ئۆيدە تۇرۇۋاتقان مۇشۇ تۇل ئايالنىڭ ئوغلىنىڭ جېنىنى ئېلىپ، ئۇنىڭ بېشىغا بالا-قازا كەلتۈرەمسەن؟ _ دېدى. 21 ئاندىن ئىلياس بالىنىڭ ئۈستىگە ئۈچ قېتىم تاشلىنىپ، پەرۋەردىگارغا: _ ئى پەرۋەردىگارىم خۇدا، بۇ بالىنىڭ جېنىنى قايتۇرۇپ بەرگەيسەن، _ دەپ، دۇئا قىلدى. 22 پەرۋەردىگار ئىلياسنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدى. بالىنىڭ جېنى تېنىگە قايتىپ كەلدى، بالا تىرىلدى. 23 ئىلياس بالىنى كۆتۈرۈپ، ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ھۇجرىدىن پەسكە چۈشۈپ، بالىنى ئانىسىغا تۇتقۇزۇپ: _ قاراڭ، بالىڭىز تىرىلدى! _ دېدى. 24 تۇل ئايال ئىلياسقا: _ مەن سىزنىڭ خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئىكەنلىكىڭىزنى، ئاغزىڭىزدىن چىققان پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى ئەمدى بىلدىم، _ دېدى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti