Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -


كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


پاۋلۇسنىڭ ئۆزىنىڭ ئەلچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىشى

1 مەن باشقىلارنىڭ مېنىڭ ئۈستۈمدىن ئۇنى قىل، بۇنى قىل دېيىشىدىن ئەركىن ئەمەسمۇ؟ مەن خۇدانىڭ ئەلچىسى ئەمەسمۇ؟ مەن رەببىمىز ئەيسانى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ئەمەسمۇ؟ سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلار مېنىڭ رەببىمىز ئۈچۈن قىلغان خىزمىتىمنىڭ نەتىجىسى ئەمەسمۇ؟

2 گەرچە باشقىلار مېنى ئەلچى دەپ ھېسابلىمىسىمۇ، لېكىن مەن سىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئەيسا مەسىھنىڭ ئەلچىسى. چۈنكى، سىلەرنىڭ مەندىن خۇش خەۋەرنى ئاڭلاپ، رەببىمىزگە ئېتىقاد قىلغىنىڭلار مېنىڭ ئەلچى ئىكەنلىكىمنىڭ ئىسپاتى.

3 مېنىڭ ئەلچى ئىكەنلىكىمدىن گۇمانلىنىدىغانلارغا بېرىدىغان جاۋابىم مۇنداق:

4 بىز ئەلچى بولغانىكەنمىز، ئېتىقادچىلار تەرىپىدىن يېمەك-ئىچمەك بىلەن تەمىنلىنىش ھوقۇقىمىز يوقمۇ؟

5 رەببىمىز ئەيسانىڭ ئۆز ئىنىلىرى ھەمدە پېترۇس ۋە باشقا ئەلچىلەردەك بىزنىڭمۇ سەپەردە بىز بىلەن ئوخشاش ئېتىقادى بار ئاياللىرىمىزنى ھەمراھ قىلىپ يۈرۈش ھەققىمىز يوقمۇ؟

6 ئەجەبا، پەقەت بارنابا بىلەن مەنلا ئېتىقادچىلار تەرىپىدىن تەمىنلەنمەي، ئۆز ئەمگىكىمىز بىلەن كۈن كەچۈرۈشىمىز كېرەكمۇ؟

7 كىم ئۆز پۇلى بىلەن لەشكەرلىك قىلىدۇ؟ كىم كۆچەت تىكىپ، ئۇنىڭ مېۋىسىنى يېمەيدۇ؟ كىم مال بېقىپ، ئۇنىڭ سۈتىنى ئىچمەيدۇ؟

8 مەن بۇلارنى پەقەت ئىنساننىڭ كۆزقارىشى بويىچە دېدىممۇ؟ ياق، بۇ ھەقتە تەۋرات قانۇنىدىمۇ ئوخشاش دېيىلگەنغۇ!

9-10 مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىدا: «خامان تەپكەن ئۆكۈزنىڭ ئاغزىنى بوغما» دەپ يېزىلغان. بۇ يەردە خۇدانىڭ كۆڭۈل بۆلگىنى پەقەت ئۆكۈزلەرمۇ ياكى بۇنى مەخسۇس بىز ئۈچۈن ئېيتقانمۇ؟ بۇ شۈبھىسىز بىز ئۈچۈنمۇ يېزىلغاندۇر. چۈنكى، يەرگە ئۇرۇق تېرىغۇچىمۇ، خامان تەپكۈچىمۇ ئۆزىگە تېگىشلىك ئۈلۈشىنى ئېلىش ئۈمىدى بىلەن ئىشلەيدۇ.

11 شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاراڭلاردا خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش ئارقىلىق روھىي ئۇرۇق چېچىپ، سىلەردىن ماددىي جەھەتتە ھوسۇل ئېلىش ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەنلىك بولامدۇ؟

12 باشقا تەلىم بەرگۈچىلەرنىڭ سىلەردىن تەمىنلىنىش ھوقۇقى بولغان يەردە، بىزنىڭ تەمىنلىنىش ھوقۇقىمىز تېخىمۇ بولمامدۇ؟ لېكىن، بىز بۇ ھوقۇقىمىزدىن پايدىلانمىدۇق. ئەكسىچە، ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنىڭ تارقىلىشىغا توسالغۇ بولۇپ قالماسلىقىمىز ئۈچۈن، ھەرقانداق ئىشقا بەرداشلىق بېرىۋاتىمىز.

13 يېرۇسالېمدىكى چوڭ ئىبادەتخانىدا ئىشلەيدىغانلارنىڭ كىشىلەرنىڭ ئىبادەتخانىغا ئېلىپ كەلگەنلىرى بىلەن تەمىنلىنىدىغانلىقىنى ۋە قۇربانلىق سۇپىسىدا ۋەزىپىدە بولغانلارنىڭمۇ قىلىنغان قۇربانلىقلاردىن ئۈلۈشى بارلىقىنى بىلمەمسىلەر؟

14 شۇنىڭغا ئوخشاش، رەببىمىز خۇش خەۋەرنى تارقىتىدىغانلارنىڭ تۇرمۇشى خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلغانلار تەرىپىدىن قامدالسۇن، دەپ بۇيرۇغانىدى.

15 لېكىن، مەن بۇ ھوقۇقنىڭ ھېچقايسىسىدىن پايدىلانمىدىم. ھازىرمۇ مەن بۇ خەتنى بۇ ھوقۇقۇمدىن پايدىلىناي، دەپ يېزىۋاتقىنىم يوق. مەن ئۆلۈشكە رازىمەنكى، بىراق بۇ ئىش ئۈچۈن ماختىنىشىمنىڭ قۇرۇق سۆز بولۇپ قېلىشىغا يول قويمايمەن.

16 خۇش خەۋەرنى تارقاتقانلىقىمغا كەلسەك، ئۇنىڭ بىلەن ماختىنالمايمەن، ئەلۋەتتە. چۈنكى، خۇش خەۋەرنى تارقىتىش مېنىڭ بۇرچۇم. ئۇنى تارقاتمىسام بولمايدۇ!

17 ئەگەر خۇش خەۋەرنى ئۆز ئىختىيارىم بىلەن تارقاتقان بولسام، خۇدادىن ھەق ئېلىشىم كېرەك ئىدى. لېكىن، خۇدا بۇ ۋەزىپىنى ماڭا تاپشۇرغانىكەن، مەن بۇنى بىر مەسئۇلىيەت، دەپ ئورۇندايمەن.

18 ئۇنداقتا، ئالىدىغان ھەققىم نېمە؟ ئۇ بولسىمۇ خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشتە ئېلىشقا تېگىشلىك ھەقنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقۇمدىن پايدىلانماي، كىشىلەرنى خۇش خەۋەرگە ھەقسىز ئىگە قىلىشتۇر.

19 مەن ھېچكىمدىن ھەق ئالمىغانلىقىم ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ تەلەپلىرىدىن ئەركىن. لېكىن، تېخىمۇ كۆپ ئادەمنىڭ ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشى ئۈچۈن، كۆپچىلىكنىڭ قۇلىدەك ياشاپ كەلدىم.

20 يەھۇدىيلارنىڭ ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشى ئۈچۈن، يەھۇدىيلار ئارىسىدا بولغىنىمدا يەھۇدىيلاردەك ياشاۋاتىمەن. تەۋرات قانۇنىنىڭ ئىلكىدىن ئازاد قىلىنغان بولساممۇ، تەۋرات قانۇنىنىڭ ئىلكىدە ياشايدىغانلارنىڭ ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشى ئۈچۈن، شۇ كىشىلەردەك ياشاۋاتىمەن.

21 شۇنىڭغا ئوخشاش، تەۋرات قانۇنى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق يەھۇدىي ئەمەسلەر ئارىسىدا بولغىنىمدا، شۇ كىشىلەرگە ئوخشاش ياشاۋاتىمەن. بۇ، خۇدانىڭ قانۇنىدىن چەتنەپ كەتتىم دېگەنلىك ئەمەس، چۈنكى مەن ئەيسا مەسىھنىڭ قانۇنىغا ئىتائەت قىلىپ ياشاۋاتىمەن.

22 خۇدا توغرىسىدىكى بىلىمنى تونۇپ يەتمىگەنلىكتىن ۋىجدانى ئاسانلا ئازابلىنىدىغان ئېتىقادچىلارنىڭ ئارىسىدا ئۇلارغا ئوخشاش ياشاۋاتىمەن. بۇنداق قىلىشىمدىكى مەقسەت، ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنى مۇستەھكەملەشتۇر. بارلىق چارىلەرنى ئىشلىتىپ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن، مەيلى مەن قانداقلا كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا بولاي، خۇدا مەنئى قىلمىغانلا بولسا، شۇ كىشىلەرنىڭ ئادەتلىرى بويىچە ياشايمەن.

23 مەن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ بۇ خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭدىن كېلىدىغان بەختتىن مەن بىلەن بىللە تەڭ بەھرىمەن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ ئىشلارنى قىلىۋاتىمەن.

24 يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە چۈشكەنلەرنىڭ ھەممىسى يۈگۈرگەن بولسىمۇ، مۇكاپاتنى يالغۇز بىرلا كىشىنىڭ ئالىدىغانلىقىنى بىلىسىلەر. سىلەرمۇ خۇدانىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشىش ئۈچۈن يېڭىپ چىققان تەنھەرىكەتچىدەك يۈگۈرۈشۈڭلار كېرەك.

25 مۇسابىقىگە چۈشكەن ھەربىر تەنھەرىكەتچى ۋاقىتلىق مۇكاپاتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن قاتتىق مەشىق قىلىدۇ. بىز بولساق مەڭگۈ چىرىمەيدىغان مۇكاپاتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن مەشىق قىلىمىز.

26 شۇنىڭ ئۈچۈن، مەن نىشانسىز يۈگۈرۈۋاتقان كىشىدەك يۈگۈرۈۋاتقىنىم يوق. شۇنداقلا، خۇددى بوكسچىغا ئوخشاش ئاتقان مۇشتۇمنى بوش كەتكۈزۈۋاتقىنىم يوق.

27 خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، خۇدانىڭ ئالدىدا مۇكاپاتقا ئېرىشىشكە لاياقەتسىز بولۇپ قالماسلىقىم ئۈچۈن، تېنىمنى ئېتىقاد يولىدا ياشاشقا قاتتىق كۆندۈرۈپ، ئۆزۈمنى تىزگىنلەۋاتىمەن.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan