پادىشاھلار بىرىنچى قىسىم 10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىشىبانىڭ ئايال پادىشاھىنىڭ زىيارىتى 1 شىبانىڭ ئايال پادىشاھى سۇلايمان پادىشاھنىڭ داڭقىنى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا ئاتاپ قىلغان ئىشلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنى قىيىن سوئاللار بىلەن سىناپ بېقىش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا زىيارەتكە كەلدى. 2 ئۇ يېرۇسالېمغا نۇرغۇن ھەمراھلىرى بىلەن بىرلىكتە تۆگىلەرگە ئىنتايىن كۆپ خۇشبۇي ئەشيالار، ئالتۇن ۋە گۆھەرلەرنى ئارتىپ كەلگەنىدى. ئۇ سۇلايماننىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن كۆڭلىگە پۈككەن قىيىن سوئاللارنىڭ ھەممىسىنى سورىدى. 3 سۇلايمان ئۇنىڭ سوئاللىرىنىڭ ھەممىسىگە جاۋاب بەردى، جاۋاب بېرىشتە بىرەر قېتىممۇ قىينىلىپ قالمىدى. 4 شىبانىڭ ئايال پادىشاھى سۇلايماننىڭ دانالىقىنى، ئۇ قۇرغان ئوردا-سارايلارنى، 5 شىرەگە تىزىلغان نازۇنېمەتلەرنى، ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۆز مەنسەپلىرى بويىچە ئولتۇرۇشلىرىنى، خىزمەتكارلىرىنىڭ كۈتۈشلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ كىيىنىشلىرىنى، ئوردا ساقىيلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ كىيىنىشلىرىنى، شۇنداقلا سۇلايماننىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا سۇنغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىنى كۆرۈپ، ناھايىتى ھەيران قالدى ۋە 6 پادىشاھقا مۇنداق دېدى: _ مەن مەملىكىتىمدە سىلىنىڭ دانالىقلىرى ۋە قىلغان ئىشلىرى توغرىسىدا ئاڭلىغانلىرىم راست ئىكەن. 7 مەن ئىلگىرى بۇ گەپلەرگە ئانچە ئىشەنمەپتىكەنمەن. مەن بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىنلا، ھەممىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. ئاڭلىغانلىرىمنىڭ كۆرگەنلىرىمنىڭ يېرىمىغىمۇ يەتمەيدىغانلىقىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ دانالىقلىرىنىڭ ۋە بايلىقلىرىنىڭ مېنىڭ ئاڭلىغانلىرىمدىن زىيادە كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلدىم. 8 ئادەملىرىڭىز نەقەدەر بەختلىك-ھە! ئەمەلدارلىرىڭىز ھەمىشە ئالدىلىرىدا تۇرۇپ ھېكمەتلىك سۆزلىرىنى ئاڭلىيالايدىكەن، ئۇلار نەقەدەر بەختلىك-ھە! 9 پەرۋەردىگارلىرى خۇداغا ھەمدۇسانالار بولسۇن! پەرۋەردىگار ئۆزلىرىدىن سۆيۈنۈپ، سىلىنى ئىسرائىلىيە تەختىگە ئولتۇرغۇزۇپتۇ. پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا بولغان مۇھەببىتى مەڭگۈلۈك بولغاچقا، ئۇ سىلىنى ئادىل ۋە ھەققانىي ھۆكۈم چىقارسۇن دەپ، پادىشاھ قىلىپ تىكلەپتۇ. 10 شىبانىڭ ئايال پادىشاھى سۇلايمان پادىشاھقا تۆت توننا ئالتۇن، نۇرغۇنلىغان خۇشبۇي ئەشيالار ۋە گۆھەرلەرنى تەقدىم قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن پادىشاھ سۇلايمانغا شىبانىڭ ئايال پادىشاھى تەقدىم قىلغان خۇشبۇي ئەشيالاردەك ئۇنچىۋالا كۆپ خۇشبۇي ئەشيالارنى ھېچكىم تەقدىم قىلىپ باقمىدى. 11 (بۇنىڭدىن باشقا، سۇلايمانغا ھىرام پادىشاھنىڭ ئوفىردىن ئالتۇن ئېلىپ كېلىدىغان كېمىلىرى ئوفىردىن نۇرغۇن ئېسىل ياغاچ ۋە گۆھەرلەرنى ئېلىپ كەلدى. 12 پادىشاھ سۇلايمان ئاشۇ ئېسىل ياغاچلاردىن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ۋە ئۆز ئوردىسىنىڭ رېشاتكىلىرىنى ھەم ناخشىچىلار ئۈچۈن لىرا ۋە چىلتارلارنى ياساتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ھېچكىم ئۇنچىلىك كۆپ ئېسىل ياغاچ ئەكېلىپ باقمىدى ھەم ھېچكىممۇ بۇنچىلىك كۆپ ياغاچلارنى كۆرۈپ باقمىدى.) 13 پادىشاھ سۇلايمان شىبانىڭ ئايال پادىشاھىغا ناھايىتى كۆپ سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئۇنىڭ بارلىق تەلەپلىرىنى قاندۇردى. شۇنىڭدىن كېيىن ئايال پادىشاھ خىزمەتكارلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ، ئۆز ئېلىگە قايتىپ كەتتى. سۇلايمان پادىشاھنىڭ بايلىقى 14 پادىشاھ سۇلايمانغا ھەر يىلى 23 توننا ئالتۇن كېلىپ تۇراتتى. 15 بۇلاردىن سىرت سودىگەرلەر، تىجارەتچىلەر، ئەرەب پادىشاھلىرى ۋە ئۆلكە باشلىقلىرىدىنمۇ ئالتۇنلارنى تاپشۇرۇپ ئالاتتى. پادىشاھ سۇلايماننىڭ زامانىدا يېرۇسالېمدا كۈمۈش ۋە ئالتۇن خۇددى تاشتەك، كېدىر ياغىچى خۇددى غەربىي ئېدىرلىقتىكى ياۋا ئەنجۈر دەرەخلىرىدەك كۆپ بولدى. ئۇ ئۇلارنى جەڭ ھارۋىلىرى تۇرىدىغان شەھەرلەرگە ۋە ئۆزى تۇرىدىغان يېرۇسالېمغا جايلاشتۇردى. 16 پادىشاھ سۇلايمان ياغاچتىن ئىككى يۈز دانە چوڭ قالقان ياسىتىپ، ھەربىرىنى 7 كىلو ئالتۇن بىلەن قاپلاتتى. 17 ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە ئالتۇندىن ئۈچ يۈز دانە كىچىك قالقان ياساتتى، ھەربىرى 1.7 كىلو كېلەتتى. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى «لىۋان ئورمىنى سارىيى»غا ئورۇنلاشتۇردى. 18 سۇلايمان يەنە ئۆزىگە چوڭ بىر تەخت ياسىتىپ، ئۇنى پىل چىشى ۋە ساپ ئالتۇن بىلەن بېزەتتى. 19 تەختكە چىقىدىغان ئالتە پەشتاقلىق پەلەمپەي بار ئىدى. تەختنىڭ يۆلەنچۈكىنىڭ ئۈستى تەرىپى كەينىگە ئەگمە قىلىپ ياسالغان بولۇپ، ئىككى تەرىپىدە بىردىن قول قويغۇچ بار ئىدى. قول قويغۇچنىڭ يېنىدا بىردىن ئۆرە تۇرغان شىرنىڭ ھەيكىلى بار ئىدى. 20 پەلەمپەينىڭ ھەربىر پەشتىقىنىڭ ئىككى تەرىپىدە بىردىن، جەمئىي 12 شىرنىڭ ھەيكىلى بار بولۇپ، باشقا ھېچقانداق پادىشاھلىقنىڭ تەختى بۇنداق ھەيۋەتلىك بېزەلگەن ئەمەس ئىدى. 21 پادىشاھ سۇلايماننىڭ ئىچىملىك ئىچىدىغان قاچىلىرى ۋە «لىۋان ئورمىنى سارىيى»دىكى بۇيۇملارنىڭ ھەممىسى ساپ ئالتۇندىن ياسالغان بولۇپ، كۈمۈش ئىشلىتىلمىگەنىدى. چۈنكى سۇلايماننىڭ دەۋرىدە كۈمۈش ئەرزىمەس نەرسىگە ئايلىنىپ قالغانىدى. 22 پادىشاھ سۇلايماننىڭ دېڭىزدا قاتنايدىغان ئۇزۇن يوللۇق كاتتا كېمىلىرى پادىشاھ ھىرامنىڭ كېمىلىرى بىلەن بىرلىكتە سەپەرگە چىقىپ، ھەر ئۈچ يىلدا بىر قېتىم ئالتۇن-كۈمۈش، پىل چىشى، ئىت باش مايمۇن ۋە باشقا مايمۇنلارنى ئېلىپ كېلەتتى. 23 پادىشاھ سۇلايماننىڭ بايلىقى ۋە دانالىقى دۇنيادىكى باشقا بارلىق پادىشاھلارنىڭكىدىن ئېشىپ كەتكەنىدى. 24 دۇنيادىكى خەلقلەرنىڭ ھەممىسى: «سۇلايماننى كۆرسەك، خۇدا ئۇنىڭ كۆڭلىگە سالغان ھېكمەتلەرنى ئاڭلىساق» دەپ ئارزۇ قىلاتتى. 25 ھەر يىلى كەلگەنلەر ھەر خىل تارتۇقلارنى، يەنى ئالتۇن-كۈمۈش قاچىلار، تون-سەرپايىلار، قورال-ياراغلار، خۇشبۇي ئەشيالار، ئات ۋە قېچىر قاتارلىقلارنى ئېلىپ كېلەتتى. 26 پادىشاھ سۇلايمان ئات ۋە جەڭ ھارۋىلىرى توپلىدى. ئۇنىڭ توپلىغان جەڭ ھارۋىلىرى 1400، ئاتلىرى 12 مىڭ ئىدى. ئۇ ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى جەڭ ھارۋىلىرى تۇرىدىغان شەھەرلەرگە ۋە يەنە بىر قىسمىنى ئۆزى تۇرىدىغان يېرۇسالېمغا ئورۇنلاشتۇردى. 27 پادىشاھ سۇلايماننىڭ زامانىدا يېرۇسالېمدا كۈمۈش خۇددى تاشتەك، كېدىر ياغىچى خۇددى غەربىي ئېدىرلىقتىكى ياۋا ئەنجۈر دەرەخلىرىدەك كۆپ بولدى. 28 پادىشاھ سۇلايماننىڭ ئاتلىرى مىسىردىن ۋە كىلىكىيەدىن كەلتۈرۈلەتتى. پادىشاھنىڭ سودىگەرلىرى ئاتلارنى كىلىكىيەدىن مۇقىم باھادا سېتىۋالاتتى. 29 مىسىردىن كەلتۈرۈلگەن جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ ھەربىرىنىڭ باھاسى سەككىز كىلو كۈمۈش، ئاتنىڭ ھەربىرىنىڭ باھاسى ئىككى كىلو كۈمۈش ئىدى. پادىشاھ سۇلايماننىڭ سودىگەرلىرى ئۇلارنى خىتلار ۋە ئارراملارنىڭ پادىشاھلىرىغا سېتىشاتتى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti