Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

پادىشاھلار بىرىنچى قىسىم 11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


سۇلايماننىڭ پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈشى

1 پادىشاھ سۇلايمان پىرئەۋننىڭ قىزىدىن باشقا يەنە نۇرغۇن يات ئەللەرنىڭ قىزلىرىغا، يەنى موئابلىق، ئاممونلۇق، ئىدوملۇق، سىدونلۇق ۋە خىتلىق قىزلارغا ئاشىق بولدى.

2 پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنى بۇ يات ئەللەرنىڭ ئادەملىرى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇپ: «سىلەر ئۇ ئەللەرنىڭ ئادەملىرىگە قىز بەرمەڭلار ھەمدە ئۇلاردىن قىز ئالماڭلار، بولمىسا ئۇلار جەزمەن قەلبىڭلارنى مايىل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىلاھلىرىغا ئىشەندۈرۈپ كېتىدۇ» دېگەن بولسىمۇ، لېكىن سۇلايمان دەل ئەنە شۇ يات ئەللەرنىڭ قىزلىرىغا ئاشىق بولدى.

3 پادىشاھ سۇلايماننىڭ 700 خوتۇنى، 300 توقىلى بار ئىدى. بۇ ئاياللار سۇلايماننىڭ قەلبىنى پەرۋەردىگاردىن يىراقلاشتۇردى.

4 سۇلايماننىڭ قېرىشىغا ئەگىشىپ، خوتۇنلىرى ئۇنى باشقا ئىلاھلارغا ئىشەندۈرۈپ كەتتى. ئاتىسى داۋۇت پەرۋەردىگار خۇداغا جان-دىلى بىلەن سادىق بولغانىدى، ئەمما ئۇ ئاتىسىدەك سادىق بولمىدى.

5 سۇلايمان سىدونلۇقلارنىڭ ئىلاھەسى ئاشتورەت ۋە ئاممونلارنىڭ يىرگىنچلىك ئىلاھى مولەككە چوقۇنۇپ،

6 پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. پەرۋەردىگارغا ئاتىسى داۋۇت ئەگەشكەندەك پۈتۈن قەلبى بىلەن ئەگەشمىدى.

7 سۇلايمان موئابلارنىڭ يىرگىنچلىك ئىلاھى كىموش بىلەن ئاممونلارنىڭ يىرگىنچلىك ئىلاھى مولەككە ئاتاپ، يېرۇسالېمنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى تاغدا بىر سەجدىگاھ سالدۇردى.

8 ئۇ يات ئەللەردىن ئالغان ھەممە خوتۇنلىرىنىڭ ئۆز ئىلاھلىرىغا ئىسرىق سېلىپ، قۇربانلىق قىلىشلىرى ئۈچۈن ئۇلارغىمۇ سەجدىگاھلارنى سالدۇرۇپ بەردى.


پەرۋەردىگارنىڭ سۇلايمانغا غەزەپلىنىشى

9 سۇلايمان ئۆزىگە ئىككى قېتىم زاھىر بولغان، ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدادىن يۈز ئۆرۈگەچكە، پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭغا غەزىپى كەلدى.

10 پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا «باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنما» دېگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە ئېرەن قىلمىدى.

11 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار سۇلايمانغا مۇنداق دېدى: _ سەن بىلەن تۈزگەن ئەھدەمگە ۋە ساڭا بۇيرۇغان ئەمر-پەرمانلىرىمغا رىئايە قىلمىغانلىقىڭ ئۈچۈن، سېنىڭ پادىشاھلىقىڭنى جەزمەن تارتىۋالىمەن ۋە ئۇنى بىر خىزمەتكارىڭغا ئۆتكۈزۈپ بېرىمەن.

12 لېكىن ئاتاڭ داۋۇتنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ، بۇ ئىشنى سەن ھايات چاغدا قىلمايمەن. پادىشاھلىقىڭنى سېنىڭ ئوغلۇڭنىڭ قولىدىن تارتىۋالىمەن.

13 ئەمما مەن تاللىغان يېرۇسالېم ۋە خىزمەتكارىم داۋۇتنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ، پادىشاھلىقنىڭ پۈتۈن زېمىنىنى تارتىۋالماستىن، ئوغلۇڭغا بىر قەبىلىنىڭ زېمىنىنى قالدۇرىمەن.

14 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار سۇلايمانغا قارشى چىقىدىغان بىرەيلەننى ئوتتۇرىغا چىقاردى. ئۇ ئىدوم پادىشاھىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان ھاداد ئىدى.

15 ئىلگىرى پادىشاھ داۋۇت ئىدومنى مەغلۇپ قىلغاندا، قوشۇننىڭ باش سەركەردىسى يوئاب جەڭدە قۇربان بولغان ئىسرائىللارنى دەپنە قىلغىلى بېرىپ، ئىدومدىكى بارلىق ئەركەكلەرنى قىرىپ تاشلىغانىدى.

16 يوئاب ۋە ئىسرائىلىيە قوشۇنلىرى ئۇ يەردە تاكى ئىدومدىكى بارلىق ئەركەكلەرنى قىرىپ تۈگەتكۈچە ئالتە ئاي تۇرغانىدى.

17 بىراق ھاداد ئاتىسىنىڭ بىرقانچە ئىدوملۇق خىزمەتكارى بىلەن مىسىرغا قېچىپ بېرىۋالغان بولۇپ، ئۇ چاغدا ئۇ تېخى كىچىك بالا ئىدى.

18 ئۇلار مىسىرغا بېرىش ئۈچۈن مىديان رايونىدىن ئۆتۈپ، پاران چۆلىگە كەلگەندە، ئۇ يەردىن يەنە بىرقانچە ئادەم ئېلىۋېلىشقانىدى. ئۇلار مىسىرغا يېتىپ كەلگەندە، پىرئەۋن بىلەن كۆرۈشكەنىدى. پىرئەۋن قول ئاستىدىكىلەرگە ئۇلارغا ئۆي، ئوزۇقلۇق بېرىشنى بۇيرۇغان ۋە بىر پارچە يەرنى ئىنئام قىلىپ بەرگەنىدى.

19 ھاداد پىرئەۋننىڭ ناھايىتى كۆپ ئىلتىپاتىغا ئېرىشكەنىدى. پىرئەۋن ھەتتا ئۆزىنىڭ قېيىنسىڭلىسى، يەنى خانىش تاخپىنېسنىڭ سىڭلىسىنى ئۇنىڭغا بەرگەنىدى.

20 ئۇ تاخپىنېسنىڭ سىڭلىسىدىن بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈپ، ئۇنىڭغا گىنۇبات دەپ ئات قويغانىدى. تاخپىنېس بالىنى پىرئەۋننىڭ ئوردىسىدا چوڭ قىلغانىدى. گىنۇبات پىرئەۋننىڭ ئوغۇللىرى بىلەن بىرلىكتە ئوردىدا تۇراتتى.

21 ھاداد مىسىردا تۇرۇپ، پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنى، ئىسرائىلىيە قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى يوئابنىڭمۇ ۋاپات بولغانلىقىنى ئاڭلاپ، پىرئەۋندىن: _ ئۆز ئېلىمگە قايتىشىمغا ئىجازەت بېرىشلىرىنى سورايمەن، _ دەپ ئۆتۈندى.

22 پىرئەۋن ئۇنىڭغا: _ «ئۆز ئېلىمگە قايتىشىمغا ئىجازەت بەرسىلە» دەيسەن، بۇ يەردە بىرەر نەرسەڭ كەم بولۇپ قالدىمۇ؟ _ دېدى. ئۇ: _ كەم بولۇپ قالغان بىرەر نەرسە يوق، قانداقلا بولمىسۇن ئۆز ئېلىمگە قايتىشىمغا ئىجازەت بەرگەيلا، _ دەپ تۇرۇۋالدى.

23 خۇدا ئەليادانىڭ ئوغلى رىزوننىمۇ پادىشاھ سۇلايمانغا دۈشمەن قىلىپ قويغانىدى. ئۇ خوجايىنى زوباھنىڭ پادىشاھى ھادادئەزەرنىڭ دەستىدىن قېچىپ كەتكەنىدى.

24 پادىشاھ داۋۇت زوباھلىقلارنى مەغلۇپ قىلغاندا، رىزون بىر تۈركۈم قاراقچىلارنى توپلاپ، ئۆزى ئۇلارغا ئاتامان بولدى. كېيىن ئۇ دەمەشققە بېرىپ، ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلىدى.

25 ئۇ پۈتكۈل ئارراملارغا ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى. ئۇ ھادادقا ئوخشاش يامان ئىشلارنى قىلىپ، ئىسرائىللارغا ئۆچمەنلىك قىلاتتى. رىزون سۇلايمان پادىشاھ ھايات چېغىدا ئىزچىل تۈردە ئىسرائىلىيەگە قارشى چىقىپ كەلدى.


ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىنىڭ بۆلۈنۈشى ھەققىدىكى بېشارەت

26 پادىشاھ سۇلايماننىڭ خىزمەتكارى، يەنى نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئاممۇ پادىشاھقا قارشى ئىسيان كۆتۈردى. ئۇ ئەفرايىم قەبىلىسىدىن بولۇپ، زىرېدا شەھىرىدىن ئىدى. ئانىسىنىڭ ئىسمى زىرۇئا بولۇپ، بىر تۇل خوتۇن ئىدى.

27 ئۇ سۇلايمانغا قارشى چىقىشتىن بۇرۇن مۇنداق ئىشلار يۈز بەرگەنىدى: سۇلايمان تىندۇرۇلغان يەرنى چىڭداپ، ئاتىسى داۋۇتنىڭ نامىغا ئاتالغان «داۋۇت شەھىرى»نىڭ سېپىللىرىنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى ئوڭشاۋاتاتتى.

28 ياروبئام ئىنتايىن ئىقتىدارلىق يىگىت ئىدى. سۇلايمان ئۇنىڭ ناھايىتى تىرىشچان ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنى يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى، يەنى ئەفرايىم ۋە ماناسسە قەبىلىسىگە تەۋە بولغان بارلىق ھاشارچىلارنى باشقۇرۇشقا قويدى.

29 بىر كۈنى ياروبئام يېرۇسالېمدىن چىققاندا، شىلولۇق ئاخىيا پەيغەمبەر يولدا ئۇنىڭغا يولۇقتى. ئاخىيا يېڭى تون كىيگەن بولۇپ، دالادا شۇ ئىككىيلەنلا بار ئىدى.

30 ئاخىيا ئۈستىدىكى يېڭى تونىنى سېلىپ، يىرتىپ، ئون ئىككى پارچە قىلىپ،

31 ياروبئامغا مۇنداق دېدى: _ سەن بۇلاردىن ئون پارچىنى ئال! ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدا ساڭا مۇنداق دەيدۇ: «بىلىپ قويغىنكى، مەن سۇلايماننىڭ پادىشاھلىقىنى ئۇنىڭ قولىدىن تارتىۋېلىپ، ئون قەبىلىنىڭ زېمىنىنى ساڭا بېرىمەن.

32 لېكىن خىزمەتكارىم داۋۇتنىڭ ۋە ئىسرائىل قەبىلىلىرىگە تەۋە شەھەرلەردىن تاللىغان يېرۇسالېمنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ، ئۇنىڭغا بىر قەبىلىنىڭ زېمىنىنى قالدۇرىمەن.

33 سۇلايمان مەندىن ۋاز كېچىپ، سىدونلۇقلارنىڭ ئىلاھەسى ئاشتورەت، موئابلارنىڭ ئىلاھى كىموش ۋە ئاممونلارنىڭ ئىلاھى مولەككە چوقۇنۇپ، مېنىڭ يولۇمنى تۇتمىدى. ئۇ نەزىرىمدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلماي، ئەمر-پەرمانلىرىم ۋە قائىدە-تۈزۈملىرىمگە ئاتىسى داۋۇت رىئايە قىلغاندەك رىئايە قىلمىدى. شۇڭا ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى ئۇنىڭدىن تارتىۋالىمەن.

34 لېكىن پۈتكۈل پادىشاھلىقنى ئۇنىڭ قولىدىن تارتىۋالمايمەن. مەن تاللىغان خىزمەتكارىم داۋۇت مېنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىمغا رىئايە قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئوغلى سۇلايمان ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە پادىشاھ بولۇپ ياشايدۇ.

35 مەن پادىشاھلىقنى ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ قولىدىن تارتىۋېلىپ، ئون قەبىلىنى ساڭا تەقدىم قىلىمەن.

36 لېكىن مەن سۇلايماننىڭ ئوغلىغا بىر قەبىلىنىڭ زېمىنىنى قالدۇرۇپ، ماڭا ئىبادەت قىلىشقا تاللىغان شەھەر يېرۇسالېمدا خىزمەتكارىم داۋۇتنىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرۈپ قويمايمەن.

37 مەن سېنى ئۆزۈڭ ئارزۇ قىلغاندەك، ئىسرائىلىيەگە ھۆكۈمران قىلىشقا ۋە پادىشاھ بولۇشقا تاللىدىم.

38 ئەگەر سەن ئەمرلىرىمنىڭ ھەممىسىگە بويسۇنۇپ، يولۇمنى تۇتۇپ، مېنىڭ نەزىرىمدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ئەمر-پەرمانلىرىمغا خىزمەتكارىم داۋۇتتەك رىئايە قىلساڭ، مەن ساڭا يار بولۇپ، داۋۇتقا قۇرۇپ بەرگىنىمگە ئوخشاش ساڭىمۇ مۇستەھكەم بىر خانىدانلىق قۇرۇپ بېرىمەن ھەمدە ئىسرائىلىيەنى ساڭا تەقدىم قىلىمەن.

39 سۇلايماننىڭ بۇتپەرەسلىكى تۈپەيلىدىن داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرىنى مۈشكۈللۈكتە قالدۇرىمەن، بىراق بۇ مەڭگۈلۈك بولمايدۇ.»

40 شۇنىڭدىن كېيىن پادىشاھ سۇلايمان ياروبئامنى ئۆلتۈرمەكچى بولدى. لېكىن ياروبئام پىرئەۋن شىشاقنىڭ يېنىغا قېچىپ بېرىپ، تاكى پادىشاھ سۇلايمان ۋاپات بولغانغا قەدەر مىسىردا تۇردى.

41 پادىشاھ سۇلايماننىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى، قىلغان پائالىيەتلىرى ۋە دانالىقى «پادىشاھ سۇلايماننىڭ تەزكىرىسى»گە پۈتۈلگەندۇر.

42 سۇلايمان يېرۇسالېمدا پۈتۈن ئىسرائىلىيەگە 40 يىل پادىشاھ بولدى.

43 سۇلايمان ۋاپات بولۇپ، ئاتىسى داۋۇتنىڭ نامىدا ئاتالغان «داۋۇت شەھىرى»دە دەپنە قىلىندى. ئوغلى رىخوبئام تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan