پادىشاھلار بىرىنچى قىسىم 13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى1 پادىشاھ ياروبئام بەيتەلدىكى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئىسرىق سېلىۋاتقاندا، يەھۇدىيەدىن بىر پەيغەمبەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بىلەن يېتىپ كەلدى. 2 پەيغەمبەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە قۇربانلىق سۇپىسىغا قاراپ تۇرۇپ، ۋارقىراپ مۇنداق دېدى: _ ئەي قۇربانلىق سۇپىسى، قۇربانلىق سۇپىسى! پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بىلىپ قويغىنكى، داۋۇتنىڭ نەسلىدىن يوشىيا ئاتلىق بىر ئوغۇل تۇغۇلىدۇ. ئۇ ھازىر سېنىڭ ئۈستۈڭدە ئىسرىق سېلىۋاتقان بۇتپەرەس روھانىيلارنى قۇربانلىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۇستىخانلىرىنى سېنىڭ ئۈستۈڭدە كۆيدۈرىدۇ.» 3 (شۇ كۈنى ئۇ پەيغەمبەر بىر بېشارەت بېرىپ، مۇنداق دېدى: «پەرۋەردىگار شۇنداق بېشارەت بېرىدۇكى، بۇ قۇربانلىق سۇپىسى يېرىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىدىكى مايلاشقان كۈللەرمۇ يەرگە چېچىلىپ كېتىدۇ.») 4 پادىشاھ ياروبئام پەيغەمبەرنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىغا قاراپ تۇرۇپ، ۋارقىراپ قىلغان سۆزىنى ئاڭلاپلا، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، قولىنى شىلتىپ، «تۇتۇڭلار ئۇنى!» دەپ ۋارقىرىدى. ئۇنىڭغا قارىتىپ شىلتىغان قولى قېتىپ قېلىپ، يىغىۋالالماي قالدى. 5 (دەرۋەقە، كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەر ئارقىلىق بەرگەن بېشارىتى ئەمەلگە ئاشتى. قۇربانلىق سۇپىسى يېرىلىپ، ئۈستىدىكى مايلاشقان كۈللەر چېچىلىپ كەتتى.) 6 پادىشاھ پەيغەمبەرگە: _ مەن ئۈچۈن پەرۋەردىگارىڭ خۇداغا دۇئا قىلىپ، قولۇمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قويۇشىنى تىلىسەڭ، _ دەپ يالۋۇردى. پەيغەمبەر پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلغانىدى، پادىشاھنىڭ قولى ئەسلىگە كەلدى. 7 پادىشاھ پەيغەمبەرگە: _ مەن بىلەن بارگاھىمغا بېرىپ، غىزالانغىن، مەن ساڭا ئىنئام بېرىمەن، _ دېدى. 8 پەيغەمبەر پادىشاھقا: _ ماڭا بايلىقلىرىنىڭ يېرىمىنى بەرسىلىمۇ، سىلى بىلەن بارگاھلىرىغا بارمايمەن، غىزامۇ يېمەيمەن، ئۇسسۇلۇقمۇ ئىچمەيمەن. 9 چۈنكى پەرۋەردىگار ماڭا: «سەن غىزا يېسەڭ ۋە ئۇسسۇلۇق ئىچسەڭ بولمايدۇ، ئەسلى كەلگەن يولۇڭ بىلەن قايتساڭمۇ بولمايدۇ» دەپ بۇيرۇغان، _ دېدى. 10 شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر بەيتەلگە كەلگەن يولى بىلەن ئەمەس، باشقا يول بىلەن قايتتى. بەيتەللىك ياشانغان پەيغەمبەر 11 بەيتەلدە تۇرىدىغان ياشانغان بىر پەيغەمبەر بار ئىدى. ئۇنىڭ ئوغۇللىرى كېلىپ، ئۇنىڭغا يەھۇدىيەدىن كەلگەن پەيغەمبەرنىڭ ئاشۇ كۈنى بەيتەلدە قىلغان ھەممە ئىشىنى سۆزلەپ بەردى. پادىشاھقا ئېيتقان سۆزلىرىنىمۇ دەپ بەردى. 12 ئاتىسى ئۇلاردىن: «ئۇ پەيغەمبەر قايسى يول بىلەن قايتتى؟» دەپ سورىدى. ئوغۇللىرى يەھۇدىيەدىن كەلگەن پەيغەمبەرنىڭ ماڭغان يولىنى كۆرسىتىپ بەردى. 13 ئۇ ئوغۇللىرىغا: _ ئېشەكنى توقۇڭلار! _ دېدى. ئوغۇللىرى ئېشەكنى توقۇپ تەييارلىدى. ئۇ ئېشەكنى مىنىپ، 14 ھېلىقى پەيغەمبەرنى قوغلاپ ماڭدى. ئۇ ئۇنىڭ بىر پىستە دەرىخىنىڭ ئاستىدا ئولتۇرغانلىقىنى كۆردى-دە، ئۇنىڭدىن: _ ئۆزلىرى يەھۇدىيەدىن كەلگەن پەيغەمبەر بولامدىلا؟ _ دەپ سورىدى. ئۇ: _ شۇنداق! _ دەپ جاۋاب بەردى. 15 ياشانغان پەيغەمبەر: _ ئەمىسە مەن بىلەن يۈرسىلە، ئۆيگە بېرىپ، غىزا يېسىلە، _ دېدى. 16 يەھۇدىيەدىن كەلگەن پەيغەمبەر: _ مەن ئارقامغا قايتىپ، ئۆزلىرى بىلەن بىرگە ئۆيلىرىگە بارالمايمەن، مۇشۇ يەردىمۇ سىلى بىلەن بىرگە غىزالىنالمايمەن، ھەم ئۇسسۇلۇق ئىچەلمەيمەن. 17 چۈنكى ماڭا پەرۋەردىگار: «سېنىڭ ئۇ يەردە غىزا يېيىشىڭگە ۋە ئۇسسۇلۇق ئىچىشىڭگە، ئەسلى كەلگەن يولۇڭ بىلەن قايتىشىڭغا بولمايدۇ» دەپ بۇيرۇغانىدى، _ دېدى. 18 ياشانغان پەيغەمبەر: _ مەنمۇ ئۆزلىرىگە ئوخشاش بىر پەيغەمبەرمەن. بىر پەرىشتە پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە بىنائەن ماڭا: «سەن يەھۇدىيەدىن كەلگەن ھېلىقى پەيغەمبەرنى ئۆيۈڭگە ئېلىپ قايت، بىر نەرسە يېسۇن، سۇ ئىچسۇن» دېگەنىدى، _ دېدى. لېكىن ئۇ يالغان سۆزلىگەنىدى. 19 شۇنداق قىلىپ، يەھۇدىيەدىن كەلگەن پەيغەمبەر ياشانغان پەيغەمبەر بىلەن بىرگە ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، غىزا يېدى ۋە ئۇسسۇلۇق ئىچتى. 20 ئۇ ئىككىسى داستىخاندا غىزالىنىۋاتقاندا، يەھۇدىيەدىن كەلگەن پەيغەمبەرنى باشلاپ كەلگەن ياشانغان پەيغەمبەرگە پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كەلدى. 21 ياشانغان پەيغەمبەر ھېلىقى پەيغەمبەرگە ئۈنلۈك ئاۋازدا: _ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سەن سۆزلىرىمگە ئىتائەت قىلماي، ئەمرىمگە خىلاپلىق قىلدىڭ. 22 مەن ساڭا: ‹غىزا يېيىشكە، ئۇسسۇلۇق ئىچىشكە بولمايدۇ› دېگەن بولساممۇ، سەن بۇ جايغا قايتىپ كېلىپ، غىزا يەپ، ئۇسسۇلۇق ئىچتىڭ. شۇنىڭ ئۈچۈن سېنىڭ جەسىتىڭ ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ قەبرىسىگە دەپنە قىلىنمايدۇ»، _ دېدى. 23 غىزا يەپ، ئۇسسۇلۇق ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، يەھۇدىيەدىن كەلگەن پەيغەمبەرنى ئۆيىگە ئېلىپ كەلگەن ياشانغان پەيغەمبەر ئۇنىڭغا ئۆز ئېشىكىنى توقۇپ تەييار قىلىپ بەردى. 24 يەھۇدىيەدىن كەلگەن پەيغەمبەر يولىغا راۋان بولدى. يولدا ئۇنىڭغا بىر شىر ئۇچرىدى. شىر ئۇنى ئۆلتۈردى، ئۇنىڭ جەسىتى يولدا قالدى. ئېشەكمۇ، شىرمۇ ئۇنىڭ جەسىتىنىڭ يېنىدا تۇردى. 25 يولدىن ئۆتكەنلەر بۇ جەسەتنىڭ يولغا تاشلاپ قويۇلغانلىقىنى، شىرنىڭ جەسەتنىڭ يېنىدا تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ياشانغان پەيغەمبەر تۇرىدىغان شەھەرگە كېلىپ، بۇ ۋەقەنى شەھەردە سۆزلەپ يۈردى. 26 يەھۇدىيەدىن كەلگەن پەيغەمبەرنى يولدىن قايتۇرۇپ، ئۆيىگە ئېلىپ كەلگەن ياشانغان پەيغەمبەر ۋەقەنى ئاڭلاپ: «بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغان ھېلىقى پەيغەمبەرنىڭ جەسىتى ئىكەن. خۇددى پەرۋەردىگار ئۆزى ئېيتقاندەك، ئۇنى شىرغا تاشلاپ بېرىپتۇ، شىر ئۇنى تالاپ ئۆلتۈرۈپتۇ» دېدى. 27 شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئوغۇللىرىغا: _ ماڭا ئېشەكنى توقۇپ بېرىڭلار، _ دەپ بۇيرۇدى. ئوغۇللىرى ئېشەكنى توقۇپ بەردى. 28 ئۇ يېتىپ بارغاندا، پەيغەمبەرنىڭ جەسىتىنىڭ يولدا ياتقانلىقىنى، ئېشەكنىڭمۇ، شىرنىڭمۇ جەسەتنىڭ يېنىدا تۇرغانلىقىنى، شىرنىڭ جەسەتنى يەۋەتمىگەنلىكىنى ۋە ئېشەكنىمۇ تالاپ ئۆلتۈرمىگەنلىكىنى كۆردى. 29 ياشانغان پەيغەمبەر ھازا ئېچىپ، پەيغەمبەرنىڭ جەسىتىنى ئېشەككە ئارتىپ، دەپنە قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ شەھىرىگە ئېلىپ كەلدى. 30 ئۇ ئۇنىڭ جەسىتىنى ئۆزىنىڭ قەبرىسىگە دەپنە قىلدى. ئۇ ئوغۇللىرى بىلەن بىرلىكتە: «ۋاي قېرىندىشىم!» دەپ، ھازا ئاچتى. 31 جەسەتنى دەپنە قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ياشانغان پەيغەمبەر ئوغۇللىرىغا: _ مەن ئۆلگەندىن كېيىن، سىلەر مېنى يەھۇدىيەدىن كەلگەن پەيغەمبەر دەپنە قىلىنغان قەبرىگە دەپنە قىلىڭلار، جەسىتىم ئۇنىڭ يېنىدا بولسۇن. 32 ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە بەيتەلدىكى قۇربانلىق سۇپىسى ۋە سامارىيەگە قاراشلىق شەھەرلەردىكى بۇتخانىلار توغرىسىدا قىلغان سۆزلىرى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ، _ دېدى. 33 شۇ ۋەقەلەردىن كېيىنمۇ پادىشاھ ياروبئام يامان يولىدىن قايتماي، بۇتخانىلارغا ئاۋام خەلقتىن روھانىيلارنى تاللاپ، خالىغانلىرىنى روھانىيلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلىدى. 34 بۇ گۇناھلىق ئىشلار پادىشاھ ياروبئام جەمەتىنىڭ كېيىنچە پۈتۈنلەي قىرىلىپ، يەر يۈزىدىن يوقىلىپ كېتىشىگە سەۋەب بولدى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti