كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىمۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان ھەدىيىلەر 1 قېرىنداشلار، مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان ھەدىيىلەرگە كەلسەك، بۇلارنى تولۇق چۈشىنىشىڭلارنى خالايمەن. 2 سىلەرگە مەلۇمكى، سىلەر ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشتىن ئىلگىرى ئازدۇرۇلۇپ، جانسىز بۇتلارغا چوقۇندۇڭلار. 3 شۇڭا، يەنە ئازدۇرۇلۇپ كەتمەسلىكىڭلار ئۈچۈن شۇنى بىلىشىڭلارنى خالايمەنكى، خۇدانىڭ روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە سۆزلىگەن ھەرقانداق كىشى: «ئەيساغا لەنەت!» دېمەيدۇ. مۇقەددەس روھنىڭ يېتەكچىلىكىسىزمۇ ھېچكىم: «ئەيسا مەسىھ مېنىڭ رەببىمدۇر» دېيەلمەيدۇ. 4 مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان ھەدىيىلەر خىلمۇخىلدۇر، لېكىن بۇ ھەدىيىلەرنى ئاتا قىلغۇچى مۇقەددەس روھ بىردۇر. 5 رەببىمىز ئۈچۈن قىلىنىدىغان خىزمەتلەر خىلمۇخىلدۇر، لېكىن بىز خىزمەت قىلىدىغان رەببىمىز بىردۇر. 6 خۇدانىڭ بىزنىڭ ھاياتىمىزدا قىلىۋاتقان ئىشلىرى خىلمۇخىلدۇر، لېكىن بىز ئارقىلىق ئۇلارنى قىلىۋاتقان خۇدا بىردۇر. 7 پۈتۈن جامائەتچىلىكنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن مۇقەددەس روھ ھەربىرىمىزگە ئالاھىدە قابىلىيەت ئاتا قىلىدۇ. 8 مۇقەددەس روھ بىر كىشىگە ئاقىلانە سۆز قىلىش قابىلىيىتىنى بېرىدۇ. يەنە بىر كىشىگە بولسا بىرەر ئىش توغرۇلۇق خۇدادىن كەلگەن ئالاھىدە بىلىم بېرىدۇ. 9 ئوخشاشلا، شۇ مۇقەددەس روھ بىرىگە خۇداغا بولغان ئالاھىدە ئىشەنچ، يەنە بىرىگە كېسەللەرنى ساقايتىش قۇدرىتىنى بېرىدۇ. 10 يەنە شۇ روھ بىرىگە مۆجىزىلەر يارىتىش قابىلىيىتىنى بەرسە، يەنە بىرىگە خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈش قابىلىيىتىنى بېرىدۇ. بىرىگە بىرسىنىڭ يەتكۈزگەن سۆزلىرىنىڭ مۇقەددەس روھتىن كەلگەن ياكى كەلمىگەنلىكىنى پەرقلەندۈرۈش، بىرىگە ئۆزىگە نامەلۇم بولغان تىللاردا سۆزلەش، يەنە بىرىگە بولسا بۇ تىللارنى چۈشەندۈرۈش قابىلىيىتىنى بېرىدۇ. 11 بۇ قابىلىيەتلەرنىڭ ھەممىسىنى يۈرۈشتۈرگەن بىردىنبىر مۇقەددەس روھتۇر. مۇقەددەس روھ ئۆز ئىرادىسى بويىچە بۇ قابىلىيەتلەرنى ھەربىر كىشىگە ئايرىم-ئايرىم تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ. ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئەيسا مەسىھنىڭ تېنىدۇر 12 گەرچە بىزنىڭ تېنىمىزدىكى ئەزالار كۆپ بولسىمۇ، ئۇلار ئۆزئارا قوشۇلۇپ بىرلا تەننى تەشكىل قىلىدۇ. شۇنىڭدەك، ئەيسا مەسىھنىڭ تېنى، يەنى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى نۇرغۇن ئېتىقادچىلاردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ئۇلارمۇ بىرلا تەندۇر. 13 چۈنكى، يەھۇدىي ياكى يەھۇدىي ئەمەس بولسۇن، قۇل ياكى ھۆر بولسۇن، ھەممىمىز ئوخشاش مۇقەددەس روھ تەرىپىدىن چۆمۈلدۈرۈلۈپ، بىر تەننىڭ، يەنى ئەيسا مەسىھنىڭ تېنىنىڭ تەركىبىي قىسمى بولۇپ، مۇقەددەس روھتىن بەھرىمەن بولدۇق. 14 تەن بىرلا ئەزادىن ئەمەس، نۇرغۇن ئەزالاردىن تەشكىل تاپىدۇ. 15 ئەگەر پۇت: «قول بولمىغانلىقىم ئۈچۈن تەنگە مەنسۇپ ئەمەسمەن» دېسە، بۇ ئۇنى تەندىن ئايرىۋېتەلەمدۇ؟ 16 ئەگەر قۇلاق: «كۆز بولمىغانلىقىم ئۈچۈن تەنگە مەنسۇپ ئەمەسمەن» دېسە، بۇمۇ ئۇنى تەندىن ئايرىۋېتەلەمدۇ؟ 17 پۈتۈن تەن كۆز بولسا، ئۇ قانداقمۇ ئاڭلىيالايدۇ؟ پۈتۈن تەن قۇلاق بولسا، ئۇ پۇراقنى قانداقمۇ سېزەلەيدۇ؟ 18 ھالبۇكى، خۇدا تېنىمىزدىكى ھەربىر ئەزانى ئۆز خاھىشى بويىچە ئورۇنلاشتۇرغان. 19 ئەگەر ھەممىسى ئوخشاش بىرلا ئەزا بولغان بولسا، ئۇنى قانداقمۇ تەن دېگىلى بولاتتى؟ 20 ئەمەلىيەتتە، ئەزا كۆپ بولسىمۇ، لېكىن پەقەت بىر تەننىلا تەشكىل قىلىدۇ. 21 شۇڭا، كۆز قولغا: «ساڭا ئېھتىياجىم يوق» دېيەلمەيدۇ. ياكى باش پۇتقا: «سىلەرگە ئېھتىياجىم يوق!» دېيەلمەيدۇ. 22 دەل ئەكسىچە، تەننىڭ ئاجىز دەپ ھېسابلانغان ئەزالىرى كەم بولسا بولمايدۇ. 23 تەننىڭ بىئەپ دەپ قارالغان ئەزالىرىغا تېخىمۇ كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىمىز. ئۇياتلىق دەپ قارالغان ئەزالىرىمىزنى تېخىمۇ دىققەت-ئېتىبار بىلەن ياپىمىز. 24 ئۇياتلىق بولمىغان ئەزالىرىمىزنى يوشۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوقتۇر. خۇدا تېنىمىزدىكى قەدرى ئاز دەپ ھېسابلانغان ئەزالارنىڭ تېخىمۇ قەدىرلىنىشى ئۈچۈن، شۇنداق ئورۇنلاشتۇرغان. 25 بۇنىڭدىكى مەقسەت، تەندە پارچىلىنىش بولمىسۇن، ئەكسىچە ئەزالار بىر-بىرىگە ئوخشاش ئېتىبار بەرسۇن، دېگەندىن ئىبارەت. 26 ئەگەر بىر ئەزاغا دەرد كەلسە، پۈتكۈل ئەزالار تەڭ دەرد تارتىدۇ، بىر ئەزا قەدىرلەنسە، پۈتكۈل ئەزالار تەڭ خۇشال بولىدۇ. 27 دېمەك، ھەممىڭلار ئەيسا مەسىھنىڭ تېنىنى تەشكىل قىلغانسىلەر. ھەربىرىڭلار بۇ تەننىڭ ئوخشىمىغان ئايرىم-ئايرىم ئەزاسىسىلەر. 28 شۇڭا، خۇدا ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدە باشتا ئەلچىلەرنى، ئىككىنچىسىگە خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزگۈچىلەرنى، ئۈچىنچىسىگە خۇدا توغرىسىدا تەلىم بەرگۈچىلەرنى، ئۇنىڭدىن كېيىن مۆجىزە كۆرسەتكۈچىلەرنى، كېسەللەرنى ساقايتىش قابىلىيىتىگە ئىگە بولغانلارنى، باشقىلارغا ياردەم بەرگۈچىلەرنى، باشقۇرۇش قابىلىيىتى بولغانلارنى ھەمدە ئۆزلىرىگە نامەلۇم بولغان تىللاردا سۆزلىيەلەيدىغانلارنى تەيىنلىدى. 29 ئېتىقادچىلارنىڭ ھەممىسى ئەلچىمۇ؟ ھەممىسى خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزگۈچىمۇ؟ ھەممىسى تەلىم بەرگۈچىمۇ؟ ھەممىسى مۆجىزە كۆرسەتكۈچىمۇ؟ 30 ھەممىسى كېسەللەرنى ساقايتىش قابىلىيىتىگە ئىگىمۇ؟ ھەممىسى ئۆزلىرىگە نامەلۇم بولغان تىللاردا سۆزلىيەلەمدۇ؟ ھەممىسى بۇ تىللارنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرەلەمدۇ؟ ياق، ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس. 31 سىلەر كۆپچىلىك ئۈچۈن ئەڭ پايدىلىق بولغان قابىلىيەتلەرنى قوغلىشىڭلار. لېكىن، سىلەرنىڭ بۇ قابىلىيەتلەرنى ياخشى ئىشلىتىشىڭلار ئۈچۈن، مەن ئاۋۋال سىلەرگە ھەممىدىن ياخشى بىر يولنى كۆرسىتەي. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti