پادىشاھلار بىرىنچى قىسىم 15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىيەھۇدىيە پادىشاھى ئابىيا 1 ئىسرائىلىيە پادىشاھى، يەنى نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 18-يىلى ئابىيا يەھۇدىيەگە پادىشاھ بولدى. 2 ئۇ يېرۇسالېمدا ئۈچ يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى ئابسالومنىڭ قىزى مائاكا ئىدى. 3 ئابىيا ئەجدادى داۋۇت پەرۋەردىگار خۇداغا جان-دىلى بىلەن سادىق بولغاندەك سادىق بولمىدى، ئەكسىچە ئاتىسى بۇرۇن قىلغان گۇناھلارنىڭ ھەممىسىنى قىلدى. 4 لېكىن پەرۋەردىگار خۇدا داۋۇتنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ، يېرۇسالېمدا ئابىيانىڭ ئوغلىنى ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىس قىلىپ، يېرۇسالېمنى قۇدرەت تاپقۇزدى. 5 پەرۋەردىگارنىڭ بۇنداق قىلىشى داۋۇتنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلغانلىقىدىن ئىدى. داۋۇت خىتلاردىن بولغان ئۇرىيانىڭ ئىشىدىن باشقا، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرىگە ھېچقاچان خىلاپلىق قىلىپ باقمىغانىدى. 6 رىخوبئام بىلەن ياروبئام ئارىسىدا باشلانغان ئۇرۇش پادىشاھ ئابىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرىغىچە داۋام قىلدى. 7 پادىشاھ ئابىيانىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە پائالىيەتلىرى «يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. ئابىيا بىلەن ئىسرائىلىيە پادىشاھى ياروبئام ئارىسىدا ئۇرۇش بولۇپ تۇردى. 8 ئابىيا ۋاپات بولۇپ، «داۋۇت شەھىرى»دە دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئاسا تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى. يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسا 9 ئىسرائىلىيە پادىشاھى ياروبئامنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 20-يىلى ئاسا يەھۇدىيەگە پادىشاھ بولدى. 10 ئۇ يېرۇسالېمدا 41 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ مومىسى ئابسالومنىڭ قىزى مائاكا ئىدى. 11 ئاسا ئەجدادى داۋۇتقا ئوخشاش پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى. 12 ئۇ سەجدىگاھلاردىكى ئەر ۋە ئايال پاھىشىلەرنى زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، ئاتا-بوۋىلىرى ياساتقان بۇتلارنى پۈتۈنلەي ئېلىپ تاشلىدى. 13 ئۇ ھەتتا مومىسى مائاكانىڭ خان ئانىسى مەرتىۋىسىنى بىكار قىلدى. چۈنكى ئۇ ياغاچتىن ئىلاھە ئاشېرانىڭ بىر يىرگىنچلىك بۇتىنى ياساتقانىدى. ئاسا ئۇ يىرگىنچلىك بۇتنى يىقىتىپ، ئۇنى قىدرون جىلغىسىدا كۆيدۈرۈۋەتتى. 14 گەرچە ئاسا غەيرىي سەجدىگاھلارنى پۈتۈنلەي يوقىتىۋەتمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆمۈر بويى جان-دىلى بىلەن پەرۋەردىگارغا سادىق بولۇپ ياشىدى. 15 ئۇ ئاتىسى ۋە ئۆزى پەرۋەردىگارغا ئاتىغان نەرسىلەرنى، يەنى ئالتۇن-كۈمۈش ۋە باشقا بۇيۇملارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا قويدى. 16 يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسا بىلەن ئىسرائىلىيە پادىشاھى باشا ئوتتۇرىسىدا ئىزچىل ئۇرۇش بولۇپ تۇردى. 17 ئىسرائىلىيە پادىشاھى باشا يەھۇدىيەگە تاجاۋۇز قىلىپ، راماھنى بېسىۋالدى. ئۇ كىشىلەرنىڭ يەھۇدىيەگە كىرىپ چىقىشىنى توسۇش ئۈچۈن راماھ شەھىرىنىڭ مۇداپىئەسىنى كۈچەيتتى. 18 شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئاسا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ خەزىنىسىدە ۋە ئوردىدىكى خەزىنىدە قالغان پۈتۈن ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى ئەمەلدارلىرى ئارقىلىق دەمەشقتىكى ئاررام پادىشاھى بەنھادادقا ئەۋەتتى. بەنھاداد خەزيوننىڭ نەۋرىسى، تابرىمموننىڭ ئوغلى ئىدى. ئاسانىڭ ئەمەلدارلىرى پادىشاھ بەنھادادقا: ئاسانىڭ ئەمەلدارلىرى پادىشاھ بەنھادادقا تۆۋەندىكى تەكلىپنى بەردى: 19 «ئاتا-بوۋىلىرىمىز بۇرۇن ئىتتىپاق تۈزگىنىدەك، بىزمۇ ئىتتىپاق تۈزەيلى. سىلىگە ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى سوۋغا قىلىپ ئەۋەتتىم. ئىسرائىلىيە پادىشاھى باشا بىلەن تۈزگەن ئىتتىپاقلىرىنى بىكار قىلغايلا. شۇندىلا ئۇ زېمىنىمدىن قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرىدۇ.» 20 پادىشاھ بەنھاداد ئاسا پادىشاھنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، سەركەردىلىرىنى قوشۇنلىرى بىلەن ئىسرائىلىيە شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتتى. ئۇلار ئىيون، دان، بەيت-مائاكادىكى ئابېل، جەلىلىيە كۆلى ئەتراپىدىكى بارلىق جايلار ۋە پۈتۈن نافتالى زېمىنىنى ئىشغال قىلدى. 21 پادىشاھ باشا بۇ ئىشلارنى ئاڭلاپ، راماھ شەھىرىنى مۇستەھكەملەش ئىشىنى توختىتىپ، تىرزاھ شەھىرىگە قايتىپ كەتتى. 22 شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئاسا پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقىگە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، پادىشاھ باشانىڭ راماھنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئىشلەتمەكچى بولغان ياغاچ-تاشلىرىنى يۆتكەپ ئەكەتتى. ھېچكىم بۇ ئىشتىن ئۆزىنى قاچۇرالمىدى. پادىشاھ ئاسا بۇ ياغاچ-تاشلار بىلەن بىنيامىن زېمىنىدىكى گەبا ۋە مىزپاھ شەھەرلىرىنىڭ سېپىللىرىنى مۇستەھكەملىدى. 23 پادىشاھ ئاسانىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى، قىلغان پائالىيەتلىرى، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ۋە مۇستەھكەملىگەن شەھەرلىرى «يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. ئۇ ياشىنىپ قالغاندا، پۇتلىرى ئاغرىيدىغان بولۇپ قالغانىدى. 24 ئاسا ۋاپات بولۇپ، ئەجدادى داۋۇتنىڭ نامىدا ئاتالغان «داۋۇت شەھىرى»دە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىندى. ئوغلى يىھوشافات تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى. ئىسرائىلىيە پادىشاھى ناداب 25 ياروبئامنىڭ ئوغلى ناداب يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئىككىنچى يىلى ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولدى. ئۇ ئىككى يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 26 ناداب پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ئاتىسىنىڭ يولىدا ماڭدى ۋە ئىسرائىلىيەلىكلەرنى بۇتپەرەسلىككە يېتەكلەشنى داۋاملاشتۇردى. 27 ئىسساكار قەبىلىسىدىن بولغان ئاخىيانىڭ ئوغلى باشا ناداب پادىشاھقا قارشى سۇيىقەست پىلانلىدى. ناداب پۈتۈن ئىسرائىلىيە قوشۇنىنى باشلاپ فىلىستىيەلىكلەرنىڭ گىببىتون شەھىرىنى قورشاۋغا ئالغىلى كەلگەندە، باشا ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. 28 بۇ ئىش يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئۈچىنچى يىلى يۈز بەردى. باشا نادابنىڭ ئورنىغا ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولدى. 29 ئۇ تەختكە چىقىشى بىلەنلا ياروبئام جەمەتىنىڭ ئادەملىرىنى قىرىپ تۈگەتتى. پەرۋەردىگار خىزمەتكارى بولغان شىلولۇق ئاخىيا ئارقىلىق ئالدىن ئېيتقىنىدەك، باشا ياروبئام جەمەتىنىڭ بىرىنىمۇ قالدۇرماي پۈتۈنلەي ئۆلتۈرۈۋەتتى. 30 چۈنكى ياروبئامنىڭ بۇتپەرەسلىكى ۋە ئىسرائىلىيەلىكلەرنى بۇتپەرەسلىككە يېتەكلىگەن گۇناھى ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ غەزىپىنى قوزغىغانىدى. 31 پادىشاھ نادابنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە پائالىيەتلىرى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. 32 يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسا بىلەن ئىسرائىلىيە پادىشاھى باشا ئوتتۇرىسىدا ئىزچىل ئۇرۇش بولۇپ تۇردى. ئىسرائىلىيە پادىشاھى باشا 33 يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئۈچىنچى يىلى ئاخىيانىڭ ئوغلى باشا تىرزاھتا ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولدى. ئۇ 24 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 34 ئۇمۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ياروبئامنىڭ يولىدا مېڭىپ، ئۇنىڭغا ئوخشاش گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، ئىسرائىلىيەلىكلەرنى داۋاملىق بۇتپەرەسلىككە يېتەكلىدى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti