Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

پادىشاھلار بىرىنچى قىسىم 14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ياروبئام جەمەتى ھەققىدىكى بېشارەت

1 شۇ ۋاقىتتا پادىشاھ ياروبئامنىڭ ئوغلى ئابىيا كېسەل بولۇپ قالدى.

2 پادىشاھ ياروبئام ئايالىغا: _ سەن كىيىملىرىڭنى يەڭگۈشلەپ، مېنىڭ ئايالىم ئىكەنلىكىڭنى خەقلەر تونۇۋالالمىغۇدەك ياسىنىپ، شىلوغا بارغىن. ئاخىيا پەيغەمبەر شۇ يەردە تۇرىدۇ. ئۇ ماڭا: «سەن بۇ خەلقنىڭ پادىشاھى بولىسەن» دېگەنىدى.

3 سەن ئۇنىڭ قېشىغا ئون نان، بىرنەچچە توقاچ ۋە بىر قۇتا ھەسەل ئالغاچ بارغىن. ئۇ ساڭا بالىمىزنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ، _ دېدى.

4 ياروبئامنىڭ ئايالى ئەنە شۇ يوسۇندا شىلوغا بېرىپ، ئاخىيانىڭ ئۆيىگە كەلدى. ئاخىيا بەك قېرىپ كەتكەچكە، كۆزلىرى غۇۋالىشىپ، ئېنىق كۆرمەيدىغان بولۇپ قالغانىدى.

5 پەرۋەردىگار ئاخىياغا مۇنداق دېدى: _ ياروبئامنىڭ ئايالى سەندىن كېسەل بولۇپ قالغان ئوغلىنىڭ ئىشىنى سورىغىلى كېلىۋاتىدۇ. لېكىن ئۇ باشقا بىر ئايال سىياقىدا ياسىنىۋالدى. ئۇ كەلگەندە، سەن ئۇنىڭغا مېنىڭ ساڭا دېگەنلىرىمنى دېگىن.

6 ياروبئامنىڭ ئايالى بوسۇغىدىن ئاتلاپ كىرىشىگە ئاخىيا ئۇنىڭ ئاياغ تىۋىشىنى ئاڭلاپ، مۇنداق دېدى: _ ئەي ياروبئامنىڭ ئايالى، كىرگىن! سەن نېمىشقا باشقا ئادەمنىڭ سىياقىدا ياسىنىۋالدىڭ؟ ساڭا شۇم خەۋەر ئېيتىشقا ماڭا پەرۋەردىگاردىن ئەمر كەلدى.

7 سەن بېرىپ، ياروبئامغا ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدا مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «مەن سېنى خەلق ئىچىدىن تاللاپ، خەلقىم ئىسرائىللارغا باش قىلدىم.

8 پادىشاھلىقنى داۋۇت جەمەتىدىن تارتىۋېلىپ، ساڭا بەردىم، لېكىن سەن خىزمەتكارىم داۋۇتقا ئوخشىمىدىڭ. ئۇ مېنىڭ ئەمرلىرىمگە رىئايە قىلاتتى، پۈتۈن قەلبى بىلەن ماڭا ئەگىشىپ، پەقەت مېنىڭ نەزىرىمدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلاتتى.

9 لېكىن سەن يامان ئىشلارنى قىلىشتا سەندىن ئىلگىرىكى ھۆكۈمرانلاردىنمۇ ئېشىپ كەتتىڭ، ئۆزۈڭگە بۇتلارنى قۇيدۇرۇپ، مەندىن يۈز ئۆرۈپ، غەزىپىمنى كەلتۈردۈڭ.

10 شۇڭا مەن سېنىڭ جەمەتىڭگە بالايىئاپەت كەلتۈرىمەن. ئىسرائىللار ئىچىدە ساڭا تەۋە ئەركەكلەرنىڭ ھەممىسىنى قېرى-ياش دېمەي ھالاك قىلىمەن. سېنىڭ جەمەتىڭنى نىجاسەتنى يوقاتقاندەك پۈتۈنلەي يوقىتىمەن.

11 سېنىڭ جەمەتىڭدىن شەھەردە ئۆلگەنلىرىنى ئىتلار، دالادا ئۆلگەنلىرىنى قاغا-قۇزغۇنلار يەيدۇ. بۇنى مەن پەرۋەردىگار ئېيتتىم».

12 ئورنۇڭدىن تۇر، ئۆيۈڭگە قايت! شەھەرگە قەدەم بېسىشىڭ بىلەنلا ئوغلۇڭ ئۆلىدۇ.

13 پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى ھازا ئېچىپ، ئۇنى دەپنە قىلىدۇ. ياروبئامغا تەۋە كىشىلەر ئىچىدە پەقەت شۇلا قەبرىدە ياتىدۇ. چۈنكى ياروبئام جەمەتىدىن پەقەت شۇلا ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانى خۇرسەن قىلغانىدى.

14 ئىسرائىللارنى باشقۇرۇش ئۈچۈن پەرۋەردىگار باشقا بىر پادىشاھنى تىكلەيدۇ. ئۇ ياروبئام جەمەتىنى يوقىتىدۇ. بۈگۈن بۇ ئىشنىڭ يۈز بېرىدىغان ۋاقتى كەلدى!

15 پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا زەربە بېرىدۇ، ئىسرائىللار خۇددى سۇدىكى قومۇشتەك لىڭشىيدۇ. ئۇ ئىسرائىللارنى ئاتا-بوۋىلىرىغا ئاتا قىلغان بۇ مۇنبەت زېمىندىن يۇلۇپ ئېلىپ، فىرات دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىگە تاشلىۋېتىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى ياساپ، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى كەلتۈردى.

16 ياروبئامنىڭ بۇتپەرەسلىكى ۋە ئىسرائىلىيەلىكلەرنى بۇتپەرەسلىككە يېتەكلىگەن گۇناھى ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئىسرائىللاردىن ۋاز كېچىدۇ.

17 ياروبئامنىڭ ئايالى ئورنىدىن تۇرۇپ، يولغا چىقتى. ئۇ تىرزاھ شەھىرىگە قايتىپ كېلىپ، ئۆيىنىڭ بوسۇغىسىدىن ئاتلىشى بىلەنلا ئوغلى جان ئۈزدى.

18 خۇددى پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ خىزمەتكارى ئاخىيا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتقاندەك، پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى ھازا ئېچىپ، ئۇنى دەپنە قىلدى.

19 پادىشاھ ياروبئامنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى، قىلغان ئۇرۇشلىرى ۋە قانداق ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەنلىكى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر.

20 ياروبئام 22 يىل پادىشاھ بولۇپ، ۋاپات بولدى، ئوغلى ناداب تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.


يەھۇدىيە پادىشاھى رىخوبئام

21 سۇلايماننىڭ ئوغلى رىخوبئام يەھۇدىيەگە پادىشاھ ئىدى. ئۇ تەختكە چىققان چاغدا 41 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا (پەرۋەردىگار خەلقلەرنىڭ ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ بارلىق شەھەرلىرى ئىچىدىن تاللىغان شەھەر) 17 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى ئاممونلۇق بولۇپ، ئىسمى نائاما ئىدى.

22 يەھۇدىيەلىكلەر پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. ئۇلار ئاتا-بوۋىلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ بەكرەك بۇتقا چوقۇنۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ قەھر-غەزىپىنى قوزغىدى.

23 ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ھەربىر ئېگىزلىكتە ۋە ھەربىر بۈك-باراقسان ئۆسكەن دەرەخ ئاستىلىرىدا بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلەر ۋە ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىغا ئاتاپ سەجدىگاھلارنى ياساپ چىقتى.

24 تېخىمۇ يامان بولغىنى، بۇ زېمىندىكى سەجدىگاھلاردا ئەر پاھىشىلەرنىڭمۇ پەيدا بولۇشىدۇر. خەلق پەرۋەردىگار ئۆزلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىۋەتكەن يات ئەللەرنى دوراپ، ھەممە يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلدى.

25 پادىشاھ رىخوبئامنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ بەشىنچى يىلى پىرئەۋن شىشاق يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلدى.

26 ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى ۋە پادىشاھ ئوردىسىدىكى بايلىقلارنىڭ ھەممىسىنى بۇلاپ كەتتى. سۇلايمان ياساتقان ئالتۇن قالقانلارنىمۇ ئېلىپ كەتتى.

27 كېيىن پادىشاھ رىخوبئام ئاشۇ ئالتۇن قالقانلارنىڭ ئورنىغا تۇچ قالقانلارنى ياسىتىپ، ئوردا دەرۋازىسىغا قارايدىغان قاراۋۇللار باشلىقلىرىنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇردى.

28 پادىشاھ ھەر قېتىم پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا بارغاندا، قاراۋۇللار بۇ قالقانلارنى كۆتۈرۈپ ماڭاتتى. قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بۇ قالقانلارنى يەنە قورال ئامبىرىغا قويۇپ قوياتتى.

29 پادىشاھ رىخوبئامنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە پائالىيەتلىرى «يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر.

30 يەھۇدىيە پادىشاھى رىخوبئام بىلەن ئىسرائىلىيە پادىشاھى ياروبئام ئوتتۇرىسىدا ئىزچىل ئۇرۇش بولۇپ تۇردى.

31 رىخوبئام ۋاپات بولۇپ، «داۋۇت شەھىرى»دە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىندى. ئۇنىڭ ئانىسى ئاممونلۇق بولۇپ، ئىسمى نائاما ئىدى. ئوغلى ئابىيا تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan