Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

پادىشاھلار بىرىنچى قىسىم 12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


شىمالىي قەبىلىلەرنىڭ ئۆكتە قوپۇشى

1 بارلىق ئىسرائىل خەلقى رىخوبئامنى پادىشاھ قىلىش ئۈچۈن شەكەم شەھىرىگە يىغىلدى. رىخوبئاممۇ ئۇ يەرگە كەلدى.

2 نىباتنىڭ مىسىردا تۇرۇۋاتقان ئوغلى ياروبئام بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تېپىپ، مىسىردىن ئىسرائىلىيەگە قايتىپ كەلدى. ئۇ پادىشاھ سۇلايماننىڭ ۋاقتىدا سۇلايماندىن قېچىپ، مىسىرغا كەتكەنىدى.

3 شىمالدىكى ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئاقساقاللىرى ياروبئامنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە رىخوبئامنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇلار رىخوبئامغا:

4 _ ئاتىلىرى سۇلايمان يەلكىمىزگە ئېغىر يۈكلەرنى ئارتقانىدى. ئەمدى بىز سىلىدىن ئاتىلىرى يەلكىمىزگە ئارتقان بۇ ئېغىر يۈكلەرنى ئېلىۋېتىپ، ھاياتىمىزنى يېنىكلىتىشلىرىنى ئۆتۈنىمىز. شۇنداق قىلسىلا، سىلىنىڭ خىزمەتلىرىدە بولىمىز، _ دېيىشتى.

5 رىخوبئام: _ سىلەر ھازىرچە قايتىپ كېتىپ، ئىككى كۈندىن كېيىن كېلىڭلار، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قايتىپ كېتىشتى.

6 پادىشاھ رىخوبئام ئاتىسى سۇلايمان ھايات ۋاقتىدا ئۇنىڭ ئالدىدا خىزمەت قىلغان مويسىپىتلاردىن مەسلىھەت سوراپ: _ بۇ كىشىلەرگە قانداق جاۋاب بېرەي، _ دېدى.

7 مويسىپىتلار: _ ئەگەر سىلى بۈگۈن بۇ خەلقنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ، ئۇلارغا ياخشى سۆزلەرنى قىلسىلا، ئۇلار مەڭگۈ سىلىنىڭ خىزمەتلىرىدە بولىدۇ، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى.

8 لېكىن رىخوبئام مويسىپىتلارنىڭ مەسلىھەتىنى قوبۇل قىلماي، ئۆزى بىلەن بىرگە چوڭ بولغان ۋە ئۆزىنىڭ خىزمىتىدە بولۇۋاتقان ياشلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئۇلاردىن:

9 _ كىشىلەر ماڭا: «ئاتىلىرى يەلكىمىزگە ئارتقان ئېغىر يۈكلەرنى يېنىكلىتىشلىرىنى ئۆتۈنىمىز» دېيىشىۋاتىدۇ. ئۇلارغا قانداق جاۋاب بەرسەك بولار، سىلەرنىڭ مەسلىھەتىڭلار قانداق؟ _ دەپ سورىدى.

10 رىخوبئام بىلەن بىرگە چوڭ بولغان ياشلار: _ بۇ كىشىلەر ئۆزلىرىگە: «ئاتىلىرى يەلكىمىزدىكى يۈكلەرنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەنىدى، لېكىن سىلىنىڭ ئۇنى يېنىكلىتىپ بېرىشلىرىنى ئۆتۈنىمىز» دەپتۇ. ئەمدى سىلى ئۇلارغا: «مېنىڭ چىمچىلىقىم ئاتامنىڭ بېلىدىنمۇ توم!

11 ئاتام سىلەرگە ئېغىر يۈك ئارتقان بولسا، مەن ئۇنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىمەن. ئاتام سىلەرنى قامچا بىلەن ئۇرغان بولسا، مەن سىلەرنى چايانلارغا چاقتۇرىمەن» دېسىلە، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى.

12 ياروبئام ۋە خەلق پادىشاھ رىخوبئامنىڭ «ئىككى كۈندىن كېيىن كېلىڭلار» دېگەن سۆزى بويىچە، ئىككى كۈندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىلى كەلدى.

13 پادىشاھ رىخوبئام كۆپچىلىككە كەسكىن جاۋاب بەردى. ئۇ مويسىپىتلارنىڭ مەسلىھەتى بويىچە ئەمەس،

14 بەلكى ياشلارنىڭ بەرگەن مەسلىھەتى بويىچە ئۇلارغا: _ ئاتام سىلەرنىڭ يۈكۈڭلارنى ئېغىرلاتقان بولسا، مەن ئۇنى تېخىمۇ ئېغىرلىتىمەن. ئاتام سىلەرنى قامچا بىلەن ئۇرغان بولسا، مەن سىلەرنى چايانلارغا چاقتۇرىمەن! _ دېدى.

15 پادىشاھ رىخوبئام خەلقنىڭ ئۆتۈنۈشىگە قۇلاق سالمىدى. شۇنداق قىلىپ، پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ شىلولۇق ئاخىيا ئارقىلىق نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامغا ئېيتقان سۆزىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا يول ھازىرلىدى.

16 شىمالىي قەبىلىلەردىن كەلگەن ئىسرائىللار پادىشاھ رىخوبئامنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئۆتۈنۈشلىرىنى ئاڭلىمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا: _ يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇتنىڭ بىزگە ئۆتكۈزۈپ قويغىنى يوق، ھەم بىزنىڭ ئۇنىڭدا قەرزىمىزمۇ يوق. ھەي ئىسرائىللار، ئۆيلىرىمىزگە قايتايلى! ئەي داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرى، ئۆز خانىدانلىقىڭلارغا ئۆزۈڭلار ئىگە بولۇڭلار! _ دېيىشتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆيلىرىگە قايتىشتى.

17 ئەمما رىخوبئام يەھۇدا شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان شىمالدىن كەلگەن ئىسرائىللارغا يەنىلا پادىشاھ بولۇپ قېلىۋەردى.

18 پادىشاھ رىخوبئام ھاشارچىلارنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئادورامنى ئىسرائىللارنىڭ شىمالدىكى قەبىلىلىرىگە ئەۋەتتى، ئۇلار ئۇنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. پادىشاھ رىخوبئام ئالدىراپ-تېنەپ ھارۋىسىغا چىقىپ، يېرۇسالېمغا قېچىپ كېلىۋالدى.

19 شۇنىڭدىن بېرى شىمالدىكى ئىسرائىللار داۋۇت خانىدانلىقى بىلەن قارشىلىشىپ كەلمەكتە.

20 شىمالدىكى ئىسرائىللار ياروبئامنىڭ مىسىردىن قايتىپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپلا، دەرھال ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنى كېڭەشكە چاقىرتىپ كەلدى ۋە ئۇنى ئۆزلىرىگە، يەنى شىمالدىكى ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ قىلىپ تىكلەشتى. پەقەت يەھۇدا قەبىلىسىلا داۋۇت خانىدانلىقىغا سادىق بولۇپ قالدى.

21 رىخوبئام يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، شىمالدىكى ئىسرائىللار بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، ھۆكۈمرانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىلىرىدىن 180 مىڭ سەرخىل لەشكەرنى توپلىدى.

22 بىراق خۇدا شىمايا پەيغەمبەرگە مۇنداق دېدى:

23 _ سەن بېرىپ، سۇلايماننىڭ ئوغلى، يەنى يەھۇدىيە پادىشاھى رىخوبئامغا، پۈتۈن يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىلىرىگە ھەم باشقىلارغا:

24 «پەرۋەردىگار: ‹سىلەر قېرىندىشىڭلار بولغان ئىسرائىللار بىلەن ئۇرۇش قىلماڭلار. ھەممىڭلار ئۆيۈڭلارغا قايتىڭلار! چۈنكى بۇ ئىشنى مەن قىلدىم› دەيدۇ» دېگىن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە ئىتائەت قىلىپ، شىمايا پەيغەمبەرنىڭ ئېيتقىنى بويىچە ئۆيلىرىگە قايتىپ كېتىشتى.


ياروبئامنىڭ ئىسرائىللارنى بۇتپەرەسلىككە باشلىشى

25 پادىشاھ ياروبئام ئەفرايىم تاغلىق رايونىدىكى شەكەم شەھىرىنى قايتىدىن قۇرۇپ، شۇ يەردە تۇرىدىغان بولدى. كېيىن ئۇ پىنۇئېل شەھىرىگە بېرىپ، ئۇ شەھەرنىمۇ مۇستەھكەملىدى.

26-27 پادىشاھ ياروبئام ئىچىدە: «ئەگەر بۇ خەلق قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن داۋاملىق يېرۇسالېمدىكى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا بېرىۋېرىدىغان بولسا، ئۇلارنىڭ كۆڭلى كونا ھۆكۈمرانى يەھۇدىيە پادىشاھى رىخوبئامغا مايىل بولۇپ كېتىشى ۋە مېنى ئۆلتۈرۈپ، قايتىدىن ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشى مۇمكىن. شۇنداق بولۇپ قالسا، بۇ پادىشاھلىق يەنە داۋۇت ئەۋلادلىرىنىڭ ئىلكىگە ئۆتۈپ كېتىدۇ» دەپ ئويلىدى.

28 شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ياروبئام مەسلىھەتچىلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئالتۇندىن ئىككى موزاينىڭ بۇتىنى ياسىتىپ، خەلققە: _ ئەي ئىسرائىللار، سىلەرنىڭ يېرۇسالېمغا بېرىشىڭلار ھەقىقەتەن مۇشەققەتلىكتۇر. قاراڭلار، مانا بۇلار سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان ئىلاھىڭلاردۇر! _ دېدى.

29 ئۇ موزاي بۇتنىڭ بىرىنى بەيتەل شەھىرىگە، يەنە بىرىنى دان شەھىرىگە قويغۇزدى.

30 بۇ ئىش ئىسرائىللارنى گۇناھقا باشلىدى. ئۇلار ھەتتاكى يىراقتىكى دانغا بېرىپ، موزايغا چوقۇنىدىغان بولدى.

31 پادىشاھ ياروبئام بۇتخانىلارنى سېلىپ، لاۋىينىڭ ئەۋلادىدىن بولمىغان خەلقتىن كىم كەلسە، شۇنى روھانىيلىققا تەيىنلىدى.


بەيتەلدىكى بۇتپەرەسلىكنىڭ ئەيىبلىنىشى

32 پادىشاھ ياروبئام يەنە 8-ئاينىڭ 15-كۈنىنى يەھۇدىيەنىڭ ھېيتىغا ئوخشاش ھېيت قىلىپ بەلگىلەپ، شۇ كۈنى بەيتەلدىكى قۇربانلىق سۇپىسىغا بېرىپ، ئۆزى ياساتقان ئالتۇن موزايلارغا قۇربانلىقلارنى سۇندى. بەيتەلدە ئۆزى سالدۇرغان بۇتخانىلارغا روھانىيلارنى تەيىنلىدى.

33 8-ئاينىڭ 15-كۈنى، يەنى ئۆز مەيلىچە ئىسرائىللارنىڭ ھېيتى قىلىپ بەلگىلىگەن كۈنى بەيتەلدە ئۆزى سالدۇرغان قۇربانلىق سۇپىسىدا ئىسرىق سالدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan