Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

يۇھاننا يازغان بىرىنچى خەت 5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ئېتىقادىمىز ئارقىلىق شەيتان ئۈستىدىن غەلىبە قىلىمىز

1 ئەيسانىڭ مەسىھ، يەنى قۇتقۇزغۇچى ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن كىشى خۇدانىڭ پەرزەنتى بولغان بولىدۇ. ئاتىسىنى سۆيىدىغان كىشى ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنىمۇ سۆيىدۇ.

2 بىز ئۆزىمىزنىڭ خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىنى سۆيىدىغانلىقىمىزنى قانداق بىلىمىز؟ خۇدانى سۆيۈپ، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىشىمىز ئارقىلىق بىلىمىز.

3 خۇدانى سۆيۈش ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىش دېمەكتۇر. ئۇنىڭ ئەمرلىرىمۇ ئېغىر ئەمەس.

4 چۈنكى، خۇدانىڭ پەرزەنتى بولغانلارنىڭ ھەممىسى ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقادى ئارقىلىق بۇ دۇنيادىكى يامانلىق ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ.

5 بۇ دۇنيادىكى يامانلىق ئۈستىدىن غەلىبە قىلغۇچىلار زادى كىملەر؟ ئۇلار پەقەت ئەيسا مەسىھنى خۇدانىڭ ئوغلى، دەپ ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلاردۇر.


ئەيسا مەسىھكە بېرىلگەن گۇۋاھلىق

6 ئەيسا مەسىھ دۇنياغا كەلگەندە، سۇدا چۆمۈلدۈرۈش رەسمىيىتىنىمۇ، كرېستكە مىخلىنىپ قان تۆكۈشنىمۇ بېشىدىن ئۆتكۈزدى. ئۇ كەلگەندە، پەقەت سۇدا چۆمۈلدۈرۈش رەسمىيىتىدىن ئۆتۈپلا قالماستىن، بەلكى ئۆز قېنىنى تۆكۈپ قۇربانلىقنىمۇ بەردى. مۇقەددەس روھنىڭ ئۆزىمۇ بۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ. چۈنكى، خۇدانىڭ روھى ھەقىقەتتۇر.

7 ئەيسا مەسىھ توغرۇلۇق ئۈچ گۇۋاھلىق بار.

8 بۇلار: مۇقەددەس روھ، چۆمۈلدۈرۈش سۈيى ۋە ئەيسا مەسىھنىڭ تۆككەن قېنىدىن ئىبارەت. بۇ ئۈچىنىڭ گۇۋاھلىقى بىردەكتۇر.

9 بىز ئىنسانلارنىڭ گۇۋاھلىقىنى ئىشەنچلىك، دەپ قارىغان يەردە، خۇدانىڭ گۇۋاھلىقى تېخىمۇ ئىشەنچلىكتۇر. خۇدا ئۆز ئوغلى ئەيسا مەسىھ توغرىسىدا شۇنداق گۇۋاھلىق بەرگەن.

10 خۇدانىڭ ئوغلىغا ئېتىقاد قىلغان كىشى خۇدانىڭ گۇۋاھلىقىنى ھەق، دەپ بىلىدۇ. بىراق، خۇدانىڭ گۇۋاھلىقىغا ئىشەنمىگەن كىشى خۇدانى يالغانچى، دەپ قارىغان بولىدۇ. چۈنكى ئۇ، خۇدانىڭ ئۆز ئوغلى توغرۇلۇق بەرگەن گۇۋاھلىقىغا ئىشەنمىگەن بولىدۇ.

11 بۇ گۇۋاھلىق شۇكى، خۇدا بىزگە مەڭگۈلۈك ھاياتنى ئاتا قىلدى. بۇ ھاياتلىق بىزگە ئۇنىڭ ئوغلى ئارقىلىق كەلدى.

12 شۇڭا، خۇدانىڭ ئوغلىنى قوبۇل قىلغان كىشى ھاياتلىققا ئىگە بولغان بولىدۇ. بىراق، خۇدانىڭ ئوغلىنى قوبۇل قىلمىغان كىشى ھاياتلىققا ئىگە بولمىغان بولىدۇ.


مەڭگۈلۈك ھايات

13 مەن بۇلارنى خۇدانىڭ ئوغلىغا ئېتىقاد قىلغان سىلەرگە مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئىگە بولغانلىقىنى بىلسۇن، دەپ يازدىم.

14 خۇدانىڭ ئالدىدا يۈرىكىمىز شۇنداق توقكى، خۇدانىڭ ئىرادىسىگە ئۇيغۇن نېمىنى تىلىسەك، ئۇ دۇئا-تىلاۋىتىمىزنى چوقۇم ئاڭلايدۇ.

15 ئۇنىڭ ئاڭلايدىغانلىقىنى بىلگەنىكەنمىز، نېمىنى تىلىسەك، شۇنى بېرىدىغانلىقىنىمۇ بىلىمىز.

16 بىرى قېرىندىشىنىڭ مەڭگۈلۈك ئۆلۈمگە ئېلىپ بارمىغۇدەك گۇناھ سادىر قىلغانلىقىنى كۆرسە، ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلسۇن. بۇنىڭ بىلەن، خۇدا ئۇنىڭ بۇ قېرىندىشىغا ھاياتلىق ئاتا قىلىدۇ. بۇ، ئۆلۈمگە ئېلىپ بارمىغۇدەك گۇناھ ئۆتكۈزگەنلەرگە قارىتا ئېيتىلغان. لېكىن، مەڭگۈلۈك ئۆلۈمگە ئېلىپ بارغۇدەك گۇناھمۇ بار. مەن سىلەرنى بۇنداق گۇناھ سادىر قىلغانلار ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار دېمەيمەن.

17 ھەممە ئادالەتسىزلىك گۇناھتۇر. لېكىن مەڭگۈلۈك ئۆلۈمگە ئېلىپ بارمايدىغان گۇناھمۇ بار.

18 خۇدانىڭ پەرزەنتى بولغان كىشىنىڭ گۇناھ سادىر قىلىۋەرمەيدىغانلىقىنى بىلىمىز. چۈنكى، خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھ بۇنداق كىشىنى قوغداپ قالىدۇ. شۇڭا، شەيتانمۇ ئۇنىڭغا تېگەلمەيدۇ.

19 بىزگە مەلۇمكى، بىز خۇداغا مەنسۇپمىز. ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمىغانلار بولسا شەيتاننىڭ باشقۇرۇشىدىدۇر.

20 يەنە بىزگە مەلۇمكى، خۇدانىڭ ئوغلى دۇنياغا كەلدى ۋە ھەقىقىي خۇدانى تونۇشىمىز ئۈچۈن، ئۇ بىزگە ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلدى. بىز ھەقىقىي خۇداغا باغلىنىپ ياشاۋاتىمىز. چۈنكى، بىز ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھكە باغلانغانمىز. ئەيسا مەسىھ ھەقىقىي خۇدادۇر ۋە مەڭگۈلۈك ھاياتتۇر!

21 ئەزىز بالىلىرىم، خۇداغا بېغىشلانغان قەلبىڭلاردىكى ئورۇننى ھەرقانداق نەرسىلەرنىڭ ئىگىلىۋېلىشىدىن ساقلىنىڭلار.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan