Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

پادىشاھلار بىرىنچى قىسىم 16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 پەرۋەردىگاردىن خانانىنىڭ ئوغلى يېھۇ پەيغەمبەرگە باشا ھەققىدە ۋەھىي كەلدى:

2 «ئەي باشا، مەن سېنى چاڭ-توزانلار ئىچىدىن تارتىپ چىقىرىپ، ئىسرائىلىيەدىكى خەلقىمگە باش قىلغان بولساممۇ، لېكىن سەن نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامنىڭ يولىدا مېڭىپ، خەلقىم ئىسرائىللارنى بۇتپەرەسلىككە يېتەكلىدىڭ. خەلقىمنىڭ گۇناھلىرى مېنىڭ غەزىپىمنى قوزغىدى.

3 شۇڭا ئەمدى سېنى ۋە جەمەتىڭنى ياروبئامنىڭ جەمەتىگە ئوخشاش يوق قىلىمەن.

4 جەمەتىڭدىن شەھەردە ئۆلگەنلىرىنى ئىتلار، دالادا ئۆلگەنلىرىنى قاغا-قۇزغۇنلار يەيدۇ».

5 پادىشاھ باشانىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى، قىلغان پائالىيەتلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر.

6 باشا ۋاپات بولۇپ، تىرزاھ شەھىرىدە دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئەلاھ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.

7 دېمەك، پەرۋەردىگاردىن خانانىنىڭ ئوغلى يېھۇ پەيغەمبەرگە ۋەھىي كېلىپ، باشا ۋە ئۇنىڭ جەمەتى ئەيىبلەنگەنىدى. باشا ياروبئامنىڭ جەمەتىگە ئوخشاش پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلغانلىقى ۋە ياروبئامنىڭ جەمەتىنى قىرىپ تاشلىغانلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا غەزەپلەنگەنىدى.


ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئەلاھ

8 يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 26-يىلى باشانىڭ ئوغلى ئەلاھ تىرزاھ شەھىرىدە ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولدى. ئۇ ئىككى يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى.

9 ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىدىن زىمرى، يەنى ئۇنىڭ ھارۋىلىق لەشكەرلىرىنىڭ يېرىمىغا باش بولغان سەركەردىسى ئۇنىڭغا سۇيىقەست پىلانلىدى. بىر كۈنى پادىشاھ ئەلاھ تىرزاھتا ئوردا غوجىدارى ئارزانىڭ ئۆيىدە شاراب ئىچىپ مەست بولۇپ قالدى.

10 زىمرى كىرىپ، ئۇنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ، تەختىنى تارتىۋالدى. بۇ ۋەقە يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسانىڭ 27-يىلى يۈز بەردى.

11 زىمرى پادىشاھ بولۇپ، تەختكە چىقىپلا باشانىڭ پۈتۈن جەمەتىنى قىرىپ تاشلىدى. ئۇنىڭ جەمەتى ۋە دوست-يارەنلىرىدىن بىرەر ئەر كىشىنىمۇ تىرىك قالدۇرمىدى.

12 زىمرىنىڭ باشا جەمەتىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ تاشلىشى پەرۋەردىگارنىڭ يېھۇ پەيغەمبەر ئارقىلىق باشاغا ئېيتقىنىدەك بولدى.

13 بۇ ئىشلار باشا ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئەلاھنىڭ ئۆتكۈزگەن بارلىق گۇناھلىرى ۋە ئىسرائىلىيەلىكلەرنى گۇناھقا يېتەكلىگەنلىكى سەۋەبىدىن يۈز بەردى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەرزىمەس بۇتلىرىغا چوقۇنۇپ، ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ غەزىپىنى كەلتۈردى.

14 پادىشاھ ئەلاھنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە قىلغان پائالىيەتلىرى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر.


ئىسرائىلىيە پادىشاھى زىمرى

15 يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 27-يىلى زىمرى ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولدى. ئۇ تىرزاھ شەھىرىدە يەتتە كۈن تەختتە ئولتۇردى. ئۇ چاغدا ئىسرائىلىيە قوشۇنى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ گىببىتون شەھىرىگە يېقىن يەردە بارگاھ قۇرغانىدى.

16 بارگاھتىكىلەر «زىمرى سۇيىقەست پىلانلاپ، پادىشاھنى ئۆلتۈرۈپتۇ» دەپ ئاڭلاش بىلەنلا بارگاھتىلا قوشۇن سەركەردىسى ئومرىنى ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى.

17 ئومرى بارلىق قوشۇنى بىلەن گىببىتوندىن چىقىپ، تىرزاھنى قورشاۋغا ئالدى.

18 زىمرى شەھەرنىڭ قولدىن كەتكەنلىكىنى كۆرۈپلا، ئوردا ئىچىدىكى قەلئەگە كىرىپ، ئوردىغا ئوت قويۇۋەتتى، ئۆزىمۇ شۇ ئوتتا كۆيۈپ ئۆلدى.

19 بۇ ئۇنىڭ گۇناھ قىلغانلىقىدىن، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ياروبئامنىڭ يولىدا ماڭغانلىقىدىن ئىدى. ئۇ ياروبئامدەك بۇتپەرەسلىك قىلىپلا قالماي، ئىسرائىلىيەلىكلەرنىمۇ بۇتپەرەسلىككە يېتەكلىگەنىدى.

20 پادىشاھ زىمرىنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە قىلغان سۇيىقەستى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر.


ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئومرى

21 شۇ ئىشلاردىن كېيىن ئىسرائىلىيەدىكى خەلق ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى. خەلقنىڭ يېرىمى گىناتنىڭ ئوغلى تىبنىغا ئەگىشىپ، ئۇنى ئۆزلىرىگە پادىشاھ قىلماقچى بولدى. قالغان يېرىمى ئومرىغا ئەگەشتى.

22 ئومرىغا ئەگەشكەنلەر گىناتنىڭ ئوغلى تىبنىغا ئەگەشكەنلەرنىڭ ئۈستىدىن غالىب كەلدى. تىبنى ئۆلگەندىن كېيىن، ئومرى پادىشاھ بولدى.

23 ئومرى يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 31-يىلى ئىسرائىلىيە تەختىگە ئولتۇردى. ئۇ ئىسرائىلىيەگە 12 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇ ئالدىنقى ئالتە يىلدا تىرزاھتا ھۆكۈم سۈردى.

24 كېيىن ئومرى سەمەر ئىسىملىك بىر كىشىدىن 70 كىلو كۈمۈشكە بىر تۆپىلىكنى سېتىۋېلىپ، ئۇ يەرگە بىر شەھەر قۇردى. ئۇ شەھەرگە شۇ تۆپىلىكنىڭ ئەسلى ئىگىسىنىڭ نامىنى بېرىپ، ئۇنى «سامارىيە» دەپ ئاتىدى.

25 ئومرى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. ئۇنىڭ قىلغان رەزىللىكلىرى ئۆزىدىن ئىلگىرىكى ھەرقانداق پادىشاھلارنىڭكىدىن ئېشىپ كەتتى.

26 ئۇ پۈتۈنلەي نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئام ماڭغان بۇتپەرەسلىك يولدا مېڭىپ، ئىسرائىلىيەلىكلەرنىمۇ بۇتپەرەسلىككە يېتەكلىدى. خەلق ئۆزلىرىنىڭ ئەرزىمەس بۇتلىرىغا چوقۇنۇپ، ئۆزلىرىنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ غەزىپىنى كەلتۈردى.

27 پادىشاھ ئومرىنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى، قىلغان پائالىيەتلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر.

28 ئومرى ۋاپات بولۇپ، سامارىيەدە دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئاخاب تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.


ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخاب

29 يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 38-يىلى ئومرىنىڭ ئوغلى ئاخاب ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولدى. پادىشاھ ئاخاب سامارىيەدە ئىسرائىلىيەگە 22 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى.

30 ئومرىنىڭ ئوغلى ئاخاب پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ئۆزىدىن ئىلگىرى ئۆتكەن ھەممە پادىشاھلاردىنمۇ ئاشۇرۇۋەتتى.

31 ئاخابقا نىسبەتەن نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامغا ئوخشاش گۇناھ ئۆتكۈزۈش ھېچقانچە ئىش ئەمەس ئىدى. ئۇ ھەتتا سىدون پادىشاھى ئەتبائالنىڭ قىزى ئىزەبەلنى ئەمرىگە ئېلىپ، ئۇلارنىڭ ئىلاھى بائالغا چوقۇندى

32 ئۇ سامارىيەدە بائال ئۈچۈن بۇتخانا سالدۇردى ۋە بۇتخانىدا بائالغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساتتى.

33 ئاخاب يەنە ئىلاھە ئاشېرانىڭ بۇتىنى ياساتتى. ئۇ ئىلگىرى ئىسرائىلىيەدە ئۆتكەن بارلىق پادىشاھلاردىن زىيادە گۇناھ قىلىپ، پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانىڭ غەزىپىنى كەلتۈردى.

34 ئاخاب ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋاقىتلاردا، بەيتەللىك خىئېل دېگەن ئادەم ئېرىخا شەھىرىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقتى. ئۇ شەھەر سېپىلىگە ئۇل سالىدىغان چاغدا، تۇنجى ئوغلى ئابىرام ئۆلۈپ كەتتى. شەھەر دەرۋازىسىنى ئورنىتىدىغان چاغدا، كەنجى ئوغلى سىگۇب ئۆلۈپ كەتتى. بۇ ئىشلار خۇددى پەرۋەردىگارنىڭ نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ئارقىلىق يەتكۈزگەن سۆزىدەك بولدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan