Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

بىرىنچى قىسىم 9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 دېمەك، پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقى ئۆزلىرىنىڭ جەمەت نەسەبنامىلىرىدا خاتىرىلىنىپ، «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىسى»گە پۈتۈلگەنىدى. يەھۇدىيە خەلقى پەرۋەردىگارغا ۋاپاسىزلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغانىدى.


ئەسىرلىكتىن يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلگەنلەر

2 ئەڭ ئاۋۋال روھانىيلار، لاۋىيلار، ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى ۋە باشقا ئىسرائىللار قايتىپ كېلىپ، ئۆز شەھەرلىرىدە ئولتۇراقلاشتى.

3 يەھۇدا، بىنيامىن، ئەفرايىم ۋە ماناسسە قەبىلىلىرىنىڭ بىر قىسىملىرى يېرۇسالېمدا ئولتۇراقلاشتى.

4 بۇلارنىڭ ئىچىدە يەھۇدانىڭ ئوغلى پەرەسنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان ئۇتايمۇ بار ئىدى. ئۇتاي ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى، ئاممىھۇد ئومرىنىڭ ئوغلى، ئومرى ئىمرىنىڭ ئوغلى، ئىمرى بانىنىڭ ئوغلى ئىدى.

5 قايتىپ كەلگەن شېلاھنىڭ ئەۋلادلىرى: شېلاھنىڭ تۇنجى ئوغلى ئاسايا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى.

6 زەراخنىڭ ئەۋلادى: يىئۇئېل. يەھۇدا قەبىلىسىدىن قايتىپ كەلگەنلەر جەمئىي 690 كىشى ئىدى.


بىنيامىن قەبىلىسىدىن قايتىپ كەلگەنلەر

7-8 بىنيامىن قەبىلىسىدىن قايتىپ كەلگەنلەر: مىشۇللامنىڭ ئوغلى ساللۇ، (مىشۇللام ھوداۋيانىڭ ئوغلى، ھوداۋيا ھاسسىنۇئانىڭ ئوغلى ئىدى) يىروخامنىڭ ئوغلى يىبنېيا، ئۇززىنىڭ ئوغلى، يەنى مىكرىنىڭ نەۋرىسى ئەلاھ، شىفاتيانىڭ ئوغلى مىشۇللام (شىفاتيا رىئۇئېلنىڭ ئوغلى، رىئۇئېل يىبنىيانىڭ ئوغلى ئىدى).

9 بىنيامىن نەسەبنامىسىغا كىرگەن كىشىلەردىن 956 ئادەم قايتىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى جەمەت باشلىقلىرى ئىدى.


روھانىيلاردىن قايتىپ كەلگەنلەر

10 يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلگەن روھانىيلار: يىدايا، يىھويارىب، ياكىن ۋە

11 خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ باش نازارەتچىسى ئازاريا. ئازاريا خىلقىيانىڭ ئوغلى، خىلقىيا مىشۇللامنىڭ ئوغلى، مىشۇللام زادوقنىڭ ئوغلى، زادوق مىرايوتنىڭ ئوغلى، مىرايوت ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى ئىدى.

12 يىروخامنىڭ ئوغلى ئادايا (يىروخام پاشخۇرنىڭ ئوغلى، پاشخۇر مالكىيانىڭ ئوغلى ئىدى) ۋە ئادىئېلنىڭ ئوغلى ماسايمۇ (ئادىئېل ياخزېرانىڭ ئوغلى، ياخزېرا مىشۇللامنىڭ ئوغلى، مىشۇللام مىشىللېمىتنىڭ ئوغلى، مىشىللېمىت ئىممېرنىڭ ئوغلى) قايتىپ كەلگەنىدى.

13 جەمئىي 1760 روھانىي قايتىپ كەلگەندى. ئۇلار يەنە جەمەت باشلىقلىرى بولۇپ، خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا خىزمەت قىلىشقا قابىل كىشىلەر ئىدى.


لاۋىيلاردىن قايتىپ كەلگەنلەر

14 يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلگەن لاۋىيلار: خاششۇبنىڭ ئوغلى شىمايا (خاششۇب ئازرىقامنىڭ ئوغلى، ئازرىقام مىرارىلاردىن بولغان خاشابيانىڭ ئوغلى ئىدى)،

15 باقباققار، خەرەش، گالال ۋە ماتتانيا (ماتتانيا مىكانىڭ ئوغلى، مىكا زىكرىنىڭ ئوغلى، زىكرى ئاسافنىڭ ئوغلى ئىدى)،

16 شىمايانىڭ ئوغلى ئوبادىيا (شىمايا گالالنىڭ ئوغلى، گالال يىدۇتۇننىڭ ئوغلى ئىدى) ۋە ئاسانىڭ ئوغلى بەرەكيا (بەرەكيا ئەلقانانىڭ نەۋرىسى بولۇپ، نىتوفانىڭ يېزىلىرىدا ياشىغانىدى).


ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرىدىن قايتىپ كەلگەنلەر

17 يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلگەن ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرى: شاللۇم، ئاققۇب، تالمون، ئاخىمان ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى. شاللۇم ئۇلارنىڭ باشلىقى ئىدى.

18 ئۇلار شۇندىن بېرى شەرق تەرەپتىكى «پادىشاھ دەرۋازىسى»دا دەرۋازىۋەنلىك قىلماقتا. بۇرۇن لاۋىيلارنىڭ قارارگاھىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا مۇھاپىزەتچىلىك قىلغانلارمۇ شۇلار ئىدى.

19 ئەبىئاسافنىڭ نەۋرىسى، يەنى قورېنىڭ ئوغلى شاللۇم ۋە ئۇنىڭ كوراھ جەمەتىدىن بولغان قېرىنداشلىرىمۇ ئىبادەتخانىدا دەرۋازىۋەنلىك قىلاتتى. ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمۇ بۇرۇن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرىنىڭ ھويلىسىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا قارىغانىدى.

20 ئەلئازارنىڭ ئوغلى پىنىخاس بۇرۇن ئۇلارغا باشلىق بولغانىدى ۋە پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يار ئىدى.

21 مىشەلەميانىڭ ئوغلى زىكىرىيا ئىبادەتخانىنىڭ دەرۋازىسىدا دەرۋازىۋەنلىك قىلغانىدى.

22 دەرۋازىغا قاراشقا جەمئىي 212 كىشى تاللانغانىدى. نەسەبنامىدا ئۇلار ئۆزلىرى تۇرىدىغان يېزىلار بويىچە خاتىرىلەنگەنىدى. پادىشاھ داۋۇت بىلەن غايىبنى بىلگۈچى سامۇئىل بۇ مۇھىم ۋەزىپىنى ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىغا تاپشۇرغانىدى.

23 ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ دەرۋازىسىدا داۋاملىق دەرۋازىۋەنلىك قىلىپ كەلمەكتە.

24 ئىبادەتخانىنىڭ تۆت تەرىپىگە، يەنى شەرق، غەرب، شىمال ۋە جەنۇب تەرەپلىرىدىكى دەرۋازىلىرىغا دەرۋازىۋەنلەر قويۇلغانىدى.

25 بۇلارغا ئۆز يېزىسىدىكى تۇغقانلىرى ياردەملىشىپ، نۆۋەت بىلەن يەتتە كۈندىن قارايتتى.

26 تۆت نەپەر دەرۋازىۋەنلەر باشلىقى لاۋىيلاردىن بولۇپ، ئۇلار خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ھۇجرىلىرى ۋە خەزىنىلىرىگە قاراشقا مەسئۇل ئىدى.

27 ئۇلار ئىبادەتخانىنى مۇھاپىزەت قىلىشقا، شۇنداقلا ھەر كۈنى سەھەردە ئىبادەتخانا دەرۋازىلىرىنى ئېچىشقا مەسئۇل بولغاچقا، تۈننى ئىبادەتخانىنىڭ ئەتراپىدا ئۆتكۈزەتتى.

28 بەزى لاۋىيلار ئىبادەتكە ئىشلىتىدىغان بۇيۇملارغا قاراشقا مەسئۇل ئىدى. ئۇلار ھەر قېتىم بۇ بۇيۇملارنى ئېلىپ چىققاندا ياكى ئەكىرىپ قويغاندا ئۇلارنىڭ سانىنى ئالاتتى.

29 يەنە بىر قىسىم لاۋىيلار ئىبادەتخانىنىڭ مۇقەددەس جايىدىكى نەرسىلەرگە، باشقا بۇيۇملارغا ۋە ئۇن، شاراب، زەيتۇن يېغى، ئىسرىق، خۇشبۇي ئەشيا قاتارلىقلارغا قارايتتى.

30 خۇشبۇي ئەشيالارنى تەڭشەپ مۇقەددەس ياغنى ياساش روھانىيلارنىڭ ئىشى ئىدى.

31 لاۋىيلارنىڭ كوراھ جەمەتىدىن بولغان شاللۇمنىڭ تۇنجى ئوغلى ماتتىتيا پەرۋەردىگارغا ئاتىلىدىغان نانلارنى پىشۇرۇشقا مەسئۇل ئىدى.

32 قوھات جەمەتىدىكىلەردىن بەزىلىرى ھەر دەم ئېلىش كۈنى ئىبادەتخانىدا پەرۋەردىگارغا ئاتىلىدىغان نانلارنى تەييارلاشقا مەسئۇل ئىدى.

33 لاۋىيلارنىڭ بىر قىسىم جەمەت باشلىقلىرى ئىبادەتخانىنىڭ ساز چېلىش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىدى. ئۇلار ئىبادەتخانىنىڭ ھۇجرىلىرىدا تۇراتتى. ئۇلار كېچە-كۈندۈز ساز چېلىشقا مەسئۇل بولغانلىقى ئۈچۈن، باشقا ئىش قىلمايتتى.

34 يۇقىرىدا ئىسىملىرى تىلغا ئېلىنغان لاۋىيلار نەسەبنامىدا جەمەت باشلىقلىرى، دەپ خاتىرىلەنگەنىدى. ئۇلار يېرۇسالېمدا تۇراتتى.


پادىشاھ سائۇلنىڭ ئەجدادلىرى ۋە ئەۋلادلىرى

35 يىئىئېل گىبئون شەھىرىنى بىنا قىلىپ، شۇ يەرگە ئورۇنلاشتى. ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى مائاكا بولۇپ،

36 تۇنجى ئوغلىنىڭ ئىسمى ئابدون، كېيىنكىلىرنىڭ ئىسمى زۇر، كىش، بائال، نېر، ناداب،

37 گىدور، ئاخيو، زىكىرىيا ۋە مىقلوت ئىدى.

38 مىقلوت بولسا شىمئامنىڭ ئاتىسى ئىدى. ئۇلارمۇ يېرۇسالېمدا ئۆز تۇغقانلىرىنىڭ يېنىدا ياشىدى.

39 نېر كىشنىڭ ئاتىسى، كىش پادىشاھ سائۇلنىڭ ئاتىسى ئىدى. پادىشاھ سائۇلنىڭ يوناتان، مالكىشۇۋا، ئابىناداب ۋە ئەشبائال ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.

40 يوناتان مىرىب-بائالنىڭ ئاتىسى، مىرىب-بائال مىكاھنىڭ ئاتىسى ئىدى.

41 مىكاھنىڭ پىتون، مەلەك، تاخرېيا ۋە ئاخاز ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.

42 ئاخازنىڭ ئوغلى ياداھ، ياداھنىڭ ئوغۇللىرى ئالەمەت، ئازماۋەت ۋە زىمرى، زىمرىنىڭ ئوغلى موزا،

43 موزانىڭ ئوغلى بىنئا، بىنئانىڭ ئوغلى رىفايا، رىفايانىڭ ئوغلى ئەلئاسا، ئەلئاسانىڭ ئوغلى ئازېل ئىدى.

44 ئازېلنىڭ ئالتە ئوغلى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى ئازرىقام، بوكىرۇ، ئىسمائىل، شىئاريا، ئوبادىيا ۋە خانان ئىدى. بۇلار ئازېلنىڭ ئوغۇللىرىدۇر.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan