كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىكاھ مەسىلىسى 1 ئەمدى سىلەر خېتىڭلاردا ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرگە كېلەيلى. سىلەر «ئەرلەرنىڭ ئۆز ئاياللىرىغا يېقىنلاشماسلىقى ياخشىمۇ؟» دەپ سوراپسىلەر. 2 مېنىڭ جاۋابىم شۇكى، ئاراڭلاردا يۈز بەرگەن جىنسىي ئەخلاقسىزلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ھەربىر جۈپ ئەر-ئايال ئۆز ھەمراھلىرى بىلەن بىر ئورۇندا ياتسۇن. 3 ئەر ئايالىغا نىسبەتەن ئەرلىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى، ئايالمۇ ئېرىگە نىسبەتەن ئاياللىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك. 4 ئايالنىڭ تېنى پەقەت ئۆزىگىلا ئەمەس، ئېرىگىمۇ تەئەللۇقتۇر. شۇنىڭغا ئوخشاشلا، ئەرنىڭ تېنىمۇ ئۆزىگىلا ئەمەس، ئايالىغىمۇ تەئەللۇقتۇر. 5 ئەر-ئايال بىر-بىرىنىڭ جىنسىي تەلىپىنى رەت قىلماسلىقى كېرەك. پەقەت پۈتۈن زېھنىڭلار بىلەن دۇئا قىلىش مەقسىتىدە ئۆز ماقۇللۇقۇڭلار بىلەن ۋاقىتلىق بىرگە ياتماسلىققا كېلىشكەندىن باشقا ۋاقىتلاردا بىر-بىرىڭلاردىن ئايرىلىپ ياتماڭلار. بولمىسا، شەيتان سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلارنى تۇتۇۋالالمىغانلىقىڭلاردىن پايدىلىنىپ، سىلەرنى زىناخورلۇق قىلىشقا ئازدۇرۇپ كېتىشى مۇمكىن. 6 ۋاقىتلىق ئايرىلىپ تۇرۇش توغرىسىدىكى بۇ سۆزلىرىم پەقەتلا بىر تەكلىپ، بۇيرۇق ئەمەس. 7 ئەلۋەتتە، ھەممىڭلارنىڭ ماڭا ئوخشاش توي قىلماسلىقىڭلارنى خالايتتىم. لېكىن، بۇ ئىشتا ھەممە ئادەم ئوخشاش ئەمەس. چۈنكى، خۇدا ئىلتىپات كۆرسىتىپ، بەزىلەرگە توي قىلىشنى، بەزىلەرگە بولسا توي قىلماي ئۆتۈشنى بەرگەن. 8 ئەمدى جورىسى ئۆلۈپ كەتكەن ئەر ۋە ئاياللارغا كەلسەك، سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، سىلەرنىڭ ماڭا ئوخشاش توي قىلماي ياشىغىنىڭلارنى ياخشى دەيمەن. 9 لېكىن، ئۆزۈڭلارنى تۇتۇۋالالمىساڭلار، نىكاھلىنىڭلار. چۈنكى، شەھۋەت ئوتىدا كۆيگەندىن كۆرە، نىكاھلىق بولغان ياخشىدۇر. 10 نىكاھلىق بولغان ئېتىقادچىلارغا كەلسەك، ئۇلارغا شۇنى بۇيرۇيمەنكى، ئايال ئېرىدىن ئاجراشمىسۇن. بۇ مېنىڭلا ئەمەس، بەلكى رەببىمىزنىڭمۇ بۇيرۇقىدۇر. 11 ئاجراشقان بولسا، قايتا توي قىلمىسۇن ياكى ئۆز ئېرى بىلەن قايتىدىن يارىشىۋالسۇن. ئەرمۇ ئايالىنى قويۇۋەتمىسۇن. 12 قالغانلىرىڭلارغا كەلسەم، گەرچە بۇ توغرۇلۇق رەببىمىزدىن ھېچقانداق بۇيرۇق ئالمىغان بولساممۇ، لېكىن مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، ئەگەر توي قىلغاندىن كېيىن ئەر ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىپ، ئايالى ئېتىقاد قىلمىغان بولسا بىراق داۋاملىق بىرگە ياشاشقا رازى بولسا، ئۇ چاغدا ئېرى ئۇنى قويۇۋەتمىسۇن. 13 ئەگەر توي قىلغاندىن كېيىن ئايال ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىپ، ئېرى ئېتىقاد قىلمىغان بولسا بىراق داۋاملىق بىرگە ياشاشقا رازى بولسا، ئۇ چاغدا ئايالى ئۇنىڭدىن ئاجراشمىسۇن. 14 چۈنكى، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمىغان ھەمراھى ئۇنىڭ ئېتىقادچى ئېرى ياكى ئايالى ئارقىلىق خۇدا تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ نىكاھى خۇدانىڭ نەزىرىدە يەنىلا پاك بولىدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى ناپاك بولاتتى، ئەمەلىيەتتە پاكتۇر. 15 بىراق، ئېتىقاد قىلمىغان تەرەپ ئايرىلىمەن دېسە، ئايرىلسۇن. ئېتىقادچى ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن، بۇنداق ئەھۋالدا ئۆز نىكاھىنى زورلاپ داۋاملاشتۇرۇشىنىڭ ھاجىتى يوق. ۋەھالەنكى، خۇدا سىلەرنى ھەمراھىڭلار بىلەن ئىناقلىقتا ياشاشقا چاقىرغان. 16 ئەي ئېتىقادچى ئايال، بەلكىم ئېرىڭ سەن ئارقىلىق ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىپ، قۇتقۇزۇلۇشى مۇمكىن. ئەي ئېتىقادچى ئەر، بەلكىم ئايالىڭ سەن ئارقىلىق ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىپ، قۇتقۇزۇلۇشى مۇمكىن. ئېتىقاد يولىغا چاقىرىلغان ۋاقىتتىكى سالاھىيەت مەسىلىسى 17 ھەركىم خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغاندا رەببىمىز ئەيسا ئۇنىڭغا ئاتا قىلغان سالاھىيەت بويىچە ياشاۋەرسۇن. بۇنى ھەممە ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە بۇيرۇيمەن. 18 مەسىلەن، بىر كىشى خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلىشتىن بۇرۇن يەھۇدىي دىنىغا كىرىش ئۈچۈن خەتنە قىلىنغان بولسا، ئۇ بۇنى يوشۇرمىسۇن. بىر كىشى خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغاندا خەتنە قىلىنمىغان بولسا، شۇنداق تۇرۇۋەرسۇن. 19 ئېتىقاد قىلغۇچىنىڭ خەتنە قىلىنغان ياكى قىلىنمىغانلىقى مۇھىم ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىشىدۇر. 20 ھەركىم خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغاندا قانداق سالاھىيەتتە بولغان بولسا، شۇ سالاھىيەتنى ساقلىسۇن. 21 ئەگەر سەن خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغاندا قۇل بولغان بولساڭ، ئۆزۈڭنىڭ قۇل بولغانلىقىڭدىن قايغۇرما. لېكىن، ھۆر بولالىساڭ، پۇرسەتنى قولدىن بەرمە. 22 خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغان كىشى قۇل بولسا، ئۇ رەببىمىز ئەيساغا مەنسۇپ بولغانلىقىدىن روھىي جەھەتتە ئازاد قىلىنغان ئەركىن ئادەمگە ئايلىنىدۇ. شۇنىڭدەك، خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغان كىشى ئەركىن ئادەم بولسا، ئۇ ئەيسا مەسىھكە ئىتائەت قىلغانلىقىدىن ئۇنىڭ قۇلىغا ئايلىنىدۇ. 23 خۇدا ئەيسا مەسىھنىڭ قىممەتلىك قېنى بىلەن سىلەرنى گۇناھنىڭ ئىلكىدىن ھۆرلۈككە چىقاردى. شۇڭا، ئەمدى سىلەر خۇداغا ئىتائەت قىلىڭلار، ئىنسانلارنىڭ ئوي-پىكىرلىرىگە قۇل بولماڭلار. 24 قېرىنداشلار، ھەركىم خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغاندا قانداق سالاھىيەتتە بولغان بولسا، خۇداغا باغلانغان يېڭى ھاياتىدا شۇ بويىچە ياشىسۇن. نىكاھلىشىش ۋە نىكاھلاشماسلىق مەسىلىسى 25 خېتىڭلاردىكى بويىغا يەتكەن قىزلار مەسىلىسىگە كەلسەك، رەببىمىزدىن ئۇلار توغرىسىدا بىرەر ئەمر ئالمىدىم. شۇنداقتىمۇ، ئۆز پىكىرلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن. رەببىمىز ماڭا رەھىم-شەپقەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن، مېنىڭ سۆزلىرىم ئىشەنچلىكتۇر. 26 مەن شۇنداق قارايمەنكى، بۈگۈنكى قىيىنچىلىقلارغا نەزەر سالغاندا، ھەركىم ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغان چاغدىكى سالاھىيىتىدە قالغىنى ياخشى. 27 ئۆيلەنگەن بولساڭ، ئايالىڭنى قويۇۋېتىشنى ئويلىما. ئۆيلەنمىگەن بولساڭ، ئۆيلىنىمەن دېمە. 28 لېكىن، ئۆيلەنسەڭمۇ گۇناھ قىلغان بولمايسەن. بويىغا يەتكەن قىزلارمۇ ئەرگە تەگسە، گۇناھ قىلغان بولمايدۇ. بىراق، نىكاھلىق بولغانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتا خىلمۇخىل قىيىنچىلىقلىرى بولىدۇ. مەن سىلەرنىڭ بۇ قىيىنچىلىقلاردىن ساقلىنىشىڭلارنى خالايمەن. 29 قېرىنداشلار، شۇنى دېمەكچىمەنكى، خۇداغا خىزمەت قىلىدىغان ۋاقتىمىز قىستۇر. بۇندىن كېيىن، خۇداغا خىزمەت قىلىشتا ئۆيلەنگەن ئەرلەر ئۆيلەنمىگەندەك، پۈتۈن نىيىتى بىلەن خۇداغا خىزمەت قىلسۇن. 30 ماتەم تۇتۇش، خۇشال بولۇش ياكى باي بولۇش خۇداغا خىزمەت قىلىشتا ھەرگىز توسالغۇ بولمىسۇن. 31 بۇ دۇنيا بايلىقلىرىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقانلارمۇ بايلىققا بېرىلىپ كەتمىسۇن. چۈنكى، بۇ دۇنيا ئۆتكۈنچىدۇر. 32 غەمسىز بولۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۆيلەنمىگەن ئەر رەببىمىزنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن، رەببىمىزنىڭ ئىشلىرىنىڭ غېمىنى قىلىدۇ. 33 لېكىن، ئۆيلەنگەن ئەر ئايالىنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن، بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرىنىڭ غېمىنى قىلىدۇ. 34 شۇنىڭ بىلەن، ئۇنىڭ كۆڭلى ئىككىگە بۆلۈنۈپ كېتىدۇ. ئەرسىز ئايال ياكى نىكاھلىق بولمىغان قىز بولسا جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتە ئۆزىنى خۇداغا ئاتاش مەقسىتىدە رەببىمىزنىڭ ئىشلىرىنىڭ غېمىنى قىلىدۇ. لېكىن، نىكاھلانغان ئايال بولسا ئېرىنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن، بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرىنىڭ غېمىنى قىلىدۇ. 35 بۇنى سىلەرنىڭ پۇت-قولۇڭلارنى چۈشەپ قويۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى سىلەرگە پايدىسى بولسۇن ۋە كۆڭلىنى ئىككىگە بۆلمەي، ئۆزلىرىنى رەببىمىزگە ئاتاپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ياشىسۇن، دەپ ئېيتىۋاتىمەن. 36 ئەگەر بىر كىشى ۋەدىلەشكەن قىزىنى ئارتۇقچە ساقلىتىپ قويۇپ، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلمىغان بولسا ۋە شۇ سەۋەبتىن بۇ قىزغا يۈز كېلەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلسا، ئۇنداقتا تېگىشلىك دەپ قارىغان ئىشنى قىلسۇن، يەنى ئۇنى ئەمرىگە ئالسۇن. بۇنداق قىلىش گۇناھ قىلغانلىق بولمايدۇ. 37 بىراق، بىر كىشى بېسىم ئاستىدا ئەمەس، ئۆز ئىرادىسى بىلەن ۋەدىلەشكەن قىزىنى ئەمرىگە ئالماسلىققا قارار قىلغان بولسا ھەمدە شەھۋىتىنى بېسىۋالالايدىغان بولسا، ياخشى قىلغان بولىدۇ. 38 قىسقىسى، توي قىلىش ياخشى، توي قىلماسلىق تېخىمۇ ياخشى. 39 ئېرى ھايات چاغدا ئايالى ئېرىگە نىكاھتا باغلانغان بولىدۇ. لېكىن ئېرى ئۆلۈپ كەتسە، خالىغان كىشى بىلەن نىكاھلىنىشقا ئەركىندۇر. لېكىن، ئۇ كىشى ئېتىقادچى بولۇشى كېرەك. 40 بىراق، تۇل ئايال تۇل پېتى تۇرسا، تېخىمۇ بەختلىك بولىدۇ. بۇ مېنىڭ كۆزقارىشىم. لېكىن مەن ئويلايمەنكى، بۇ كۆزقارىشىمغا خۇدانىڭ روھى يېتەكچىلىك قىلدى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti