كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىبۇتپەرەسلىكتىن ھوشيار بولۇڭلار 1-2 قېرىنداشلار، مۇسا پەيغەمبەر زامانىدىكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ مىسىردىن چىققاندا چۆل-باياۋاندا بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كەچۈرمىشلىرىنى تولۇق چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى شۇ چاغدا خۇدا ئاتا قىلغان يول باشلىغۇچى بۇلۇتنىڭ يېتەكلىشى ئاستىدا بولۇپ، خۇدانىڭ مۆجىزىسى ئارقىلىق قىزىل دېڭىزدىن ساق-سالامەت مېڭىپ ئۆتتى. ئۇلارنىڭ قىزىل دېڭىزدىن ئۆتۈشى خۇددى ئېتىقادچىلارنىڭ چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغىنىدەك بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى مۇسا پەيغەمبەرگە ئەگەشكۈچىلەردىن بولدى. 3-4 ئۇلارنىڭ ھەممىسى خۇدا ئاتا قىلغان ئوخشاش بىر يېمەكلىكنى يېگەن ۋە «روھىي تاش»~تىن چىققان ئوخشاش بىر سۇنى ئىچكەن. ئۇلارغا ھەمراھ بولۇپ كەلگەن بۇ «روھىي تاش» دەل ئەيسا مەسىھ ئىدى. 5 شۇنداقتىمۇ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى خۇدانى خۇرسەن قىلمىدى. شۇڭا، ئۇلار ئۆلۈپ، جەسەتلىرى چۆل-باياۋاندا قالدى. 6 ئۇلاردەك يامان ئىشلارغا بېرىلمەسلىكىمىز ئۈچۈن، بۇ ۋەقەلەردىن ئىبرەت ئېلىشىمىز كېرەك. 7 سىلەر ئۇلارنىڭ بەزىلىرىدەك بۇتقا چوقۇنىدىغانلاردىن بولماڭلار. خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغاندەك، ئۆزلىرى چوقۇنىدىغان بۇتلارنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن، «ئۇلار كېيىن ئولتۇرۇپ خالىغانچە يەپ-ئىچىشىپ، كەيپ-ساپا قىلىشتى.» 8 بىز ئۇلارنىڭ بەزىلىرىدەك جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلمايلى. ئۇلار مانا شۇنداق قىلىپ، يىگىرمە ئۈچ مىڭى بىر كۈندىلا ھالاك بولدى. 9 بىز ئۇلارنىڭ بەزىلىرىدەك مەقسەتلىك ھالدا گۇناھ قىلىپ، رەببىمىز بىزنى جازالامدۇ-جازالىمامدۇ، دەپ ئۇنى سىنىمايلى. شۇ چاغدا، ئۇنداق قىلغانلارنى زەھەرلىك يىلانلار چېقىپ ئۆلتۈرگەنىدى. 10 بىز ئۇلارنىڭ بەزىلىرىدەك خۇدادىن نارازى بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئاغرىنمايلى. شۇ چاغدا، بۇنداق قىلغانلار خۇدا ئەۋەتكەن جان ئالغۇچى پەرىشتە تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنىدى. 11 بۇ ۋەقەلەر بىزلەرگە ساۋاق بولۇش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلگەنىدى. شۇنداقلا، بۇ ۋەقەلەر ئاخىر زاماندا ياشاۋاتقان بىزلەرنىڭ ئۇلاردەك بولۇپ قالماسلىقىمىز ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن خاتىرىلەنگەنىدى. 12 شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆزىنى ئېتىقادتا پۇت تىرەپ تۇرۇۋاتىمەن، دەپ ھېسابلايدىغانلار يىقىلىپ چۈشۈشتىن پەخەس بولسۇن. 13 سىلەر دۇچ كەلگەن سىناقلارغا باشقا ئادەملەرمۇ ئوخشاش دۇچ كەلگەن. خۇدا ئىشەنچلىكتۇر! ئۇ سىلەرنى بەرداشلىق بېرىش چېكىڭلاردىن ھالقىغان سىناقلارغا ئۇچراتمايدۇ. خۇدا سىلەرنىڭ سىناققا دۇچ كەلگەندە پۇت تىرەپ تۇرالىشىڭلار ئۈچۈن، ئازدۇرۇلۇشتىن ساقلىنىش يولىنى ئېچىپ بېرىدۇ. 14 شۇ سەۋەبتىن، قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، بۇتپەرەسلىكتىن ساقلىنىڭلار. 15 سىلەرنى ئەقىل-ھوشى جايىدا كىشىلەر دەپ قاراپ، بۇنى ئېيتىۋاتىمەن. ئېيتقانلىرىمغا ئۆزۈڭلار باھا بېرىڭلار. 16 بىز رەببىمىزنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان داستىخاندا جەم بولۇپ، خۇداغا شۈكۈر ئېيتىپ جامدىكى شارابنى ئىچكەندە ۋە بىر ناننى بۆلۈشۈپ يېگەندە، ئەيسا مەسىھنىڭ بىز ئۈچۈن قۇربان بولغان تېنى ۋە قېنىنىڭ ھېسابىغا كەلگەن ئىلتىپاتىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولىمىز. 17 بىز ئېتىقادچىلار كۆپ بولساقمۇ، ھەممىمىز بىرلا ناننى بۆلۈشۈپ يېگەنلىكىمىز ئۈچۈن، روھىي جەھەتتە بىر تەن بولىمىز. 18 ئىسرائىللارغا قاراڭلار، ئۇلار يېرۇسالېمدىكى چوڭ ئىبادەتخانىدا خۇداغا قۇربانلىق قىلىنغان گۆشنى يېيىش بىلەن ئىبادىتىنى ئىپادىلەيدۇ. 19 مەن بۇنداق دېيىش ئارقىلىق «بۇتقا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىنغان نەرسىنىڭ بىرەر ئەھمىيىتى بار» ياكى «بۇت ھەقىقىي خۇدا» دېمەكچىمەنمۇ؟ 20 ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! دېمەكچى بولغىنىم شۇكى، بۇتپەرەسلەر قۇربانلىقلىرىنى خۇداغا ئەمەس، جىنلارغا ئاتايدۇ. سىلەرنىڭ جىنلار بىلەن شېرىك بولۇشۇڭلارنى خالىمايمەن. 21 سىلەر ھەم رەببىمىزنىڭ جامىدىكىدىن، ھەم جىنلارنىڭ جامىدىكىدىن ئىچسەڭلار بولمايدۇ. ھەم رەببىمىزنىڭ داستىخىنىغا، ھەم جىنلارنىڭ داستىخىنىغا داخىل بولساڭلار بولمايدۇ. 22 بۇنداق قىلساق، رەببىمىزنىڭ غەزىپىنى قوزغايمىز. ئۇنىڭ جازالىشىدىن قېچىپ قۇتۇلۇشقا كۈچىمىز يېتەمدۇ؟! 23 بەزىلەر: «خۇدا تەرىپىدىن مەنئى قىلىنمىغان بولسا، نېمە قىلىمەن دېسەم ئۆز ئىختىيارىم» دېيىشى مۇمكىن. لېكىن، ھەممە ئىش پايدىلىق بولۇۋەرمەيدۇ. «نېمە قىلىمەن دېسەم، ئۆز ئىختىيارىم» دېگەن بۇ سۆز توغرا بولسىمۇ، لېكىن ھەممە ئىش قېرىنداشلىرىنىڭ ئېتىقاد جەھەتتە كۈچلۈك بولۇپ يېتىلىشىگە ياردەم بېرەلمەيدۇ. 24 ھەركىم پەقەت ئۆز مەنپەئىتىنىلا ئەمەس، باشقىلارنىڭمۇ مەنپەئىتىنى كۆزلىسۇن. 25 گۆش دۇكىنىدا سېتىلغان گۆشلەرنى بۇتقا ئاتاپ نەزىر قىلىنغانمۇ-قىلىنمىغانمۇ، دەپ سۈرۈشتۈرۈپ يۈرمەي، پاك ۋىجدان بىلەن يەۋېرىڭلار. 26 چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «يەر يۈزى ۋە ئۇنىڭدىكى ھەممە نەرسە رەببىمىزگە تەئەللۇقتۇر.» 27 ئەگەر ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمىغان بىر كىشى سىلەرنى زىياپەتكە چاقىرسا ۋە سىلەرمۇ بارماقچى بولساڭلار، ئالدىڭلارغا قويۇلغان ھەممە نەرسىنى بۇتقا ئاتاپ نەزىر قىلىنغانمۇ-قىلىنمىغانمۇ، دەپ سۈرۈشتۈرمەي، پاك ۋىجدان بىلەن يەۋېرىڭلار. 28 لېكىن، باشقا بىرى سىلەرگە: «بۇ نەزىر قىلىنغان گۆش» دېسە، ئۇ كىشىنىڭ ئېتىقادىنى ئويلاپ ئۇ گۆشنى يېمەڭلار. چۈنكى، بۇ گۆشنى يېيىش ئۇنىڭ نەزىرىدە گۇناھ بولىدۇ. 29 بۇ يەردە سىلەرنىڭ ۋىجدانىڭلارنى ئەمەس، بەلكى ئۇ كىشىنىڭ ۋىجدانىنى دېمەكچىمەن. ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ۋىجدانى مېنىڭ ئەركىنلىكىمنى چەكلىسۇن؟ 30 ئەگەر مەن خۇداغا شۈكۈر ئېيتىپ بۇنداق زىياپەتكە قاتناشسام، يەنە نېمە ئۈچۈن شۈكۈر ئېيتىپ يېگەن بۇ يېمەكلىكىم سەۋەبىدىن ئەيىبلىنىشكە ئۇچرىشىم كېرەك؟ 31 مۇھىمى، نېمە يەپ، نېمە ئىچىشىڭلار، قانداقلا ئىش قىلىشىڭلاردىن قەتئىينەزەر، ئۇنى پەقەت خۇدانىڭ ئۇلۇغلىنىشى ئۈچۈن قىلىڭلار. 32 باشقىلارنى، مەيلى ئۇلار يەھۇدىيلار، يەھۇدىي ئەمەسلەر ياكى خۇداغا مەنسۇپ جامائەتچىلىكتىكى ئېتىقادچىلار بولسۇن، گۇناھقا باشلايدىغان ئىشنى قىلماڭلار. 33 ئۆزۈممۇ سىلەرگە دېگەنلىرىم بويىچە ئىش قىلىمەن. مەن ھەرقايسى جەھەتتىن ھەممە ئادەمنى خۇرسەن قىلىشقا تىرىشىمەن. چۈنكى، مەن ئۆز مەنپەئىتىم ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى كۆپچىلىكنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەيمەن. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti