پادىشاھلار بىرىنچى قىسىم 1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىپادىشاھ داۋۇتنىڭ ياشانغان ۋاقتى 1 پادىشاھ داۋۇت قېرىپ قالغاچقا، ئۇنىڭغا بىرقانچە يوتقان يېپىپ قويسىمۇ ئىسسىمايتتى. 2 شۇڭا ئادەملىرى ئۇنىڭغا: _ پادىشاھ ئالىيلىرى، بىز سىلىگە ئىپپەتلىك قىزدىن بىرنى تېپىپ ئەكېلەيلى. ئۇ خىزمەتلىرىنى قىلىپ، ھالىلىرىدىن خەۋەر ئالسۇن. سىلىنى ئىسسىتىش ئۈچۈن ھەمراھ بولسۇن، _ دېدى. 3 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىسرائىلىيە زېمىنىدىن گۈزەل قىز ئىزدەپ، شۇنېملىق ئابىشاگ ئىسىملىك بىر قىزنى تېپىپ، پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ كەلدى. 4 ئۇ شۇنچىلىك گۈزەل قىز ئىدى، ئۇ پادىشاھنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ، ھالىدىن خەۋەر ئالدى. بىراق پادىشاھ ئۇ قىز بىلەن بىللە بولمىدى. ئادونىيانىڭ تەختنى تارتىۋالماقچى بولۇشى 5 شۇ چاغلاردا پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئايالى خاگگىتتىن تۇغۇلغان ئوغلى ئادونىيا: «مەن پادىشاھ بولىمەن» دەپ كۆرەڭلەپ يۈرەتتى. ئۇ ئۆزىگە جەڭ ھارۋىلىرى، ئاتلار ۋە ئەللىك چاپارمەن ھازىرلىدى. 6 ئاتىسى ئۇنى ئەزەلدىن: «نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلىسەن؟» دەپ ئەيىبلىمەيتتى. ئادونىيا ئابسالومدىن كېيىنكىسى بولۇپ، ئۇمۇ ناھايىتى كېلىشكەن يىگىت ئىدى. 7 ئادونىيا قوشۇننىڭ باش سەركەردىسى بولغان زىرۇيانىڭ ئوغلى يوئاب ۋە روھانىي ئەبىياتار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئۇلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. 8 ئەمما روھانىي زادوق، ياساۋۇللار باشلىقى بولغان يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايا، ناتان پەيغەمبەر، شىمئى، رېئى ۋە داۋۇتنىڭ باھادىرلىرىدىن ھېچكىم ئادونىيانى قوللىمىدى. 9 بىر كۈنى ئادونىيا ھەممە قېرىنداشلىرى، يەنى پادىشاھنىڭ باشقا ئوغۇللىرى ۋە يەھۇدىيەنىڭ پۈتۈن ئوردا ئەمەلدارلىرىنى روگېل بۇلىقى يېنىدىكى «يىلان قورام تېشى»نىڭ يېنىغا چاقىرىپ، قوي، كالا ۋە بوردالغان تورپاقلارنى سويۇپ قۇربانلىق قىلدى. 10 ئەمما ئۇ ناتان پەيغەمبەر، بىنايا، ئاتىسىنىڭ باھادىرلىرى، شۇنداقلا قېرىندىشى سۇلايماننى چاقىرمىدى. داۋۇتنىڭ سۇلايماننى تەختىگە ۋارىس قىلىشى 11 ناتان پەيغەمبەر سۇلايماننىڭ ئانىسى باتشەباغا: _ پادىشاھ داۋۇتنىڭ خوتۇنى خاگگىتتىن بولغان ئوغلى ئادونىيا پادىشاھ بولۇۋاپتۇ. پادىشاھىمىز داۋۇتنىڭ بۇ ئىشلاردىن قىلچە خەۋىرى يوق ئىكەن، سىلى بۇنى ئاڭلىمىدىلىمۇ؟ 12 مەن سىلىگە بىر مەسلىھەت بېرەي، ئەگەر سىلى ئۆزلىرىنىڭ جانلىرىنى ۋە ئوغۇللىرى سۇلايماننىڭ جېنىنى قۇتقۇزۇپ قالماقچى بولسىلىرى، 13 دەرھال پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئالدىغا كىرىپ، ئۇنىڭغا: «ئى پادىشاھ ئالىيلىرى، بۇرۇن ئۆزلىرى ئاجىزەلىرىگە: ‹ئوغلۇڭ سۇلايمان ماڭا ۋارىس بولۇپ، تەختىمدە ئولتۇرىدۇ› دەپ قەسەم قىلغان ئەمەسمىدىلە؟ ئەمدى ئادونىيا قانداق بولۇپ پادىشاھ بولۇپ قالدى؟» دېسىلە. 14 سىلى پادىشاھ بىلەن سۆزلىشىۋاتقاندا، مەن كىرىپ سىلىنىڭ سۆزلىرىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيمەن، _ دېدى. 15 شۇنىڭ بىلەن باتشەبا پادىشاھنىڭ ھۇجرىسىغا كىردى. (بۇ چاغدا پادىشاھ بەك قېرىپ كەتكەن بولۇپ، شۇنېملىق قىز ئابىشاگ ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاتتى.) 16 باتشەبا پادىشاھقا ئېگىلىپ تەزىم قىلدى. پادىشاھ ئۇنىڭدىن: _ نېمە تەلىپىڭ بار؟ _ دەپ سورىدى. 17 باتشەبا: _ ئالىيلىرى، سىلى بۇرۇن پەرۋەردىگار خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ تۇرۇپ ئاجىزەلىرىگە: «ئوغلۇڭ سۇلايمان ماڭا ۋارىس بولۇپ، تەختىمدە ئولتۇرىدۇ» دېگەنىدىلە. 18 ئەمما ھازىر ئادونىيا پادىشاھ بولۇۋالدى! ئى ئالىيلىرى، سىلى بۇنىڭدىن تېخى خەۋەرسىز. 19 ئۇ نۇرغۇن كالا، بوردالغان تورپاق ۋە قويلارنى قۇربانلىق قىلىپ، سىلىنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسىنى ھەمدە روھانىي ئەبىياتار، باش سەركەردە يوئابلارنى چاقىرىپ، ئوغۇللىرى سۇلايماننى چاقىرماپتۇ. 20 ئى پادىشاھ ئالىيلىرى، ھازىر بارلىق ئىسرائىل خەلقىنىڭ كۆزى سىلىدە، ئۇلار سىلىنىڭ كىمنى ئۆز تەختلىرىگە ۋارىس قىلىدىغانلىقلىرىنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. 21 ئەگەر سۇلايماننى ۋارىس قىلمىسىلا، سىلىدىن كېيىن قالساق، ئادونىيانىڭ بىزنى جىنايەتچى قاتارىدا كۆرۈشى ئېنىق، _ دېدى. 22 باتشەبا پادىشاھ بىلەن سۆزلىشىۋاتقاندا، ناتان پەيغەمبەر كەلدى. 23 پادىشاھنىڭ مۇلازىملىرى داۋۇتقا ناتان پەيغەمبەرنىڭ كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. ناتان پەيغەمبەر پادىشاھنىڭ ئالدىغا كېلىپ، بېشىنى يەرگە تەگكۈزۈپ تەزىم قىلدى 24 ۋە پادىشاھقا: _ ئى پادىشاھ ئالىيلىرى، سىلى بۇرۇن راستتىنلا: «ئادونىيا ماڭا ۋارىس بولۇپ، تەختىمدە ئولتۇرىدۇ» دېگەنمىدىلە؟ 25 بۈگۈن ئادونىيا نۇرغۇن كالا، بوردالغان تورپاق ۋە قويلارنى قۇربانلىق قىلىپ، ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسىنى، سەركەردىلەرنى ۋە روھانىي ئەبىياتارنى چاقىرىپتۇ. ئۇلار: «ياشىسۇن پادىشاھ ئادونىيا!» دەپ توۋلىشىپ، ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا يەپ-ئىچىشىۋېتىپتۇ. 26 مەن خىزمەتكارلىرىنى، روھانىي زادوقنى، يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايا ۋە ئوغۇللىرى سۇلايماننى چاقىرماپتۇ. 27 ئى پادىشاھ ئالىيلىرى، بۇ ئىش سىلىنىڭ خاھىشلىرى بويىچە بولدىمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولغان بولسا، تەختلىرىگە كىمنىڭ ۋارىس بولىدىغانلىقىنى نېمىشقا ئەمەلدارلىرىغا ئېيتمىدىلا؟ _ دېدى. 28 پادىشاھ داۋۇت: _ باتشەبانى چاقىرىڭلار! _ دېدى. باتشەبا پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىردى. 29-30 پادىشاھ داۋۇت باتشەباغا: _ مەن ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ ساڭا: «سېنىڭ ئوغلۇڭ سۇلايمان ماڭا ۋارىس بولۇپ، تەختىمدە ئولتۇرىدۇ» دېگەنىدىم. ھازىر مېنى نۇرغۇن بالايىئاپەتلەردىن قۇتقۇزغان مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن شۇنداق قەسەم قىلىمەنكى، بۇ سۆزۈمنى بۈگۈن ئەمەلگە ئاشۇرىمەن، _ دېدى. 31 باتشەبا بېشىنى يەرگە تەگكۈزۈپ تەزىم قىلىپ: _ پادىشاھ ئالىيلىرى مەڭگۈ ياشىغايلا! _ دېدى. سۇلايماننىڭ تەختتە ئولتۇرۇشى 32 پادىشاھ داۋۇت: _ روھانىي زادوق، ناتان پەيغەمبەر ۋە يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايانى چاقىرىڭلار، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پادىشاھنىڭ ئالدىغا كەلدى. 33 پادىشاھ ئۇلارغا: _ سىلەر مېنىڭ ياساۋۇللىرىمنى ئېلىپ، ئوغلۇم سۇلايماننى قېچىرىمغا مىندۈرۈپ، گىھون بۇلىقىغا ئېلىپ بېرىڭلار. 34 ئۇ يەردە روھانىي زادوق ۋە ناتان پەيغەمبەر ئىككىڭلار سۇلايماننىڭ بېشىغا ياغ قۇيۇپ، ئۇنى پۈتۈن ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى تەيىنلەپ، بۇرغا چېلىپ: «ياشىسۇن پادىشاھ سۇلايمان!» دەپ توۋلاڭلار. 35 ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن بىرگە قايتىپ كېلىڭلار. ئۇ تەختىمدە ئولتۇرۇپ، مېنىڭ ئورنۇمدا پادىشاھ بولسۇن. مەن ئۇنى ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيەگە ھۆكۈمران قىلىپ تەيىنلىدىم، _ دېدى. 36 يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايا پادىشاھنىڭ سۆزىگە جاۋاب قايتۇرۇپ: _ ئامىن، پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ ئەمرىنى پەرۋەردىگار خۇدا ئەمەلگە ئاشۇرغاي! 37 پەرۋەردىگار بۇرۇن پادىشاھ ئالىيلىرىغا يار بولغاندەك، سۇلايمانغىمۇ يار بولغاي ۋە ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى سىلىنىڭكىدىنمۇ قۇدرەتلىك قىلغاي، _ دېدى. 38 شۇنىڭ بىلەن روھانىي زادوق، ناتان پەيغەمبەر ۋە يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايا، شۇنداقلا كىرېتلەر بىلەن پىلېتلەردىن تەركىب تاپقان ياساۋۇللار سۇلايماننى پادىشاھ داۋۇتنىڭ قېچىرىغا مىندۈرۈپ، گىھون بۇلىقىغا ئېلىپ باردى. 39 روھانىي زادوق مۇقەددەس چېدىردىن ئېلىپ كەلگەن مۈڭگۈزدىكى ياغنى سۇلايماننىڭ بېشىغا قۇيدى. ئۇلار بۇرغا چېلىشىغا بارلىق كىشىلەر «ياشىسۇن پادىشاھ سۇلايمان!» دەپ توۋلاشتى. 40 ئۇلار نەيلەرنى چېلىشقان ھالدا سۇلايمانغا ئەگىشىپ ماڭدى. ئۇلارنىڭ شاد-خۇراملىق بىلەن تەنتەنە قىلىشلىرىدىن يەر-جاھان لەرزىگە كەلدى. 41 ئادونىيا مېھمانلىرى بىلەن زىياپەتنى تۈگىتىپ تۇرۇشىغا بۇ شاۋقۇن-سۈرەننى ئاڭلىدى. يوئاب بۇرغا ئاۋازىنى ئاڭلاپ: _ شەھەردىن كېلىۋاتقان بۇ نېمە ئاۋاز؟ _ دېدى. 42 شۇ پەيتتە روھانىي ئەبىياتارنىڭ ئوغلى يوناتان كەلدى. ئادونىيا: _ كەل، سەن بىر ياخشى ئادەمسەن، بىزگە چوقۇم ياخشى خەۋەر ئېلىپ كەلدىڭ، _ دېدى. 43 يوناتان ئادونىياغا مۇنداق دېدى: _ ياق، پادىشاھىمىز داۋۇت ئالىيلىرى سۇلايماننى پادىشاھ قىلىپ تەيىنلىدى. 44 پادىشاھ داۋۇت سۇلايماننى روھانىي زادوق، ناتان پەيغەمبەر، يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايا، شۇنداقلا كىرېتلەر ۋە پىلېتلەردىن تەركىب تاپقان ياساۋۇللار بىلەن بىللە يولغا سالدى. ئۇلار سۇلايماننى پادىشاھ داۋۇتنىڭ قېچىرىغا مىندۈردى. 45 روھانىي زادوق بىلەن ناتان پەيغەمبەر سۇلايماننى گىھون بۇلىقىنىڭ يېنىدا پادىشاھلىققا تەيىنلىدى. ئۇلار شاد-خۇراملىق بىلەن تەنتەنە قىلىشىپ ماڭغاچقا، شەھەر ئىچى شاۋقۇن-سۈرەنگە تولدى. بۇ دەل سىلى ئاڭلىغان شاۋقۇن-سۈرەندۇر. 46 سۇلايمان پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇردى. 47 ئۇنىڭ ئۈستىگە پادىشاھنىڭ ئەمەلدارلىرى كېلىپ، پادىشاھىمىز داۋۇتنى تەبرىكلەپ: «سىلى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا سۇلايماننىڭ شان-شۆھرىتىنى سىلىنىڭكىدىنمۇ زىيادە قىلسۇن، ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى سىلىنىڭكىدىنمۇ قۇدرەتلىك قىلسۇن» دېيىشتى. پادىشاھ تۆشىكىدە يېتىپ تۇرۇپ، پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلىپ، 48 مۇنداق دېدى: «پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ھەمدۇسانالار بولغاي! ئۇ بۈگۈن ئەۋلادىمدىن بىرسىنى تەختىمگە ۋارىس قىلىپ، ئۇنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈشۈمگە نېسىپ قىلدى». 49 ئادونىيانىڭ مېھمانلىرى بۇ خەۋەردىن قورقۇشۇپ، ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشتى-دە، ئۆز يوللىرىغا راۋان بولۇشتى. 50 ئادونىيامۇ سۇلايماندىن قورقۇپ، يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئالدىدىكى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ بۆرتۈپ چىققان بۇرجىكىنى تۇتۇۋالدى. 51 بىر كىشى سۇلايمانغا: _ ئادونىيا سىلىدىن قورقۇپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ بۇرجىكىنى چىڭ تۇتۇۋېلىپ: «پادىشاھ سۇلايمان مەن قۇلىنى ئۆلتۈرمەسلىككە قەسەم قىلسۇن» دەپ ئۆتۈنۈۋاتىدۇ، _ دېدى. 52 سۇلايمان: _ ئەگەر ئۇ ماڭا سادىق بولسا، ئۇنىڭ بىر تال مويىغىمۇ زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەيمەن. لېكىن ئۇ بىرەر يامان غەرەزدە بولىدىكەن، ئۇنى چوقۇم ئۆلتۈرىمەن، _ دېدى. 53 شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ سۇلايمان ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنى قۇربانلىق سۇپىسىدىن ئېلىپ كەلدى. ئۇ كېلىپ، پادىشاھ سۇلايمانغا تەزىم قىلدى. سۇلايمان ئۇنىڭغا: _ ئۆيۈڭگە قايتقىن، _ دېدى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti